كۆرۈش: 2584|ئىنكاس: 3

ھاياتنىڭ قېلىپى يوق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
485
تۆھپە
254
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 15:49:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاياتنىڭ قېلىپى يوق



ئاپتورى : ئۆمەرجان سىدىق



      ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم كىشىلىك تۇرمۇش سەپىرىدە يەنە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئالاقە قىلىدۇ. ئاقىللاردىن، ھەر خىل كىتاب، دەستۇرلاردىن قانداق ياشاش ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئۈگۈت، تەۋسىيىلەرنى ئاڭلايدۇ. ئازاب - ئوقۇبەتكە يولۇققاندا ھەر خىل تەسەللىيلەرگە، ئازابلارنى قانداق تاشلىۋېتىش، قانداق ھايات كەچۈرۈش ھەققىدىكى ئەقىل، مەسلىھەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيا مۇشۇنداق قىزغىنلىقى، مېھرىبانلىقى، ياخشى نىيەتلىك ئىنسانلىرى بىلەن گۈزەلدۇر.
  نىھايەت بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، ھاياتنىڭ قېلىپى بولمايدۇ، دۇنيادىكى ئىككى ئادەمنىڭ ھەرگىزمۇ ئوپئوخشاش ھايات كەچۈرمىشى بولۇشى ناتايىن. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا تاللىغان ياشاش شەكلى، تۇرمۇش يولى بولىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ نەسىھەت، ئۆرنەكلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇكى، شۇلارغا ئوخشاش، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك ياشىماقچى بولسىىز خاتالاشقان بولىسىز، تېخىمۇ كۆپ ئازابلارنى يۈكلىۋالىسىز. ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر سىزگە: »ئازابلارنى ئۆزەڭگە روھىي يۈك قىلىۋالما، دادىل كەينىڭگە تاشلىۋېتىپ، خۇشال - خورام ياشا« دەپ تەسەللىي بېرىشىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنبىڭ ياخشى كۆڭلى. لېكىن نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن؟ ئەگەر ئازابلارنى راستىنلا بوپىغا ئوخشاش كەينىگە تاشلىۋېتىش ئىمكانىيىتى بولسا، يۈرەكتىكى دەرتنى تاملاردىكى بېزەڭ ئېلانلارنى قىرىۋەتكەندەك قىرىپ چىقىرىۋەتكىلى بولسا، بۇ دۇنيا نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى - ھە؟ ۋەھالەنكى، بۇ ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش، ئەمەلىيەتتە ئادەم مۇشۇنداق ئازاب ۋە خوشاللىقنى تەڭ ھېس قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەنلا باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلىنىدۇ. دۇنيا ئازاب ۋە خۇشاللىق گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا جەلپكار بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ ياشاش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئازابلىنىپ يۈرمەڭ، ھاياتنىڭ قېلىپى بولمايدۇ، سىزگە ئىش ئۆگىتىۋاتقان، ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەرت - ئېسەلىرى بولىدۇ. پەقەت ھاياتقا، تۇرمۇشقا، ئازابقا دادىل يۈزلىنىڭ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ. مەغلۇبىيەت، ئازاب - ئوقۇبەت، جۇدالىق دېگەنلەر ھەر قانداق كىشى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر جەرياندۇر، بۇ جەريان سىزنى تاۋلايدۇ، چېنىقتۇرۇدۇ، تەجرىبە ئۆگىتىدۇ. سىز مۇشۇنداق پېچتا تاۋلىنىپ چىققىنىڭىزدىلا، ئۆزىڭىزگە خاس ھايات يولىنى تاپالايسىز، باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ياشىيالايسىز.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
رازىيە
تىللا
408
تۆھپە
41
UID
5519
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 23:01:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەركەن!!!


Rank: 4

ئىسىمى
مۇھەممەت ئىمىن
تىللا
310
تۆھپە
209
UID
21240
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 20:05:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىلىپتىغۇ رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

تىللا
578
تۆھپە
208
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 01:08:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر ناھايىتى توغرا دەپتۇ ، ئېغىر ئازاپقا دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ ، ئازاپ-ئوقۇبەت ئۈسـتىدىن
غالىپ كېلىشنىڭ يوللىرى ئۈسـتىدە ئىزدىنىش كېرەك .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 13:40, Processed in 0.071828 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991