ئەزەربەيجانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
ئەزەربەيجان __ ئاسىيا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسىگە چېگرىداش بولغان جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىغە جايلاشقان گۈزەل نېفىت دۆلىتى. يەر كۆلىمى 80مىڭ 660 كۋادرات كىلومېتىر. شەرق تەرىپى كاسپى دېڭىزىغا يانداش، جەنۇب تەرىپى ئىران ، تۈركىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى روسىيىگە قوشنىداش. غەرب تەرىپىدە گروزىيە ۋە ئەرمېنىيە دۆلىتى بار. يېرىنىڭ 50 پىرسەنتى تاغلىق يەر شەكلى، كىلوماتى ئۆزگىرىشچان. پايتەختى باكو ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سىياسىي مەركىزى بولۇپ، داڭلىق نېفىت شەھىرى. ئەزەربەيجاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولۇپ، نېفىت يەر قاتلىمىغا بەك چوڭقۇر جايلاشمىغان، ئارىلاشما ماددىلىرى بىرقەدەر ئاز، ساپلىقى يۇقىرى. پۇل بىرلىكى مانات. ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى 1991 _ يىل 8 _ ئاينىڭ 30 _ كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
ئەزەربەيجانلار ئەزەربەيجاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. ئەزەربەيجاننىڭ نوپۇسى 8مىليون 246مىڭ (2003 -يىل 10ئايدىكى ستاتىستىكا) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەربەيجانلار 77.3پىرسەنتنى، ئەرمەنلەر 5.5 پىرسەنتنى، رۇسلار 5.2 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. گىروزىيە، ئەرمېنىيە، ئۆزبېكىستان، ئىران، ئىراقتىمۇ ئەزەربەيجانلار بار. ئەزەربەيجانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەزەربەيجان تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى ئوغۇز تىلى تارمىقىغا تەۋە. رۇس تىلىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان، سلاۋىيان يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئىراندىكى ئەزەربەيجانلار ئەرەب يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى جەنۇبىي كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئاھالىلەر ئىدى، كېيىن بۇ جايغا كىممېرىئان، سىكىفلار، بولغار، خاسا، ھون قاتارلىق قەدىمىكى قەبىلە _ قوۋملار كۆچۈپ كەلگەن؛ 11__13- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان تۈرك قەبىلىلىرىمۇ كۆچۈپ كېلىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، پەيدىنپەي ھازىرقى ئەزەربەيجانلار قوۋمىنى ھاسىل قىلغان.
ئەزەربەيجانلار ئۆزگىچە پاسوندىكى جەلپكار كىيملەرنى كىيشكە، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا ئامراق. مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن گۈللۈك نەقىشلىك دوپپا كىيىدۇ، ئاياللار بىلەزۈك، كىچىك قوڭغۇراق، ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدۇ. ئەرلەر كەڭ، ئازادە ئىشتان، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان رەختلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئاياللىرى ئوچۇق رەڭلىك چىرايلىق كىيىملەرنى، بەلنى قىسىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيىدۇ. ئەزەربەيجانلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك _ ئىچمەكلىرىدىن بولكا، كۆمەچ نان، جۇۋاۋا، قايماق، سۈت، قېتقلار بار. ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش قاتلىمىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەزەربەيجانلار ئۆزئارا سالام قىلىشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، يېقىن دوست _ بۇرادەرلەر بولسا، ئاۋۋال قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىدۇ ھەم ياخشى تىلەكلەرنى دېيىشكەندىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆرۈشكەندە چوڭلار كىچىكلەرنىڭ پېشانىسىگە، كۆزىگە، كىچىكلەر چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ.