شىنجاڭ دولان قويىنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ 10 مىلىيون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى
2011 -يىلى ياز كىرگەندىن بۇيان ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كېلىۋاتقان بىر خىل يەرلىك قوي ــــ دولان قويىنىڭ ‹‹نەرقى›› شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ، ھەتتا بىر قويغا 14 مىليون يۈەن ‹‹ئۆرە›› باھا قويۇلدى . ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر قىسىم چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى دولان قويىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق ماللار بازىرىدا ئەمەس ، بەلكى تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولۇشقا تېخىمۇ ماس كەلگەنلىكىنى بېكىتكەن . شۇڭا ئۇنىڭ ‹‹نەرقى›› 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن .
بۇ يىلنىڭ بېشىدا ، بىر مەزگىل شىنجاڭنىڭ دولان قويى ئىنتېرنېت تورىدا كۆرۈنۈپ ، كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىدى . بۇ 14 مىليون يۈەن باھا قويۇلغان قوچقارنى قەشقەرلىك دېھقان مىجىت ئابدۇرېھىم 2007-يىلى 1 مىلىيون يۈەنگە سېتىۋالغان ، گەرچە كېيىن كىشىلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، 6 مىلىيون يۈەن باھا قويغان بولسىمۇ ، ئۇ : ‹‹بۇ مېنى بايلىققا ئېرىشتۈرگەن قوي ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت يۈرۈش ئۆي ، تۆت ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم ›› دەپ سېتىشقا ئۇنىمىغان . بۇ غايەت زور ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلگەن دولان قويىنى مىجىت ئابدۇرېھىم دائىم دېگۈدەك سەۋزە ، تۇخۇم ، ياڭاق قاتارلىق ‹‹قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەر›› نى تەڭشەپ بېرىپ ئەتىۋارلاپ باقىدىكەن .
كىرىم كۆڭۈلدىكىدەك بولغاچقا بىر مۇنچە دېھقانلار بازارغا قاراپ بېقىپ باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشقا كىرىشىپ ، ‹‹مال تونۇيدىغان›› ، ‹‹كەسىپكە پىشقان ›› چوڭ خوجايىنلارغا ياخشى باھادا سېتىپ نەپ ئېلىشنى ئويلاشتى ، ھالبۇكى ، دولان قويىنىڭ باھاسىمۇ بارغانسېرى ئۆرلەپ ، بىر قوينىڭ باھاسى بىر بىنانىڭ باھاسىغا يېقىنلاشتى . بۇ يىل 9-ئايدا جۇڭگو بايۋەتچىلىرىنىڭ يېڭى ئەرمىكى دەپ ئاتالغان بۇ خىل شىنجاڭ قويىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان ‹‹كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى›› گېزىتىگە بېسىلدى ، ھەمدە ‹‹جۇڭگو ئەتىۋارلىق تاۋارلىرى قىزغىنلىقى›› دېگەن خەۋەردە رېياكتىپ ئايروپىلاننىڭ ئالدىغا تىزىلىپ ، بىر مەزگىل دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ‹‹ئاجايىپ خەۋەر›› گە ئايلاندى .
