بۆلۈمنىڭ ئەينەك ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنىڭ يېنىغا قانچە تېز كىرگەن بولسام، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. تۇيۇقسىزلا‹‹ئۆلۈپ كېتەرمۇ››دېگەن ۋەھىمىدە ساراسىمىگە چۈشۈشكە باشلىدىم.ۋە ئۇنىڭغا ئەسەبىيلىك بىلەن تاشلاندىم. -ئەكرەم،كۆزىڭىزنى ئېچىڭە؟ سىز بۇنداقلا كەتسىڭىز بولمايدۇ!مىنى سىزدىن باشقا ھېچكىم ئاقلىيالمايدۇ ئەكرەم! مېنىڭ پاكلىقىمنى سىزلا ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىز.بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قېرىندىشىمنىمۇ پەقەت سىزلا قۇتقۇزالايسىز.ئائىلىمىزگە كېلىۋاتقان بارچە كېلىشمەسلىكلەر سىزنىڭ ئەسلىڭىزگە كىلىشىڭىزگىلا باغلىق ئەمەسمۇ ئەكرەم!كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!كۆزىڭىزنى ئېچىڭ! تۇيۇقسىزلا كارۋات بېشىغا قويۇلغان يۈرەك ئەھۋالىنى كۈزىتىش ئەسۋابىدىن رېتىمسىز ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى.ئىككى دوختۇر ئالدىراش كىرىپ كەلدى ۋە مېنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپ بەزىبىر قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى يۈرەك قوزغاتقۇچنىڭ تەسىرىدە قاتتىق سىلكىنىۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىزلا كۆزلىرىنى خىرە ئېچىۋىدى،نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. -مېنى، مېنى ...كەچۈرۈڭ،را..را..مىلە... -ياق!!!ياق!!! سىز كەتمەڭ! سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن؟ ئاكام قانداق قىلىدۇ؟بىردەم، بىردەم چىداپ تۇرۇڭ مەن ئېرپاننى چاقىرىپ كېلەي سىز ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم. بولمىسا ئېرپان مەندىن مەڭگۈ نەپرەتلىنىدۇ! دوختۇر تولىمۇ ئوڭايسىز ھالدا بېشىنى چايقىدى: -بىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشتۇق.لېكىن ئامال بولمىدى،كەچۈرۈڭ.مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر يەتكۈزىشىمىزگە ياردەم قىلغان بولسىڭىز. *** بىلەمسەن ئېرپان؟ دەل سېنىڭ تويۇڭ بولىۋاتقان ئاشۇ كۈنى مېنىڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۈم سوغۇق قەبرىلەرگە دەپنىلەندى.بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قېرىندىشىم، تۈۋرۈكۈم ئاكام مۇدھىش تۆمۈر رىشاتكا ئىچىگە سولاندى.ئاپام بىر كۈن ئىچىدىلا قېرىپ مۈكچىيىپلا قالدى،ئۇ شۇ ئورۇن تۇتۇپ ياتقانچە خېلى ئۇزۇنلارغۇچە ئورنىدىن تۇرالمىدى... قۇياش يەنىلا ھەركۈنى يېڭىلىنىپ چىقىۋاتاتتى.يەر شارى يەنىلا ئۆز ئوقىدا توختىماستىن چۆگىلەۋەردى.سېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن باشقا ئىدارىگە ئالمىشىش قارارىغا كەلگىنىمدە باشلىقنىڭ ئاغزىدىن سېنىڭمۇ باشقا ئىدارىگە ئالماشقىنىڭنى ئاڭلىدىم ۋە بۇ ئويۇمدىن يالتايدىم.شۇنىڭدىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغۇچە سېنى ئۇچراتمىدىم. تەقدىر دېگەن شۇنچە قابىل ۋە رەھىمسىز بولىدىكەنكى،بىر يىلدىن كېيىن ئايالىڭ رەنا دەل ئاپام ياتقان دوختۇرخانىدا يەڭگىدى.ئۇنىڭغا تاماق توشۇغان ۋە يۆلەپ ھاجەتكە ئېلىپ ماڭغان ۋاقىتلىرىڭدا نەچچە رەت دوقۇرۇشۇپ قالدۇق. شۇ پەيتلەردە ئالدىڭدىن پەرۋاسىزلارچە ئۆتۈپ كەتكىنىم بىلەن يۈرەك-باغرىم لەختە-لەختە بولۇپ كەتكىنىنى بىلگەن بولغىيمىدىڭ ھە؟سېنىڭ توي قىلغىنىڭدىن، بالىلىق بولغىنىڭدىن خەۋىرىم بولسىمۇ، بولىۋاتقان بۇ ئىشلار ھەقىقەت بولسىمۇ ئايالىڭغا كۆيۈنۈشلىرىڭدىن يەنىلا رەشىك ئوتلىرىدا قايتا كۈيۈپ كۈل بولدۇم.نىمىشقا سەن بىلەن مەغرۇر ۋە غالىپلارچە كىتىۋاتقان، بەخت ۋە سۆيۈنۈشتىن چېھرى نۇرلىنىپ كەتكەن ئايال مەن بولمايمەن؟سېنىڭ پەرزەنتىڭنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان، سېنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈپ،تۇغۇت كارۋىتىدا ياتقىنى مەن بولمايمەن؟ ياق،ياق ئەمدى رىئاللىققا تەن بېرىشىم كېرەك! بۇنداق ئەخمىقانە خىياللارنى مەڭگۈ قىلماسلىقىم كېرەك! سەن ئايالىڭ ۋە قىزىڭغا مەنسۇپ! سەن ئۇلارنى ماشىناڭغا سېلىپ دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن ئۇزاپ چىقىپ كەتكەن كۈنى ئۆزۈمگە شۇنداق ۋەدە بەردىم‹‹خەير خوش تۇنجى سۆيگۈم! ئەمدى سېنى خىياللىرىمدىن سۈرگۈن قىلدىم›› ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندە قىزىڭنىڭ بۈشۈك توي باغىقىنى تاپشۇرىۋالدىم.باغاقتىكى‹‹قىزىمىز رائىلەنىڭ بۈشۈك توي مەرىكىسى››دېگەن خەتنى كۆرگىنىمدە يۈرەك يارىلىرىم قايتا قاناپ كەتتى.ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى بەختىيار تۇرمۇشىمىز ھەققىدە سۈرگەن خىيال،پىلانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە‹‹پەرزەنتىمىز ئوغۇل بولسا ئىمران، قىز بولسا رائىلە دەپ ئىسىم قويىمىز›› دېيىشكەنلىرىمىزنى ئەسلىدىم. سەن ئاشۇ ئەھدىلەرنى ئۇنتۇمىغاچقا قىزىڭغا ‹‹رائىلە››دىگەن ئىسىمنى تاللىغانسەنمۇ؟ياكى بۇ مۇنداقلا ئۇدۇل كېلىپ قېلىشمىدۇ؟ئەگەر بۇ قارارنى سەن چىقارغان بولساڭ رەنا قانداق پوزىتسىيەدە بولغاندۇ؟‹‹نىمىشقا قىزىمنىڭ ئىسمىنى كونا سۆيگۈنىڭنىڭ ئىسمىغا يانداش قويغۇدەكمەن؟دەپ قارشى چىقمىغانمىدۇ؟مەيلى نىمىلا بولسۇن، قىزىڭغا ئىككىمىز ۋەدىلەشكەن ئىسىمنى قويغىنىڭ ئېنىق ئىدى.دېمەك، سەن يەنىلا مىنى، ئىككىمىزنىڭ ئەھدىسىنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندەك قىلاتتىڭ.قىزىڭنىڭ بۈشۈك تويىغا قاتناشمىدىم. ئەمەلىيەتتە سەنمۇ ماڭا‹‹ئەل قاتارى››باغاق ئەۋەتكەن بولساڭمۇ سەن ۋە ئائىلەڭدىكى ھېچكىم مىنىڭ بۇ مەرىكىگە قاتنىشىمنى خالىمايدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى.ئىقرارمەنكى ئاشۇ‹‹رائىلە››دېگەن خەتنى كۆرگىنىمدىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغۇچە ئەخمىقانە خىياللىرىمنى قايتا سۈرۈپ يۈردۈم... ئاپام نەچچە ئايدا بىر بالنىستا ياتاتتى.مېنىڭ كۈنلىرىم ئىدارە،ئۆي ۋە دوختۇرخانا ئارىلىقىدا قاتراپ تولىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى.ئايدا بىر دېگۈدەك تۈرمىگە بېرىپ ئاكامنى يوقلايتىم. ئاپام بەزىدە ئۇچۇق ئېيتمىسىمۇ توي ئىشىمغا ئالدىراۋاتقانلىقىدىن شەپە بېرىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ئۇ ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزىنىڭ يورۇق چېغىدا مىنىڭ ئۆي-ئوچاقلىق بولغىنىمنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلاتتى. كېچە-كۈندۈز بەختىمنى تىلەيتى.يالغۇز قىزىنى بېشى ئۇچۇق تاشلاپ كىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتى. يىراق-يېقىندىن ئەلچىلەرمۇ كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى. لېكىن، نىمىشقىدۇر ھېچقايسىغا كۆڭلۈم تارتمايتى.كەينىمدىن خېلى قوغلىشىپ يۈرگەن يىگىتلەرمۇ سوغۇق،پەرۋاسىز مۇئامىلەمدىن زېرىكەمدۇ ئەيتاۋۇر بارا-بارا بېسىقىپ غايىپ بولاتتى. ئىدارىدىكى ئايال خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئاغزىدىن بەزىدە سەن ھەققىدىكى يېڭى خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالاتتىم.سېنىڭ تاغاڭنىڭ‹‹ھازىرقى قېيىن ئاتاڭ›› ياردىمىدە ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكىنىڭنى،ئۇ يەردىمۇ ناھايىتى تېز ئۆسۈپ خېلى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالغىنىڭنى، تۇرمۇشۇڭنىڭ ناھايىتى باياشات ئىكەنلىكىنى،داداڭنىڭمۇ پىنسىيەگە چىقىپلا يېنىڭلارغا كەتمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقىنىمدا سېنىڭ ئۈرۈمچىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغاندىلا ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىڭ ھەققىدىكى گۇمانى خىياللىرىم كۈچىيىپ باراتتى ۋە سەندىن يىرگىنەتتىم،نەپرەتلىنەتتىم.ئەينى ۋاقىتتا داداڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئاشۇ پەسكەش ئويۇننىڭ يالغۇز داداڭنىڭلا پىلانى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۇرۈپ سەندىن،داداڭدىن،تاغاڭ ۋە رەنالاردىن، قىسقىسى پۈتكۈل دۇنيادىن نەپرەتلىنەتتىم. سۆيگۈ-مۇھەببەت دېگەنلەرگە زىيادە ئىشىنىپ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلەتتى... ھامان بىر كۈنى توي قىلىشىمنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلەتتىم ۋە گاھىدا تەۋەككۈل قىلىپ بىرەرسىنىڭ پىشىنى تۇتۇشنى خىيال قىلساممۇ تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا قارشى تەرەپ يا ئۇنداق، ياكى مۇنداق مىجەزى،گەپ-سۆزلىرى كۆزۈمگە سىغماي قالاتتى-دە خوشمۇ دېمەي كېتىپ قالاتتىم. شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە زىۋىدە ھەدەمدىن سىلەرنىڭ جەنۇبى تاغقا ئوينىغىلى بېرىپ يېنىشىڭلاردا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغىنىڭلارنى،ھەممىڭلارنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ،رەنانىڭ دوختۇرخانىغىمۇ ئۈلگۈرمەي قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم.زىۋىدە ھەدەم مىنىڭ ئىنكاسىمغا سەپسېلىپ قاراپ تۇرغان شۇ دەقىقىدە مەن ھېچقانداق ئىپادىسىز ھالدا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. شۇ دەمدە مېنىڭ كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغان ئىدى.كېچىلىرى سىلەرنى قارغاپ تۆككەن ياشلىرىم ئۈچۈن ئۆكۈندۈم.ھەمدە ‹‹تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئالدىدا ھەممە كىشى ئامالسىز››دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ يۈردۈم. -جېنىم قىزىم، كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا تويىڭىزنى كۆرسەم بولاتتتى، دەپ گەپ باشلىدى بىر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئاپام.-ھېلىمۇ خېلى –خېلى ياخشى يەرلەرنى قايتۇرىۋەتتۇق. بۇنداق بولىۋەرسە سۆز-چۆچەكمۇ ئاينىپ كېتىدىكەن.ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغىنى بولسىمۇ دەڭ قىزىم مەنمۇ بىر ئاڭلاپ باقاي، ئاشۇ ئېرپان دېگەننى تېخىچە ئۇنتۇيالمايۋاتامسىز يە؟ -ياق ئاپا ئۇنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتكەنمەن. ئارتۇق ئويلىماڭ. شۇ كۆڭلۈمدىكىدەك بىرەرسى ئۇچرىمايۋاتىدۇ.. -قىزىم، قىز بالىلىق ئۆي دېگەن بىر كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ. بۇ كۆۋرۈكتىن شاھمۇ، گادايمۇ،ئاقساق-چولاقمۇ ئۆتىدىغان گەپ. بەك كۆپ تاللاپ كېتىشمۇ كۈپۈرلۇق بولىدۇ.ھېزىمخان ئاچاممۇ نەچچە قېتىم سۆز ئېچىۋىدى مەن شۇ سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا قاراپ جاۋاپ بېرەلمەي قالدىم. ئوغلى كامىلمۇ خېلى تۈزۈكلا بالا بولدى. ئالى مەكتەپتىن يۇقىرىلاپ ئىچكىرىدىكى ئۇنۋېرسىتلارغا بېرىپ ئوقۇيمەن دەپ خىزمەتكە چىقىپ بولغۇچەيېشى سەل چوڭىيىپ كەتكەننى ھىساپقا ئالمىغاندا... شىرەم تۇغقىنىمىزنىڭ ئوغلى كامىل ئاكام بىلەن بۇرۇندىنلا ياخشى ئۆتەتتۇق. دائىم كىتاپ ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيتۇق.ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سىزىپ قالغان بولساممۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرەتتىم. ئاپامنىڭ گەپلىرىنى خېلى ئۇزۇن تىڭشاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ تويغا ماقۇللىغىمنى بىلدۇردۈم. ئاپام بېشىمنى سىلاپ ئولتۇرۇپ خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكتى.ئۆزۈممۇ خۇددى بىر ئېغىر يۈكنى ئىرغىتىپ تاشلىغاندەك يىنىكلەپ قالغان ئىدىم.
داۋامى بار... |