شىنجاڭ ‹‹پەرىشتە›› ئانىلارنى تەربىيەلەش ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇلدى ئۆز مۇخبىرلىرىمىز توخنىياز ئىسمائىل ، ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى: ئانىلارنى ، شۇنداقلا ئانا بولغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى نىشان قىلغان ئانىلارنى تەربىيەلەش مەركىزى — شىنجاڭ ‹‹پەرىشتە›› ئانىلارنى تەربىيەلەش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى 2011–يىلى 11–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ شىنرۇڭ مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . 
رەئىس سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
مۇراسىمغا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئىسلام ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر مەقسەت، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خاسىيەت خانىم ، شىنجاڭ ‹‹پەرىشتە›› ئانىلارنى تەربىيەلەش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەركىن روزى قاتارلىقلار قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار
مۇراسىمغا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مائارىپ نازارىتى، قاتناش نازارىتى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئاخبارات–نەشرىيات، گېزىت–ژۇرنال ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياشلار ۋە ئىستۇدېنتلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ جەمئىي 150 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار

شىنجاڭ ‹‹پەرىشتە›› ئانىلارنى تەربىيەلەش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، يازغۇچى، ئادۋوكات ئەركىن روزى سۆز قىلماقتا
مۇراسىمدا شىنجاڭ ‹‹پەرىشتە›› ئانىلارنى تەربىيەلەش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، يازغۇچى، ئادۋوكات ئەركىن روزى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : بىز ئانىلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئانىلارغا، جۈملىدىن بارلىق خانىم–قىزلارغا ئانا بولۇشنىڭ تولىمۇ ئۇلۇغ، تولىمۇ شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئانىلارنىڭ ئەجىر–مېھنىتىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي رولىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇشىمىز لازىم. بىز مانا مۇشۇ مەقسەتتە مەزكۇر مەركەزنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز جەمئىيىتىمىزدىكى ھەرقانداق ئانا، ئەتە ۋە ئۆگۈن ئانا بولىدىغان خانىم–قىزلىرىمىزنى مەركىزىمىزدە ئەتراپلىق تەربىيەلەپ، ئانا بولۇش، پەرزەنت تەربىيەلەش، پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئانا–بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك سورۇن ھازىرلاپ بېرىمىز. ئانىلار تەربىيەلەنسە، ئائىلە خاتىرجەم بولسا ۋە ئىناق بولسا جەمىئىيەتنىڭ مۇقىم ۋە ئىناق بولۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ بۇ خەيرلىك ئىشىمىزنى يېقىندىن قوللاپ–قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

رەئىس سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
مۇراسىمدا يەنە بۇ مەركەزگە دەسلەپكى قەدەمدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى .

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى ، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدىي سۆز قىلماقتا

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كۈرەش مەخمۇتجان رەئىسى سۆز قىلماقتا

‹‹مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپى ›› نىڭ مەسئۇلى رەيھان قاسىم سۆز قىلماقتا

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆز قىلماقتا

شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى ، ئەدەبىيات ئوبزورچى يالقۇن روزى سۆز قىلماقتا

شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ مۇھەررىرى ، رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا
|