سىنچى نەزىرىدىكى پۇتبول مەستانىلىرى
ھازىرغا قەدەر كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ قىزىق تېما يەنىلا پۇتبول بولسا كېرەك . بۇ يىلقى جۇڭگو پۇتبول ب دەرىجىلىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ، بۇ زېمىندىكى نەچچە يۈز مىڭ پۇتبول مەستانىلىرىنى ئويغىتىۋەتتى . نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن ، تەرەپ – تەرەپتىن كەلگەن توپ مەستانىلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كۆرۇپ ، جۇڭگو پۇتبول تارىخىدىكى نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرۇش رېكورتىنى يارىتىپ ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقە كەيپىياتىن قېلىشمۇغۇدەك كەيپىيات شەكىللەندۇردى. نۇرغۇن ئادەم بىزنىڭ پۇتبولغا شۇنچىلىك قىزىقىدىغانلىقىمىزنى چۇشەنمىسە كېرەك . مەن بىر فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ھەم بىر پۇتبول مەستانىسى بولۇپ سۈپىتىم بىلەن جەمى سەككىز مەيدان مۇسابىقە كۆرۇپتىمەن . ئەگەر سىز نەق مەيدانغا بارمىغان بولسىڭىز بۇ بىر ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ ، چۇنكى سىز بۇنداق پۇتبول ساھەسىنى زىل-زىلىگە كەلتۇرگەن مەيداننى ھېس قىلالمايسىز . ئۆزەمنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىن ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تارتقان ئىدىم . ھەر بىر پارچىدا توققۇز پارچە سۈرەت بولۇپ ، جەمئىي 99 پارچە . بۇلار شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بىر يىغىنچاقلاشتۇرۇلغان كۆرۈنىشىدۇر .
