كۆرۈش: 5848|ئىنكاس: 3

«ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى سايرام بازىرىدىكى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1214
تۆھپە
700
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 11:22:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش » پائالىيىتى سايرام بازىرىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

      يېقىندا ، باي ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان باي ناھىيەلىك 10-نۆۋەتلىك «يېزا-كەنت 100 كۇنلۇك مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيىتى» سايرام بازىرىدا كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .
     سايرام بازىرىنىڭ قايناق بازار كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت ، مەدەنىيەت-تەنتەربىيەگە تولىمۇ ھېرىسمەن، سەنئەتخۇمار دېھقان-چارۋىچىلارنى تولىمۇ خوشال قىلىۋەتكەنىدى . 1000 گە يېقىن تاماشىبىن پائالىيەت مەيدانلىرىنى قورشىۋالغان بولۇپ ، ئارغامچا تارتىشىش  ، زېھىن سىناش ، قانۇن تەشۋىقاتى ، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ، كىنو قويۇش، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش ، پەن-تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى پائالىيەتتىن ھەقسىز بەھرىمان  بولغان دېھقان-چارۋىچىلار تولىمۇ خوشال كۆرۈنەتتى . ھەر بىر نومۇر ئاخىرىدا توختىماي چاۋاك چېلىناتتى. بولۇپمۇ زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدا ، نەق مەيداندا مۇكاپات بۇيۇمىنىڭ تارقىتىلىشى ، تاماشىبىنلارنىڭمۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشى پائالىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۇرىۋەتتى . تۆت سائەتچە داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتە، قانۇن تەشۋىقاتى ئاڭلىغانلار 900 (  قېتىم ) غا ، قانۇندىن مەسلىھەت ئالغانلار 89 نەپەرگە ، پەن-تېحنىكىدىن مەسلىھەت ئالغانلار 113 ( قېتىم) غا ، ھەقسىز كېسەك كۆرسەتكەنلەر 72 ئادەمگە ، تارقىتىلغان قانۇن ۋە پەن-تېخنىكا تەشۋىقات ۋەرەقى 4980 پارچىغا يەتتى . پائالىيەت ئاخىرىدا ئوپچە مەشرەپتە 200 گە يېقىن دېھقان-چارۋىچى مەيدانغا چۈشۈپ، ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن ئارتىستلار بىلەن قانغۇچە ئۇسسۇل ئويناپ ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن تولىمۇ رازىمەنلىگىنى ئىپادىلىدى . سۇرەتتە : پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر سەنئەت.jpg
مەشرەپ.jpg
مەشرەپ2.jpg
كىتاپ.jpg
كىتاپ2.jpg
پىلانلىق تۇ.jpg
دوحتۇر2.jpg

بارمۇ مىكروبىلوگى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1446
تۆھپە
946
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 15:21:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يوللاپ تۇرساق بولغۇدەك...


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1320
تۆھپە
796
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 22:43:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىياز ، كۈز پەسىللىرىدە ھەممىلا يېزىلارغا ‹‹ ئۈچ ›› نى يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەن ، ياخشى ئىش ئىكەن بۇ .


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2260
تۆھپە
891
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 00:38:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى خەۋەر ئىكەن. باي ناھىيلىك ھۆكمەت راستىنلا تەدبىرگە باي ئىكەن. بۇ شىنجاڭنىڭ باشقا ناھىيلىرىدىمۇ بار ئىشمۇ ياكى شۇ بايراق باي ناھىيسىدىلا بولدىغان گەپمۇ؟ باشقا ناھىيدىكى دوستلار سىلەردىمۇ باردۇ ئۇنداق پائالىيەت؟.... سىلەرنىڭمۇ شۇنداق بولسا نېمە دېگەن ياخشى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-30 15:36, Processed in 0.079196 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991