تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىگىسى: سائادەت

ئايتۇغ-يامغۇر پەسلى‹‹پوۋېست››(تاماملاندى)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 03:36:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-دادا! بۇ نىمە گەپلەر؟ مەن رامىلاگە ئىشىنىمەن!
-ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ماڭا ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ بېرىپ ئەكرەم تاتۇقتىن سوراپ باق!
داداڭ يەنە نىمىلەرنى دىدى بىلمىدىم، بېشىم قېيىپ يىقىلىپ چۈشەيلا دەپ قالدىم. پۇت-قووللىرىم بۇ ئەلەمدىن كەچكۈزدىكى ياپراقتەك تىترەيتى.تىللىرىمگە گەپ كەلمەيتى.كۆزلىرىمدىن توختىماي تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىم كۆينىكىمنىڭ ئالدىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. سورۇندىكى ھەممەيلەن بىردە داداڭغا بىردە ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارايتى.سەن سۇئال نەزىرىدە ماڭا قارىدىڭ! كۆزلىرىڭدىن مىڭلارچە سوئال ياغاتتى.بۇ قارىشىڭدىن نە مۇھەببەت، نە نەپرەتنى بىلگىلى بولمايتى...سېنىڭ شۈبھىي بىلەن قارىغان شۇ قارىشىڭ ھازىرغۇچە كۆز ئالدىمدا ئېرپان!
مەن ئۆيدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن. پەقەت چىقىپ كېتىش ئالدىدا زور غەيرەت بىلەن داداڭغا قاراپ تۇرۇپ‹‹مەن ئۇنداق شاللاق قىز ئەمەس، بۇنى ئېرپان بىلىدۇ،ئاللاھ بىلىدۇ!››دەپ يىغلاپ تۇرۇپ نىدا قىلغىنىم ئىسىمدە...
شۇ كېچە مەندىن ئەنسىرەپ كەينىمدىن يېتىپ كەلگەن پەرھات، نىگارە ۋە گۈلگىنەلەرگە يىغلاپ تۇرۇپ ھەممە ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردىم.ئۇلارمۇ مەن بىلەن تەڭ كۆز يېشى قىلدى.تەسەللى بەردى. پەرھات ئەكرەم تاتۇقنى ئىزدەپ بېرىپ ھىساپ ئالىمەن دەپ مېڭىۋىدى ئۇنىڭ ئاچچىقىدا ئىشنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئەكرەمنى ئىزدىسىمۇ كۈندۈزى ئىزدىشىنى ئۆتۈنۈپ تۇتۇۋالدۇق...
بىر كېچە-شۇنداق  كۆڭۈلسىز ئازاپ،پىغانلىق يىغا ۋە تەسەللى بېرىشلەر ئىچىدە ئۆتتى.پەرھات ماڭا‹‹ بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئويۇن باردەك قىلىدۇ، ھامىنى ھەممە ئىش ئايدىڭ بولىدۇ. ئېرپان ساڭا ئىشنىدۇ.ھازىرچە بۇنچە ئازاپلىنىپمۇ كەتمە ھېلىغۇچە ئېرپانمۇ چوقۇم سەندىن ئەنسىرەپ كېلىدۇ››دەپ تەسەللى بەرگەن ئىدى،لېكىن سەن كەلمىدىڭ.
ھەتتا ئەتىسى سەن دائىم ئىشقا بېرىش يولىدا مېنى ساقلايدىغان كونا جايدىمۇ سېنى ئۇچراتمىدىم...
مېنى ئىدارە ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ قايماقچى بولغان نىگارەلەر بىلەن خوشلىشىۋاتقىنىمدا سەن يېتىپ كەلدىڭ.سەن پەرھات بىلەن سوغۇقلا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ماڭا قاراپمۇ قويماستىن دەرۋازا ئىچىگە كىرىپ كەتتىڭ.
شۇ نەچچە كۈنگۈچە سېنىڭ ماڭا قارىماي يۈرۈشلىرىڭگە چىداپ بولالماي ئەقلىمدىن ئادىشايلا دىدىم.
-ئېرپان! مەن كەينىڭدىن يۈگرەپ زالغا كىرگەندە سەن پەلەمپەيگە قەدەم ئالغان ئىدىڭ.-نىمىشقا مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ باقمايسىز؟ بىزنىڭ ئىشىمىز مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ؟ماڭا ئىشىنىڭ بولامدۇ؟ مەن سىزگە بۇ ئىشلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرەي؟!
-سېنىڭ بۇنچىۋالا نومۇسسىز ئىكەنلىكىڭنى ئويلىماپتىكەنمەن! شۇنداق،ئىككىمىزنىڭ ئىشى تۈگىدى! سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق!
-ياق ئېرپان!مەندە گۇناھ يوق! مىنىڭ گېپىمنى بىر ئاڭلاپ بېقىڭ؟!
-بولدى! سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىغۇممۇ،چىرايىڭنى كۆرگۈممۇ يوق!
-ئېرپان!!!
سەن كەينىڭگە بۇرۇلدۇڭ:
-بەزى ئىشلارنى تىلغا ئالغۇم، يۈزۈڭگە سالغۇممۇ يوق ئىدى. مىنى مەجبۇرلاۋاتىسەن.سەن ماڭا يەنە نىمىنى چۈشەندۈرمەكچى؟ ئەكرەم بىلەن يۈرگىنىڭنىمۇ؟ئۇنىڭدىن قوساق كۆتۈرۈپ ئالدۇرۋەتكىنىڭنىمۇ؟
-نىمە؟ نىمە دەۋاتىسىز ئېرپان؟ كىم شۇنداق دەيدۇ؟!!! يالغان! ھەممىسى يالغان!
-ئۆمۈرلۈككە ۋەدىلەشكەن لايىقىڭ ئەكرەم ئۆز ئاغزى بىلەن دىدى.ساڭا بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئىسپات كېرەكمۇ؟
-ياق ئېرپان!ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ!ھازىرلا ئۇنىڭ قېشىغا بارايلى،ئۇ مەن بار يەردە دەپ باقسۇن.
-ئاتا-ئانامنىڭ، دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا سەتلەشكىنىم،ئۇ بىرنىمىنى ئىزدەپ بېرىپ دەككەمنى يىگىنىم ئاز كەلگەندەك بۇ سەتچىلىكىڭنى پۈتۈن ئەل-جامائەت ئالدىدا داۋراڭ سېلىپ، تېخىمۇ بەكرەك ياياي دەمسەن؟
-ئېرپان بۇنداق قىلماڭ! ماڭا ئىشىنىڭ!،يىغلاپ نالە قىلىشىمغا پەرۋامۇ قىلماي كېتىۋاتقىنىڭدىن ئالەمچە ئۈمۈتسىزلەنگەن بولساممۇ كاللامغا تۇيۇقسىزلا كەلگەن، ئۆزۈمنى ئاقلىيالايدىغان بىردىنبىر ئىشنى ئويلىغىنىمدا قىزلىق غورورۇمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئارقاڭدىن يۈگرەپ بېرىپ قوللىرىڭغا ئېسىلىۋالدىم:
-مەيلى ئەكرەم تاتۇق سىزگە نىمە دېگەن بولسۇن،دادىڭىز نىمە ئاڭلىغان ۋە نىمە دېگەن بولسۇن. ماڭا ئىشەنمىسىڭىز ھازىرلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتەيلى مەن تېخى قىز...كۆز ياشلىرىم سەلدەك ئاقتى. سەن كەينىڭگە بۇرۇلۇپ ماڭا شۇنداق نەپرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىدىڭكى بۇ قاراشلىرىڭدىن چۆچۈپ كەتتىم.
-كۆتۈر بۇنداق گەپلىرىڭنى!ماڭا دېمىگەن مۇشۇ يالغان گېپىڭلا قالغانمۇ؟ ساڭا ئىشىنىپ، سېنى چوڭ كۆرۈپ تولىمۇ خاتالاشقان ئىكەنمەن. ئەمدى بۇ ئويۇننى ئويناپ مىنى يەنە خاتالاشتۇراي دەمسەن؟سېنى ياخشى كۆرۈپ شۇنچە دۆتلۇك قىپتىكەنمەن.بۇرۇن بەزى ئەخلاقسىز قىزلارنىڭ ئويۇنىنى ئويناپ بولۇپ پۇل خەجلەپلا ساختا قىزلىق سالدۇرۇپ،ئەرلەرنى ئالداپ قاپقىنىغا دەسسەتكىنىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بۇ ئىشنىڭ مىنىڭ بېشىمغا كىلىشىنى، يەنە كىلىپ مەن ئىشەنگەن، مەن سۆيگەن قىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!سېنىڭ ئاشۇ كوچىدا ئەخلاقسىز قىزلاردىن پەرقىڭ بارمۇ؟ خوش!
سەن كەتتىڭ،مەن يۇم-يۇم ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرغان جايىمدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. ئىنساننىڭ بېشىغا مۇشۇنچىۋالامۇ دەرت-ئاھانەت كىلەرمۇ؟قىز بولغىنىم ئۈچۈن تۆھمەت ۋە سۈيىقەستنىڭ ئالقىنىدا شۇنچە يانجىلىمەنمۇ؟ مەن قانداق قىلىمەن؟ قانداق قىلغاندا سېنىڭ ئىشەنچىڭگە مۇھەببىتىڭگە قايتا ئېرىشەلەيمەن ئېرپان؟

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:41:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، مەن شۇنىڭدىن كىيىن سەندىن، تۇنجى سۆيگۈمدىن ئايرىلىپ قالدىم.بارچە ئازاپ-ئوقۇبەت، دەرت-ئەلەملەر، چىدىغۇسىز ئۇۋالچىلىقلار ئالدىدا كەچكۈزدىكى ئېچىلماي تۇرۇپلا ئۈششۈك تەككەن غۇنچىدەك سۇلدۇم.
بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئەكرەم تاتۇقنى شۇنچە ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىدىم.ئۇ خۇددى يەر يۈتىۋەتكەندەكلا ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان ئىدى.
نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزۈمنى خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئېلىپ قېچىش ئۈچۈنمۇ خىزمەتكە ھەممىدىن ئاۋال كىلىپ،كېيىن قايتاتتىم.چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ تاماققا چىققۇم كەلمىدى.تىگى يوق خىياللار،مىڭلىغان سوئاللار ئاجىزلاشقان نىرىپلىرىمنى قوچۇپ بىردەممۇ ئارامچىلىق بەرمەيتى.ئۈستەل تارتمىسىدىن ئىككىمىز بىللە چۈشكەن سۆرەتلەرنى ئېلىپ بىر-بىرلەپ كۆرۈشكە باشلىدىم.سەن بىلەن ئۆتكەن گۈزەل دەملەرنى شۇنچىلىك سېغىندىمكى،سۆرەتلەرنى كۆرگەنسىرى يۈرەكلىرىم پىچاق بىلەن قوچىغاندەك ئاغرىپ كەتتى.ئاھ! مانا بۇ بىز تېخى نەچچە كۈن ئاۋاللا چۈشكەن تويلۇق سۆرەت!‹‹راستىنلا خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ئىكەنسىلەر،بەختىڭلارغا كۆز تەگمىگەي››دېگەن ئىدى، سۆرەتخانىدىكى ئاكاش بىزگە مەستلىكى كەلگەن ھالدا. سەن مىھرىڭ بىلەن قوللىرىمنى تۇتقان شۇ مەھەلدە مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك قىز ھىساپلىغان ئىدىم...خىياللارغا ئەسىر بولۇپ ئولتۇرغىنىمدا ئىشخانا ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ سەن ئالدىراش كىرىپ كەلدىڭ! مەن چۆچۈش ۋە ھەيرانلىقتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
-ئېرپان!!!
-مەن ھەممىنى بىلدىم رامىلە.ساڭا ئۇۋال قىپتىمەن. مېنى كەچۈر!مىنى كەچۈر بولامدۇ؟
سەن يۈگرەپ كىلىپ قوللىرىمنى تۇتتۇڭ،كۆزلىرىڭدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم.سەن مىنى چىڭ قۇچاغلىدىڭ. مەن شۇنچە كۈندىن بېرى تارتقان ئازاپلىرىمنى بىراقلا چىقىرۋالماقچى بولغاندەك ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدىم. ئۆزۈمنى ھېچ تۇتۇۋالالمايۋاتاتتىم.تىلىم گەپكە كەلمەيتى. پەقەت سېنى چىڭ قۇچاغلاپ توختىماي يىغلايتىم.
-يىغلىما ئومىقىم!ھېلىمۇ سېنى كۆپ يىغلاتتىم.مىنى كەچۈر!ساڭا كۆزۈڭدىن تامچە ياش ئاقتۇرمايمەن دەپ بەرگەن ۋەدەم ئىسىڭدىمۇ رامىلە؟ ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى. يۈر، ھازىرلا توي خېتى ئالغىلى بارايلى!
سەن ياشلىرىمنى ئېيتىپ قولۇمدىن يېتىلىگىنىڭچە كېتىۋاتاتتىڭ.مەن سېنىڭ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇشۇڭنى، مىنى توغرا چۈشىنىشىڭنى تالاي تەسەۋۋۇر قىلغان،ئۇلۇغ ئاللاھتىن مۇشۇ كۈننىىڭ تېزرەك يىتىپ كىلىشىنى ھەردەقىقە تىلەپ كەلگەن ئەمەسمۇ؟ ئاللاھنىڭ راستىنلا ماڭا ئىچى ئاغرىغان بولسا كېرەك. سېنى يەنە ماڭا قايتۇرۇپ بەردى! ئاللاھقا مىڭ قەترە شۈكرى!
چوڭ يولغا چىقىشىمىزغا يەنە سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. سېنى مەھكەم قولتۇقلىۋالدىم.‹‹ئەمدى سېنى ھەرگىزمۇ قويۈۋەتمەيمەن ئېرپان!››دەپ پىچىرلايتىم ئىچىمدە.
كوچىدا ئالدىراش كېتىشىۋاتقان كىشىلەر بىزگە ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى.ئۈستىبېشىمىزغا چۈشۈۋاتقان يامغۇرنىڭ ھەرتامچىسى توي چاچقۇلىرىدەك گۈزەل ئىدى.
شۇ ئەسنادا قاياقتىندۇر ماشىنىنىڭ قاتتىق سىگنال قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.بىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ بولغۇچىلىكلا ماشىنا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يېنىمىزغىلا كىلىپ قالغان ئىدى.مەن نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچىلىكلا سەن مىنى بار كۈچۈڭ بىلەن ئىتتىرىۋەتتىڭ.ئاھ!!!بۇ ئىشلارنى قايسى كۆزۈم بىلەن كۆرەي ئېرپان؟!سەن قىپقىزىل قان ئىچىدە كۆزلىرىڭ ۋە لىۋىڭ يېرىم يومۇقلۇق ھالەتتە سۇنايلىنىپ ياتاتتىڭ.ئۆمىلەپ كىلىپ سېنى قۇچاغلىدىم،بېشىڭنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئەسەبىيلىك بىلەن ئىسمىڭنى توۋلاپ نىدا قىلدىم. سەن كۆزۈڭنى تەستە ئاچتىڭ ۋە‹‹سېنى سۆيىمەن رامىلە››دېگىنىڭچە بېشىڭ بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالدى...
-ئېرپان!!كۆزىڭىزنى ئېچىڭە ئېرپان! مىنى قورقۇتماڭ بولامدۇ؟ مىنى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاشلىۋەتكىنىڭ يېتىپ ئاشاتتىغۇ؟ مىنى يەنە تاشلىۋەتمەكچىمۇسىز؟ئاھ!!!ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنى مىنىڭدىن يەنە بىر رەت تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ياق!ياق! ئېرپان!ئېرپان!

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
50
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
50
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 17:05:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساراڭ قىزبالا...كۈندە يىغلىتىسىز مېنى. خۇشاللىقتىن يىغلاۋاتاتتىم ئېرپانىڭ قايتىپ كەلگىنىدىن،نىمە تۇيۇقسىز نەدىن كەلگەن ماشىنا بولدى بۇ...؟ لەنىتى....! يەنە شۇ ئەكرەم دىگەن ھېلىقى...نىمە دەپ تىللىسام بولا ....ئەشۇنىڭ ئىشىما يەنە؟

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

113

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
50
مۇنبەر پۇلى
65
ئىشەنىچ
50
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 16:34:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى قېنىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى؟

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 22:10:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچۈپ ئويغانغىنىمدا ئاۋازىم بوغۇلۇپ، كۆز ياشلىرىم ئۈستەل يۈزىنى ھۆلدىۋەتكەن ئىدى.پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ بايىقى چۈشنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئەسلىمگە كىلەلمەي خېلى ئۇزۇنغىچە كۆز يېشى قىلدىم...
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ئاغزىدىن سېنىڭ رەنا بىلەن تويۇڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالدىم.
نىمىشقا؟ نىمىشقا ئىككىمىزنىڭ ساپ مۇھەببىتى بۇنداقلا ئاخىرلىشىدۇ؟ نىمىشقا سەن ئۆزۈڭ قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ھەتتا يىرگىنىدىغان بىر قىزنى ئەمرىڭگە ئالماقچى بولۇپ قالدىڭ؟ ئەكرەم تاتۇق نىمە سەۋەپتىن ماڭا بۇنچە دۈشمەنلىك قىلىدۇ؟يەنە نىمىشقا ئۇ ئىز-دېرەكسىزلا يوقاپ كېتىدۇ؟ نىمىشقا مەن ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايمەن؟
دەسلىۋىدە مەن سېنىڭ مىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭنى ئەكرەم تاتۇقنىڭ توقۇپ چىققان ياۋىداقلىرىنى يۈز تۇرانە ساڭا ئېيتقىنىدىن،داداڭنىڭ ئۇ ئىشلارنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ كوچا-كويلارغا تارقىتىشلىرىدىن كۆرگەن ئىدىم. لېكىن ، شۇ كۈنلەردە سېنىڭ مېنىڭ چۈشەنچەمنى بىرەر قېتىم سەمىمىيلىك بىلەن تىڭشاپ باقمىغىنىڭنى، ئىشنىڭ ئەينىنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ باقمىغىنىڭنى، يەنە تۇيۇقسىزلا رەنا بىلەن توي قىلىش قارارى چىقارغىنىڭنى ئويلىغانسىرى‹‹يار يامانلىغانغا خۇش،مەن قوتۇلغانغا خۇش››دېگەندەك ئىشلىقىدىن گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. سېنى ‹‹ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلدىلا ئۆزگىرەپ كەتكەن، مەن بىلەن توي قىلغۇسى يوقلىغىنى ئۇچۇق ئېيتىشقا پېتىنالماي تۇرغاندا بۇ ئىشلارنىڭ بولغىنىنى سەۋەپ قىلىپ بىراقلا يۈز ئۆرىگەن بولسىچۇ؟››دەپ ئويلاپ قالدىم. بىلەمسەن ئېرپان دەل شۇنداق  ئويلىغانسىرى يۈرەك يارىلىرىم تەكرار تاتىلىنىپ، قاناپ كېتەتتى.بۇ ئىشلارنى ئەكرەم تاتۇقتىنمۇ،ئۆزۈمنىڭ جۈرئەتسىزلىكىدىنمۇ ياكى سېنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭدىن كۆرۈشنىمۇ بىلەلمەيلا قالاتتىم. زادى كىم سەۋەپچى؟ مەن نىمىنى خاتا قىلدىم؟دېگەن سوئال كاللامدىن بىردەممۇ نېرى كەتمەيتى.ھەتتا  نەچچە قېتىم چوڭ كوچىدا كېتىۋېتىپمۇ بۇ سوئاللارنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتىۋېتىپ ئەتراپىمدىكىلەردىن تولىمۇ ئۇيالغان، ئۆزۈمنى روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈپ بېقىشىنىمۇ ئويلىغان ئىدىم.
شۇ كۈنلەردىكى دەرت-ئەلەم،ئاھانەت ۋە كەمسىتىشلەر ئالدىدا مەن راستىنلا تۈگىشىپ كەتكەن ئىدىم. ئىدارىدە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىشارىلىك قاراشلىرى،دوستلىرىمنىڭمۇ ماڭا شۈبھىي بىلەن سەپسېلىشلىرى، مەھەللىدىكىلەرنىڭ سوغۇق نەزەرلىرى، ئانامنىڭ ۋە ئاكامنىڭ تاپا-تەنىلىرى...سېنىڭ ھەر بىر دوقۇرۇشۇپ قالغاندىكى مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۆتۈپ كىتىشلىرىڭ.كۆزلىرىڭدىكى نەپرەت ۋە تىنىمنى مۇزلىۋىتىدىغان مۇدھىش سوغۇق نۇرلار...
سېنىڭ توي باغىقىڭنى تاپشۇرىۋالغان كۈنى كەچتە ماڭا كەلگەن بۇ ئۇۋالچىلىقلارنىڭ، تەڭسىزلىكنىڭ،غېرىپسىنىش،چارچاشلارنىڭ بېسىمىغا ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىدىم. ئىشتىن چۈشۈپ ھارغىن قەدەىملىرىمنى، ئەلەملىك ئاجىز جىسمىمنى تەستە سۆرەپ دەريا بويىغا كەلدىم.كەچكى شەپەق نۇرىدىكى دەريا سۈيى تولىمۇ سۈرلۈك شاۋقۇن سۈرۈپ ئېقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىدىن چىقىۋاتقان كۈچلۈك ئاۋازلار خۇددى رىۋايەتلەردىكى دىۋىلەرنىڭ نەرە تارتىشلىرىدەك قورقۇنۇشلۇق ئىدى.
دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ خېلى ئۇزۇن ئويلاندىم. ئويلىغانسىرى ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.بارا-بارا كاللامدا ئويلىغۇدەك ھېچنەرسە قالمىغاندەك قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى. بۇ تىنچلىقتىن تېنىم ئارام تېپىپ قېلىۋاتاتتى. توغرا، ماڭا كېرىكى دەل مۇشۇنداق تىنچ-ئارامچىلىق! پەقەت كۆز ئالدىمدىكى ئاشۇ قاينامغا ئۆزۈمنى تاشلىساملا بارچە دەرت-ئەلەم، ئاھانەت، ئۇۋالچىلىق،مۇھەببەت-نەپرەت...ھەممە-ھەممىسى مېنى رەھىمسىز قوينىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ!
يېنىمدىكى نەرسە-كېرەكلىرىمنى قىرغاققا رەتلىك قويۇپ قويۇپ كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ كەچتىكى سالقىن ھاۋادىن كۆكرەك قەپىزىم تولغۇچە نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى دولقۇن قوينىغا ئاتتىم!ئۆزۈمنى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك بىر خىل راھەتلىك سەزدىم. مۇزدەك سۇ پۈتكۈل ئەزايىمغا شۇنچە خۇشياقتىكى بۇ تاتلىق سىزىمنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن سۇنىڭ ئۆزۈم ئەڭ چوڭقۇر دەپ پەرەز قىلغان تەرىپىگە قاراپ شۇڭغۇشقا باشلىدىم...

باھا سۆز

گۈلگۈل ئىرپاننىڭ ماشىنىغا سوقۇلغىنى چۈشىكەندە؟؟ئۇف...........  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 07:19

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 01:14:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىمگە كېلىپلا تىترەپ توڭۇپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم.كۆكسۈم يەنىلا چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى. كۆزلىرىمنى  خېلى كۈچەپ ئاران تەستە ئاچتىم.
كۆرگىنىم چاسا شەكلىدە تاشلانغان نەچچە پارچە ئوتۇن چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوچاق بولدى. ‹‹بۇ قەيەر؟مەن قانداق بولۇپ بۇ يەردە يېتىپ قالدىم. مەن دەريانىڭ دولقۇنلىرىغا ئۆزۈمنى تاپشۇرغان ئەمەسمىدىم؟››.
-ھەرنىمە بولسا ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز. بۇ تونۇشلا ئاۋازغۇ؟ كۆزلىرىمنى يېنىمدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان قارا گەۋدىگە يۆتكىدىم.ئاھ خۇدا! يېنىمدا ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرغىنى باشقا بىرى بولماستىن مىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغان قارا يۈز مەلئۇن-ئەكرەم تاتۇق ئىدى!
ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ئورۇنىۋىدىم،بەدىنىم تۇرماق ئۇنى تىللىماقچى بولۇپ ئۆمەللىگەن لەۋلىرىمنىمۇ مىدىرلىتالمىدىم.
-ھېچنىمە دېمەي ئاۋال بۇ قايناقسۇنى ئىچىپ ئازراق ئىسسىنىۋېلىڭ.ئۇ مەلئۇن بىر پىيالىنى ماڭا تەڭلەپ تۇراتتى. مەن بارچە نەپرىتىمنى كۆزلىرىمگە يىغىپ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ ياتاتتىم.
بىلەمسەن ئېرپان؟! كىشىڭ ھايات شۇنچە مۇرەككەپ ئىكەنكى بەزى ئىشلارنى ئويلاپ يىتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ھەيرانۇ-ھەس بولىدىغان، بەزى سىرلارنىڭ تىگىگە يېتەلمەي ئەقلى-ھوشۇڭدىن ئازىدىن ۋاقىتلىرىڭمۇ بولىدىكەن.مەيلى نىمىلا بولسۇن، ئاللاھ بەرگەن رېزقىڭ تۈگىمىگەن ئىكەن-چوقۇم يەنىلا ياشىشىڭ كېرەككەن،مەيلى ئۆزۈڭ خالا ياكى خالىما!
ئۇ بېشىمنى يۆلەپ تۇرۇپ ماڭا پىيالىدىكى سۇنى ئىچكۈزمەكچى بولىۋىدى، بەدىنىمگە تۇيۇقسىزلا نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن تاڭ ئۇنى جېنىمنىڭ بېرىچە ئىتتىرىۋىتىپ جەھلىم بىلەن ۋاقىرىدىم:
-يوقال ئىپلاس! ماڭا تەككۈچە بولما! سەن! ھەممىنى قىلغان سەن!  مىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمغا سەن سەۋەپچى! ئېيتقىنا زادى نىمە ئۆچۈڭ بار ئىدى مەندە بۇنچە قىينىغۇدەك؟ نىمە ئۈچۈن مىنى ۋەيران قىلماقچى بولىسەن؟ نىمە ئۈچۈن ئېرپانغا يالغان گەپ قىلىپ، مىنى قارىلايسەن؟ئەمدىلىكتە ئۆلىۋالاي دىسەممۇ ئۆلگىلى قويمامسەن؟ نىمىشقا؟زادى نىمىشقا؟!!!
-ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ رامىلە. مەن سىزگە كۆپ قەرزدار. بىلىمەن سىلەر مىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيسىلەر.قىلغانلىرىم ئۈچۈن ئاللاھمۇ مىنى كەچۈرمەيدۇ.مەن سىزگە بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىمەن.ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ تىڭشاڭ.
ئۇ بوقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى.شۇندىلا مەن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ چىقتىم. ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى چاتالمىغان قارىغاي دەرىخىدەك قالايمىقان ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، تېخىمۇ سۈرلۈك ۋە قورقۇنۇشلۇق تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى. كۆزلىرىمۇ ئۆچەيلا دەپ قالغان جىنچىراقتەك نۇرسىز پىلىلداپ تۇراتتى.‹‹ھە قېنى چۈشەندۈرۈپ باقە››دېگەندەك سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلدىم ئۇنىڭغا.ئۇ تاماكا قېپىنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ تاپقاندىن كېيىن تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق-قاتتىق نەچچىنى شورىۋالغاندىن كىيىن:
-مەن سىزنى ۋەيران قىلدىم رامىلە. سىلەرنىڭ بەختىڭلارنى ۋەيران قىلدىم،دەپ گەپ باشلىدى ئۇ،-بۇنىڭ سەۋەپچىسى مىنىڭ مەنپەئەت ئالدىدا ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان تويمىغۇر نەپسىم.مەن ئاشۇ نەپسىمنىڭ كەينىگە كىرىپ، شەيتاننىڭ چالغان دېپىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئوينىدىم. ئاقىۋەتتە ئاشۇ كىچىككىنە ماددى مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولساممۇ ۋېجداننىڭ سورىقى كېچە-كۈندۈز مىنى دارغا ئاسقىنىنى ئازدەپ مۇساپىرچىلىقنىڭ،يالغۇزلۇقنىڭ، ھەسرەت-نادامەتنىڭ،پۇشايماننىڭ قوينىدا پۇچۇلاندىم...بەلكىم بۇ گەپلەرنى سىزگە ئېيتىپ قويغىنىم ئۈچۈن بۇنىڭدىن كىيىن يەنە بېشىمنى ئېلىپ يىراقلارغا كىتىپ،مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ ئۆتەرمەن. مەيلى، ھېچبولمىغاندا ۋىجداننىڭ سورىقىدىن،ھەر كۈنى مېنى تەكرار باسىدىغان قارا چۈشلەرنىڭ قوينىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلارمەن...
مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان بەزى سۆزلەرگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتاتتىم. بىزنىڭ بەختىمىزگە زۇلمەت بۇلۇتىنى يايغان، مىنى شۇنچە قىيناپ ئارام بەرمەيۋاتقان ئادەم ئەكرەم تاتۇق ياكى باشقا بىرسى بولماستىن دەل سېنىڭ داداڭ ئىكەن ئەمەسمۇ ئېرپان؟
ئەكرەم تاتۇقنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ داداڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىكەن.نىگارەنىڭ تويى بولغان كۈنى ئۇ ئەتىگەنلىك نىكاھتىن يېنىپ ساتراچخانىغا كېتىۋاتقىنىدا داداڭ ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ،مىنىڭ تۇل خوتۇننىڭ قىزى،ئەخلاقسىز قىز ئىكەنلىكىمنى، كىلىن قىلغۇسى يوقلىقىنى شۇڭلاشقا بۇ ئىشنى ئوغلى سىزىپ قالمىغۇدەك بىر تەرەپ قىلىشىپ بەرسە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى،ئاۋال ئۇنىڭ مىنى ئىندەككە كەلتۈرىشىنى،باشقىلار ئالدىدا باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىشىنى ئېيتقانلىقىنى،ھەتتا ھېلىقى كۈنى ئۆستەڭ بويىدىكى ئىشنىمۇ داداڭنىڭ بىر قوللۇق پىلانلاپ بەرگەنلىكىنى،ئۇنىڭ دەريا بويىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭمۇ ھەرگىز تەساددىپىلىق ئەمەس ئىكەنلىكى،سەن ئۇنى ئىزدەپ بارغاندا ئۇنىڭ ساڭا دېگەن گەپلىرىنىمۇ داداڭنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئېيتىپ سېنى غەزەپ ۋە نەپرەتنىڭ ئوتىدا پۇچۇلاتقىنى ئۈچۈن داداڭنىڭ ئۈچ مىڭ يۇەن سۆيۈنچە بەرگىنى، كېيىن مىنىڭ سېنى ئىزدەپ بېرىشىمنى ئاۋال پەرەز قىلغان داداڭ ئۇنى ھۆكۈمەت ھىساباتىغا ساياھەت قىلىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى...
ئەكرەم تاتۇق ساياھەتكە بارغاندىن كېيىنمۇ كۆز ئالدىدىن سېنىڭ ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ياۋىداقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئازاپلىق، غەزەپلىك، نەپرەتلىك چىرايىڭ بىردەممۇ نېرى كەتكىلى ئۇنىماپتۇ.ئۇخلىسىلا چۈشىدە مەن ئۇنىڭ گېلىنى سىقارمىشمەن.ئۇ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ساياھەت قىلىپ ،كۆڭلى ئېچىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قاباھەتلىك چۈشلەر ۋە ۋىجدان ئازابىنىڭ چاڭگىلىدا ئۆتكۈزۈپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ ئۆزى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان سۆيگەن قىزى بار بولۇپ،ئۇنىڭ نامراتلىقى، يىتىملىكى سەۋەپلىك قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بۇ تويغا قوشۇلماي ئازاپتا پۇچۇلىنىپ يۈرىۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىكەن.ئۇ داداڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا دەل قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قىزىنىڭ تويىنى باشقا بىرى بىلەن قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان لېكىن قىز ئەكرەم تاتۇقنى ياخشى كۆرگەچكە بۇ تويغا ھەر قىسماپ بىلەن قارشى تۇرىۋاتقان مەزگىل ئىكەن. بۇنداق پەيتتە بۇ يەردىن ئايرىلىش ئەكرەم تاتۇققا نىسپەتەن سۆيگەن قىزىدىن،ئۆمۈرلۈك بەختىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدىكەن، شۇڭا ئۇ سەپەرگە چىقىشقا قوشۇلماپتۇ لېكىن داداڭ ئۇنىڭغا ھەرخىل بېسىم ۋە ھەيۋىلەرنى قىلىپ ، ۋاقىتلىق كۆزدىن يىراق تۇرۇشقا مەجبۇرلاپتۇ.ئۇ داداڭغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپتۇ. داداڭ ئۆزىنىڭ مەقسىدى ئىشقا ئېشىپلا قالسا، سېنىڭ رەنا بىلەن تويۇڭ بولغاندىن كېيىنلا ئەكرەمنىڭمۇ باش بولۇپ تويىنى ئۆزى قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئۇ ئامالسىز ئەھۋالدا يۇرتتىن ئايرىلىپتۇ.ئۇ مېڭىش ئالدىدا قىزنىڭ چوقۇم ئۆزىنى ساقلىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ قىزمۇ ئۇنىڭغا ئۇنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپتۇ.
ئۇ ئىچكىرىگە بېرىپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا قىزنىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋاپتۇ. قىز خېتىدە ئۇنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىلىق قىلغانلىقىنى، رامىلە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن خەۋەر تېپىپ تولىمۇ ئازاپلانغانلىقىنى،ئۇنىڭدەك ۋاپاسىز، تۇترۇقسىز ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنلىكىدىن ئۈمۈتسىزلەنگەنلىكىنى،ئەمدى ئۇنىڭدەك ئەرزىمەيدىغان بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆيىدىكىلىرىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرمەسلىك قارارىغا كەلگەنلىكىنى،چوڭلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئۇنى ئىزدىمەسلىكىنى ئېيتقان ئىكەن. شۇڭا ئۇ داداڭ بەلگۈلەپ بەرگەن، سېنىڭ بىلەن رەنانىڭ تويىدىن كېيىن قايتىپ كىلىش مۆھلىتى توشماستىنلا قايتىپ كەپتۇ ھەم قىزنى ئىزدەپ بېرىپ ھەممە ئەھۋالنى ئېيتىپ چۈشەندۈرۈپتۇ.قىز ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنى بىر كاچات ساپتۇ ۋە‹‹ئەسلى سېنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىيلىكىڭنى ياخشى كۆرەتتىم. بۇنچىلا ئىپلاس ئادەم ئىكەنلىكىڭنى ئويلاپ باقماپتىمەن.بىزمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا ئازاپ چېكىۋاتقان تۇرۇغلۇق باشقىلارنىڭ ساپ مۇھەببىتىگە قانداقمۇ زەھەرلىك قولۇڭنى سۇنغۇڭ كەلگەندۇ؟ سەن راستىنلا سۆيۈشۈمگە ئەرزىمەيدىكەنسەن!››دەپ ئۇنىڭدىن خوشلاشماقچى بوپتۇ. ئەكرەم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنى لېكىن بۇ ئىشقا پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى، قىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەكرار چۈشەندۈرۈپ يالۋۇرۇپتۇ.قىز ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى بىزگە تولۇق ئېيتىپ،كەچۈرۈم سوراش شەرتىنى قويۇپتۇ. ئۇ قىزغا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ داداڭغا يۇلۇقۇپ قالمىغان ئاساستا سېنى نەچچە كۈن ئىزدەپ بىرەر قولايلىق پۇرسەت تاپالماي ئاۋال ماڭا ئېيتىش قارارىغا كېلىپ ئاخشام ئىشتىن چۈشكىنىمدە ئىزىمغا چۈشكەن ئىكەن. ئۇ مىنىڭ دەريا بويىغا قاراپ كىتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ‹‹ئادەم يوق يەردە چۈشەندۈرەي››دەپ ئەگىشىپ بارغان ئىكەن.ئويلىمىغان يەردىن ئۇ مىنىڭ ئۆزۈمنى سۇغا ئاتقىنىمغا ئۈلگۈرۈپ بېرىپ قۇتقۇزىۋاپتۇ ۋە مومىسىدىن قالغان كونا ئۆيگە ئەكىلىپ ھوشۇمغا كىلىشىمنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەن.

باھا سۆز

ئالامەت: 3.0
گۈلگۈل ئادەمنىڭ سىرىتىغىلا قاراپ باھا بىرىشكە بولمايدىغانلىقى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 07:20
گۈلگۈل ئالامەت: 3
مۇشۇنداقمۇ دادا بولامدۇ؟؟؟ باشقىلارنىڭ ئىززەت -ئابرويى بىلەن ئوينىشىپ ..........  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 07:16

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:40:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرگە ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ كاللام قۇپقۇرۇق ئولتۇراتتىم.يىغلاشنى ياكى كۈلۈشنى بىلمەيتىم. ئۇنى تىللاشنى ياكى ھىسداشلىق قىلىشنىمۇ بىلمەيتىم...
تاملىرى زەيدەپ، ئۆرۈلۈپلا چۈشەي دېگەن، ئۆگزىدىكى توشۈكلەردىن غۇۋا ئاي نۇرى كىرىپ تۇرغان بۇ كونا ئۆيدە سۈكۈت ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى.سەل ئەسلىمگە كىلىۋالغاندىن كېيىن:
-ئەمدى بۇ گەپلەرنى ماڭا دېگىنىڭنىڭ نىمە پايدىسى؟ ئۆگۈنلۈككە ئېرپاننىڭ رەنا بىلەن تويى بولىدۇ. دىدىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىغاندەك بوش ئاۋازدا.
-ياق رامىلە، مەن ھازىرلا سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ ئېرپاننى ئىزدەپ بارىمەن. ئۇنىڭغا ھەممە ئىشنى ئېيتىمەن.سىز ئۆيدە ئۇنى كۈتۈڭ! ئۇ سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ. سىلەر يەنە بەختنىڭ قوينىغا قايتىسىلەر. مەنمۇ بۇ ئازاپلاردىن سۆيگەن قىزىمنىڭ نەپرىتىدىن قۇتۇلىمەن!
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىكنىڭ نۇرلىرى چاقناپ كەتتى-دە ئورنىدىن چەبدەسلىك بىلەن تۇرۇپ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.
مانا، ئۇنىڭ مىنى ئىشىكىمىز ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ‹‹سىز ئۆيىڭىزدە ئېرپاننى كۈتۈڭ،ئۇ چوقۇم ئالدىڭىزغا كەچۈرۈپ سوراپ كېلىدۇ››دەپ تېز قەدەملەر بىلەن كېتىپ قالغىنىغىمۇ بىر كېچە-كۈندۈز بولدى. شەنبە كۈنى  بولغاچ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق تەككەن زۇكامنىڭ تەسىرىدە ئۆيدىن تالاغا چىقماي يېتىپ سېنىڭ كىلىشىڭنى كۈتتۈم. مانا تاڭ ئاتسىلا سېنىڭ تويۇڭ بولىدۇ. سەن تېخىچە كەلمىدىڭ، دېمەك، سەن ئەكرەمنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەن ياكى داداڭنىڭ كەسكىن قارارىغا قارشى چىقالمىغان ۋە ياكى مەندىن ئاللىبۇرۇن ئۈمىدىڭنى ئۈزگەن بولغاچقا بۇ توينى ئەمەلدىن قالدۇرغۇڭ، مىنى ئىزدەپ كېلىشكە رايىڭ بارمىغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەكرەم ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان،داداڭدىن قورقۇپ سېنى ئىزدەپ بارمىغان ياكى ساڭا بۇ گەپلەرنى دىيىشكە مۇۋاپىق پەيت تاپالمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن...
ۋاقىت قىستاپ كەلگەنسىرى شۇنچە ئىنتىزارلىق بىلەن يولۇڭغا تەلمۈرەتتىم.ھەرخىل خىيال-پەرەزلەردە تىت-تىت بولاتتىم.سېنى ئىزدەپ بېرىش قارارىغىمۇ كىلەتتىم-يۇ سېنىڭ تالاي ئىزدەپ چۈشەندۈرۈشلىرىمگە تۇتقان سوغۇق مۇئامىلەڭ كۆز ئالدىمغا كەلگىنىدە يالتىيىپ قالاتتىم.
بىچارە ئاپام ئۈلۈشكۈن تاڭ ئاتارغا يېقىن قايتىپ كەلگەندىكى ھالىتىمگە قاراپ كۆز-يېشىنى توختىۋالالمىغان، ھازىرغۇچە پايپېتەك بولۇپ ئەتراپىمدا پەرۋانىدەك چۆگىلەپ يۈرگەن ئىدى. ئاخىرى ئاپامنىڭ قۇچىقىغا تاشلىنىپ تۇرۇپ دەرت-پىغان، يامغۇردەك تۆكىلىۋاتقان ياشلىرىمغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئازاپلىرىمنىڭ ھەممىنى  ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم.
-ئادەم دېگەننىڭ بېشىغا ھەرقانداق كۈن كېلىدۇ، دىدى ئاپام ياشلىرىمنى ئېيتىپ، باشلىرىمنى سىلاپ ئولتۇرۇپ،كۆرۈنۈشتە ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ماڭا تەسەللى بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلەتتى.-بوپتۇ بالام پۈتۈن ئالەم سېنى ‹‹قارا››دېسىمۇ مەيلى، سەن ئۆزۈڭگە، ماڭا‹‹ئاق›› شۇڭلاشقا بېشىڭنى تىك تۇتۇپ، مەيدەڭنى كېرىپ ياشا! پىشانەڭگە پۈتۈلمىگەن تەلەيدىن ئۈمىد كۈتمە، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدەك قارا قورساق،ئىچى ھىيلە-مىكىرگە توشۇپ كەتكەن ئىپلاس خەقنىڭ ئۆيىگە كىلىن بولۇپ بېرىپ قالمىغىنىڭمۇ سېنىڭ تەلىيىڭ. ئاللاھنىڭمۇ ساڭا ئىچى ئاغرىپ ئۇ دوزاقتىن ساقلىغان گەپ! ئېرپان دېگىنىڭ خېلى ئەقىللىق، قائىدە-يوسۇنلۇق بىرنىمىدەك كۆرۈنىۋاتاتتى،كىم بىلىدۇ ئۇنىڭمۇ دادىسى بىلەن گېپى بىرمۇ تېخى؟سەندىن قۇسۇر تاپالماي قويغان ئويۇنلىرىدۇر بەلكىم. ئۇ خەقنىڭ قولىدىن ھەر بالا كەلگۈدەك.جېنىم بالام ئاللاھنىڭمۇ ساڭا ئېيتقىنى باردۇر.شۇ تاپتا ئاۋۇ قارانىيەت كاززاپ قېرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ‹‹قىزىمنى بۇنچە ئانىي تاپىدىغان نىمە ھەققىڭ بار ئىدى، ئەل-جامائەت ئىچىدە ئۇنى ئاقارتىپ بەر››دەپ ياقىلىرىغا ئېسىلىپ، چاۋىسىنى چىتقا يېيىۋېتىپ كەلگۈم كىلىۋاتىدۇ. خەير، بوپتۇ قىز بالا دېگەن ئەزەلدىن سۆز-چۆچەككە يېقىن كىلىدۇ. بىلمىگەنلەر‹‹قىزىنى تاشلىۋېتىپ باشقىسى بىلەن توي قىلسا چىدىماي كىلىپ ئۇرۇشۇپ، يېپىشىۋاپتۇ››دىمىسۇن.ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ،ئۇلارنىڭمۇ يىغلاپ قالىدىغان كۈنلىرى كېلەر...

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0
گۈلگۈل ئىسىل: 5
جېنىم مۇشۇنداقلا تۈگىتىۋەتتىڭىزمۇ ؟؟؟؟ ئەتتىگەندە تازا يىغلىۋالدىمدە  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 07:15

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

755

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
317
مۇنبەر پۇلى
455
ئىشەنىچ
317
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 07:21:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا ئاخىرى باردەك ھېس قىلىۋاتىمەنغۇ؟؟؟ شۇنداقمۇ يا؟

44

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1779

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
638
مۇنبەر پۇلى
1039
ئىشەنىچ
638
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 14:30:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامنى ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان ئەزىزلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. پىكىر-تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىغايسىلەر.
ياق گۈلگۈل بۇ ئەسەر تېخى ئاخىرلاشمىدى. ئاللاھ خالىسا كەچتە يەنە داۋاملىق يېزىپ يوللايمەن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

44

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
36
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 12:06:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز، ئاخىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن، شۇنداقلا ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 23:10, Processed in 0.124917 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش