
ياق مەن زاپاس گۆش يىمەيمەن .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم !!
مەن ھازىر ئىنتايىن چوڭقۇر ئازاب ئىچىدە مەزكۇر تېمىنى يوللاۋاتماقتىمەن ، جەمىيەتنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ ياخشىلاندى ، داستىخانلىرىمىز موللىشىشقا باشلىدى .
بىراق تۇرمۇش سەۋيىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بىز ئۈچۈن مۇھىم يېمەكلىك بولغان قوي گۆشىدىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ ، بىزنىڭ ھالال قوي گۆشىگە بولغان ئېھتىياجىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە ، بىر قىسىملار پايدىنى كۆزلەپ ، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، قوي بىلەن چوشقىنى نەسىللەندۈرۈپ ‹‹ چوشقا قوي ›› نى بارلىققا كەلتۈردى . ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا مەزمۇر چوشقا قوينىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقۇرى بولۇپ ، چوشقىغا ئوخشاش بىر قېتىمدىلا ئون نەچچىنى تۇغارمىش ، ھەم بىر چوشقا قويدىن 70 -80 كىلوگىرام گۆش چىقارمىش ، بۇ خىل قوينىڭ بۇرنى ، قۇلۇقى چوشقىغا ئوخشاش ئۇزۇن بولۇپ ي قوينىڭكىگە ئوخشاش يۇڭى بار ئىكەن .
ھازىر مۇشۇنداق چوشقا قوي بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزگە چىقىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ، مەن بىرمەسلىنى ئويلىنىپ قالدىم : بىزنىڭ ئىسلام دىنى جەمىيىتىمىز زادى قانداق تەشكىلات ؟ ئۇلارنىڭ زادى قانداق مەسئۇلىيىتى بار ؟ ئۇنداق مەينەت ، ھارام گۆشلەر بىزنىڭ ئىيمانىمىزنى ، يېمەك - ئىچمىكىمىزنى بۇلغىسا بولامدۇ ؟ ئۇ ئىمانسىزلارنىڭ زادى قانداق مەسئۇلىيىتى بار ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەنبە : تور
ئىزاھات : ئەسلى تېما ئاساسىي مەزمۇنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئازراق ئۆزگەرتىلدى ، ئەگەر ئەسلى ئاپتۇر رازى بولمىسا ئۆز ئەينىنى ئېلىشقا تەييارمىز .
http://anadiyar.cn/news/show.php?id=910