دېھقان - زېمىن ئاتىسى
ئەمەتجان زۇنۇن
كۆمۈش تەردە قۇياش نۇرى پارلايدۇ ،
ماڭلىيىدا كەچمىش -تارىخ ئىزناسى .
ئانا زىمىن ئاڭا كۈلۈپ قارايدۇ ،
خىزىر سۈپەت ھاتەم خىسلەت سىماسى .
نەۋ باھارنىڭ چېچەكلىرى ھىدىدەك ،
يەر -جاھاننى خۇشبۇي ئىپار قاپلىغان .
نەدە ئۇلۇغ رىشتە ئوتلۇق مېھرىدەك ،
نى سەلتەنەت ، زامانغا ئۇ بەرگەن جان .
تاڭنى چىللاپ تىنىقلىرى ئوت -لاۋا ،
ئىزلىرىدىن سۆيۈنىدۇ باغ -ئېرەم .
پاكلىغىدىن بەركەت ياغقان ھەر جايغا ،
ساپلىغىدىن گۈلىستاندۇر مۇكەررەم .
چىمدىم توپا ، ھەر بىر گىياھ ئەزىزدۇر ،
بار مەۋجۇدات ، تىرىكچىلىك ياشنايدۇ .
چۆلنى بوستان قىلغان ھالال ئەجرىدۇر ،
ئادىمىيلىك لەزىز ، روھتىن چانمايدۇ .
ئىناقلقتىن يارىتىدۇ ئۇلۇغلۇق ،
غورۇر - ۋىجدان ئەنگۈشتىرى ، تۇمارى .
قىيالاردا ئېچىلىدۇ بوپ چوغلۇق ،
ئۇ ھاياتلىق جەڭگاھىنىڭ سەردارى .
كامال تاپقان سۈزۈك نىيەت ، دىيانەت ،
كۈرمىڭ قىسمەت جاپالاردا ئۇ مەغرۇر .
ياغدۇرىدۇ ئەلگە ھىممەت ، مۇھەببەت ،
قاباھەتنى يورۇتقاندەك ئاپئاق نۇر .
مول -ھوسۇلدىن توي -مەشرەپلەر ئوينايدۇ ،
قۇت كۆكىدە بۈركۈتلەردەك پەرۋازى .
ئەل ئىشقىدا ئەل چىھرىگە قانمايدۇ ،
زىمىن گۈللەپ ئۈزۈلمەيدۇ پاك رىشتى .
مەنبە ؛ قەلىمىم .