يىگىت - قىزنىڭ پەرقى
1. يىگىتلەر كېچىچە سىرتتا يۈرسىمۇ بولىدۇ.
قىزلارنىڭ ئازراق كەچ قېلىشىمۇ بىخەتەر ئەمەس.
2. يىگىتلەر جەمئىيەتتە ئويناپ، يۈزىنى كۆتۈرەلەيدۇ.
قىزلار جەمئىيەتتە ئويناپ، يۈزىنى تۆكۈپ بەختىگە ئولتۇرىدۇ.
3. يىگىتلەر چوڭ بولغانسېرى، ساقىلى كۆپىيىدۇ.
قىزلار چوڭ بولغانسېرى، غېمى كۆپىيىدۇ.
4. يىگىتلەر چېنىقىشنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ.
قىزلار تېرىسىنى ئاسراشنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ.
5. يىگىتلەرنىڭ بىر خىللا كىيىمى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
قىزلارنىڭ ھەرخىل رەڭلىك كىيىمى بولمىسا بولمايدۇ.
6. يىگىتلەر دوستلۇق ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيدۇ.
قىزلار مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيدۇ.
7. يىغلىمىغان يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئەركەك ھېسابلىنىۋەرمەيدۇ.
يىغلىغان قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاجىز ھېسابلىنىۋەرمەيدۇ.
8. يىگىتلەر مەست بولغان چاغدا، ھەر خىل تىپتىكى قىزلارنى ئويلايدۇ.
قىزلار مەست بولغان چاغدا، پەقەت ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەن يىگىتنىلا ئويلايدۇ.
9. يىگىتلەر قىزلارنى «چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دەپ ئويلايدۇ.
قىزلار بولسا، «يىگىتلەرنىڭ چېچى قىسقا بولسىمۇ، بەزىدە قىزلارچىلىك ئەقلى يوق» دەپ ئويلايدۇ.
10. يىگىتلەر: «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن ئاسانلا چىقىرالايدۇ،
ئەمما ئاقىۋىتىگە ئىگە بولۇشتىن قاچىدۇ.
قىزلار: «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن خىجىل بولۇپ چىقىرالمايدۇ،
ئەمما كۆڭلىدە ھەقىقىي جۈرئەت قىلىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 09:24