8-باب-زەھەرگە باغلانغان رىستە ھېكايەمنى بالىلىقىمدىن باشلاپ سۆزلىسەم،توغرا بولىشى مۇمكىن،چۈنكى مەن بالا ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپ،دادامنىڭ تاماكا چېكىدىغان،ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلەتتىم،شۇڭا تېخى باشلانغۇچنى پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا،بەزى كەپسىز بالىلار بېلەن ،مەكتەپ ھاجەتخانىسىغا يىغىلىپ،تاماكا چېكىشنى ئۈگىنىۋالدىم ،ئاتا-ئانام،مېنىڭ بۇ ئىشلىرىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،مېنى توسۇماقچى بولدى ،بىراق ،كىچىكىمدىن كۆزۈمگە قاراپ چوڭ قىلغانلىقى ھەم،دادامنىڭمۇ شۇنداق ئىش قىلىدىغان بولغانلىقى سەۋەبىدىن،ئۇلارنىڭ مېنى توسۇشلىرى پەقەتلا ئۈنۈم بەرمىدى .ئەكىسچە يېشىمنىڭ چوڭۇيىشىغا ئەگىشىپ،بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ،نەشە چېكىشنى،پېۋا ھەم ھاراق ئىچىشنىمۇ ئۈگنىۋالدىم،ئۇ چاغلاردا ،مەن ھەقىقى ئوغۇل بالا دېگەن،ھەرقانداق كەيپ -ساپانى قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك ،تاماكا چېكىشنى ،ھاراق ئىچىشنى ،قىمار ئويناشنى بىلمەيدىغان ئوغۇلبالا،ئەركەك ھېسابلانمايدۇ ،دەپ قارايتتىم،شۇڭا،ئەتراپىمدىكى،ئاتالمىش،ئەركەك ھېسابلىنىدىغان دوسلۇرۇمنىڭ كەينىگە كىرىپ،بىز ئۈچۈن يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان كەيپ-ساپانىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قىلىپ باقتىم . بەڭۋاشلىقىمدىن ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ تۈزۈكرەك پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا ،ئوقۇشتىن چېكىندىم،نېمە سەۋەبتىنكىن تاڭ،مەن مەكتەپتىن چېكىنىپ،ئۇزاق ئۆتمەيلا،ئاتا-ئانام ئاجىرىشىپ كەتتى ،مەن ئانام بېلەن بىرگە تۇردىغان بولدۇم،شۇنىڭدىن كېيىن،مەن تېخىمۇ بەك بۇزۇلۇشقا باشلىدىم،ئانام ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى غورگۈل ئۆتەتتى ،ھەر قېتىم دادام بېلەن كۆرۈشكەن چاغلاردا ،ئۇ ماڭا نۇرغۇن پۇل بېرەتتى،مەن ئۇ پۇللارنى قولۇمغا ئالغان ھامان،دوسلۇرۇم بېلەن ئويناپ،تاكى پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەنگە قەدەر ئۆيگە كىرمەيتتىم،ئانامنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ،كېچە-كېچە ئۇخلىماي،سىرىتلارنى ئايلىنىپ،مېنى ئىزدەشلىرىنى پەرۋايىمغىمۇ ئېلىپ قويمايتتىم. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن،دادام بىر كېسەل بېلەن ۋاپات بولدى ،ئۇنىڭ كېيىنكى خوتۇنى ،بارلىق مال-دۇنياسىنى بېسىپ يېتىۋېلىپ،داداڭنىڭ قەرزى بار،شۇنىڭغا بەردىم دەپلا ئىشنى تۈگەتتى.دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن،مېنىڭ كۈنلىرىم بەكلا قىيىنلىشىشقا باشلىدى،چۈنكى بۇچاغدا مەن ئاللىقاچان ،نەشىدىن ھالقىپ،زەھەرگە تۇتۇش قىلىپ بولغان ئېدى،بۇرۇن دادام بەرگەن پۇللارنى دەسمىي سېلىپ،ئانچە مۇنچە قىمار ئويناپ پۇل تېپىپ،چېكىدىغىنىمنىڭ پۇلىنى ھەل قىلىپ،يۈرەتتىم،مانا ئەمدىلىكتە ،مېنىڭ دەسمايە مەنبەيىم،پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى . شۇنىڭدىن كېيىن،مەن بارلىق ئامال- چارىلەرنى ئىشلىتىپ،ئانامغا بېسىم چۈشۈرۈپ،ئۇنىڭ مېنى ئۆيلەش ئۈچۈن يىغقان پۇللىرىنى بۇزۇپ-چېچىپ،خەجلىدىم،ئۇنى تۈگەتكەندىن كېيىن،ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سېتىپ خەجلىدىم،شۇنداق قىلىپ،ئانامنىڭ ئۇچىسىدىكى ياماق چۈشكەن كۆڭلىكىدىن باشقا ماڭا بەرگۈدەك نەرسە قالمىغانغا قەدەر ،ئۇنى قاقتى سوقتى قىلدىم. زەھەر دېگەن بۇ نەرسە ،ئادەمنى يۈزسىز،ۋېجدانسىز،ئىمانسىز قىلىۋېتىدىكەن ،قېمار داستىخىنىدىكى دوسلۇرۇم،ئۆينىڭ تۈۋرىكى يىقىلسا قىمار سورۇنىدىكى ئامىتىڭ قاچىدۇ دەيدىغان،خۇددى شۇنىڭدەك،دادام كەتكەندىن كېيىن،مېنىڭ تەلىيىم قېچىپ،قىمار ئوينىساملا ئۇتتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم،شۇڭا ئۆزۈمگە يېڭى چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ،ئوغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلىشنى ئۈگىنىۋالدىم،ئانام بېچارە مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،بىر كۈنى مەن ئۆيگە كىرگەن چېغىمدا يىغلاپ،يالۋۇرۇپ تۇرۇپ: -بالام،سېنىڭ قىلمىغان ئەسكىلىكىڭ قالمىدى،سەندىن خۇش بولاي،ئۆزۈڭنى تاپقىن،مۇشۇ زەھەر دېگەن نەرسىنى تاشلايدىغانلا ئىشى بولسا، نېمە قىل دېسەڭ شۇنى قىلاي،مەن بۇ دۇنيادا سەن ئۈچۈنلا ياشاۋاتىمەن،سەندىن باشقا ھېچنىمەم يوق،سېنىڭ بۇنداق ياشىغىنىڭنى كۆرگەندىن كۆرە،ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى ،خۇدا لەنەت ئوقۇيدىغان بۇنداق ئىشتىن قول ئۈزگىن،سەندىن خۇش بولاي ئاپپاق بالام-دەپ ،قوللۇرۇمغا ئېسىلدى . شۇچاغلاردا ،مېنىڭ باغرىم نېمانچە قېتىپ كەتكەن بولغىيدىكىن،ئانامنىڭ يىغلاشلىرىغا قاراپ،ئۇنىڭغا ئازىراقمۇ ئىچىم ئاغرىماستىن،ئانامنىڭ نېمە قىل،دېسەڭ شۇنى قىلاي دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،كۆڭلۈمگە يەنە بىر شۇم مەقسەتنى پۈكۈپ-ئەگەر ئۆينى سېتىپ،اماڭ تېجارەت قىلىدىغانغا دەسمىي سېلىپ بېرىدىغان بولساڭ،مەن چوقۇم قايتىدىن ئادەم بولىمەن-دەپ،ئۇنى ئالدىدىم، ئانام بېچارە مېنىڭ يالغان-ياۋىداق ۋەدىللىرىمگە ئىشىنىپ،ئۆينى سېتىپ،پۇلىنى ماڭا تۇتقۇزدى.ئۆينى ساتقان پۇل خېلىلا جىق بولغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ پۇلنى دەسمىي سېلىپ،ئاق سودىسى بېلەن شۇغۇللاندىم، بۇ سودا بېلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن،چېكىدىغاندىن قىينالمايلا قالماستىن،يەنە خېلىلا جىق پۇل تاپتىم،پۇل تاپقاندىن كېيىن،سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئانام يادىمغا كېلىپ،ئۇنى يېنىمغا ئەكىلىۋالدىم، بىراق ئانام يېنىمغا كېلىپ،ئۇزاق ئكتمەيلا،مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمدىن خەۋەردار بولۇپ-بالام،سەن ئادەم بولمايدىكەنسەن ،مەنمۇ ئۆيۈڭدە تۇرمايمەن ،ياشلارنى ،مىللەتنى زەھەرلەيدىغان بۇنداق ھارام ئىشنى قىلىدىغان بولساڭ ،سېنىڭ بىرچىمدىن ئۇنىڭنى يېيىشمۇ ،مەن ئۈچۈن ئۆلگەندىن بەتتەر گۇناھ،مەن كېتىمەن، سەن قاچان ئۆزۈڭنى تاپساڭ شۇ چاغدا يېنىڭغا قايتىمەن -دەپ كېتىپ قالدى . مەن ئانامنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ،ئۆزۈمنى تاپماقتا يوق-كەتسەڭ،كەتمەمسەن،ياخشىلىقچە بېقىپ قوياي دېسەم،ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان خوتۇنكەنسەن،-دەپ،ئۇنى يىغلىتىپ يولغا سالدىم. ئىنسان دېگەن ،مېھرى-مۇھەببەتتىن ئايرىلسا، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئەقىلسىز ھەم ۋەھشىي بولۇپ كېتىدىكەن،مەن ئويۇن-تاماشا بېلەن يۈرگەن شۇ كۈنلەردە ئانامنىڭ ،نېمە يەپ،نېمە كېيىپ،نەدە ئۇخلاپ يۈرگەنلىرى بېلەن كارىم بولماي ،ئۆز ‹ھوزۇرۇمنى ›بەخەرامان سۈرۈپ يۈرۈۋېرىپتىمەن، خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەي ،مۇشۇنداق خوجايىنلاردەك ھوزۇر سۈرۈپ ياشايدىغاندەك ،ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى،قاۋمىمنى،ئەجدادىمنى ئۇنتۇپ،ئاتالمىش،ھوزۇر قوينىدا راھەت ئۇيقۇسىنى ئۇخلاپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ،قىلغان ئىشىم سېزىلىپ قېلىپ،ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشتۈم،ھېچقاچاندا يادىمغا كەلمىگەن ئانام،شۇ چاغلاردا يادىمغا كېلىپ،مېنى نېمىشقا يوقلاپ كەلمەيدىغاندۇ ،دەپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم،ھېلىمۇ ياخشى ،قولۇمدا مال جىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن،زەھەر چېكىش جىنايىتى بويىنچە ئەيىپلىنىپ،زەھەر تاشلاش ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇلدۇم. زەھەر تاشلاش ئورنىغا كېلىپ،بىر ئايدىن ئاشقاندىن كېيىن،ئانام مېنى يوقلاپ كەلدى ،ئۇنىڭ،چېكىللىرىگە سانجىلغان ئاقلارنى ،يۈزلىرىدىكى يول-يول قورۇقلارنى،ئاق چۈشۈپ كەتكەن ،قوللىرىنى،ئېگىلىپ،پۈكۈلۈپ،كەتكەن،بەل-بويۇنلىرىنى كۆرۈپ،ۋۇجۇدۇم ئازابتىن تىترەپ كەتتى،ئۆزۈمنى خۇددى ئۇزاق بىر چۈشتىن ئويغانغاندەك بولۇپ، -ئانا،جېنىم ئانا،مېنى كەچۈرۈڭ -دەپ،ئانامنىڭ سىم تورنى چىڭ قاماللىغان قوللىرىغا لەۋلىرىمنى يېقىپ،توختىماي سۆيۈشكە باشلىدىم،ئانام،ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ،تاكى كۆرۈشۈش ۋاقتى توشقانغا قەدەر ،توختىماي يىغلىدى،ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلمىغانلىقىنى،مەندىن غەزەپلەنگەنلىى ،ئۈچۈن دەپ ئويلاپ،ئارتۇق گەپ،سورىيالمىدىم،چۈنكى مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ئانامغا قانچىلىك زور قەرىزدار ئىكەنلىكىمنى،ئۇنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشقىمۇ سالاھىيتىم توشمايدىغانلىقىمنى ھەقىقى چۈشەنگەن ئېدىم. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن،تەربيلىنىش ۋاقتىم توشۇپ يېنىپ چىقتىم،ئانام شۇ قېتىم كەلگىنىچە مېنى قايتا يوقلاپ كەلمىدى ،بىراق ئۇنىڭ مېنى يوقلاپ كەلگەن ۋاقىتتىكى مىسكىن كۆزلىرى بىر مىنۇتمۇ يادىمدىن چىقماي يۈرىكىمگە نەشتە بولۇپ،سانجىلىپ تۇردى .بىر يىل تەربيلىنىش جەريانىدا ،كۆپ ئۆزگەردىم،ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئېغىر گۇناھلارنى قىلغانلىقىمنى ھېس قىلىپ،بۇ يەردىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن،ھەقىقى ئادەم بولۇپ،ئانمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى نېيەت قىلدىم،بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، مەن چىققاندىن كېيىن،بېچارە ئانامنىڭ سىماسىنى كۆرۈش ماڭا قايتا نىسىپ بولمىدى . -يېگىت سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، ئاۋازى بوغۇلۇپ،سۆزلىيەلمەي ،بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى . -ئاكا ،بولدى ،سۆزلىمەڭ،چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ،مەن چىدىيالماي قالدى -مېھرىبان شۇنداق دەپ،مەيدىسىگە گۈپ-گۈپ قىلىپ ئۇرغىنىچە يىغلاپ كەتتى ،بۇ چاغدا مېھرىبانمۇ ئاللىقاچان تولا يىغلاپ،كۆزلىرى قىزىرىپ،ئىششىپ كەتكەن ئېدى . -ياق،مەن سۆزلەيمەن سۆزلىمىسەم بولمايدۇ ،يۈرۈكۈمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىۋاتقان بۇ رەزىل ئۆتمۈشۈمنى سىزگە سۆزلىۋالاي-يېگىت شۇنداق دەپ،سۆزىنى داۋام قىلدى: -ئەسلىدە ئانام بېچارە،مېنىڭ دەردىمدە تولا يىغلاپ،يۈرىكى ئاجىزلىشىپ كېتىپتىكەن،مەن زەھەر تاشلاش ئورنىغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن،مېنىڭ داۋالىنىش پۇلۇمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،قارا ئىش قىپتۇ،قالغىنىغا قان سېتىپتۇ،شۇنىڭ بېلەن ئانامنىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ،تىلى گەپتىن قاپتۇ،كۆزلىرى ئاجىزلىشىپتۇ،ئاخىرىدا،مېنى يوقلاپ كېلىپ،ئۇزاق ئۆتمەيلا ،بۇ دۇنيادىن خۇشلۇشۇپتۇ ،ئۆلۈش ئالدىدا ،مېنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر تاپسام، داۋالىنىشنى توختۇتۇپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ،ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىدىن مېنىڭ خەۋەردار بولماسلىقىم توغرۇلۇق،ئەتراپىدىكىلەرگە قايتا-قايتا تاپىلاپ ئۆتۈنۈپتۇ ،بېچارە ئانام يوقلاپ كەلگەندە ،گاچا بوپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ،ئىسىت،ۋاي ئىسىت ئانام ....... يىگىت ھۆڭۈرۈپ يىغلاپ،يەنە گەپ قىلىشتىن توختىدى. -بولدى يىغلىماڭ،ئاكا. سىز يىغلىسىڭىز ،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالىدىكەنمەن، -مېھرىبان يىگىتكە ئېسىلىپ تەسەللىي بەردى -چۈنكى مەنمۇ ئاتا-ئانامنى سىزدىنمۇ بەتتەر قاقشاتقان بىر مەلئۇن.ماڭا كېيىنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىڭچۇ،كېيىن قانداق بولۇپ،بۇ شەھەرگە كېلىپ قالدىڭىز. -نېمىسىنى دەي سىڭلىم،كېيىن،ئانامنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئازابلاندىم،يۇرتتا تۇرغۇدەك،باشقىلارغا قارىغۇدەك يۈزۈممۇ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،قايتىدىن ،ھالال يول بېلەن ئېگىلىك تىكلەپ،ياخشى ياشاپ،ئانامنىڭ روھىنى بولسىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن،بۇ يەرگە كېلىپ،تىرىشىپ،تىرمىشىپ،قۇرۇق-يەل،يېمىش، ھەم ئاشخانا ئېچىپ يۈرۈپ،ئاز-تولا تىرىكچىلىك قىلىپ ،تاپقان پۇللۇرۇم بېلەن ،يۇرتۇمدىكى قېيىنچىلىقى بار قېرىنداشلىرىمنى ئاز بولسىمۇ يۆلەپ تۇرۇپتىمەن، قايسى كۈنى كەچ، سىرىتتا ئايلىنىپ يۈرۈپ،تۇيۇقسىز ،ئۇيغۇرچە ۋارا-چۇرۇڭلار قۇلقۇمغا كىرىپ قېلىپ،يۈگۈرەپ بارسام ھېلىقى ئىككى مەلئۇن سىزنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ،قالغان ئىشلارنى مەن دېمىسەممۇ سىزگە ئايان،ئانام ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،كۆپ ئويلىنىپ،ئەرلەردە،ئەركەكلەردە مەسئۇلىيەتنىڭ ھەقىقى زورلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم،ئەگەر دادام ئانامنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، مەن ھەقىقى ئوغۇلبالىدەك ياشىغان بولسام،ئانام شۇنداق خار-زار بولۇپ يۈرمەس بولغىيتى،ئەگەر ئەرلىرىمىز،ۋېجدانى بېلەن مەسئۇلىيەتنى تونۇپ ياشىغان بولساق،ئاياللىرىمىز سىزدەك.......بولدىلا ،كۆڭلىڭىزنى يەنە يېرىم قىلغۇم يوق،ياخشى ئارام ئېلىۋېلىڭ،مەن ھېلىقى قىز توغرۇلۇق ئاز-تولا ئەھۋال ئېگىلەۋاتقان ،بىرسى ئازىراق يىپ-ئۇچىنى بىلىدىغاندەك قىلىدۇ،مەن چىقىپ كۆرۈشۈپ كىرەي . يېگىت سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،چىقىپ،كېتىشكە تەمشەلدى. -ئاكا،راستىنلا ئايگۈلنىڭ بار جايىنى تاپالىدىڭىزمۇ؟-مېھرىبان ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرىۋالدى. -ياق تېخى ئەھۋال ئايدىڭلاشقىنى يوق،بۈگۈن كۆرۈشسەملا چوقۇم ،ئۇنىڭ بار جايىنى بولسىمۇ بىلەلەيمەن ،سىز كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇپ، تۇرۇڭ،قىزنىڭ خەۋىرى بولسىلا سىزگە خەۋەر قىلىمەن-يېگىت چىقىپ كەتتى،مېھرىبان ،بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە يېتىپ،ئۇخلاپ قالدى....... * * * *قاق سەھەر،يۇرتىمىزدىكى مەلۇم قەدىمىي شەھەردىكى ،تۆپىلىككە جايلاشقان مەھەللە.ھەممە كىشى ئۆز تىرىكچىلىكى ئۈچۈن،ئالدىراش بولۇپ،خىزمەتلىرىگە مېڭىشماقتا،مەكتىپىگىگە كېچىكىپ،قېلىشتىن ،ئەنسىرەپ،يۈگۈرۈشۈپ ماڭغان بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئەتراپنى بىر ئالغان.چىرايلىرى تاتارغان بىر قىز ،ئاستا قەدەملەر بېلەن كەلگىنىچە بىر دەرۋازىنى يىنىككىنە قاقتى ،دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن،قىز ئۆيدىن سەل يىراقلىشىپ،دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ،قاراپ تۇردى .ئارىدىن 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ،دەرۋازا يەنە ئېچىلمىدى ،قىز يەنە بىر قېتىم كېلىپ،دەرۋازىنى يىنىك قاققاندىن كېيىن،بۇرۇنقى جايىغا كېلىپ دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتتى .بىراق ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك تىمتاس تۇرالماي،جاقىلداپ تىترىگىنىچە يەردىكى ئاپئاق قارنى قولىغا ئېلىپ،قايتا-قايتا،بار كۈچى بېلەن سىقىمداشقا باشلىدى ، ئارىدىن يەنە 20 مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى ،قىز يەنە بىر قېتىم دەرۋازىنى چەكتى ،دەرۋازا ئېچىلمىدى .قىز،ئۇيان-بۇيان ماڭغىنىچە لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىدى،ئۇنىڭ لەۋلىرىدىن قىپقىزىل قان،ئېقىشقا باشلىدى ، ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،دەرۋازا ئېچىلدى ،قىز دارۋازىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرەپ بارغاندىن كېيىن،يانچۇقىدىن بىر نەچچە ۋاراق پۇلنى چىقىرىپ،دەرۋازىنى ئاچقان ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئەرگە ئۇزىتۇپ-ئىككى كىشىلىك-دېگەن سۆزنى ئارانلا قىلالىدى ،قىزنىڭ چىشلىرى توختىماي سوقۇشۇپ،پۈتۈن بەدىنى جاقىلداپ تىترەپ كېتىۋاتاتتى . -مال،قىس شۇڭا باھا ئۆستى،ئالساڭ،مانا بېرىنى ئال،ئالمىساڭ كەت،ئالىدىغان ئادەم بار-ئەر يانچۇقىدىن كىچىككىنە بولاقنى چىقىرىپ،قىزغا ئۇزىتىپ،ئۇنىڭ قولىدىكى پۇلنى شارتتىدە قىلىپ تارتىۋالدى . -ئاكا،ئاكا يېگىتىم .ىككىمىز چېكەتتۇق،بۇ يەتمەيدۇ،يەنە ئازىراق قوشۇپ بېرىڭچۇ -قىز يالۋۇرۇشقا باشلىدى . -يەتمىسە يەنە ،پۇل ئەكىلىپ ئال،ئالمىساڭ ،مانا پۇلۇڭ-ئەر شۇنداق دەپ ،قىزنىڭ قولىدىكى بولاققا قولىنى ئۇزاتتى ،قىز بولاقنى شارتتىدە قىلىپ،يانچۇقىغا سېلىۋالغاندىن كېيىن،تۆت ئەتراپىغا بىر قۇر قارىۋېتىپ،تېز -تې قەدەملەر بېلەن كېتىپ قالدى . -ئاكا،ئىچكىرىدىن تېلىفون كەپتۇ -ئەر ھويلىغا كىرىشىگىلا،ئىچكىرىكى ئۆيدىن چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى،ئۇ جىددىيلەشكىنىچە كىرىپ تېلىفوننى ئالدى -ئاكا،قانداق ئەھۋالىڭىز،بازار ياخشى ،لېكىن مال يوق، ئازىراق مال ئەۋەتسىڭىز بولاتتى -ئەر تېلىفوننى ئېلىپلا ھېجىيىپ خۇشامەت قىلغىنىچە ۋالاقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى . -مالنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن، ياخشى باھادا ساتساڭلا ،يەنە داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇرىمەن-بۇ سەمەت تاتۇقنىڭ ئاۋازى ئېدى - مېنىڭ ئىككى ئادىمىم شىنجاڭغا قېچىپ كەتكەن،بەلكىم ،سېنىڭ تەۋەلىكىڭگە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن،ساڭا رەسمىنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىۋەتتىم،پويىز ئىستانسىسىغا چىقىپ،قارشى ئالامسەن، ياكى ئىز دېرىكىنى قىلامسەن، قانداق قىلساڭ قىلىپ،ئۇلارنى يېنىمغا يولغا سېلىۋەتكىن . -ماقۇل،ئاكا،ماقۇل،ئۇلارنى چوقۇم تاپىمەن، تېپىپلا نەدىن بولمىسۇن،ئىككى پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي يېنىڭىزغا ئەۋەتىمەن-ئەر خۇشامەت قىلىپ،بىرمۇنچە سۆزلىگەندىن كېيىن تېلىفوننى قويۇۋېتىپ،تۇرىشىغا ئىشىك يەنە چېكىلدى. -ئاكا،ئىشىكنى ئۇرىۋاتىدۇ -بايىقى بالا يەنە چاقىردى . -ئاڭلىدىم،گاس ئەمەس مەن، سەن ئىشىكنىڭ شوشىقىدىن قاراپ باق كىمكىن. -ئارقا مەھەللىدىكى مەمەت تۇرغۇنكەن -بالا شوشۇقتىن قاراپ كەلگەندىن كېيىن شۇنداق دېدى ، -ھە بوپتۇ،يەنە بىردەم قاراپ تۇرسۇن،خۇمارى تازا تۇتقاندىن كېيىن،ئاندىن ئاچايلى -ھېلىقى ئەر شۇنداق دېگەندىن كېيىن،مەشنىڭ يېنىدىكى كىرىسلودا بەخەرامان، يېرىم سائەتتەك ئولتۇرغاندىن كېيىن،بېرىپ،دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن سىرىتقا قاراپ،يېگىتنىڭ بولالماي قالغىنى كۆرگەندىن كېيىن،ئىشىكنى ئېچىپ،ئۇنى ئالدىنقى قىزدىنمۇ بەكىرەك جايلىغاندىن كېيىن،ھېجارىغىنىچە كىرىپ،يەنە مېھمان كېلىشىنى كۈتۈپ ،مەشنىڭ يېنىغا كېلىپ ،ئولتۇردى . داۋامى داۋاملىق ئېنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ........................
|