تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: سائادەت

ئايتۇغ-يامغۇر پەسلى‹‹پوۋېست››(تاماملاندى)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

57

ئەگەشكۈچى

6076

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2870
مۇنبەر پۇلى
3060
ئىشەنىچ
2870
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 19:24:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن مىنى  بۇ يىكايىڭىز ئۆزىگە رام قىلىۋالدى خاخا خاخا  يىزىپنام  تۈگتىۋېتىڭە  ئوقۇپنام ئارام ئالايلى  

باھا سۆز

سائادەت رەھمەت جانىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 12:42
ئۆزى ھەققىدە:كىمىكى قىلسا كىشىگە بىھۇدە غۇرۇر ئاياغ تۇۋېىدىن قۇمۇشتەك قۇرۇر! جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممسى تەھدىرگە تەئەللۇق ۋەياكى ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر!

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 02:28:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپامنىڭ شۇنچە تۇتۇۋېلىشلىرىغىمۇ قارىماي، يۈزۈمنى يۇيۇپلا ناشتىمۇ قىلماي ئىشقا ماڭدىم.سەن مېنى كوچا دوقمۇشىدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەنسەن.مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن:
-بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ رامىلە؟ نىمە بولدۇڭ؟چىرايىڭ بۈگۈن ئەجەپ باشقىچىلىغۇ؟دەپ ئالدىمغا تېز-تېز قەدەملەر بىلەن كىلىپ قوللىرىمنى تۇتتۇڭ.مەن:
-ياقەي شۇ سەن قايتىپ كەلگەندىكىن خۇشاللىقىمدا ياخشى ئۇخلىيالمىدىم.دەپ قىسقىلا جاۋاپ بەردىم.
ئۇ كۈنى نېمىلەر توغرىلىق پاراڭلاشتۇقكىن تاڭ،كاللامغا سېنىڭ گەپلىرىڭ پەقەتلا چۈشمەيتى.مەن پەقەت ساڭا دېمەكچى بولغان گېپىمنىڭ تۇنجى جۈملىسىنى نەدىن باشلاشنىلا ئويلىشاتتىم.داداڭنىڭ ئۇ ئىشلارنى ساڭا دېگەن-دېمىگەنلىكىنى بىلەلمەي پات-پات چىرايىڭغا بىرەر جاۋاپ ئىزدىمەكچى بولغاندەك سىنچىلاپ قاراپ قوياتتىم.ئىدارە ئالدىغا كېلەي دەپ قالغىنىمىزنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن يەنە كېچىككىنىمنى ھىس قىلدىم ۋە زور غەيرەت بىلەن ئېغىز ئاچتىم:
-ئېرپان ساڭا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.كەچتە ئوستەڭ بويىدا مېنى ساقلىغىن،كېچىكىپ قالما،ئۇ يەردىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم...
-ھازىر دېگىنە نېمە گەپ ئىدى؟ ئادەمنى تەقاززا قىلماي تېزرەك دېسەڭچۇ رامىلە؟!
-بۇ يەردە دېيىش ئەپسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىرەر ئىككى ئېغىز قىلغانغىلا تۈگەيدىغان گەپ ئەمەس.
-ئازراق بولسىمۇ دېگىنە؟!
ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزلىرىڭگە قاراپ خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم ۋە‹‹كەچتە دېيىشەيلى››دەپلا يۈگۈرگىنىمچە خىزمەت بىناسىغا كىرىپ كەتتىم.
ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا ئاكام ئىشخانىغا تېلېفۇن قىلىپ، ئاپامنىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى تېزدىن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا كېلىشىمنى ئېيتتى.
ئاپام قىزىلمۇچلارنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئۆگزىگە ئېلىپ چىقماقچى بولغاندا شوتا بالدىقىدىن تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن ئىكەن.تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاپامنىڭ پۇتى قايرىلىپ،يۇمشاق تۇقۇلمىلىرى ئازراق زەخمىلەنگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا چوڭ چاتاقمۇ يوق بولۇپ چىقتى.ئاپامنىڭ ئۇكۇللىرى تۈگەپ،ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە خېلىلا كەچ بولۇپ قالغان ئىدى. ئاپامنى ياتقۇزۇپ،دورىلىرىنى ئىچكۈزۈش ئۈچۈن ھويلىدىكى ئوچاق بېشىغا قايناقسۇ ئالغىلى چىققىنىمدا قىيا ئېچىقلىق دەرۋازا ئالدىدا تۇرغىنىڭنى كۆردۈم ۋە‹‹سەل تۇرۇپ چىقىمەن››دېگەن ئىشارىدە شەرەت قىلدىم.سەنمۇ چۈشەنگەندەك بېشىڭنى لىڭشىتىپ قويۇپ كەينىڭگە ياندىڭ.
ئاپام يىنىك تىنىپ ئۇيقۇغا كەتكەندىلا پەم بىلەن دەسسەپ ھويلا سىرتىغا چىقتىم. سەن دەرۋازىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى قويۇق دەرەخلەر ئارىسىدا ئولتۇرۇپ مېنى ساقلاۋاتقان ئىكەنسەن، مېنى كۆرۈپلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدىڭ.
-كەچۈرگىن سېنى ساقلىتىپ قويدۇم .دىدىممەن ئوڭايسىزلىق بىلەن.
-بىرەر ئىش بولدىمۇ رامىلە؟ سېنى ئۆستەڭ بويىدا شۇنچە ساقلىسام كەلمىدىڭ.
-چوڭ ئىش يوق،ئاپام يىقىلىپ چۈشۈپ،پۇتىنى قايرىۋاپتىكەن،ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بارغان،ئۇكۇللىرى تۈگەپ ئۆيگە قايتقۇچە ھايال بولۇپ قالدۇق.
-ھە،تەكشۈرتتۇڭلارمۇ؟ دوختۇر نېمە دەيدۇ؟ھازىر قانداراق؟
-ھەئە، پۇتى قايرىلىپ كېتىپتىكەن لېكىن ئۇستىخان ساق ئىكەن.ئۇخلاپ قالدى.
-ھەرنىمە بولسا ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلاپتۇ.ئەتىگۈچە كۈندۈزى ئۇنى يوقلاپ كېلىمەن.
-رەھمەت ساڭا، چوڭ ئىش بولمىغاندىكىن ئاۋارە بولمىساڭمۇ بولىدۇ.
-ياقەي نېمىگە ئاۋارە بولاتتىم.دېمىسىمۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاپاڭنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەھۋال سورىشىم كېرەكتە؟ بولمىسا قائىدە بىلمەيدىغان بالىكەن دەپ قىزىنى ماڭا بەرگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟ دېدىڭ سەن چاخچاق قىلىپ، مەڭزىمنى چىمدىپ قويۇپ.
شۇ ئەسنادا خېلىدىن بېرى بۇلۇتلار كەينىگە مۆكۈۋالغان ئاي ‹‹پاللىدە›› چىقىپ ئەتراپنى ئاپئاق يورىتىۋەتتى.سەن مىنى دەرەخلەرنىڭ سايىسىغىراق تارتىپ باغرىڭغا چىڭ باستىڭ. يىراقلاردىن قايسىبىر ئاشىقنىڭ ئېيتىۋاتقان مۇڭلۇق مۇھەببەت ناخشىلىرى ئاڭلىناتتى.ساي تەرەپتىن كېلىۋاتقان چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىغان ئاۋازىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ھازىر پۈتكۈل ئالەمدە تولۇن ئاي،سەن،مەن ۋە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈچى مۇھەببەت كۈيىلا مەۋجۇت ئىدى.كۆكرىكىڭگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرۇپ يۈرەك تىۋىشلىرىڭنى تىڭشىدىم.يۈرىكىڭ ناھايىتى تېز،كۈچلۈك ئەمما رېتىملىق سوقۇۋاتاتتى.يۈرىكىڭدىن ئۈنسىز چىقىۋاتقان تەخرسىز سۆيگۈ تىنىقلىرى مۇھەببەت كۈيى بىلەن بىرلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل،يېقىملىق بىر سىمفونىيە ياڭرىتىۋاتاتتى. بارماقلىرىمنى چىڭ سىقىمدىۋالغان ھارارەتلىك ئالقانلىرىڭدىن تارقاۋاتقان ئىللىقلىق پۈتۈن جىسمىمغا يامراۋاتاتتى.تىنىقلىرىڭدىكى چاراسلاپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردىكى ئوتنىڭ تەپتىدەك يېقىشلىق،قىززىق نەپەسلەر يۈزلىرىمگە ئۇرۇلاتتى...
ئاشۇ ئىللىق ئالقانلىرىڭ بىلەن ئېڭىكىمنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرىمگە مۇھەببەتلىك بېقىشلىرىڭدىن مەست بولغان ئىدىم.قىززىق لەۋلىرىڭنى لېۋىمگە ياققىنىڭدا پۈتۈن ئالەم ئۇنتۇلدى.مەن ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ ئاتەشلىك باغرىدا ھەقىقى مەناسى بىلەن سۆيۈلىۋاتاتتىم،سۆيۈۋاتاتتىم...
بىلىمنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىڭنىڭ ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ،كۆكسۈمگە يېقىنلىشىشىدىن ئەندىكىپ ئۆزۈمگە قايتتىم ۋە ئۆزۈم ئۇنچە خالاپ كەتمىسەممۇ قىزلارغا خاس ھوشيارلىق بىلەن باغرىڭدىن ئاستا ئاجرىدىم.
-مەن كىرىپ كېتەي،ئاكامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، دىدىم يىلىنىش تەلەپپۇزىدا پەس ئاۋازدا.
-كەچۈرگىن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قېلىۋاتىمەن.كۆڭلۈڭگە ئالما بولامدۇ؟دىدىڭ خىجىللىق بىلەن كۆزۈمگە ‹‹يالت››تىدە قاراپ قويۇپ،قاراشلىرىڭدىن خۇددى گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغان كىچىك بالىلاردەك سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
-ئەتە كۆرۈشەيلى،دىدىممەن سۆزۈڭگە جاۋابەن.
-ھەراست، ماڭا دەيدىغان گېپىم بار دەۋاتاتتىڭ نىمە ئىش ئىدى؟دىدىڭ سەن ئۆزۈڭنى بايىقى ئوڭايسىزلىقلاردىن ئوڭشىۋالغاچ. مەن بىر تەرەپتىن گېپىمنى نەدىن باشلاشنى بىلمىسەم يەنە بىر تەرەپتىن ئاكامنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىش ۋاقتىنىڭ بولۇپ قالغانلىقىدىن خاۋاتىرلىنىپ ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ قويدۇم.
-ھەراس! دىدىڭ سەن قايتىدىن جانلىنىپ،-ساڭا ئېيتىدىغان بىر خۇشخەۋەر بار!
-نىمە؟ نىمە خۇشخەۋەر؟
-دادام مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىمنى تەبرىكلەپ ئەتە ئۆيدە تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى،ساڭا بالدۇرراق خەۋەر قىلىپ قويۇشىمنى ئېيتقان ئىدى،باياتان نەچچە دەيمەن دەپ ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن.ئەتە ئىشتىن چۈشۈپلا بىزنىڭ ئۆيگە بارغىن جۇمۇ؟!
-بەك ياخشى بوپتۇ ئېرپان! ياخشىراق بىر تەبرىكلەيلى.يەنە كىملەر بارىدۇ؟
-دادام ئۆزۈڭ خالىغان دوستلىرىڭنى يىغ تازا بىر ئوينىۋېلىڭلار دىدى،ئەنسىرىمە ياتلار يوق ساپلا ئىككىمىزنىڭ دوستلىرى،ھە راست پەرھات بىلەن نىگارەلەرگىمۇ خەۋەر قىلىپ قويدۇم.ئۇ ئىككىسىنىڭ تويىغا قاتنىشالمىغىنىم ئۈچۈن شۇ باھانىدە كۆڭۈللىرىنى ئېلىۋالىدىغان بولدۇم-دە.
-ياخشى بوپتۇ ئېرپان! تازا ئوبدان مۇڭدىشىۋالغۇدەكمىز.
سېنىڭ ئەتىكى جەم بولۇشىمىزدىن ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىڭغا،ئىچ-ئىچىڭگە پاتماي قېلىۋاتقان خۇشاللىقىڭغا قاراپ تىلىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەن سۆزلىرىم تامىقىمغا چاپلىشىپلا قېلىۋاتاتتى.شۇ ئەسنادا ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلغۇم كەلمەيۋاتاتتى.
-ھە، ئەمدى سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلايمەن، دېگىنە نىمە ئىش ئىدى؟ دىدىڭ قايتىلاپ.
-ھېچ،..ھېچ ئىشقۇ يوق بولدىلا كېيىن دېيىشەيلى، دىدىممەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
-ۋاي دېگىنە ئادەمنى تەقاززا قىلماي؟ بىلىسەنغۇ ئەزەلدىن‹‹كىيىن دەپ بېرەي››دېسەڭلا ئاڭلىغىلى بەك ئالدىراپ كېتىدىغىنىمنى؟
-شۇ..شۇ ئاپام تويۇڭلارنى تېزرەك قىلىۋەتسەڭلار بولاتتى، دەپ ئالدىرىتىپ...
-ھا ھا ھا ۋاي شۇ ئىشمىتى ئومىقىم؟ مۇشۇ گەپنىمۇ شۇنچە مۇرەككەپلەشتۈرۋېتەمسەن؟مەن تېخى سېنىڭ دىيەلمەي بۇنچە قىينىلىپ كېتىۋاتقىنىڭغا قاراپ‹‹ساڭا تەگمەيمەن››دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن، ھا ھا ھا ھازىر كىرىپلا كەلگۈسى قېيىنانامغا ئېيت،توينىڭ تەييارلىقلىرىنى باشلىسۇن. قۇشۇلساڭ كېلەركى دۈشەنبە كۈنىلا توي خېتىنى ئالغىلى بارايلى.

38

تېما

57

ئەگەشكۈچى

6076

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2870
مۇنبەر پۇلى
3060
ئىشەنىچ
2870
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 06:04:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىرېنجى بولۇپ ئوقۇۋالدىم يانا ئوقۇيمەن مەن ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ ئاتەشلىك باغرىدا ھەقىقى مەناسى بىلەن سۆيۈلىۋاتاتتىم،سۆيۈۋاتاتتىم خاخا نىمە دىگەن تاتلىق جۈملىلە بۇ !!!!! خان كىچىچە يىزىپ يوللاپسىز بەك  چارچاپ كەتمەڭ  سىزگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى !!!!!!بىزمۇ ئالدىراتمايلى سىزمۇ چارچىمىغان ئاساستا يىزىپ  تۈگۈتۈڭ

باھا سۆز

سائادەت ماقۇل، رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 12:42
ئۆزى ھەققىدە:كىمىكى قىلسا كىشىگە بىھۇدە غۇرۇر ئاياغ تۇۋېىدىن قۇمۇشتەك قۇرۇر! جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممسى تەھدىرگە تەئەللۇق ۋەياكى ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر!

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
50
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
50
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:40:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رامىزاننىڭ بەرىكەتلىك ۋاقىتلىرىدىن بۇ تېمىڭىزغا ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ كىرىۋاتىمەن تاتلىق شائىرە.سىز دىمىگەنسېرى ھەجەپ جىددىلەشتىم مەن. ئىنسان دىگەن ھە،مانا مۇشۇنداق ئوچاقنىڭ ئازاپ ئوتلىرىدا بەزى مۇھاببەتلىك بەزىدە ئازابلىق كۆيىدىكەنمىز.ئەتىكى يىغىلىشىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى ئۈمۈت قىلىپ،ئۇيقۇنىڭ ئەسىرىگە باغلىنىپ تېمىڭىزدىن چىقىپ كەتتىم.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
50
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
50
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:19:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇججــــــــــــــــــــــــان....ۋۇتتان ئۇيقامنى تاشلاپ قۇيۇپ كىرسەم يامغۇرنىڭ تاتلىق ھىسلىرىنى سېغىنىپ مانا،نەگىمۇ كەتكەندۇ بۇ قىز ھىجران ئاتلىق تۇلپارغا مىنىپ.ياكى تاتلىق ھىسلىرىنى قەلەم بىلەن قۇچاغلاپ،ئېرپاننى چۈشەۋاتقانمىدۇ....؟ بوپتۇ ئۇخلىۋالسۇن،مەن ئاستــــــــــــــــــا چىقىپ كەتتىم.ئەمدى كىرگىنىمدە ئېرپانغا ئاۋۇ گېپىڭىزنى دەپ بولۇڭ ماقىمـــا....

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
50
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
50
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 16:30:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف،كۈندە بىر يوقلۇتۇپ مېنى .بۇ ئىككىسى نەگە كەتكەندۇ؟ ھەي ئېرپان... ئىۋۇ خېنىمنى ئۆيگە قويۇپ قويسىلا،كۈندە ئىشىك چەككۈزمەي ماقما؟

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
50
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
50
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 01:19:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بولمىدى،پەقەت بولمىدى جۇما...باشلىقىڭىزغا دەيمەن ئەمدى يازمىسىىڭىز...ئاتايىن بېرىپ.

باھا سۆز

سائادەت يېزىۋاتىمەن.بىر بۆلەك پۈتەي دىدى...  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 01:21

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 03:31:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەينى چاغدا نىمىشقا ئۇنچىۋالا جۈرئەتسىز بولۇپ كەتكەندىمەن ئېرپان؟!ئاشۇ كۈنى ساڭا يۈرۈكۈمدىكى ئەلەملىرىمنى ئېيتقان ۋە بۇ قارا قىسمەتنىڭ سايىسىنى سېنىڭ سەمىڭگە سالغان بولسام بەلكىم ئەتىسىدىكى ئۇ قاباھەتلىك بۆھتانلار ئالدىدا ئۇنچە ئاجىز كەلمىگەن،يالغۇز قالمىغان،سېنىڭ ھىمايەڭگە ئېرىشكەنمۇ بولار ئىدىم ھە؟!
ئەينى چاغدا بۇ ئىشلارنى سېنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان ئاشۇ زىياپەتتىن كېيىن ئېيتىشقا كېچىكتۈرگەنلىكىم ئۈچۈنلا ھەممىگە كېچىككەن ئىكەنمەن. سەندىن ئېرىشمەكچى بولغان تەسەللى،ھىمايىلەر ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ مەڭگۈ ئېرىشكىلى بولمايدىغان گۈزەل ئارزۇلارغىلا ئايلاندى...
كېچىچە ئەتە سېنىڭ ئۆيۈڭگە بارىدىغانلىقىمنى، دوستلار ئالدىدا بىر جۈپ بولۇپ ئولتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ ھاياجانلىنىپ، قايسى كېيىمىمنى كىيىشنى جەزىملەشتۈرۈپ بولالماي، تولا كىيىم يۆتكەپ ئەينەككە قاراپ چارچاپ ھالىمدىم كېتەي دىدىم.يېرىم كېچىلەردىن ئاشقاندا يېتىپمۇ يەنىلا ئىككىمىزنىڭ تويىنى تەسەۋۇر قىلىپ بەخت بۈشۈكىگە تەكرار بۆلىنىپ، شىرىن خىياللارغا غەرق بولۇپ، خۇشاللىقتا يەنە ئۇخلىيالمىدىم.
ئەتىسى ئىشخانىدا ئازراق ئارىسالدى بولىۋىدىم يەنە تاتلىق خىياللار قوينىغا ئەسرا بولدۇم ۋە كۈننىڭ تېزرەك كەچ بولىشىنى تىلىدىم. كەچتە ئۆيۈڭدىكىلەرگە قانداق سوۋغات ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ بېشىم قاتتى ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدىم.تەكچىدىكى يېڭىلا ئېچىلغان گۈللەرخۇشاللىقىمغا تېخىمۇ ھوزۇر قوشقان ئىدى. دېرىزىدىن كىرىۋاتقان سالقىن شامال، بەس-بەستە ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر مېنى يەنە گۈزەل خىياللار قوينىغا شۇڭغىتاتتى.. توۋا!!! شۇ مەھەلدە كۆزۈم نىمىنى كۆردى ھە؟!
سەن دەرۋازا ئالدىدا پۇزۇر كېيىنگەن بىر قىز بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇراتتىڭ،ئىككىڭلەرنىڭ نىمىلەرنى دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىيالمىغان بولساممۇ ئۇ سېنى تۇيۇقسىزلا قۇچاقلىۋالغىنىدا ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم!پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىن كىرگەن بىر ئاچچىق مېڭەمگە چىقتى!توۋا! بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟!ئۇ قىز كىمدۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىدەك مۇناسىۋەت بولسا ئۇ قىز كۈپكۈندۈزدىلا ئۇنى ئىدارە ئالدىغا ئىزدەپ كېلەرمىدى؟ ئەتراپقا قاراپمۇ قويماستىن، قىلچە ھېيىقماستىن قۇچاقلىۋالارمىدى؟
چۈشكىچە ئەقلى ھوشۇمدىن ئازايلا دەپ قالدىم. كاللامدىكى گادىرماچ خىيال،ئاچچىق ئەلەم، تۈرلۈك سۇئاللار مىنى ئاخشامدىن بېرىقى خۇشاللىقلىرىمدىن بىراقلا مەھرۈم قىلىپ ئازاپ دەرياسىغا تاشلىغان ئىدى...
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىمغىلا سېنى كۆردۈم.مەندە ساڭا قارىغۇدەك مادارمۇ قالمىغان ئىدى. سېنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئالدىڭدىن پەرۋاسىز ئۆتۈپ، دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتىم.
سەن چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يىيىش ئۈچۈن مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەنسەن. ئارقامدىن كىلىپ قوللىرىمغا ئېسىلىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىڭ.
-بولدى قىلىڭ ئېرپان! مىنى زادى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟ كۆز ئالدىمدىلا بىر قىز بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ قۇچاغلىشىپ يۈرگەن ئادەمگە قانداق ئىشىنىش مۇمكىن؟ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام كاشكى!سىزدىن ئۈمۈتسىزلەندىم!. ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي چوڭ كوچىدىلا يىغلاپ كەتكەن ئىدىم سەن تولىمۇ ئوڭايسىزلاندىڭ.
-ئاۋال گېپىمنى ئاڭلىغىنە؟ ئۇ قىز ھېلىقى مەن ساڭا گېپىنى قىلىپ بەرگەن قىز شۇ. ئۈرۈمچىدىكى تاغاملارنىڭ قىزى ،ئەتىگەن ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئىدارىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كىلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم.كەلگەنكەن ئالدىغا چىقىپ سالام بېرىشىم كېرەكتە؟ كىم بىلسۇن ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىقلارنى قىلىپ تۇرۋېلىشىنى...
بىرمۇنچە باتناش،قېيىداش ۋە چۈشەنچە بېرىشلارنىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتكەن بولدى.
-ئۇ قىز نىمىشقا تۇيۇقسىزلا كېلىدىغان بولۇپ قالغاندۇ؟ بىرەر مەقسەتتە كەلمىگەندۇ ھە؟ دەپ سورىدىم مەن ئاشپۇزۇلدا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ.
-مەن نەدىن بىلەي؟ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ كەلگەندۇ شۇ.
-سىزنى يوقلاپ كەلگىنى كۆڭلىڭىزگە ئايان تۇرۇپ گەپ يورغىلاتماڭە؟ دىدىم مەنمۇ قەستەن قېيىدىغان تەرىزدە.
-ھە ماقۇل، مىنى يوقلاپ كەپتۇ، لېكىن مىنىڭ يېنىمدا ئايدەك گۈزەل قىزدىن بىرسى ئولتۇرسا ئۇنىڭغا ئاشامتىم مەن؟ ھە راست ئۇنىڭ كەلگىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بوپتۇ، كەچتە ئۇنىڭ ئالدىدا پات يېقىندا تويىمىز بولىدىغىنىنى جاكارلاپ كۆڭلىنى جايىغا چۈشۈرۈپ قوياي.
-دىيەلەمسىز؟
-نىمىشقا دىيەلمەيمەن؟ بىر قىزنىڭ ئالدىدا دىيەلمىسەم ئەل-جامائەتنىڭ ئالدىدا ‹‹ئالدىم››دىيەلەمدىمەن؟
-چوڭ ئۆيگە نىمە ئېلىۋالسام بولار؟
-ۋاي جاپا تارتمىغىنە؟ بولدى بىرەر نەرسە ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولما.
-ئالايمۇ ئالمايمۇ، دەپ مەسلىھەت سالمىدىم سىزگە؟ نىمە ئالسام بولار دەۋاتىمەن، مەسلىھەت بېرىڭە سورىغانكىن...

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 03:36:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بارچىنىڭ كۆزى شۇنچە ھەشەمەتلىك راسلانغان سورۇنغا،داستىخاننىڭ شۇنچە موللىقىغا،توزدەك ياسىنىپ، گۈلدەك ئېچىلىپ ئولتۇرغان ماڭا ۋە چېھرىدىن بەختىيارلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان ساڭا ھەۋەس ۋە سۆيۈنۈش بىلەن تىكىلگەندە بىز بۇ بەختىيار مىنۇتلاردىكى ۋىسال دەملىرىدىن نەقەدەر ئىپتىخارلانغان ئىدۇق ھە؟!
پەرھات بىلەن نىگارەنىڭ يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەرگە خاس نازلىق چاخچاقلىرى،دوستۇڭ تۇرغۇننىڭ قىزىقچىلىقلىرى،ئابباسنىڭ گىتتارنى سايرىتىۋېتىشلىرى،گۈلگىنەنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرى...سورۇنىمىزنى ئەۋجىگە چىقارغان ئاشۇ پەيتلەردە سەن بىردەم-بىردەم ماڭا كۈلۈپ قاراپ قوياتتىڭ.ھەر بىر مىھىرلىك قارىشىڭدىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ،يۈرەكلىرىم ئويناپ كېتەتتى...
ئوغۇللار توختىماي ئىچىلىۋاتقان پىۋىنىڭ تەسىرىدىن خېلىلا قىزىپ قالغان بولۇپ،بارغانسىرى قىلىقلىرى چىقىپ، شوخلىشىپ كېتىۋاتاتتى.قىزلار بارا-بارا يىگىتلەر تەرەپتىن سۈرۈلۈپ بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ قىزغىن مۇڭدىشىشقا چۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق. پەقەت نەۋرە سىڭلىڭ رەنالا سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا تاۋى يوقتەك سەندىن كۆزىنى ئۈزمەي،قىزلارنىڭ گەپ-سۆزى، كىيىنىشلىرىگە مەنسىتمەسلىك ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن قاراپ قويۇپ ئولتۇراتتى...
ئېسىڭدىمۇ ئابباس بىلەن گۈلگىنە‹‹تۇنجى مۇھەببەت››دېگەن ناخشىنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشقان ئىدى. ھەممىمىز مۇزىكىنىڭ سىھىرلىك قاينىمىغا غەرق بولۇپ كەتكەن شۇ دەمدە كۆپچىلىك ئىككىمىزنىڭ تانسا ئويناپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. سەن ئالدىمغا كېلىپ ئەدەپ ۋە شوخلۇق بىلەن مېنى ئىگىلىپ تۇرۇپ تانسىغا تارتتىڭ...بىز لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ تانسا ئويناۋاتىمىز،يۈرەكلىرىمىز يەنىلا بىر-بىرىنىڭ رېتىمسىز سېلىشلىرىنى تىڭشاۋاتىدۇ،چېھرىمىزدە بەخت!لەۋلىرىمىزدە كۈلكە،سۆيۈنۈش!ئىپتىخارلىق!
دەل شۇ چاغدا كۆزلىرىم رەنانىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئادەمنى ئەندىكتۈرگۈدەك سوغۇق مۇدھىش نۇر چاقناپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئۈستىبېشىمغا مەنسىتمەسلىك ۋە ئەلەم بىلەن قاراشلىرىدىكى ھاكاۋۇرلۇق ۋە نەپرەتتىن تىنىم شۈركىنىپ كەتتى...
شۇ ئەسنادا، بىزگە سورۇننى ھازىرلاپ بېرىپ‹‹ئەركىن ئويناڭلار،بىز تاغاڭلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كىلەيلى››دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتكەن داداڭ تۇيۇقسىزلا شۇنچە قوپاللىق بىلەن ئىشىكنى ‹‹جالاققىدە››ئېچىپ كىرىپ كەلدى.ئوغۇللار پىۋا بوتۇلكىلىرىنى يىغۇشتۇرۇش بىلەن ھەلەك ئىدى. قىزلار بولسا ئوڭايسىز ھالدا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ داداڭغا سالام بەردى. ئىككىمىزمۇ ئويناۋاتقان تانسىمىزنى توختىتىپ، داداڭنىڭ سورۇنغا تۇيۇقسىزلا كىرىپ كەلگىنىدىن ئوڭايسىزلىنىش ۋە ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالغان ئىدۇق.
-دادا، يېنىپ كەلدىڭلارما؟ دىدىڭ سەن دەماللىققا بىرەر گەپ قىلىپ سورۇندىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن.
داداڭ جاۋاپ ئورنىدا ساڭا چەكچىيىپ بىر قاراپ قويۇپ،مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى ۋە يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا:
-خېنىم ئەمدى ئويۇنلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۋالامسىز؟دىدى.
داداڭنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى دەماللىققا ئاڭقىرالماي قالغان ئىدىم.
-مېنى ھەممە ئىشىمنى ئاشكارىلىۋەتمىسۇن دىسىڭىز چىرايلىقچە كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭ!ئەمدى بۇ ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلايمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ! دىدى زەردە بىلەن.
-دادا! بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ نىمىشقا ئۇنىڭغا بۇنداق ئازار بېرىسەن؟،گېپىڭ بولسا ھېلىغۇچە ئايرىم دېيىشەيلى.دىدىڭ سەن ھەيرانلىق بىلەن.
-نىمىشقا بۇنداق دەيدىغىنىمنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورا! دوستلىرىڭنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ چۈشۈپ كەتسە مەيلىكى مەھەللە جامائەتنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسەك بولمايدۇ!
مەن نېمە دىيىشىمنى بىلمەي قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم. نە تىلىمدا، نە پۇتلىرىمدا مىدىرلىغۇدەك مادار يوق ئىدى...
-قېنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورىمامسەن؟ سەن ئۈرۈمچىگە كەتكەندە ئۇ ئەكرەم تاتۇق بىلەن بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ، نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ؟خەقتىن ئاڭلىساققۇ ئىشەنمىسەك،مەن ئۇنىڭ ئۇ سولتەك بىلەن ئۆستەڭ بويىدا پومداقلىشىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن! بۇ ئۆزىنى بىلمەيدىغان يەنە خىجىل بولماستىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك بۇ ئۆيگە كىرىپ-چىقىپ يۈرىدۇ . يۈزى ئازراقمۇ قىزارمايدىكەن بۇنىڭ! بوپتۇ ئۆزىنى بىلىۋالار دەپ گەپ قىلمىغان ئىدىم. بۈگۈن بارغان مىھماندارچلىقتا شۇنچە خەقنىڭ ئالدىدا خەق مىنىڭ يۈزۈمدىن يۈزۈمگە نىمىلەرنى دېگىنىنى بىلەمسەن؟!

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
50
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
50
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 14:15:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا....بۇ بوۋاينىڭ تەرسالىقىنى .... ۋاي يۈرۈكۈم،يەنە قانچىلىغان چىن مۇھاببەتلەر ئەكرەمدەك بىنومۇس ئادەملەرنىڭ قولىدا ۋەيران بولغاندۇ؟ ....................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 22:42, Processed in 0.123669 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش