ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش : ماركو پولو جۇڭگوغا بارمىغان!
«ئاسىيا كىندىكى» دىن تەرجىمە قىلغۇچى ئەركمان
تارىخ كىتابلىرىدا ماركو پولو دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ئېكىسپېدىتسىيەچى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ قۇبلاي دەۋرىدە جۇڭگوغا بارغان مەشھۇر چەت ئەللىك دوست، دەپ تەرپلىنىدۇ. ھالبۇكى، ناۋادا ئۇ قىپقىزىل ئالدامچى بولۇپ، تالاي يۈز يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن ئۇ ھەقتىكى ئىش-ئىزلار يالغان بولۇپ چىقسا، قانداق بولۇپ كېتەر؟
ئىتالىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا»گېزىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ناپولى (بۇ ئىتاليانچە نامى، ئىنگلىزچە نامى ‹ناپلېس›)ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داننىس پېتىلىرا باشچىلىقىدىكى ئارخېئولوگىيە گۇرۇپپىسى ئىتالىيەدە چىقىدىغان «تارىخقا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۆزىنى جۇڭگو ۋە يىراق شەرققە بېرىپ نەچچە يىل ياشىدىم، دەپ ئاتىۋالغان ۋېنىتسىيەلىك بۇ تەۋەككۈلچى ئەمەلىيەتتە ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ قارادېڭىزدىن ئۆتۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ تالاي يۈزيىللاردىن بېرى تارقىلىپ كەلگەن ئېكسپېدىتسىيەلىك ئىش-ئىزلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيەسى ھەققىدە بىلىدىغان سودىگەر دوستلىرىدىن ئاڭلىۋالغانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، كېيىنچە ماركو پولو بۇ ‹ئىش-ئىزلار› نى توپلاپ كىتاب قىلىپ يازغان ھەمدە 1271-يىلىدىن 1291-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگودا ياشىدىم، دەۋالغان، ئۇ يەنە تېخى ئۆزىنى شۇ چاغدىكى جۇڭگو پادشاھى قۇبلاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولدۇم، دەۋالغان» دەيدۇ.
ياپونىيەنى تەتقىق قىلىۋاتقان بۇ ئارخېئولوگىيە گۇرۇپپىسى ماركو پولو خاتىرىسىدىن نۇرغۇن نۇقسانلارنى بايقىدى.
1. تارىخىي پاكت بىلەن بىردەك ئەمەس
ماركو پولونىڭ 1274-يىلى ۋە 1281-يىلى قۇبلاينىڭ ياپونىيەگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى خۇسۇسىدىكى خاتىرىسىدە تارخىي پاكتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن جايلار بار.
بۇ ھەقتە توختالغاندا پروفېسسور داننىس پېتىلىرا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ (ماركو پولو) ئىككى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقنىڭ تەپسىلاتىنى ئالماشتۇرۇپ، قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن، ئۇنىڭ خاتىرىلىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىدە، يۈەن سۇلالىسى فلوتى كورېيەدىن يولغا چىقىپ ياپونىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا بارغىچە ئىككى قېتىم تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئەمما پاكت ئۇنداق ئەمەس، تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمى 1281-يىلى يۈزبەرگەن. ئۇ ئۆز خاتىرىسىدە بۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم، دەپ يازىدۇ، ئەگەر بۇ راست بولىدىغان بولسا، ھەرگىزمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقتنى قانداقمۇ يەتتە يىل ئالدىغا سۈرۈۋېتىدۇ؟».
بۇنىڭدىن باشقا، ماركو پولونىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ فلوتىنى تەسۋىرلىگەن خاتىرىسى بىلەن ئارخېئولوگلار ياپونىيەدىن تاپقان قالدۇقلار زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئۇ كىتابىدا يۈەن سۇلالىسىنىڭ كېمە ماچتىسىنى بەش تال، دەيدۇ، ئەمما قالدۇق تېپىندىلاردا ئۈچ تال ماچتا بار.
2.فارسچە ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن
پروفېسسور داننىس پېتىلىرا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ (ماركو پولو) قۇبلاي فلوتىنى تەسۋىرلىگەندە، ‹چۇنام› دېگەن فارسچە ئاتالغۇ بىلەن فلوت كېمىلىرىنى سۇنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلايدىغان ئاسفالتنى ئىپادىلىگەن، بىز خەنزۇچە ۋە موڭغۇلچە ‹چۇنام› دېگەن سۆزنى تاپالمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، فارس تىلىدىكى ‹چۇنام› دېگەن سۆز ‹ئاسفالت› دېگەن سۆز ئىكەن. ئوخشاشلا غەلىتىلىك شۇكى، ئۇ موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن يەر ناملىرىنى فارسچە ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلىگەن.
3.تارىخىي كىتاب-مەنبەلەردە ماركو پولونىڭ نامى ئۇچرىمايدۇ
ماركو پولو ئۆزىنى قۇبلاي ئوردىسىدا ئەلچى بولدۇم، دەيدۇ، ئەمما ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن موڭغۇلچە ياكى خەنزۇچە تارىخىي كىتاب-يازما مەنبەلەردە ئۇنىڭ (ماركو پولونىڭ) ئىسمى زادىلا ئۇچرىمايدۇ.
4.خاتىرىلىگۈچى خاتالاشقان بولۇشىمۇ مۇمكىن
«ماركو پولو ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن بۇ كىتابتا ماركو پولو جۇڭگودىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندە زىندانغا تاشلانغان، ماركو پولو بۇ ۋەقەلەرنى ئاغزاكى بايان قىلىپ بەرگەن، پىززا دېگەن بىر زىنداندىشى خاتىرىلىگەن، دېيىلگەن. شۇڭا، نۇرغۇن نۇقسانلارنى پىززا سادىر قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
5.بۇرۇنلا بەزىلەر گۇمان قىلىشقان
1995-يىلى، ئەنگلىيەلىك ئالىم، دوكتور ۋۇ فاڭسى ئۆزىنىڭ «ماركو پولو ھەقىقەتەن جۇڭگوغا بارغانمۇ؟» دېگەن كىتابىدا ماركو پولونىڭ جۇڭگوغا بارغانلىقىدىن گۇمانلانغان ھەمدە ئۇ قارادېڭىزنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسى پەقەت بىر سەيياھنىڭ ئاغزاكى بايانى، دەپ قارىغان.