تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 10

يالقۇن ئوسمانغا بېلەت تاشلاپ قويۇڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4555
تۆھپە
1866
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يالقۇن ئوسمانغا بېلەت تاشلاپ قويۇڭ


63.jpg


    تورداشلار ، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پىدائىيلار ۋە پىدائىيلار ئەترەتلىرىنى توردا باھالاش پائالىيىتى باشلاندى ، كۆپچىلىكنىڭ دىيارىمىزدىن چىققان ئوغلان ، << يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى >> ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ئەپەندىگە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
    بېلەت تاشلاش ئادرېسى : http://www.wenming.cn/zyfw_298/yw_zyfw/201111/t20111114_387325.shtml

    كۆپچىلىك بۇ ئادرىسقا كىرگەندىن كېيىن

64.jpg


كۆزنەك ئېچىلىدۇ ، سول تەرەپتىكى خەرىتىدىن << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى >> نى چەكسەك ، ئوڭ تەرەپتە بېلەت تاشلايدىغان 10 نامزاتنىڭ تىزىملىكى چىقىدۇ .


65.jpg


يالقۇنلاپ يانغان يالقۇن ئوسمان

دىلشات سۇلتان


    يالقۇن ئوسمان  VSVيېزا مەكتەپلىرى پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى، پىلانلىغۇچىسى ۋە قۇرغۇچىسى. ئۇ 2007- يىلى 11- ئايدا دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيىسى چاغانتۇن كەنتىگە ياردەمگە ئېرىشكەن مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىپ، ھازىر ئۆزى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مۇشۇ پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش سەپىرىنى باشلىغان.


   يالقۇن ئوسمان 1964- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984- يىلى 7- ئايدا شاڭخەي تاموژنا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. 1984- يىلى 8- ئايدا ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، تا ھازىرغىچە شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،  1- دەرىجىلىك تەپتىش، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.

يالقۇن ئوسمان 2008 - يىلى 8- ئايدا يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتىنى قۇرغان. ئۇ دەسلەپتە پىدائىيلارنى ئۆز تونۇشلىرى ئىچىدىن تاپقان، ياردەم بېرىدىغان مەبلەغنىمۇ شۇ دائىرىدىن ھەل قىلغان. 2008 - يىلى 8- ئايدا ۋە 2009- يىلى 8- ئايدا ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى، پىلانلىشى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ،ئىنگىلىزچە  تور بېكىتى ئېچىلىپ، ئىشقا چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتىدىكى ئىدىيە، كۆز قاراشلىرى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ئەترىتىگە قاتناشقان، نۇرغۇنلىغان مېھىر – شەپقەتلىك كارخانا، كەسىپى ئورۇنلار ۋە زاتلارنىڭ مەردلىك، سېخىيلىك قىلىشى بىلەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالغان.

يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى دەسلەپكى بىر ئادەمدىن كۆپىيىپ، 100 نەچچە ئەزاسى بار بىر ئەترەتكە ئايلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا يۈزدەك ئادەم بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

يالقۇن ئوسمان يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان يېزا مەكتەپلىرىگە ياردەم بەرگۈچى پىدائىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەتتىن قالغىنى يوق، ئۇ ھەر دائىم بۇ ئىشلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى. مەيلى يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشى بولسۇن، مەيلى ياردەم بەرگۈچى كارخانىلارنى ئالاقىلىشىش ئىشى بولسۇن، مەيلى تەكشۈرۈش ئىشى،  ياردەم بېرىلىدىغان مەكتەپلەرنى تاللاش ئىشى بولسۇن، ھەر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ كونكېرىت ھەربىر ھالقىلىرىغىچە ئۇنىڭ ئەمگەك تەرى سەرپ قىلىنمىغىنى يوق.

ئۇنىڭ ئەترىتى يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىگە قەدەم باستى. ئۇلار بىر مىليون 400مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ توپلاپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 36 يېزا مەكتىپىگە 400 دانە كومپىيۇتېر، 140 دانە كومپىيۇتېر ئۈستىلى بەردى، بۇ 5000 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 4 كەنتنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىگە 4 دانە تېلېۋىزور، 22 دانە كومپىيۇتېر، 4 دانە DVD ئاپپاراتى ئېلىپ بەردى. يەنە ھەرخىل شەكىللەر بىلەن 132 نەپەر يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ كۇرسلاردا تەربىيلىدى.

     يالقۇن ئوسمان يەنە كونا كومپىيۇتېردىن قايتا پايدىلىنىشتەك مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ يەنە يېزا مەكتەپلىرىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئىشىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى ئادەم. ئۇ يەنە بېيجىڭدىكى ساخاۋەتچى جۇشۇەن خانىمنىڭ چاغانتۇن كەنتىدىكى مەكتەپنىڭ ئۆيلىرىنى رىمۇنت قىلىپ بېرىش ئىشى ۋە قۇدۇق قېزىش ئىشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى بىلەن خېجىڭ چاغانتۇن كەنتى ئارىسىدا دائىم بېرىپ كېلىپ يۈردى، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھىر – شەپقەتلىك ئەمەلىيىتى بىلەن جۇشۇەن خانىمغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى ھەم جۇشۇەن خانىم قاتارلىق ھەر مىللەت كارخانچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشتى. بۇ ئەترەتنىڭ مېھىر – شەپقىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك يېزا مەكتەپلىرىگە يېتىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ئۈچۈن، يالقۇن ئوسمان كۈچىنىڭ بېرىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئالاقە ئورناتتى، ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىقى بىلەن، 2009-يىلى 5- ئايدا يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتى شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ بىۋاسىتە باش ئەترىتى بولدى.

       2009- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن«ئون، يۈز، مىڭلىق» مۇنەۋۋەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتى 3- نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر يىغىنىدا يالقۇن ئوسمان ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

ئۇ 2010-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومىتىتى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى،سەھەر گېزىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن «شىنجاڭ بويىچە 10چوڭ مىھىر-شەپقەتلىك ساخاۋەتچىنىڭ بىرى»،  «جۇڭگو 8-نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ياش پىدائىي» دىگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.ئۇ باشلامچىلىق قىلغان پىدائىيلار ئەترىتى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش تۇرى بويىچە 2010-يىلى جوڭگۇ مائارىپ تورى، جوڭگو مائارىپ لىنىيىسى تەرىپىدىن «2010-يىللىق مەملىكەتلىك 10 چوڭ مائارىپ جامائەت پاراۋانلىق تۈرى» شەرىپىگە ئېرىشتى.

       يالقۇن ئوسمان يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيانقى بارلىق ھەر خىل پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى. ئۇ ھەممە پائالىيەتلەرگە ئۆزى قاتنىشىپ، ئۆزى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ 2008- يىلى 5- ئايدا شەخسەن ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ خېجىڭ ناھىيىسى ئولاستاي دېھقانچىلىق مەيدانى توپتال كەنت مەكتىپىگە بىر ئېلىكترونلۇق ئوقۇتۇش دەرىسخانىسى قۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ داۋاملىق پىدائىيلار پائالىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ماددىي ياردىمىنى ئايىماي سەرپ قىلىپ كەلدى.

       يېزا مەكتەپ پىدائيىلىرى ئەترىتى قۇرۇلۇپ، تەرەققىي قىلىپ تا ھازىرغىچە بولغان ھەر بىر پائالىيەتكە يالقۇن ئوسماننىڭ مېھىر – شەپقىتى، ئەقىل پاراسىتى ۋە زور مېھنەت تەرى سىڭگەن.

ئۇ ھەربىر مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئالتۇندەك ياشلىقىنى يالقۇنجاتتى، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق يالقۇندۇر. تېخىمۇ يالقۇنلاپ يانغىن يالقۇن!


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
مېھرىم
تىللا
348
تۆھپە
291
UID
1246

تەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن ئوسمانغا  مەن دىنمۇ بىر بىلەت كەتتى ئەمىسە ، يانا تاشلىغىلى بولسا ئاۋۇ گۈلنىسا دېگەن قىزغىمۇ تاشلاپ قويىمەن .


Rank: 2

تىللا
101
تۆھپە
65
UID
1303
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە تېخى نىغمەت بۇرادەرگە، ئاندىن مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىدىن ئابدۇقادىر ئاكىمىزغا، قايسىبىر شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئۇقۇغۇچىسىغا بىلەت تاشلىغاندەك قىلغان ئىدىم ، يەنە ۋاسكىتبولچىغا...  ھەي .... ئىسىدە بارمەنمۇ مەن شۇلارنىڭ
كەتتى بىرسى....


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1165
تۆھپە
870
UID
354
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  چوقۇم تاشلايلى


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
مۇھەممەتجان تۇرداخۇن
تىللا
151
تۆھپە
97
UID
711
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قىزلارغا تاشلايمەن بولدى..ھى ھىھ ى


Rank: 4

ئىسمى
سەرسان،روھ
تىللا
265
تۆھپە
113
UID
528
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىنمۇ بىر بېلەت كەتتى ئەمسە


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
837
تۆھپە
546
UID
281
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن ئوسمانغا  مەن دىنمۇ بىر بىلەت كەتتى ئەمىسە


ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:40
قولاپ قويايلى ، مەنمۇ بىر بىلەت تاشلاپ قوياي


Rank: 4

ئىسمى
ئىگىلمەس
تىللا
251
تۆھپە
137
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



    يالقۇن ئوسمانغا بىر بىلەت سوغا بولدى


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
ئاتېللا
تىللا
132
تۆھپە
78
UID
205
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقىملاشتۇرغىلى بولمىدىغۇ؟


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4555
تۆھپە
1866
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 12 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atilla يوللىغان ۋاقتى  2011-11-16 23:55
مۇقىملاشتۇرغىلى بولمىدىغۇ؟

30 ئادەمنى تاللىمىسىڭىز تاشلىغىلى بولمايدىكەن .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-17 23:37, Processed in 0.067682 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش