كۆرۈش: 6579|ئىنكاس: 4

بىزنىڭ يۇرتنىڭ قېتىقى (راۋاب قوشىقى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1214
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 00:31:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                      بىزنىڭ يۇرتنىڭ قېتىقى
                                          (راۋاپ قوشىقى)
      ھاپىز ھاكىم (سايرام بازارلىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ پىنسىيونېرى)
                   ئا : (داپنى كۆتىرىپ سەھنىگە ئىتتىك كىرىدۇ)
                   ب : (ئارقىدىن راۋاپنى كۆتىرىپ كىرىپ) : ھەي ئاداش، توختاڭلار، توختاڭلار. ( ئىككىسى سالاملىشىپ) ھەجەپ ئالدىراش مېڭىپسىلەر، قاياققا ماڭدىڭلار؟
                   ئا : ھەي ئاداش، بازىرىمىزغا ئاپتونۇم رايۇندىن رەھبەرلەر، فىراففېسۇرلار كېلىپ، يۇرتىمىز سايرامنىڭ قېتىقىنى تەكشۈرۈپ، يېشىل يىمەكلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ماركا بەرسە بولغۇدەك دەپ يوقۇرى باھا بىرىپتۇ. ھازىر كەنتتە يىغىن ئېچىلغۇدەك. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، خوشاللىقتا ئىتتىك ماڭدىم، ئاداش.
ب : ھەي ئاداش، مەنمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، مۇشۇ راۋابىم بىلەن مۇشۇ خوشاللىقنى قوشاق قېتىپ، بىر كۈيلەپ كېلەي دەپ ماڭدىم.
                   ئا : ھەي ئاداش يولىمىز بىر ئىكەن. قېنى ئالدى بىلەن مۇشۇ يەردە بىر كۈيلەپ باقمايلىمۇ؟
                   ب : شۇنداق قىلايلى ئاداش. (بىرلىكتە مۇزىكى ۋە قوشاقنى باشلايدۇ).
                   1 . ئۈرۈمچىدىن مېھمان كەپتۇ سايرام دىگەن ئايماققا،
                   يىگىتلىرى تويمايدۇ قېتىق بىلەن قايماققا.
                   2 . مەن سايرامدىن كەلگۈچە، ئارىلاپ ئۆتتۈم ئايماقنى،
                   چوكانلىرى ئوخشىتىدىكەن قېتىق بىلەن، قايماقنى.
                   3 . يېڭى ئۆستەڭنى كىم چاپقان؟ دېھقان بالىلىرى ئىىشچان،
                   بىزنى بۇنچە كۆيدۈرگەن قېتىقچى قىز زەينەپخان.
                   4 . بىزنىڭ مەللە بېدىلىك، ئۆپچۆرىسى سېدىلىك،
                   قايماق چاينى ماڭا تۇتتى، گېپى تاتلىق مېزىلىك.
                   5 . ئىشىك ئالدى كۈدىلىك، سەيلىمىسەڭمۇ سەيلىگلىك،
                    ئۆي-ئۆيلەرگە كىرسىڭىز قېتىق-قايماق تەيلەگلىك.
                   6 . كەڭرى كەتكەن ئوتلاقتا ئوتلايدۇ مال-چارۋىلار،
                   ھەممە ئۆيدە ئوخشايدۇ سۈتلۈك قايماق، قەنت چايلار.
                  7 . ئىسسىق تومۇز ئاپتاپتا، چىدالمايسىز ئىسسىقتا،
                   دوغاپ، راخاپ، مارۇژنى راھەت بىرەر تىنجىقتا.
                   8 . قېتىق، قايماق، سېرىق ماي ئىسىل يېشىل يىمەكلىك،
                    سالامەتلىك، ھاياتلىق ئىنسانلارغا كېرەكلىك.
                   9 . كالا قېتىقى دەيدۇ، ئۆچكە قېتىقى دەيدۇ،
                    ھەر خىل كېسەل، بىمارغا شىپالىق دورا دەيدۇ.
                   10 . كېلىپ تۇرۇڭ مېھمانلار، قارشى ئالار دېھقانلار،
                   سايرام قېتىق، سۈتىدىن يۇرتقا ئالغاچ كېتىڭلار.
                    ئا : ھەئە، شۇنداق ئاداش، ھازىر كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يوقۇرىلاپ، يىمەك-ئىچمىگى ياخشىلانغانلىقتىنمىكىن قان تومۇر قېتىش، قان قويۇقلۇق، يوقۇرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپىيىپ، كىشلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋىپ يەتمەكتە. مانا مۇشۇنداق كېسەللىكلەرگە يۇرتىمىز سايرامنىڭ قېتىقى شىپالىق دورىكەن.
                     ب : راست ئاداش، باش قېيىش، ئىسسىق ئۆتۈش، ئۇيقىسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ ناھايتى شىپا قىلىدىكەن دەيدۇ.
                     ئا : باي بولۇش، ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشتە تېخى ئىقتىسادىي ئۆنۈمى يوقۇرى دەڭلار.
                      ئا، ب : (بىرلىكتە) شۇنداق ئاداش. (كۆپچىلىككە سالام بىرىپ، ئاخىرقى قوشاقنى تەكرارلاپ، سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ).


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
بىلگئەر + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5 تىللا + 5  باھا خاتىرىسى

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 13:01:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ راۋاپ قوشىقى بەكمۇ ياخشى ئىكەن. مۇمكىن بولسا ئاۋازلىق يوللىسىڭىز.  


Rank: 6Rank: 6

تىللا
779
تۆھپە
483
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 14:12:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاۋازلىق نۇسخىسى يوقما مۇمكىن بولسا بىرگە قوشۇپ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1246
تۆھپە
893
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 15:40:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازلىق قىلىپ تەييارلىسىڭىز بوپتىكەن .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
3026
تۆھپە
871
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 16:25:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەپىتىس قىلىپ سەھنىگە ئېلىپ چىقسا بولامدۇ نىمە


سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!
بارمۇ مىكروبىلوگى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 10:12, Processed in 0.076231 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991