كۆرۈش: 12291|ئىنكاس: 20

ئەرلەر ئۆمرىدە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاياللارغا قارايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
730
تۆھپە
317
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 16:57:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرلەر ئۆمرىدە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاياللارغا قارايدۇ


     ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 43 مىنۇت سەرپ قىلىپ ئاز دېگەندىمۇ ئون ئايالغا قارايدىكەن ، ئاياللارغا قارايدىغان ۋاقتى بىر يىلدا جەمئىي 259 سائەت(ئون بىر كۈنگە باراۋەر) بولىدىكەن. ئەرلەرنىڭ 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا گۈزەل قىزلارغا قارايدىغان ۋاقتى 11 ئاي 11 كۈنگە يېتىدىكەن.
    ئەنگلىيەنىڭ «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، جەمئىي 3000 ئادەم بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتقا قاتناشقان. كوداك شىركىتىنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتقا مەسئۇل خادىمى ئايرلاند مۇنداق دېدى: «ھەممەيلەنگە ئايان، ئادەتتە ئەرلەر چىرايلىق ئاياللارغا تىكىلىپ قاراشقا ئامراق كېلىدۇ. تەكشۈرۈشتىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، ئەرلەر ئۆز ئۆمرىدە بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ گۈزەل قىزلارغا قارايدۇ.» ئاياللار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك 20 مىنۇت سەرپ قىلىپ ئالتە ئەرگە سەپسالىدىكەن، 18 ياشتىن 50 ياشقىچە ئەرلەرگە قاراشقا جەمئىي ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن.
    تەكشۈرۈشتە دېيىلىشىچە، تاللا بازىرى، قاۋاقخانا، كېچىلىك كۇلۇب، خىزمەت سورۇنى ۋە ماگىزىن قاتارلىق جايلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەرلەرنىڭ گۈزەل ئاياللارغا قارايدىغان دائىملىق سورۇنلىرى ئىكەن. كۆپ ساندىكى قىز-يىگىتلەر «يات جىنىسلىقلارنىڭ دىققەت-نەزىرىگە ئېرىشىش تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش» دەپ قارايدىكەن، بىراق ئاياللارنىڭ ئىچىدە 16% ى بۇنىڭىدىن «قاتتىق بىئارام» بولىدىكەن، 20% ى ئوڭايسىزلىنىدىكەن.
    تەكشۈرۈشتە دېيىلىشىچە، يەنە 40% ئايال، ئەرلەرنىڭ كۆزى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، دەپ قارايدىكەن؛ 40% ئەر «بىر قاراپلا» ئاياللارنىڭ فىگورىغا سەپسېلىپ بولىدىكەن. 35% كىشى قارشى تەرەپ بىلەن تونۇشقاندا «كۆزى جەلپ قىلىدۇ» غانلىقىغا ئىقرار ئىكەن.
مەنبە:تەرمىلەر ژۇرنىلى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
737
تۆھپە
377
UID
1011
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 17:01:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەرسى سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ سىناق ئىلىپ بىرىپتىكەنما ؟ ....


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 17:05:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماي مۇمكىنمۇ؟ بەزىدە ئوغلۇم بىلەن بىللە كېتىۋېتىپمۇ قاراپ سېلىپ دەرھال ئۆزۈمنى تۇتۇۋالىمەن، كۆڭۈل دېگەن بىر شەيتان! ئەممازە خوتۇن بىلەن ماڭغاندا ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمايمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئېكراندىكى، ئەتراپتىكى مىڭ گۈزەلدىن يېنىمدىكى ئاشۇ پۇچۇق ئاي ئەلا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-25 17:05  



ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2076
تۆھپە
1544
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 17:53:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ دىگەن بارلىق ئەرلەردىكى تەبىيلىك. گۈزەل ئايالنى كۆرۈپمۇ سەپ سالمىغان ئەركەكتە چوقۇم مەسىلە بار


Rank: 6Rank: 6

تىللا
855
تۆھپە
585
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 17:59:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنىمۇ تەتقىق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولسا پەن راس ئۇلغىيىپ كەتتىمۇ نىمە؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 18:04:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، بىر ساۋاقدىشىم يولدا كېتىۋاتقانچىرايلىق بىر قىزغا قارايمەن، دەپ تۇڭگان ئاشىانىسىنىڭ ئالدىدىكى يۇندا يولىغا چۈشۈپ كېتىپتىكەن


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1071
تۆھپە
616
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 18:10:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت نورمال ئەرلەرگە بولغان سىتاستىكىدۇ. سۇيۇق ئەرلەرنىڭ ۋاقتى تېخىمۇ كۆپ كېتىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
730
تۆھپە
317
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 18:12:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر گۈزەل ئاياللارغا قاراپ بەرسە ئۆمىرى ئۇزۇن بولىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 18:30:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tursun007 يوللىغان ۋاقتى  2011-10-25 18:12
ئەرلەر گۈزەل ئاياللارغا قاراپ بەرسە ئۆمىرى ئۇزۇن بولى ...

ئەمما بىر ماتېرىيالدا كۆرسەم، گۈزەل قىز بىلەن توي قىلغان ئەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولارمىش


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

تىللا
171
تۆھپە
116
UID
1072
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-25 20:14:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياخشى بوپتۇ ئىنكاسلار تىخىمۇ  قىزقارلىق بوپتۇ جىما . ئەرلەر  ئۆزۈڭلارنىڭ  ئىخرارىنى يىزۋاتامسىلە نىمە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 11:59, Processed in 0.079774 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991