سېنىڭ ھەپتىدە بىر دېگۈدەك كېلىپ تۇرغان خەتلىرىڭلا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم،تەسەللىرىم ئىدى. ‹‹جېنىم رامىلە!مېنىڭ ھاياتىم!››دەپ باشلىنىدىغان،چوڭقۇر سېغىنىشلار بىلەن يۇغۇرۇلغان قۇرلىرىڭ پۇچۇلانغان يۈرۈكۈمگە مەلھەم بولاتتى.خەتلىرىڭدىن بىلىشىمچە،ئۇ يەرگە بېرىشىڭ بىلەنلا داداڭنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن ئالدىڭغا چىقىپ تۇرغان تۇغقانلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئانچە تەمتىرىمەيلا ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا ئۆزلىشىۋاپسەن.لېكىن، ماڭا بولغان سېغىنىشىڭ سېنى ھەرۋاقىت ھېجران گۈلخېنىدا كۆيدۈرۈپ،ئەس-يادىڭنى مەن تامان ئېلىپ كەتكەچ، ئۇ يەردە پەقەتلا تۇرغۇڭ يوقلىغىنى، تېزرەك قايتىپ كېتىشنى تىلەپ،كۈن ساناپ ئۆتىۋاتقانلىقىڭنى، مېنىڭ چوقۇم ئۆزۈمنى ئاسرىشىمنى،تاماقنى ياخشى يەپ،ۋاقتىدا ئارام ئېلىشىمنى ھەر بىر خېتىڭدە تەكرار ئەسكەرتەتتىڭ. مېنى يالغۇز تاشلاپ قويغىنىڭدىن ئۆرتىنىدىغانلىقىڭنى، قايتىپ كېلىپلا تويىمىزنى قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ يازغان خەتلىرىڭنى كۆرگەندە سېنى يېنىمدا تۇرغاندەكلا سىزىپ ئالەمچە شادلىققا، بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمەتتىم... بىكار ۋاقتىم چىقسىلا، ئىشتىن قايتىش يولۇمدا ئۆيۈڭلەرگە بېرىپ ئاتا-ئاناڭنى يوقلىغاچ، ئاناڭ بېلەن مۇڭدىشىپ ئۆتەتتىم. ئاناڭمۇ ماڭا خۇددى ئۆز ئانامدەكلا ئامراقتەك بىلىنەتتى. ئۇ دائىم ئۇنىڭ ئاغزىدىن سەن توغرىلىق گەپلەرنى ئاڭلىغۇم بولسىمۇ چاندۇرۇپ قويۇشتىن خىجىل بولۇپ قالىدىغىنىمنى سېىزىپ قالغاندەكلا سېنىڭ كىچىك ۋاقتىڭدىكى قىلىقلىرىڭ، كۈلكىلىك ئىشلار ۋە گەپ-سۆزلىرىڭنى ئېرىنمەي سۆزلەپ بېرەتتى. سەن كېتىپ بىر ئايدىن كېيىن ئالى مەكتەپتىكى ساۋاغدىشىم، بىرگە ئويناپ، چوڭ بولغان بىر مەھەللىك دوستۇم نىگارەنىڭ تويى بولدى.ئېسىڭدىمۇ ئۇنىڭ تويىدا سەن يىگىت قولدىشى،مەن قىز قولدىشى بولۇشقا پۈتۈشۈپ قويغان ئىدۇق.سەن خېتىڭدە بۇ تويغا ئۈلگۈرۈپ كېلىشكە پەقەتلا رۇخسەت ئالالمىغىنىڭنى ئېيتتىڭ.مېنىڭ سېنىڭسىز تويغا بېرىشقا بۇ كۆڭلۈممۇ قانداقمۇ ئۇنىسۇن؟ باشقىلارنىڭ جۈپ-جۈپ بولۇپ تانسا-ئۇسۇل ئويناشلىرىنى، قول تۇتۇشۇپ مېڭىشلىرىنى، شىرىن مۇڭدىشىپ، كۈلىشىشلىرىنى كۆرۈشكە بۇ يۈرىكىم قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ لېكىن، نىگارە بىلەن ئاللىبۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئۇنىڭغا قولداش بولۇپ بېرىشىم كېرەك ئىدى.توي ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكەن، دوستۇم نىگارە ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىنىڭ چېھرىدىكى بەختىيارلىق نۇرلىرىغا ھەۋىسىم كېلىپ چىن يۇرۇكۈمدىن بەخت تىلىگەن بولساممۇ سېنىڭ ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگىنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدىم.كىم بىلسۇن؟ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ مەنزىلگاھى بولغان قارا ئۆڭكۈر دەل شۇ كۈنىدىن باشلاپ كولىنىشقا باشلىغان ئىكەن.تويدا كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە توي مۇراسىملىرىنىڭ رەت تەرتىۋىدە قائىىدىگە ئايلىنىپ كەتكەن يۇسۇن بويىچە يىگىت قولدىشى بىلەن بىر قول تانسا ئوينىغىنىمنىڭ كېيىنكى مەڭگۈلۈك ھەسرىتىمىزنىڭ ھۇلى بولۇپ قېلىشىنى؟ شۇ كۈندىن ئىتىۋارەن ئۇ‹‹يىگىت قولدىشى››خۇددى ئۆز سايەمدەك ئەتراپىمنى ئەگىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆتەر يوللىرىمدە سەت ھىجىيىپ يولۇمنى توسۇپ ئەھۋال سورايتتى. مەن ئۇنىڭ بىزاڭ ھىجىيىشلىرىغا تۇترۇقسىز گەپلىرىگە پەرۋامۇ قىلمىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە سېنىڭ پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن لىق تولغان قەلبىمدە يەنە باشقا بىرەرسىگە زەررە بوشلۇق بولسۇنمۇ ئېرپان؟ ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىمغا ئۈلگۈرۈپ دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى. ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمدە خۇددى قەستەنگە قىلىۋاتقاندەك خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئالدىدىلا ئىسمىمنى توۋلاپ كەينىمدىن پايپاسلاپ يۈگرۈپ كېلەتتى ۋە تېتىقسىز سالاملىرىنى تەكرارلايتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭدىن شۇنچە يىرگىنەتتىمكى، ئۇنى ئاستىدىكى تۇپراقنىڭ بىراقلا يالماپلا يۈتۈۋېتىشىنى تىلەيتىم.نەچچە قېتىم ئۇنى قاتتىق سىلكىگەن ۋە سەت ئىبارەلەر بىلەن تىللىغان، ئەمدى كەينىمگە كىرىۋالسا ئاكامغا ۋە ئىدارە ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىدىكىلەرگە دەيدىغانلىقىمنى ئېيتساممۇ ئۇنىڭ يەنىلا ماڭا كانىدەك چاپلاشقىنى چاپلاشقان ئىدى.ئۇنىڭ قىلىقلىرى ھەددىدىن ئاشقانسىرى سېنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىڭنى، مىنى ھىمايەڭگە ئېلىشىڭنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيتىم. بىر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىش يولۇمدا ئۆز خىياللىم بىلەن سىرداشقاچ ھېلىقى سۆگەت دەرىخى تۈۋىگە كەلدىم.ھېلىقى ناكەس كەينىمگە كىرىۋالغاندىن بېرى بۇ يەرگە كېلىشكىمۇ پۇرسەت بولمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كەينىمدىن بۇ يەرگە كېلىشىنى ياكى يولدا باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا مەن بىلەن بىرگە مېڭىشىدىن ئەنسىرەپ ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە يۈگىرەيتىم.بۈگۈن ئۇنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشۈپ قالغان ۋە بۇ يەرنى ئۇزۇن تاشلىۋەتسەم ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس-تۇيقۇلار بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن ئىدىم. قىزىرىشقا باشلىغان شەپەق نۇرى ئۆستەڭ سۈيىنى ئاجايىپ گۈزەل رەڭلەر بىلەن بېزىگەن ئىدى. جىگدە دەرىخىگە ئويۇلغان ئىسمىڭنى مىھرىم بىلەن ئاۋايلاپ سىلىدىم.‹‹قاچانمۇ كېلەرسەن ھە ئېرپان؟سېنى بەك سېغىندىم. مېنى سېغىنغانسەنمۇ؟››دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم. -سېغىنمامدىغان جېنىم رامىلە؟سېغىنمامدىغان؟ بىر كۈن كەلمىسەم سىزمۇ مىنى سېغىنىپسىزدە؟ ھېلىقى بەتبەشىرە ناكەس يېنىمدىلا ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇراتتى. چۆچۈپ كەتكىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم لاغىلداپ تىترەپ كەتتى-دە دەرھال بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ،ئۆستەڭنىڭ قارشى تەرىپىگە سەكرەپ ئۆتىۋېلىپ بار كۈچۈم بىلەن ۋارقىرىدىم. -يوقال ئىپلاس! ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولما! -قاچانغۇچە راست گېپىڭىزنى ئېيتمايسىز دەيمەن رامىلە؟! بۈگۈن بىر كۈن يېنىڭىزغا كەلمىسەم مېنى سېغىنىپ بۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئادەم ئەمدى نېمە ئۈركۈپ يۈرۈيسىز دەيمەن؟ ئۇ سەت ھىجاراپ مەن تەرەپكە ئۆتۈشكە تەمشىلىپ ئۆستەڭدىن ئاتلىۋىدى، مەن دەرھال قارشى قىرغاققا سەكرەپ ئۆتتۈم ۋە يول تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چوڭ يولغا قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە ئۇ ماڭا يېتىشىۋالدى ۋە بىلىكىمنى‹‹كاپپىدە›› تۇتۇۋېلىپ: -قاچماڭ دەيمەن نېمىگە قاچىسىز؟مەن سىزنى يەپ كېتەمتىم؟ ماڭا ماقۇل دەڭ ماڭا تىگىڭ بولامدۇ؟دەپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى. مەن بۇنداق سۆرىشىپ چوڭ يولغا چىقىپ قالساق ،يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بىزنى كۆرۈپ قېلىپ سۆز-چۆچەككە قىلىشىمدىن ئەنسىرىدىم ۋە ئۇنىڭغا: -مىنى قويۇۋەت! گېپىڭ بولسا ئەتە قىل!ۋۇ ئىپلاس!، دەپ قولىنى سىلكىۋېتىپ قېچىشقا تەمشىلىۋىدىم،ئۇ كۈچلۈك بىلەكلىرى بىلەن مېنى تېخىمۇ چىڭ قاماللاپ تۇتۇپ ئۆستەڭ بويى تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى. تىركىشىۋېرىپ كۆينىكىمنىڭ ئايىغىم ئاستىدا قالغان ئىتىكى‹‹جارتتىدە›› يىرتىلىپ كەتتى.بار كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭ بىلىكىنى قاتتىق چىشلىگەن ئىدىم،ئۇ‹‹ۋايجان››دەپلا قولۇمنى قويۇۋەتتى. مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ بار كۈچۈم بىلەن يول تەرەپكە قاراپ يۈگۈرىۋىدىم، بېشىمغا بىر نەرسە قاتتىق ئۇرۇلغاندەك بولدى-دە كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم.بېشىمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى، پۇتلىرىمنىڭ يەرگە سۆرەلگەندىكى ئېچىشىپ ئاغرىشلىرىنى ھىس قىلدىم ۋە ئۇنىڭ مېنى يەنە ئۆستەڭ بويى تەرەپكە سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ ئەنسىزلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغان بولساممۇ پۇتۇمدا پەقەتلا جان قالمىغاندەك ئىدى.قورقۇنۇشتىن تىترەيتىم،ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇراتتىم...ئۇ توپىغا مىلىنىپ ياتقان ئاجىز تېنىمگە تاشلاندى ۋە بويۇنلىرىمنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئاچ بۆرىدەك سۆيۈشكە باشلىدى.مەن ئاللاھنىڭ بۇ قارا قىسمەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن مېنى ساق-سالامەت قۇتۇلدۇرۇشنى تىلەپ نىدا قىلاتتىم. ‹‹پاللىدە›› يورۇغان يورۇقلۇقتىن ئۇ ھودۇقۇپ ئورنىدى تۇرۇپ كەتتى. مەن نىجاتلىققا ئېرىشكىنىمدىن ئالەمچە خۇش بولۇپ، كۆزلىرىمنى مىڭ تەستە ئاچتىم ۋە بېشىمدا ئىلىكتىر تۇتۇپ ماڭا يەۋەتكۈدەك نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ تۇرغان داداڭنى كۆرگىنىمدە، كۆز ئالدىم قايتىدىن قاراڭغۇلىشىپ ھوشۇمنى يوقاتقاندەك بولدۇم...
داۋامى بار... |