كۆرۈش: 13651|ئىنكاس: 18

تۇرپان ۋىلايەتلىك جەۋلان ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش مەركىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 01:18:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇرپان ۋىلايەتلىك جەۋلان ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش مەركىزى

      
      مەركىزىمىز تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەنگە ئېلىشى بىلەن 2007 - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى تەربىيىلەش ئاپپاراتى.

تەسىس قىلىنغان تەربىيىلەش تۈرلىرى:

1. قوش تىللىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش

تەسىس قىلىنىش سەۋەبى ۋە مەقسىدى: نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئارزۇلۇق پەرزەنتىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيدۇ. يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلسىمۇ لېكىن ئۆزلىرى كۆپ ئوقىيالمىغانلىقى سەۋەپلىك "ئارمانغا چۈشلۈق دەرمان يوق" بولۇپ قالىدۇ. دەل شۇ سەۋەپتىن، ئاتا - ئانىلارنىڭ ياردەمچىسى بولۇش، دەردىگە دەرمان بولۇش مەقسىتىدە بۇ خىل تەربىيىلەش تۈرى تەسىس قىلىنغان.

2. دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى خەنزۇ تىلى تەربىيىلەش

تەسىس قىلىنىش سەۋەبى ۋە مەقسىدى: ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ياخشى، ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر خەنزۇ تىلى ياخشى بىلمىگەنلىك سەۋەپتىن خىزمەت، تۇرمۇش ۋە تىجارەت داۋامىدا بىر قىسىم قولايسىزلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. دەل شۇ خىلدىكى ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان سەۋىيە، ئوخشىمىغان ئېھتىياجدىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان تۈرلەر تەسىس قىلىنغان.

3. كومپيۇتېر كەسپىدىن كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش ۋە ئاسراش، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش، تەكشىلىكتە ئېلان لايىھىلەش، فوتو سۈرەتچىلىك، سىنغا ئېلىش ۋە كىرىشتۈرۈش، تور بەت ياساش

تەسىس قىلىنىش سەۋەبى ۋە مەقسىدى: نۆۋەتتە كومپيۇتېر تۇرمۇشنىڭ ھەممە ھالقىلىرىغىچە سىڭىپ كىردى. ئەلۋەتتە ئۆز ئېھتىياجىڭىزنى چىقىش قىلغان ھالدا ماس تۈردە تەربىيىلىنىش خىزمەتچى بولسىڭىز خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرىشكە، تىجارەتچى بولسىڭىز سودىڭىزنى يۈرۈشتۈرۈشكە، بىكارچى بولسىڭىز خىزمەت تېپىشىڭىزغا تۈرتكە بولغۇسى.

4. ئېلانچىلىق كەسپى بويىچە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش تېخنىكىلىرى

تەسىس قىلىنىش سەۋەبى ۋە مەقسىدى: ئېلانچىلىق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت لايىھىلەش كەسپى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئۈكۈنىلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشىنى تەس، مۇرەككەپ ئويلاپ پايدىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈسكۈنىسى بارلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەت سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، ئېلانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەرنىڭ باھاسى ئەرزان، تېخنىكىسى ئاددىي، پايدىسى يۇقىرى.

ئادرېس: تۇرپان شەھەر بەخت يولى 1 - نومۇر

تېلېفۇن: 0995 - 8533335


(باشقۇرغۇچى بىلگئەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تولۇقلاندى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muallim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-14 02:43  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2500
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 02:04:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەكتەب ئاچىدىغان ئىش مېنى بەكمۇ خوش قىلىدۇ. ياخشى خەۋەر ئىكەن. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
805
تۆھپە
366
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 02:20:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتەڭرىتاغ مۇنبىردىكى مەن بىلسەم  تۇنجى قېتىملىق  ئېلان ،،،،،،،  بۇيەردىمۇ ئېلاندىن قۇتۇلال ماپتۇق


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 03:07:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ  ئېلان بولسىمۇ  قۇلاققا خوش ياققۇدەك ئېلان بوپتۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehrim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-13 03:08  



يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 03:31:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈكۈت ئەپەندىم:
دەل شۇ مەكتەپلەردە ئوقىمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ھاماقەتلەرچە ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپسىز.
كۆپ گەپ قىلماي، پەقەت شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي. ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋاپ ئوبدان تەكشۈرۈپ كۆرۈپ قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز. شۇنچە ئوچۇق سەھىپە چۈشەندۈرۈشىنى كۆرمىگەن بولسىڭىز مۇشۇ يەرگە قايتا يوللاپ قوياي.
ئادرىسنامە:
بۇنىڭدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھىم ئىدارە – ئورگان، مەكتەپ، كارخانا – شىركەتلەر، ئاخبارات – مەتبۇئات ئورۇنلىرى، مېھمانخانا، رېستۇران، تېز تاماقخانىلار، بېكەتلەر، باغچا، ساياھەت ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا، كىتابخانا، سودا سارايلىرى، كىنوخانا، تىياتىرخانىلار ۋە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلارنىڭ ئادرېسلىرى، ئالاقە نومۇرلىرى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ


مەن مۇنبەرنىڭ سەھىپە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەزمۇن يوللىدىم. ئىلىم ھەۋەسكارلىرى بىلىپ قالسۇن دىگەن مەقسەتتە. ئىسمىڭىزغا لايىق سۈكۈت قىلغان بولسىڭىزمۇ ياخشى بولاتتى. بىكارلا ئارتۇق گەپ ئاڭلىۋالدىڭىز


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تىللا
2718
تۆھپە
1484
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 11:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئىكەن. تۇرپان ۋىلايەتلىك جەۋلان ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئىشلىرىغا ئامەت تېلەيمەن.




Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2500
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 12:50:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ بۇ سەھىپىگە ئۇچۇر يوللىشىنى قارشى ئالىمىز.

       سۈكۈت ئەپەندى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، ئەگەر مۇشۇ سەھىپىدىن باشقا سەھىپىگە بۇ تېمىنى ۋە مەزمۇننى يازغان بولسا ئېلان دەيتۇق. لېكىن بۇ يەردە پەقەت ئادېرىسنامە بولىدۇ. جەۋلان ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش مەركىزىدەك ئورۇننى قوللاش كېرەك.
       شىرئەلى مۇئەللىم تەربىيلەش مەركىزىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە تەربىيلەش ئۇسلۇبىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلانىمۇ تولۇقلاپ قويسىڭىز. يەنە مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز. تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىدىنمۇ خەۋەردار قىلسىڭىز. ئۇنداق بولمىغاندا سۈكۈت دېگەندەك، ساپ 100 پىرسەنتلىك ئېلان بولۇپ قالىدىكەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
863
تۆھپە
416
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 13:56:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر تور بىكەت ياسسايدىغانلار نىمانچە كۆپ ، سىللەر ياسىغان بىرەر  تور بەتنى كۆرۈپ باقساق بولامدۇ ؟


مۇساپىر بالا : گىرمانىيە
گىرمانىيدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىمۇ شۇنداق قىزىدى ... يۇرتىكى بارلىق دوسلارغا مۇساپىر بالىدىن نورۇزلۇق سالام

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1354
تۆھپە
720
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 15:50:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بولۇپتۇ، مىللەتنىڭ سۈپۈتىنى ئۆستۈرۈشتە مانا شۇنىڭغا ئوخشاش تەربىيەلەشنى كۇچەيتىش كېرەك-ئەلۋەتتە.تۇرپان ۋىلايەتلىك جەۋلان ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش مەركىزىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
                        


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-13 21:57:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musapirbala يوللىغان ۋاقتى  2011-11-13 13:56
ھازىر تور بىكەت ياسسايدىغانلار نىمانچە كۆپ ، سىلل ...

تور توختاپ كەتكەن مەزگىللەردە بىز ياساپ بەرگەن نۇرغۇن بېكەتلەر توختاپ كېتىپ قالدى. يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان بېكەتلەردىن بىرنى كۆرۈپ پىكىر بەرگەيسىز
ئەلنەزەر مائارىپ ئۇچۇرلىرى تورى
تور ئادرېسى: http://www.alnazar.net
باشقا تور بېكەتلەر مۇ بار ئىدى، مۇشۇ بولسىمۇ يېتەر


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 03:14, Processed in 0.081513 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991