كۆرۈش: 1411|ئىنكاس: 2

قارايدۇ بىر تۈپ گۈل تەبەسسۇم بىلەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1058
تۆھپە
397
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 17:08:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارايدۇ بىر تۈپ گۈل تەبەسسۇم بىلەن

بىپايان ، چەكسىزدۇر ئاشىقلىق چۆلى،
بۇلبۇلنىڭ يۈرىكى بولماقتا لەختە.
قارايدۇ بىر تۈپ گۈل تەبەسسۇم بىلەن،
قارايدۇ ، قارايدۇ ئوتلۇق سۆيگۈدە.

دەرەخلەر ساپسېرىق قىلىدۇ نالە،
دەريا يوق ،كۆللەر يوق ياغمايدۇ يامغۇر.
دەردلىرىم دەردلەردە قىلماقتا ناشتا،
ئورمانلىق خىيالغا چۆكمەكتە چوڭقۇر.

قارايدۇ بىر تۈپ گۈل تەبەسسۇم بىلەن
بويۇنداپ قارايدۇ قاراڭغۇلۇقتىن.
دوقمۇشلار كۆزىگە كۆرىنەر چوغدەك،
بىر يىلان كىرمەكتە ئۆيگە تۈڭلۈكتىن.

بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى دەرد ئۈستىگە دەرد،
كاككۇكنىڭ ئاۋازى ئازابلىق بەكمۇ.
بىر شەپە كەلمەكتە ئاۋايلاپ دەسسەپ،
قارايدۇ بىر تۈپ گۈل، جىگدە، توغراقمۇ...


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 19:15:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايدۇ بىر تۈپ گۈل تەبەسسۇم بىلەن،
قارايدۇ ، قارايدۇ ئوتلۇق سۆيگۈدە.

بۇنداق دېگۈچە كۆڭلىڭىزنى بەرسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟؟؟؟


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
310
تۆھپە
209
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 20:04:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 14:43, Processed in 0.070232 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991