كۆرۈش: 2346|ئىنكاس: 2

يىڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
485
تۆھپە
254
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 15:45:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى


ئاپتورى : ئابدۇقادىر جالالىدىن



       داۋاراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى- دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز.
  دەۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى....
  يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا ئىش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمەلىيەشتى.
  ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈئەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:
  نىكاھ ئوقۇپ، ھارامنى ھالال قىلدىم، ھالاللىقىنىڭ بەدىلى مۇشۇما؟
  پاھىشە زىناخوردىن پۇلنى نەق ئالدى، ئاندىن نازلىنىشقا باشلىدى.
  دوختۇر ئىنجىقلاپ تۇرغان بىمارنىڭ يانچۇقىدىن پۇلنى ئاۋۋل سۇغۇرۇۋالدى، ئاندىن دىئاگنوز باشلىدى.
  زوردۇن سابىر ئون بەش يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ «ئانا يۇرت» نى يىزىپ چىقىپ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خۇشى يوق خېنىملارمۇ كىتابخانىلاردا ئۇنىڭ كىتابىنى ساتىدۇ.
  ئەدىبلار نەشرىيات بوسۇغىسىدا دۈگدىيىپ يۇرۈشكەن يېزىق مەدىكارلىرى. ئۇلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يىزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشىدۇ.
   يېزىقچىلىق بىر پىلسىرات كۆۋرۈكى، ئۇ قەيەرگە ئىلىپ بارىدۇ؟
   يىقىلىپ چۈشسەڭ جەھەننەمگە، يىقىلمساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ؟
  قىيامەت دىگىنىڭ نېمە؟
   زەردابى قەلەم، گادايى ئەلەم دېگەن گەپ....
  قاسساپ پۇل ئالماي تۇرۇپ گۆش بەرمەيدۇ، ئاشپەز پۇل ئالماي تۇرۇپ تاماق بەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ قىستاڭ رەستىلىردە پۇل تۆلىمەي تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ. ئەدىب جېنىنى خەجلەپ، نېسىگە يازىدۇ.
  «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئودغۇرمىشنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن سوردىم:
   ئىدىيەنى نېمىشقا پۇلغا ئالغىلى بولمايدۇ؟
   چۈنكى، ئىدىيەنى يېگىلى بولمايدۇ.
  چۈشەنمىدىم .
   زامانداشلىرىڭ قورساق كويىدا، ئۇلار ئىلىمدىن ئىدىيە ئەمەس، نان سورايدۇ.
   قورسىقى توقلارچۇ؟- ئۇلار ئىشرەت كويىدا. ئۇلار يېڭى ئىدىيەگە ئەمەس، تازلىق قەغىزىگە موھتاج.
   مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟- سەن سۈكۈت قىل. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارسىدا بۈيۈك ئىدېئولوگىيە بار.-
  ئۇنداقتا...
   جىم تۇر، تەپەككۇر قۇلاقلىرى پاڭ بولدى، جىسمانىي سەزگۈلەر ئويغاندى...
  ئاھ، سىنا چۆلى، ئارىلىقىڭ قانچىلىك يىراق؟!


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1478
تۆھپە
521
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 17:52:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1478
تۆھپە
521
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 17:54:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى مەدەنىيەت جۆيلىمىسى-يىڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى


/forum.php?mod=viewthread&tid=23656




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-6 17:55  



ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 13:40, Processed in 0.071491 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991