تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 11

تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە يەنە بىر تەكلىپ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
287
تۆھپە
38
UID
377
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە يەنە بىر تەكلىپ


    تەڭرىتاغ مۇنبىرى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىمۇ تەڭرىتاغ تورى كۈندە بىر يوقلايدىغان بېكىتىم ئىدى، سەھىپىلەر سەرخىل ، مەزمۇنلار مول ، ھەقىقىي بىر بىلىم ئامبىرى ۋە ئۇچۇر مەركىزى ئىدى. ئەمدى مۇنبەر قۇرۇلۇپ، "ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز" قويۇلغاندەك بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يېقىندا تەڭرىتاغ تورىنىڭ يېڭى تېخىمۇ كۆركەم نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپ ، مەندەك تەڭرىتاغ تورى مەستانىسىنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى. بۇ نەتىجىلەر بىلەن سىلەردىن چەكسىز سۆيۈنىمىز.
ئەمدى گەپكە كەلسەم ، بۇرۇن بىرىنچىدىن بۇ مۇنبەردەك پىكىر قىلىش سورۇنى بولمىغاچقا ، ئىككىنچىدىن ئۆزۈممۇ تور بېكەت قۇرۇپ باققان بولغاچقا مەزمۇن تولۇقلاش ئىشىنىڭ زور ئادەم كۈچى كېتىدىغان خىزمەتلىكىنى چۈشەنگەنلىكىمدىن بۇ ھەقتە سىلەرگە ئېغىز ئاچمىغان ئىدىم. ئەمدى مۇنبەرمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەزالار مىڭدىن ئېشىپ بەلگىلىك رەڭدارلىققا ئىگە بولدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرنىڭ خىزمەت مىقدارىڭلارمۇ كۆپەيدى، ئەلۋەتتە.
دېمەكچى بولغىنىم ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ سەھىپىلىرى بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم ھەقىقەتەن كۆپ ، شۇ سەۋەپتىن بەزى سەھىپىلەرگە ئايلار بولۇپ كەتتى تۈزۈك مەزمۇن يوللانمىغىلى. ئەنە شۇ سەھىپىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى مۇنبەرگە تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى ، بەلكىم كېيىنكى پىلانىڭلاردا باردۇ، مۇمكىن بولسا شۇ سەھىپىلەرنى تېزدىن مۇنبەرگىمۇ قوشساڭلار تورداشلارمۇ نادىر مەزمۇنلارنى يوللىسا، شۇ مەزمۇنلار ئىچىدىنمۇ ياخشىلىرىنى تاللاپ تەڭرىتاغ تور بېكىتى باش بېتىگە چىقارساڭلار تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. تۈزۈك مەزمۇن يوللانماي قېلىۋاتقان شۇ سەھىپىلەرمۇ تورداشلارنىڭ قوللىشى بىلەن مەزمۇنى موللىشاتتى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4555
تۆھپە
1866
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇنبىرىمىزنى قوللاپ ، قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەرگىنىڭىزگە تورىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . مەقسەتكە كەلسەك ، سىز دېگەندەك مۇنبىرىمىز قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھەقىقەتەن ياخشى باھالارغا ، ياخشى مەدھىيەلەرگە ئېرىشتى ، بىراق ، مۇنبەرنى قۇرغاندىن كېيىن بىز زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق ، بىۋاستە قىلىپ ئېيتقاندا ئادەم كۈچى ئامىلى ئاساسلىق سەۋەب بولىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا تورىمىز يەنە باشقا خەلققە تېخىمۇ قولايلىق بولىدىغان ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بەزىبىر يېڭىلىقلار ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ، ئىشىنىمىزكى پات ئارىدا تېخىمۇ زور يېڭىلىقلار سىلەرنى كۈتۈپ تۇرغۇسى . لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالمايمىز ، مۇنبەرنى چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مۇنبەرلەرنىڭ ئالدى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ، بىز مۇنبەردىكى ۋە توردىكى ھەر قايسى تورداشلارنىڭ  قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىشى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىشىغا مۇھتاج ، مۇنبەر ئۆزى بىر ئۆگىنىش سورۇنى ھەم ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ، ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سورۇن ، شۇڭا ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرىشايلى ، بىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىزدىن تورداشلار نەپ ئالسۇن ، ئەدەب - ئەخلاق ، مەدەنىيەت - تارىخ جۈملىدىن بىلىم ئۆگەنسۇن !  


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسمى
لالە
تىللا
131
تۆھپە
88
UID
828
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە دېگەن تەمسىل بار. ئىشىنىمىزكى تورداشلارنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە بىز بىلەن تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، مۇنبىرىمىز تېخىمۇ گۈللەنگۈسى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2273
تۆھپە
1242
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتقان مۇھەررىرلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەخمەت ئېيتىمىز.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
410
تۆھپە
291
UID
744
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەر ۋاقىت يېقىندىن قوللاپ تۇرىمەن!..بولسا تەڭرىتاغ مۇنبىرى تېخىمۇ ئاۋاتلاشقاي!


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
مېھرىم
تىللا
348
تۆھپە
291
UID
1246

تەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ مۇنبەرنىڭ ئۇنۋىرسال ، ساپالىق مۇنبەرلەرنىڭ ئالدىدىكى بايراقدار مۇنبەرلەرنىڭ سەركىسى بوپ قىلىشقا تىرىشساق بولىدۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
2006
تۆھپە
1229
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۈندە ئېچىپ قويۇپ بىرەرسىدىن بىر نەرسە ئۆگىنىمەنغۇ ھەقاچان، دەپ ماراپ ياتىمەن


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:20
تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ  سەھىپىللىرى كۈندىن كۈنگە رەڭدارلىشىپ مەزمۇنلىرىمۇ بېيىۋاتىدۇ.


نامسىز  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:09
مۇنبەرنىڭ ئىچىلغانلىقى تەڭرىتاغ تورىدىكى خادىملارنىڭ جاپالىق ئەجرىنىڭ مەھسۇلى .
كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە داۋاملىق قوللايمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
مېھرىم
تىللا
348
تۆھپە
291
UID
1246

تەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا  مۇنبەر ئادىرسىنى ئۇلىنىشقا   يوللانما قىلىپ قويساڭلا بوپتىكەن .


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
قۇربان سايىم
تىللا
154
تۆھپە
108
UID
558
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى!


Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
39
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 10 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان ماقالىلار باشقا ھىچقانداق ئۇيغۇر مۇنبىرىدە تىپىلمايدىغان ۋە ئىلان قىلىنغان ماقالىلار ناھايىتى يۇقۇرى سۇپەتلىك ،پەيدىلىشچانلىق ،خەلىقچىللىق مەزمۇنىدا بۇلۇش كىرەك،،دۇلەت بىز ئازسانلىق مىللەتلەرگە كۇيۇنۇپ خىراجەت ،شىتات ئاجرىتىپ ئوز يىزىقىمىزدىكى تور بەتلەرنى قۇرۇپ بەردى تور بەتنى قانداق باشقۇرۇش ،قانداق خەلىققە يىقىنلاشتۇرۇش ،قانداق قىلغاندا خەلىقنىڭ غىمىنى يىيىشى يەنىلا ئوزىمىزگە باغلىق ،كوپنىڭ كۇچى كوپ ،،،تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە تەڭرىتاغ ئىتىكىدە ياشاۋاتقان نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ قەلىب ساداسى ئىپادىلىندىغان بىر تور بەت قۇرۇپ چىقىش كىرەك،،!


Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-17 23:37, Processed in 0.060691 second(s), 21 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش