60%ئوقۇرمەن سېتىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك يېڭى كىتابلار بەك ئاز،دەپ قارايكەن
‹‹جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنىشىچە، يېقىندا، ‹‹جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى›› جەمئىيەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ 1724 كىشى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن %.7 56 كىشى ھازىرقى يېڭى كىتابلارنىڭ سۈپىتىنى ‹‹ئادەتتىكىچە››، %.6 23 كىشى بىر قەدەر ياخشى، %19.7 كىشى ناچار، دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن سىرت، %.9 61 كىشى سېتىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك يېڭى كىتابلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، دەپ قارىغان.
تەكشۈرۈشتە، شاڭخەيلىك ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېگەن: ‹‹ھازىر يېڭى كىتابلارنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتىدۇ، بىر قىسىم كىتابلارنىڭ مەزمۇنى قەستەن چوڭقۇر قىلىپ يېزىلغان بولسا، بەزىلىرىنىڭ مەزمۇنى قوپال. مەن بەزىدە ماتېرىيال ئىزدەپ قالسام، كىتابلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى كۆرۈپلا بولدى قىلىمەن، بۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش››. شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئوقۇتقۇچى لى خۇڭسۇڭمۇ ھازىرقى كىتابلارنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەستايىدىل تاللىشىنى ئېيتقان. ئۇ: ‹‹چەت ئەل تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن كىتابنىڭ تۈپلىنىشى كۆركەم بولغىنى بىلەن ئىچىگە قارايدىغان بولساق، مەزمۇنىنىڭ قۇراشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقايمىز›› دېگەن.
بېيجىڭدىكى بىر پىروفېسسور خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى كىتابلارنىڭ سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب، مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغان بولۇپ، ئۇلار پايدىنى ئاساس قىلىدىغان جەمئىيەتكە ‹‹تەسلىم›› بولدى. ئۇلۇغ دەۋردە بۈيۈك ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىشى كېرەك، لېكىن، ھازىر كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس بولۇپ قالالايدىغان ئەسەرلەر قانچىلىك؟ بۇ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش!.
‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن