ئازاپلىق كۈتۈشنىڭ،زۇلمەتلىك ھېجراننىڭ قارا تۈنلىرى ئاستا-ئاستا سۈزۈلۈپ،سېنىڭ كېلەر ۋاقتىڭغىمۇ ئاز قالدى.(كېلەر ھەپتە يولغا چىقىمەن››دېگەن خېتىڭنى تاپشۇرىۋالغاندىكى خۇشاللىقىمغا نېمە يەتسۇن؟سۆيگۈ قىسسەلىرىدە ئوقۇغان ئاشىقىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ يۈرىكى سەكپارە بولغان مەشۇقلارنىڭ ۋىسال پەيتىنى كۈتىۋاتقاندىكى ھىسسىياتىنى قارا ھجران دەملىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەنلەر راستىنلا تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمىسە كېرەك.مېنىڭ سېنى سېغىنىشىم، كۈتىشىم،تەخرسىز تەقەززالىق بىلەن يوللىرىڭغا تەلمۈرىشىم رىۋايەتەردىكى سەنەم، شىرىن،لەيلى،ھۆرلىقا...لارنىڭكىدىن ئارتۇق بولسا ئارتۇقكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭكىدىن قېلىشمايتى ئېرپان! خۇددى سەن ئۇدۇل بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغاندەك جىددىيلىك بىلەن ھويلا-ئاراملارنى تۈجۈپىلەپ تازىلايتىم. ھېيت بولىدىغاندەك خۇشاللىق، قىزغىنلىق بىلەن بولۇڭ-پۇشقاقتىن تارتىپ ئەستايىدىل سەرەمجانلاشتۇرۇپ،سەن ئامراق كىيىملىرىمنى قايتا-قايتا يۇيۇپ دەزمال سالاتتىم.سېنىڭ ئالدىڭغا چىققاندا ئېيتىدىغان سۆزلىرىمنى ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەكرار پىچىرلايتىم.ئەينەكتىكى ئەكسىمگە قاراپ تۇرۇپ ساڭا قانداق تەبەسسۇم قىلىش، قايسى خىل ئىپادىدە سۆز باشلاش،قايسى تەرەپتىن قاراش...دېگەنلەرنى ئۆزۈمگە يارىغۇدەك مەشىق قىلىپ بولالماي ھېرىپ ھالىمدىن كېتەي دەپ قالاتتىم. ئېسىڭدىمۇ سەن كەلگەن ئاشۇ كۈنى سەھەردە مەن سەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھالرەڭ ئۇزۇن كۆڭلىكىمنى كىيىپ،چېچىمنى ئىككى تال ئۆرۈپ،ئالدىمغا تاشلاپ،ئۈستىگە نىپىز گاز ياغلىقىمنى چىگىۋالغان ئىدىم. بېكەت دەرۋازىسى ئالدىدا سېنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم.لېكىن، سەن كەلمەكچى بولغان ئاپتۇبۇستىكى ھەممەيلەن چۈشۈپ، ئاللىكىملەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ،قاياقلارغىدۇر تارقاپ بولغۇچىلىك سېنىڭ قاراڭ كۆرۈنمىدى. ‹‹نىمە بولغاندۇ؟ ئۇ نىمىشقا چىقمايدىغاندۇ››دەپ ئالاقزادىلىك بىلەن تۆت ئەتراپقا تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمدا يول بويىدىكى دەرەخنىڭ كەينىدە ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرغىنىڭنى كۆرۈپ شۇنچە ئۇيالدىمكى باياتىنقى تەلمۈرۈپ،ئىزدەشلىرىمنى كۆرۈپ تۇرغىنىڭدىن خىجىل بولۇپ، ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتىم ۋە ساڭا نارازىلىق بىلەن ھومىيىپ قويدۇم،ئۇنىڭغۇچە سەنمۇ ئاشۇ مەن تەشنا بولغان ئىللىق تەبەسسۇمىڭ بىلەن ئالدىمغا كېلىپ قوللىرىڭنى ماڭا ئۇزاتتىڭ... مەن كوچىدا ساڭا قولۇمنى بېرىشنى بىئەپ كۆرۈپ،قىسقىلا سالاملاشقاندىن كېيىن، دەرھال قولۇڭدىن سومكىلارنى ئالدىم. ئاسفالىت يولدا ياندىشىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا يەنە سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.ھېجران دەملىرىنى ئۇزۇتۇپ،ۋىسال شاتلىقىغا چۆمگەن پەيتلىرىمىزدە شادلىقىمىزغا جۆر بولۇپ ياغقان بۇ خاسىيەتلىك يامغۇر ھەر ئىككىلىمىزگە شۇنچىلىك ھوزۇر بېغىشلىدىكى،ھاياجاندىن توختىماي سۆزلەيتۇق.كۈلەتتۇق.بىر-بىرىمىزگە تويماي قارايتۇق... ئىدارە ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن سەن باشلىققا كەلگىنىڭنى ئېيتىپ قويۇپ ئۆيگە قايتىدىغان، مەن ئىشتىن چۈشكەندە ھېلىقى ئۆستەڭ بويىدا كۆرۈشىدىغانغا پۈتۈشۈپ ئايرىلىشتۇق. شۇ كۈنى كەچكىچە قولۇم تۈزۈك ئىشقا بارمىدى.سېنىڭ قايتىپ كەلگىنىڭدىن ئالەمچە خۇشاللىقتا يۈرىكىم شوخ تىپچەكلىسە، ھېلىقى ئەكرەم تاتۇق دېگەن ئىپلاس بىلەن بولغان ئىشنى داداڭنىڭ ساڭا مەندىن بۇرۇن ئېيتىپ سېنى خاتا ئويلاندۇرۇپ قويىشىدىن خاۋاتىرىلىنەتتىم. ساڭا ئۇ ئىشلارنى بۈگۈن كەچتىلا ئېيتىپ چۈشەندۈرۈش ياكى ۋىسال شادلىقىغا تولغان بۇ گۈزەل دەملەرنى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ تۇمانلىرىدا ياپماسلىق ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن كېچىكتۈرۈپ ئېيتىش مەسىلىسىدە تولىمۇ ئارىسالدى بولدۇم، ئىككىلەندىم.ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ئىشنى ساڭا بالدۇرراق ئېيتىش قارارىغا كېلىپ،ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ سېنى كۈتتۈم.سەن كېچىككەنسىرى يۈرىكىم ئاللىقانداق ۋەھىمىلەرنىڭ قوينىدا پۇچۇلىناتتى. ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈسىگە، چىن ۋەدىلىرىمىزگە تالاي رەت شاھىد بولغان جىگدە دەرىخىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىياللار قوينىغا ئەسرا بولۇپ كېتىپتىمەن. كۈچلۈك بىر قولنىڭ بېلىمنى ئاستا قۇچاقلىشىدىن شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ كەتتىمكى ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىۋەتتىم. |