تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: ئوغۇز

قىز گۆھىرى(رومان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 13:37:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
17.باب:ئاجايىپ تەقدىرلەر

-قېنى قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بېلەن مەكتىپىمىزنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سېخىي قولىنى سۇنغان ساخاۋەت ئېگىسى سەمەت ئەپەندىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى.
رېياسەتچىنىڭ سۆزلىرى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا، رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغان يۈزلىرى تاتۇق بېلەن توشۇپ كەتكەن ،چىراي ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق تۈس بېرىدىغان سەمەت تاتۇق مېكىروفۇننى قولىغا ئېلىپ ،سۆز باشلىدى:
ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، كەلگۈسىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئىش قىلىپ بېرەلىگىنىمدىن ئېنتايىن خۇشالمەن، سىلەرنىڭ تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمۈ قىلىمەن، ،ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئوغلۇمدەك ،مىللەتنى زەھەرلەيدىغان بولۇپ چىقىپ ،ئاتا-ئاناڭلارنى داغدا قويماڭلار،مەن بىر يارامسىز ئاتا، بالامنى ياخشى تەربىيلىيەلمىدىم.
سەمەت تاتۇق، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمىگەن بولۇپ ،يالغان يىغىسىنى يىغلىدى.
-ئەپەندىم بولدى يىغلىماڭ، بۇ سىزنىڭ سەھەنلىكىڭىز ئەمەس،
-توغرا سىز ھېلىمۇ خەلقىمىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىڭىز، مۇشۇلارنىڭ ئۆزى كۇپايە،
سەمەت تاتۇق ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بەرگەن مەدەتلىرىدىن، شادلىنىپ، ئىچىدە پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى .
-قايتىپ كەلدىڭىزمۇ، -ھەشەمەتلىك ھويلىدا ،مىسكىن قىياپەتتە سوزۇلۇپ ياتقان ئايتولۇن،سەمەت تاتۇقنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى .
-ھەئە قايتىپ كەلدىم، -سەمەت تاتۇق دوق قىلدى-قىينىلىپ تاپقان بىرمۇنچە پۇلۇمنى يالاڭتۆشلەرنىڭ باللىرىغا بېرىپ كەلدىم، ۋاي،ۋاي ۋاي، ئەقەپ ئېغىر كەلدىغۇ،ئۇف،ئۇف.
-خىجىل بوساڭ بولمامدۇ، سسېنىڭ شۇ پۇللىرىڭ، شۇ يالاڭتۆشلەرنىڭ باللىرىنى قىيناش، ھەم قان يىغلىتىش بەدىلىگە كەلمىگەنمۇ،ئەمدىلىكتە شۇ خەلىقنىڭ روھىنى ھەىم جىسمانىيتىنى زەھەرلەپ تاپقان ،ئازغىنە ھارام پۇلۇڭغا ئىچىڭ ئاغرىۋاتامدا؟ئۆزۈڭ زىيانكەشلىك قىلغان ،شۇنچە كۆپ نارسىدىلەرگە ئىچىڭ ئاغرىمامدا،سەن زەھەرلىگەن ،شۇنچە كۆپ  ياشلارغا ئىچىڭ ئاغرىمامدا، سېنىڭ قولۇڭدا نامەرد، بولۇپ يېتىلىپ، يەنە سېنى قوغدايمەن دەپ ،ھەممە جىنايەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئوغلۇڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدا ،سېنىڭ ئىچىڭ ئاغرىمىغان بېلەن ،مېنىڭ ئىچىم قان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ،ھېلىقى قىزنىڭ قانغا بويۇلۇپ ياتقان جەسىتى ھازىرمۇ كۆز ئالدىدا بار، ئېسىت نمىشقىمۇ ساڭا تەگكاەن بولغىيتىم، ئېسىت بالىلىرىم، ئېست، يارمۇھەممەت ئوغلۇم نېمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقاندۇ شۇ تاپ...
-نېمە گەپ قىلمىسام، ۋاتىلداۋېرىسەن ،تېخى ئۆلگىنى يوققۇ ئۇ بالاڭنىڭ، مېنىڭ ئاشتۇزۇمنى ئاز يېدىمۇ؟مەن ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئىشنى قىلسا نېمە بوپتۇ ،بالا دېگەننى نېمە دەپ باقىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەسقاتارمىكىن دەپ باقمىسا، بىر ئوغلۇڭ، يوق بولسا يەنە ئۈچى بارغۇ،تولا بېشىمنى ئاغرىتما جۇمۇ سەن -سەمەت تاتۇق ئايتولۇنغا دوق قىلغىنىچە ،ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى،
-ۋۇ نامەرد، ئوغرى دەۋاتقان سۆزۈڭنى قارا ،نەرىڭ ئادەم سېنىڭكى، ئوغۇللۇرۇمنى دېمىگەن بولسام، ۆكلىدىغان ئىش بولسىمۇ، سەن نامەردنى ئۆز قوۇم بېلەن ساقچىغا تۇتۇپ بەرگەن بولاتتىم، ئاۋال يارمۇھەممەتكە بىر كېسىم چىقىپ باقسۇن قېنى ،ئەگەر ئۇ ئېتىلىپ كەتسە، سېنىمۇ ساق قوپيمايمەن، قىلغانلىرىڭغا پۇشايمەن قىلدۇرىۋېتىمەن-ئايتولۇن ،ھويلىدا تۇرۇپ، ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە، سەمەت تاتۇققا ۋارقىرىدى -قىلغۇلۇقنى قىپ بولۇپ، سېغىزخاندىن ساپ، پاختىدىنمۇ يۇمشاق بولۋالغىنىنى قارا بۇنىڭ .
دەرۋازىنىڭ تۇيۇقسىز چېكىلىشى ئايتولۇننىڭ سۆزىنى بۆلدى، ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن،چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى .
-سەن ،سەن بۇ يەردە نېمە قىلىسەن-ئايتولۇن دەرۋازىنى ئېچىپلا ئاغزى بېسىقماي سۆزلەپ كەتتى -بىز بۇ ئىشتىن قول ئۈزگەن تۇرساق، ئۆزۈڭ ئىچكىرىگە كىرىۋەرمەي، نېمىشقا يەنە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىسەن،نېمە ئىشىڭ بار سېنىڭ بۇ يەردە .
-ماڭ، ماڭ ،نېرى تۇر،سەن ئىشىڭنى قىل-ئايتولۇننىڭ كەينىدىنلا ئەگىشىپ چىققان سەمەت تاتۇق، ئايتولۇننى ئىتتىرىۋېتىپ،ئىشىك ئالدىدا ھېجىراپ تۇرغان ناتونۇش ئەرنى ھۇجىرىسىغا باشلاپ كىرىپ كەتتى .
-يېقىندا ،بەك ئېسىل مالدىن ئازىراق كېلىدۇ ئۇكام، شۇنى ساڭا بېرىمەن، لېكىن باھاسى سەنل ئۆرىرەك، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ،ھېلىقى ئىشتىن كېيىن ساقچىلار ،مېنى بەك چىڭ تۇتىۋاتىدۇ، مال كىرگۈزمىكىممۇ قىيىنلىشىپ كەتتى، شۇڭا خىراجەتمۇ كۆپۈرەك كېتىۋاتىدۇ .
-ئاكا، مال بولسىلا باھادا چاتاق يپوق، ھازىر قولۇمدا مال قالمىدى، ئېھتىياج بەك كۆپ، بالدۇرراق ئامالىنى قىلىپ بەرسەڭ بولاتتى ،
-خاتىرجەم بول.
سەمەت تاتۇقنىڭ بۇ ئىشتىن قول ئۈزگەنلىكىگە ئىشىنىپ ئولتۇرغان ئايتولۇن، ئىككىسىنىڭ سۆزلىرىنى دەرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ، بېشىدا چاقماق چاققاندەك چۆچۈپ كەتتى .
قانداق قىلىش كېرەك، زادى قانداق قىلىش كېرەك .توغرا ساقچىغا مەلۇم قىلاي، بۇ نائىنساپ ئوغرى ئادەم بولمىغۇدەك، ئۆز ئوغلىغىمۇ ئازىراق كۆيۈمى يوق بۇنداق ئادەمدىن ئىنساپ كۈتۈش مۇمكىن بولسۇنمۇ -ئايتولۇن شۇ خېياللار بېلەن ،ئاستاغىنە دەرۋازىدىن چىقىپ،يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا قاراپ يول ئالدى .......
*                                   *                                          *                                                    *
نېجات بېلەن ئايگۈل نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەنى تارتقاندىن كېيىن ئاخىرى يۇرتىغا قايتىپ كېلەلىدى ،بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، شوپۇرلارمۇ ئۇلارنى بايقاپ قالمىدى .ئىككىسى يول بويى بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىللىرىنى ئورتاقلىشىپ،بىر-بىرىدىن مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا كۆپ ۋەدىلەرنى بېرىشتى .
ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئەمدىلا 16 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان نېجات قارا ئىش قىلىپ ئىشلەپ، ئايگۈلنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقچى ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى ،ئايگۈل تولۇقسىزدىن يۇقۇرى ئۆرلەپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچۈپ چىقتى نېجاتنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشقا باشلدى.بىراق ئۇ بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدى، ئۆزى كىيمىسىمۇ ،ئايگۈلگە كىيدۈرۈپ، يېمىگەننى ئۇنىڭغا يىدۈرۈپ، بۇ يېتىم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يوقلۇقىنى پەقەتلا چاندۇرمىدى .ئۇلارنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ،نېجاتنى ئايگۈلنىڭ ئۆزئاكىسى ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن دەپ چۈشىنەتتى ،بىراق 18 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ، بالىلىقى بېلەن خوشلۇشۇپ، يىگىتلىك ھېسلىرى ئويغۇنىۋاتقان نېجاتنىۇڭ كۆڭلىدە ئايگۈلگە نىسبەتەن بىر ئوتلۇق مۇھەببەت كۈنسىرى ئۇلغۇيۇپ مەۋىجى ئۇرماقتا ئېدى .ئۇ ئايگۈلنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ،ئۇنىڭغا بالدۇراق كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنى ئويلايتتىۇيۇ، بىراق ئۇنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئايگۈل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر ساقلاپ تۇرۇشقا ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى .
-ئاكا،ئاكا،سىزگە بىر خۇش خەۋەر بار -بىر كۈنى كەچ ئايگۈل خۇشال-خۇارام،ھالدا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، نېجاتنىڭ يېنىغا يۈگۈرەپ كىردى.نېجاتقا نىسبەتەن ئايگۈلنىڭ ھەربىر قىلىق ئىنتايىن ساپ، ھەم ئوماق ئېدى
-نېمە خۇشخەۋەر ئۇ سىڭلىم-نېجات خۇشخەۋەرنى ئاڭلاشقا ئالدىراپ ،ئايگۈلنىڭ ئاغزىغا تەلمۈردى .
-سىز پەرەز قىلىپ بېقىڭە؟
-ھە بىلىۋالدىم، مۇئەللىمىڭىز سىزنى تەقدىرلەپتۇ-دە.
-ياق خاتالاشتىڭىز.-ئەمىسە ئېمتىھاندا بىرىنچى بوپسىزدە
-ۋاي ياق ئاكا ھازىر يا بىزدىن ئىمتاھان ئالىدىغان ۋاقىت بولمىسا .
-ئۇنداق بولسا مېنى تەقەززا قىلماي ئۆزىڭىزلا دەپ بەرمەمسىز سىڭلىم ،زادى نېمە خۇشخەۋەر ئۇ
-سىزگە دېسەم ھەيران قالىسىز -ئايگۈل ئېغزىنى ئۆمچەيىتكىنىچە سۆزىنى باشلىدى -قاراڭ ئاكا، بىزنىڭ سىنىپنىڭ، سىنىپ باشلىقىنى سىز تونۇمايسىز ھە، ئۇ دېگەن بەكلا كېلىشكەن بالا، خۇددى رومىيو، بېلەن جولىتا دېگەن كېنودىكى رومىيوغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدۇ ،شۇنداق رومانتىك دەڭە ،نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سىنىپىمىزدىكى نۇرغۇن قىزلار، ئۇنىڭغا كۆز تاشلاپ تەلەپ قويۇپ يۈرگەن، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ بىرەرسىگىمۇ قاراپ قويمىغانتى ،ئۇ بۈگۈن ماڭا نېمە دېدى بېلەمسىز؟
-نېمە دېدى-نېجاتنىڭ چىرايى تاتىرىپ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى
-ئۇ ماڭا ،دوسلىرىمنىڭ ئالدىدىلا، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، سۆيگۈمنى قۇبۇل قىلىڭ-دەپ كورىيەچە ئۇسلۇبتا ،كۆڭۈل ئىزھار قىلدى .
-سىز نېمە دېدىڭىز-نېجاتنىڭ كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى .
-مەن ئويلۇنۇپ باقاي دېدىم-ئايگۈلنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى -ئەسلىدە مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ئېدىم، بىراق ،مەن ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن، مەن دېگەن بىر ...
-بولدى ،ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ، نېمىلەرنى دەۋاتىسىز-نېجات ئايگۈلگە قاراپ چەكچەيدى -سىز ھېچقانداق ئەمەس، سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى لايىق چىقىدۇ ،نېمىشقا ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇماي تۇرۇپ، ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ يبرىسىز ،مەن سىزنى ئوقۇتىمەن دەپ، ھەركۈنى قۇرلۇشلاردا تۆمۈر تەسەك كۆتۈرۈپ يەرسەم، سىز ياخشى ئوقۇماي، يىگىتلەرگە كۆز سېلىپ يۈرسىڭىز قانداق بولىدۇ ،بۇنداق قىلىدىغان ئىشىڭىز بولسا بولدى ئوقۇماڭ
.-ئاكا،سىزگە زادى نېمە بولدى ،مەن تېخى ھېچكىم بېلەن مۇھەببەتلەشكىنىم يوققۇ ،سىنىپىمىزدىكى ھەممە قىزلارنىڭ دېگۈدەك ئارلىشىۋاتقان يېگىتى بار، مەنمۇ كىچىك ئەمەس، 18 ياشقا كىرەي دەپ قالدىم، كېلەر يىلى تولۇق 3- يىللىققا كۆچىمەن، ئەجىبا مېنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىممۇ خاتامۇ؟
-خاتا-،خاتا بولماي، نەرى توغرا ،سىز تېخى ياخشى كۆرۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسىز، ساختا ھېسىياتقا ئىشىنىپلا ياخشى كۆرىمەن دەپ ھېس قىلىۋالغانسىز بەلكىم، بۇ دېگەن ساختا تۇيغۇ، سىنىپىڭىزدىكى ھەممە ئادەم ئۇنى ماختاۋەرگەنلىكى ئۈچۈن سىزدە شەكىللەنگەن ساختا تۇيغۇ،ئۇنى مۇھەممەت، ياخشى كۆرۈش دەپ ئويلىماي ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇڭ.-نېجاتنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى يۇقۇرىلاپ،كۆز قارچۇقلىرى چەكچىيىپ چىقىۋاتاتتى ،
-ئاكا، بولدى خاپا  بولماڭ، مەن ئەمدى سىزگە بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز دېمەيمەن-ئايگۈلنى قورقۇنۇچ باستى -مېنى بەكلا قورقۇتىۋەتتىڭىز .
-ئوماق سىڭلىم، مەندىن خاپا بولماڭ، مەنمۇ سىزنى ئويلاپ شۇنداق دەۋاتىمەن، نېجات ئايگۈلنى باغرىغا باستى .شۇ تاپتا، ئۇ ئايگۈلدىنمۇ بەكىرەك يىغلاۋاتاتتى ،ئۇنىڭغا ئايگۈلنىڭ بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ ئېيىتقان بىر ئېغىز سۆزى جېنىنى ئالغان بېلەن باراۋەر ئېدى .
*                                                      *                                                                 *                                                             *-رەيھان مەن ئويلاندىم ،سېنى ئەتراپىڭىكىلەرنىڭ ،ھارامدىن بالا تاپقان دەپ،ئەيىپلىشىگە قراپ تۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمۇغۇدەك، خالىساڭ بىز بىر ئويۇن ئوينايلى، يەنى ئاجىرشماي تۇرۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاجىرىشايلى ،لېكىن شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، بىز بىر ئۆيدە ياشايمىز ،لېكىن، بىر ھۇجىرىدا ئەمەس، بىر ئۆيدە ياشايمىز لېكىن ،پۈتۈنلەي ناتۇنۇش ئادملەردەك ياشايمىز-ماقۇل،دېگىنىڭىزدەك بولسۇن-ئېمىراندىن كەلگەن تېلىفۇننى ئېشەنچ بېلەن قولىغا ئالغان رەيھاننىڭ كۆڭى ۋاللىدە يورۇپ ،كەتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ ئۈمۈد تۇغۇلغان ئېدى .شۇنداق قىلىپ، رەيھان بېلەن ئېمىران ئۈرۈمچىدىن بىر ئۆينى ئېجارىگە ئېلىۋاللدى .
ئەمدى بىز كېيىنكى بابتا مەخسۇس رەيھاننىڭ ھېكايىسىنىلا ئاڭلايمىز......
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ..........................

0

تېما

0

دوست

148

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
38
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
38
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 21:54:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى يوللىمامدۇق، تاھىرجان؟

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 12:18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
18.باب :رەيھاننىڭ كۆز يېشى

رەيھان ئەسلىدە ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغان ئېدى، بىراق قورسىقىدا مىدىرلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان نارىسىدىنى ئويلاپ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى ،ئۇ فەرۇقتىن ئۆچ ئالىمەن دەپ قىلغانلىرىغا ھەقىقەتەن كۆپ پۇشايمان قىلدى ،ئىشلارنى كەينىگە ياندۇرغىنى بولسا ئېدى، رەيھان فەرۇقتىن ئۆچ ئېلىشنى ئەمەس،بەلكى ئېمىران بېلەن بەخىتلىك ياشاشنى تاللىغان بولاتتى ،بىراق بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى قانداقمۇ كەينىگە ياندۇرغىلى بولسۇن.
-ئېمىران ،سىزگە تاماق ئېلىپ قويغانتىم ،يەۋالامسىز-رەيھاننىڭ ئۈمۈد ئىچىدە تەلمۈرۈپ ئېيىتقان سۆزلىرى يەنە جاۋابسىز قالدى .ئەمدىلا سىرىتتىن قايتىپ كىرگەن ئېمىران ،خۇددى ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىمايۋاتقاندەك ھۇجۇرىسىغا كىرىپ كەتتى، رەيھان بولسا، پولتۇيۇپ چىققان قورسىقىنى سىلاپ قويغىنىچە ئۈنسىز ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، ئۆزى تۈجۈپۈلەپ تەييارلىغان بىر قاچا پولۇغا قارىغىنىچە خېيالغا پاتتى.
ئەنە ئېمىراننىڭ يېزىدىكى ھويلىسى، ھەممەيلەن داستىخانغا ئولۇشۇپ ئولتۇرۇپ رەيھان تۇنجى قېتىم ئەتكەن پولۇنى يىيىشكەچ، بىرى ،تۇزلۇقكەن دېسە، بىرى گۈرۈچىگە ئىس كېتىپتۇ، بىرى سەۋزىسى ئارلاشماپتۇ دېسە، يەنە بىرى ياغلىق بولۇپ قاپتۇ دېيىشىپ-بۇرۇن بىر قېتىممۇ تۈزۈكرەك  تاماق ئېتىپ باقمىغان رەيھاننىڭ يۈزىنى ئوت ئالغاندەك قىزارتىۋەتكەن ئېدى .ئېمىران ئىشتىن كەچ كېلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە داستىخاندا ئۆيدىكىلەر بېلەن بىرگە بولالماي، ئۇسسۇپ قويغان تاماقنى يەيتتى .
-قورسۇقۇم بەكلا ئېچىپ كەتتى ،ماڭا تامىقىمنى ئەكىرىپ بېرىڭە-ئېمىراننىڭ قايتىپ كېلىپلا رەيھانغا كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرى ،ئۇنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى ،ئەكىرىپ بەرمەي دېسە، باشقا تاماق يوق، ئەكىرىپ بېرەي دېسە، رەيھان ئۆزى ئەتكەن تاماقنى ئۆزىمۇ تېتىپ باقتى، بۇ تاماقنىڭ ھەقىقەتەن يېگۈچىلىكى يوق، زادى قانداق قىلىش كېرەك، رەيھان بىر پەس ئويانغاندىن كېيىن، ئۆزى ئەتكەن تاماقتىن ئازىراق ئۇسۇپ كىردى .
-بۇ تاماقنى كىم ئەتتى بۈگۈن-ئېمىران تاماقتىن بىر قوشۇق يەپلا چىرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى .
-مەن ،مەن ئەتكەن-رەيھان دۇدۇقلاپ سۆزلىيەلمەيلا قالدى
-ھە بەك ئوخشاپتۇ ،بۈگۈنكى تاماق -ئېمىران دەرھال چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بېسىپ،قولىدىكى تاماقنى بىردەمدىلا يەپ بولۇپ، قولىدىكى قاچىنى رەيھانغا ئۇزاتتى -قولىڭىز ھەقىقەتەن تاتلىقكەن جۇمۇ سىزنىڭ، يەنە بىر قاچا ئۇسسۇپ كىرىڭە .
رەيھان  ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ ،ئېمىراننىڭ قولىدىكى قاچىنى ئېلىپ، يەنە بىر قاچا تاماقنى بىردەمدىلا  ئۇسسۇپ،ئېلىپ كىردى بايىنىڭ ياقى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بېئارامچىلىقلارمۇ  قاياقلارغىدۇر  غايىپ بولدى .
-ئېمىران تامىقىم راس ئوخشاپتىمۇ؟
-ئوخشىمامتىكىن ،ھەسەل دەڭە ،ھەسەل،-ئېمىران رەيھاننىڭ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ سورىغان سوئالىغا شۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەچ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى -سىزنىڭ مۇشۇ قوللىرىڭىزدا ،مەڭگۈ بۈگۈنكىدەك ئوخشىغان غىزا يېيشكە رازىمەن ....
مانا ئەمدىلىكتە رەيھاننىڭ ئالدىدا ئوخشىغان بىر قاچا پولۇ تۇرۇپتۇ، بىراق ئېمىران بۇ تاماققا قاراپمۇ قويمىدى ،رەيھان قانداقمۇ يىغلىماي تۇرالىسۇن؟.ئېمىران بېلەن رەيھان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىلى ئىككى ئاي بولاي دېگەن بولسىمۇ، ئېمىران تېخىچە رەيھانغا ،بىرەر ئېغىز تۈزۈكرەكمۇ گەپ قىلىپ باقمىغان تۇرسا، رەيھان قانداقمۇ ئازابلانماي تۇرالىسۇن ؟ رەيھاننىڭ ئېمىران بېلەن بىرگە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نۇرغۇن شېرىن ئارمانلىرى بار ئېدىغۇ؟ئۇ قورسىقدىكى بالىنى ئېمىرانغا بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەمەس، ئېنتايىن رومانتىك ئۇسۇلدا بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغىماقچى بولغان ئېدىغۇ، ؟بۇ زادى قانداق تەقدىر، ئەجەبا ياراتقان ئېگىسى ئۇنى جازالاۋاتقانمىدۇ ؟
-ۋايجان، ۋاي قورسىقۇم، ۋايجان -رەيھاننىڭ يىغىسىنىڭ ئاخىرى چۈشمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭ قورسىقى مۇجۇپ،مۇجۇپ ئاغرىپ كەتتى،ئۇ قورسىقىدىكى بالىسىغا بىر ئىش بولۇشتىن ئەنسىرەپ، ئېمىراننىڭ ھۇجىرىسىنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇپ  ئۇنىڭغا يالۋۇردى
-ئېمىران ،جېنىم ئېمىران مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ، بالام، بالام، بالامنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي -
رەيھاننىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىشقا تەمشەلگەن ئېمىران ،ئۇنىڭ بالامنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ، دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تۇرغان جايىدىلا توختاپ قالدى .نېمە ئۈچۈن، زادى نېمە ئۈچۈن، مەن بۇ ھارامدىن بولغان بالىنى قۇتۇلدۇرۋالغۇدەكمەن ،بوپتۇ، ئۇ مۇشۇ باھانىدا ئۆلسۇن، رەيھانمۇ، مەنمۇ بۇ ئاۋارىچىلىقلاردىن تەڭ قۇتۇلايلى، مۇشۇ ھارامدىن بولغان بالا ئۆلسىلا مەنمۇ رەيھاندىن خاتىرجەم ئايرىلىپ، ئۇنى ھەرقېتىم كۆرگىنىمدە ،بىر قېتىم ئۆلگۈدەك ئازابلىنىشلاردىن خالاس، بولالاليمەن، ئېمىران شۇ خېياللار بېلەن،بارغانسىرى ۋايجانلىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان رەيھاننىڭ نالىسىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ، يوتقان بېلەن قۇلاقلىرىنى يۆگىگىنىچە جىمجىت يېتىۋالدى.ئېمىران رەيھاننى ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۆرەتتى ،بىراق ئۇنىڭ فەرۇقتىن ئۆچ، ئالىمەن دەپ، ئۆزىگە قىلغانلىرىنى، ھەم قورقماي تۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇ ئويۇنغا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئويلىسىلا، ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كېتەتتى، ئۆزىنىڭ  ئۇنىڭ كۆز ئۇنى ئۇنتۇيالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ھەرۋاقىت كۆز ئالدىدىلا يۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن دەپ بىلەتتى، ھەم شۇ خېياللىرى سەۋەبلىك، رەيھاندىن بالدۇرراق ئايرىلىپ، كېتىپ، ئۇنىڭ بېلەن بولغان بارلىق ئەسلىمىلەرنى خېياللىرىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى ئۈمۈد قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ ۋېجدانى ھەم ئەركەكلىكى   ئۇنىڭ رەيھانغا بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشىغا يول قويمايتتى ،مانا ئەمدىلىكتە، رەيھاننىڭ قورسىقىدىكى بالا ئۆزلىكىدىن يوقۇلۇپ، ھەممە توسالغۇلارنى بىرلا يول بېلەن تۈگىتەلەيدىغان پۇرسەت كەلگەن تۇرسا ،ئېمىران نېمە ئۈچۈن مۇۇشنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتكۈدەك ؟
-ئانا، جېنىم ئانا، مەن بولالمىدىم .-رەيھان ئېمىراندىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ،ئۆمىلەپ دېگۈدەك، ھۇجىرىسىغا كىرىپ، يانفونىنى قولىغا ئېلىپ، ئانىسىنىڭ نومۇرىنى كۈچسىز بارماقلىرى بېلەن بېسىپ، شۇنداق دەپ بوشقىنە شىۋىرلىدى.-قىزىم.جېنىم قىزىم ساڭا، نېمە بولدى -رەيھاننىڭ ئانىسىنىڭ  سۆزلىرى جاۋابسىز قالدى، رەيھان ھالسىزلانغىنىدىن ئاستاغىنە ھوشىنى يوقاتتى .
-ۋاي قىزىم كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ، نېمە بولدۇڭ جېنىم قىزىم، مېنى قورقۇتماي كۆزۈڭنى ئاچقىن .
رەيھاننىڭ جىمىپ قالغىنىدىن ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئاغرىقى قويغان بولسا كېرەك،دەپ ئويلاپ، قورساقتىكى بالىنىڭ يوقالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ ياتقان ئېمىران ،ئارىدىن يېرىم سائەتمۇ ئۆتمەي تۇرۇپ،يېتىپ كەلگەن رەيھاننىڭ ئانىسىنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغندەك ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى . -سەنمۇ باركەنسەنغۇ ئۆيدە، نېمىشقا قىزىمنىڭ يېنىغا چىقىپ قويمۇدۇڭ، قىزىمنى زادى قانداق قىلدىڭ-رەيھاننىڭ ئانىسى ئېمىراننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى -قىزىمنى سەن مۇشۇنداق قىلىپ، قويدۇڭما، ئېيتە ئەبلەخ قىزىمنى زادى نېمە قىلدىڭ ؟
-ئاپا، ئاچچىقلانماڭ، مەن ئۇنى ھېچقانداق قىلمىدىم-جىددىيلىشىپ كەتكەن ئېمىران نېمە قىلارىنى بېلەلمەي دۇدۇقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى-ئاۋال رەيھاننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايلى، قالغان ئىشلارنى مەن سىزگە كېيىن چۈشەندۈرۈپ قوياي بولامدۇ ؟
-نېرى تۇر ،قىزىمغا تەگكۈچى بولما، -رەيھاننىڭ ئانىسى ،ئېمىراننىڭ رەيھاننى كۆتۈرمەكچى بولغان ،قوللىرىنى ئىتتىرىۋېتىپ، رەيھاننى ئۆز ھاپاش قىلدى -ئاۋال قىزىم بىر ھوشىغا كەلسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا بىر ئىش قىلغان بولساڭ، سەن بېلەن تەڭ تۈگىشىمەن ،ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ،ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا دېگەن ۇ كەندە، تېشىڭغا قاراپ ئادەممىكىن دەپ ،ئىشىنىپ قىزىمنى قوشۇپ قويۇپتىمەن ساڭا، ۋاي ئېستى، ۋاي ئېسىت، ۋاي قىزىم، جېنىم قىزىم .
ئېمىران ئۈنسىز ھالدا ،رەۇيھاننىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، رەيھاننىڭ ئانىسى پەسكە چۈشىشىگىلا يېتىپ كەلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشنىسىغا ،رەيھاننىڭ چىقىرىپ، ئۆزى يېنىغا ئولتۇرۇپ، ماشنىغا چىقماقچى بولغان ئېمىراننى ئىتتىرىۋېتىپ، دوختۇرلار بېلەن دوختۇرخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ۋاي ئېسىت، نېمىشقىمۇ رەيھاننىڭ نالىسىنى ئاڭلىمىغاندىمەن، مېنى قارا بېسىپتىغۇ، مەن قاچاندىن بېرى بۇنداق ئىچى يامان بولۇپ قالغاندىمەن، ئەگەر رەيھانغا راستىنلا بىر ئىش بولۇپ قالسا ،مەن بۇ دۇنيادا قدناق ياشىيالايمەن ،ئۆزۈمگە قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمەن، مېەن قورساقتىكى نارسىدە بالىنىمۇ قەستلىگەن تۇرسام فەرۇقتىن نېمە پەرىقىم قالدى مېنىڭ ،جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كەينىدىنلا ماشنا توسۇم يولغا چىققان ئېمىران ،ئۆز-ئۆزىنى توختىماي ئەيىبلەيتتى،يۈرىكىگە قاتتىق-قاتتىق مۇشلايتتى، كۆزلىرىدىن پۇشايمان ياشلىرى توختىماي سىرغىپ چۈشەتتى . -بەكلا قانسىراپ كېتىپتۇ ،بېمارنىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزمىساق بولمايدۇ -دوختۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئېمىراننىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ بەك كۈچۈيىشكە باشلىدى .-دوختۇر ئۇنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي -ئېمىران دوختۇرلارغا توختىماي يالۋۇراتتى ،ئۆزىنى توختىماي ئەيىپلەيتتى، رەيھاننىڭ ئانىسىنىڭ ،ئىتتىپ، تىللاشلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ چىقمايتتى ،مەن زادى نېمە قىلىپ قويدۇ، قېنىم رەيھان مېنى تاشلاپ كەتمىگىن، مەن پۇشايمان قىلدىم، مېنى كەچۈرگىن،ئېمىراننىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىزلا رەيھانسىز دۇنيا پەيدا بولۇش بېلەن تەڭ، ئۇنىڭ كۆز ئالدى بىراقلا قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى ،مەن نېمىشقا بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن ،نېمىشقىمۇ سەنسىز ھايات تۇرالمايدىغانلىقىمنى ئويلىمىغاندىمەن، ساڭا مەن زېيانكەشلىك قىلدىم رەيھان ،مېنى كەچۈرگىن .
-ئايالنىڭ يولدىشى بۇ ياققا كىرىپ بۇ جەدىۋالگە قول قويۇپ بېرىڭ، -بىر ئازدىن كېيىن بىر مەسئۇل دوختۇر چىقىپ،ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلەپ تۇرغان  ئېمىراننى چاقىرىپ ،بىر ئاشخانىغا ئەكىرىپ-بېمارنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە ،بالا قورساقتا تۇنجۇقۇپ قاپتۇ، ئوپراتسىيە قىلىپ، ئېلىۋېتىشىمىز كېرەك،،بەلكىم بېمار ئوپراتسىيەدىن ساق چىقالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئوپراتسىيە قىلىش ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتىكى بىردىنبىر ئۈمۈدىمىز-دېدى ،-
ئايالىمنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭ،دوختۇر سىزىن ئۆتۈنەي،-ئېمىران تىترەپ تۇرغان قوللىرى بېلەن ئېمزا قويغاندىن كېيىن دوختۇرغا ئېسىلىپ  يالۋۇردى .
ئارىدىن تۆت-بەش سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دوختۇرلار ئوپراتسىيەخانىدىن چىقىپ
-بېمارنىڭ ھاياتى خەۋىپتىن ئۆتۈپ كەتتى ،لېكىن تېخىچە ھوشىغا كەلگخنى يوق، قانسىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەرۋاقىت خەرىپ كۆرلۈش مۇمكىنچىلىكى بار ،شۇڭا كۆزىتىش ئۆيىدە قالدۇرۇپ كۆزىتىشىمىز كېرەك ،سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ تۇرۇڭلار -دەپ، ئېمىران بېلەن رەيھاننىڭ ئاپىسىنى يولغا سالماقچى بولدى،ئېمىران  بۇ يەردە قالسا، رەيھاننىڭ ئانىسى ئېمىراننى ھېچ بوش قويۇۋېتىدىغاندەك قىلمايتتى، شۇڭا ئېمىران قايتىپ ئەتىسى كەلمەكچى بولۇپ، ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتى .
ئېمىران بىر كېچىنى ئەندىشە، ۋەھىمە ھەم ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلەشلەر بېلەن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتىگەندە ،رەيھاننىڭ يېنىغا قاراپ يولغا چىقتى .
-چىقىپ كېتىڭ، سىزنى كۆرەر كۆزۈم يوق، -ئەمدىلا ھوشىغا كېلىپ تۇرغان رەيھان ئېمىراننى كۆرۈش بېلەنلا ئۇنىڭغا غەزەپ بېلەن قاراپ ۋارقىرىدى -سىزنى ئادەممىكىن دەپ قاپتىكەنمەن ،ئېسىت،سىزمۇ ھېلىقى ئاكىڭىزنىڭ جۈپتىكەنسىز، ئەمدى سىزنى كۆرەر كۆزۈم يوق، ۋاي بالام، مېنىڭ بالام ..
.رەيھاننىڭ يىغىسى كېسەلخانا ياتىقىنىڭ ئىچىنى بىر ئالدى،
-رەيھان ،بۇنداق قىلماڭ، مەن سىزگە چۈشەندۈرەي -ئېمىران ،رەيھاننىڭ يېنىغا بېرىپ،ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى .
-ۋۇ ھايۋان، يوقا،ل، سېنى كۆرەر كۆزۈم، يوق، بالامنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر -رەيھان بارغانسىرى ئەسەبىيلىشىپ ،قاتتىق بىر سىلكىنگەندىن كېيىن ھوشىنى يوقاتتى .
-ۋۇ ،قانخور قىزىمنى يەنە نېمە قىلدىڭ،-سىرىتقا نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن رەيھاننىڭ ئانىسى ،بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۈستىگىلا قايتىپ كىرىپ،ئېمىراننىڭ يۈزىگە تۈكۈرگىنىچە ،ئۇنى كېسەلخانىدىن قوغلاپ چىقاردى .
رەيھاننىڭ ،بالام ،دەپ ۋارقىرىغان چاغدا ئېقىپ چۈشكەن   كۆز ياشلىرى  ،ئېمىراننىڭ توختىماي تىترەۋاتقان يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانچىلىلىپ،ئۇنى قىيناشقا باشلىدى .......
داۋامى  داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.................

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 13:10:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
19.باب:ئۈزۈلمەس رىشتە
-ھەدە ،تېخى مەن سىزنى ئىزدەپ باراي ،دەپ تۇرغان ئىدىم-ئايتولۇن مەھەللە ساقچىخانىسىغا بېرىپلا ،مەسئۇل ساقچىنىڭ ئېيىتقان سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇپ،داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى،چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ساقچىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئېدى،ئۇنىڭ ئۆزىنى قانداق قىلىپ ،تونۇۋالغانلىقى ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ھەرخىل ساراسىمىلەرگە سالماقتا ئېدى .
-يېقىندا مەلۇم سوت مەھكىمىسى ،ئوغلىڭىز يارمۇھەممەتكە ئوچۇق سوت ئاچىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇشىمىزنى ھاۋالە قىلغان -ئايتولۇن، بۇ ساقچىىنىڭ كىملىكىنى ئويلاپ تېپىشقا تېخى ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا،ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋابنى بېرىپ بولدى-چاقىرىق قەغىزى مانا.
مەھكىمىمىز، مەلۇم خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جاۋابكار يارمۇھەممەت سەمەتنىڭ ئۈستىدىن قىلغان،قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، بالىلارنى خورلاش، ئېلىپ سېتىش، كۆپ قېتىم، بۇلاڭچىلىق،ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈش،زەھەر سودىسى ھەم، زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان جىنايەتلەر بېلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدىكى ،ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلدى، مەلۇم كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەھكىمىمىزنىڭ ئوچۇق سوت زالىدا، مەزكۇر دېلوغا قارىتا، ئوچۇق سوت ئېچىلىدۇ، جاۋابارنىڭ تەلىپىگە بېنائەن، جاۋابكارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئادوۋكات تەكىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئاقلىسا ،ياكى سوت مەيدانىغا كېلىپ،ئوچۇق سوتقا قاتناشسا بولىدۇ .
ئايتولۇن ،چاقىرىق قەغىزىنى كۆرۈپلا ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە نېمە سەۋەبتىن كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، جانسىز قەدەملىرى بېلەن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .
-جېنىم دادىسى،ئوغلىمىزنى قۇتۇلدۇرىۋالايلى -ئايتولۇن چاقىرىق قەغىزىنى سەمەت تاتۇققا بەرگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
-نېمىنى قۇتۇلدۇرىدۇ، كۆرمىدىڭمۇ، چاقىرىق قەغىزىدىى ئەيىپلەشلەرنى ،سەن مېنىمۇ بۇ ئوتقا سۆرەپ كىرمەكچىمۇ،ئەڭ ياخشىسى زۇۋانىڭنى يىغىپ جىم تۇر ،ئوچۇق سوتقا سەەنمۇ بارمايسەن، مەنمۇ بارمايمەن، ،مەن ھازىرلا بېرىپ، ئۇلارغا سوتقا قاتناشمايدىغانلىقىمنى ،بۇنداق ئوغۇلدىن ،كېچىپ، چەك چىگىرامنى ئۈزىدىغانلىقىمنى ئېيتىمەن .
-دادىسى ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟ئۇ دېگەن بىزنىڭ ئوغلىمىز تۇرسا، ئۇ سىزنى دەپ مۇشۇنداق كۈنگە قالغان تۇرسا، ئۇنى قۇتقۇزمىساق قانداق بولىدۇ -ئايتولۇن سەمەت تاتۇقنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالدى .
-ئارىلاشمايمىز دېدىممۇ ئارىلاشمايمىز-سەمەت تاتۇق ئايتولۇننىڭ ئۆزىگە ئېسىلغان قوللىرىنى غەزەپ بېلەن ئىتتىردى .
-ۋۇ ئەبلەخ، ئەينى چاغدا يارمۇھەممەتنى ،سېنى ئۆزۈم قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن،دەپ،ئۇنى ھەممە جىنايەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلىمىغانمىدىڭ، ئەمدىلىكتە نېمىشقا بۇ سۆزۈڭدىن يېنىۋالىسەن-ئايتولۇن ،سەمەت تاتۇقنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى -ئۆز نەپىسىڭ ئۈچۈن ئوغلۇمنى قوربان قىلدىڭ، ئۇنى مۇشۇ كۈنگە سالغان سەن ئەمەسمىدىڭ، نېمىشقا سەن يايراپ يۈرۈپ سېنىڭ گۇنايىڭنى ئۇ تارتىدۇ .
-قولۇڭنى تارت ۋۇ ساراڭ، مەن ئۇنى 20 يىل باققان تۇرسام ئۇ مەن ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئىش قىلىپ بەرسە نېمە بوپتۇ، ئۇ كەتسە سېنىڭ يەنە ئۈچ ئوغلۇڭ بارغۇ ،بىر ئوغۇلدىن ئايرىلغانغا بالىسىز قالمىساڭ يا ،-سەمەت تاتۇق ئايتولۇننى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى -نېمە بېشىمنى  ئاغرىتىۋېرىدۇ ماۋۇ ساراڭ خوتۇن .
-بوپتۇ ،ئۇنى سەن قۇتۇلدۇرمىساڭ،ئۆزۈم قۇتۇلدۇرىمەن، مەن ئۇنى قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى ئوبدان بىلىمەن -ئايتولۇن شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىشقا تەمشەلدى .
-نەگە بارىسەن ۋۇ ساراڭ خوتۇن -سەمەت تاتۇق ئايتولۇننى تارتتى-بوسۇغىدىن ئاتلىغىنىڭنى بىر كۆرەي سېنىڭ، بۇندىن كېيىن ئۆيدىن تالاغا چىققۇچى بولما ،سەمەت تاتۇق سۆزىنى تۈگىتىپ،ئايتولۇننى سولاپ قويغاندىن كېيىن، ساقچىخانىغا قاراپ يول ئالدى .
-مېنىڭ بۇنداق ئوغلۇم، يوق،ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنىڭ چېكى يوقكەن، مىللەتكە خەلىققە زىيان سالغان بۇنداق ئوغۇلنى ئاقلىسام، يەنە مېنى ئادەم دېگىنى بولسۇنمۇ، ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇردۇم، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت قانداق جازا بەرسە مەن رازى،ئانىسىمۇ ماڭا ئوخشاش قاراشتا، شۇا بىز سوتقا قاتنىشالمايمىز،رەھبەرلەرگە سىز يەتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز ئۇكام .
-ئاكا، سىز ئاجايىپ ئىنسانكەنسىز، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا باشقا ئادەم بولغان بولسا، بەلكىم سىزدەك قىلالماس بولغىيتى، ئوغلىڭىز نېمىشقىمۇ سىزنىڭ بىر تەرىپىڭىزنىمۇ دوراپ قالمىغان بولغىيتى .
-شۇنى دەيمەن
-ئۇنداق دېمەڭلار ئۇكام، مەن سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا مۇناسىپ ئەمەسمەن، مەندەك ئوغلىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمىگەن ئاتا قانداقمۇ ياخشى دېگەن نامغا لايىق بولسۇن، مەن بالامنى ياخشى تەربىيەلىمىگەچكە ئۇ دۆلەتكە نۇرغۇن زىيان سالدى ،مەن خەلقىمگە يۈز كېلەلمەيمەن، دۆلەتكە يۈز كېلەلمەيمەن-سەمەت تاتۇق ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ،ماختاشلىرىدىن دىلى سۆيۈنۈپ يالغاندىن كۆز يېشى قىلىۋەتكەندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىغا جەزىم قىلىپ ساقچىىخانىدىن چىقىپ، ئۆيىدە قالدۇرۇپ قويغان مېھماننى يېنىغا قاراپ يول ئالدى ....
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا يارمۇھەممەتكە ئوچۇق سوت ئېچىلدى ،ئايتولۇن سەمەت تاتۇقنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ،ئوغۇرلۇقچە بېرىپ سوتقا قاتناشتى .ئۇ يارمۇھەممەتنى كۆرۈشى بېلەنلا -ئوغلۇم ،ئوغلۇم-دەپ ئەسەبىيلەرچە چاقىرىپ كەتتى .
--سەن نېمىشقا كەلدىڭ -يارمۇھەممەت، ئايتولۇنغا شۇنداق دەپ، ھەممىنى قىلغان سەن دېگەندەك نەزەردە سەت قاراپ قويدى.
-جاۋابكار يارمۇھەممەت سەمەتنىڭ جېنايىتى ئېغىر، قىلمىشى قەبىھ، جەمىيەتكە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ تۇغدۇرغان ،يۈز خاتىرە قىلىشقا، ياكى قانۇن ماددىلىرىدا ،يولغا قويۇلغان تۆۋەن چەكلەرگە سېلىشقا بولمايدۇ، تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ،جىنايىتىگە تۆۋە قىلماي، كۆپ قېتىم، جىدەل تۇغدۇرۇپ، ساقچىلار بېلەن قارشىلاشقان، شۇ سەۋەبتىن جىنايى ئىشلار قانۇنىڭ مەلۇم ماددا، مەلۇم بەلگىللىرىمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەلۇم جىنايەتلىرىگە ،مەلۇم جازالارنى بېرىپ،ھەممىسىنى قوشۇپ جازالاپ، دەرھال ئۆلۈم جازسى بېرىمىز، جازا دەرھال ئېجىرا قىلىنسۇن .-
سوتچىنىڭ ،يارمۇھەممەتكە بەرگەن  جازاسىنى ئاڭلاپلا ئايتولۇننىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ، ھوشىنى يوقاتتى .
-ئوغلۇم،نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن، قاتىل داداڭ تۇرسا نېمىشقا ھەممە جىنايەتنى ئكز ئۈستۈڭگە ئېلىۋالىسەن-ئايتولۇن ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، سوتنىڭ رۇخسىتى بېلەن ،يارمۇھەممەت بېلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكىلى كىرگەندەك ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ  ھۆڭۈرەپ يىغلىدى -سېنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان ئاشۇ مەلئۇن داداڭغۇ بالام، نېمىشقا ئۇنىمۇ قوشۇپ جازالاتقۇزمايسەن .
-دادامنى تىللىغۇچى بولما، بىزنى جازالاتقۇزغىنى دادام ئەمەس سەن ،مېنى مۇشۇ كۈنگە قويغىنىمۇ سەن، سەن ھېلىقى پاسكىنىلارنى قاچۇرىۋەتمىگەن بولساڭ، مەن مۇشۇ كۈنگە قالارمىدىم، خاتىرجەم بول، مەن ئۆلۈپ كەتمەيمەن ،دادام قولىنى نەگە سوزسا شۇ يەرگە يېتىدۇ ،ئۇ چوقۇم مېنى قۇتۇلدۇرىۋالالايدۇ ،دادامنىڭ نۇرغۇن پۇلى بار، دادام ماڭا، بالام، دۇنيادا پۇل قادىر بولالمايدىغان نەرسە يوق دېگەن ،سەن ماڭا ئىش ئۈگىتىمەن دېمەي ،دەرھال كۆزۈمدىن يوقال .
-بالام، نېمىشقا بۇنداق ئويلايسەن، داداڭ سېنى قۇتۇلدۇرمايدۇ، سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇنى پاش قىلىپ ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇرغىن-ئايتولۇن يارمۇھەممەتنىڭ جاۋابىدىن ئۈمۈتسىزلىنىپ،ئەينەككە چىڭ چاپلاشتى
-بولدى تولا مېنىڭ بېشىمنى قايدۇرىمەن دېمە، كىمنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغىنى ،كىمنىڭ مېنى قۇتۇلدۇرىدىغىنى ئۆزۈمگە ئايان ،ئەمدى دادامغا ھەم بىزگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولما،بولمىسا چىققان چېغىمدا سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن -يارمۇھەممەت شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىرىپ كېتىشكە تەمشەلدى-ساقچى مەن كىرىپ كېتىمەن .-
يارمۇھەممەتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ئايتولۇننىڭ يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانچىلدى، ئەجەبا ئوغلۇمغا مەن زىيانكەشلىك قىلدىممۇ؟

-ۋاي،بالام، قېنىم بالام، جېنىم بالام، ياش كەتتىڭغۇ بالام-ئايتولۇننىڭ مېيىت ئۆيىدە ئوغلىنىڭ جەسىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلىغان ھالىتى ،ئەتراپىدىكى ھەرقانداق بىر  ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتاتتى ،
-خوتۇن ،بولدى قىلغىن، ئۆزۈڭنى بېسىۋال،ئۇنىڭ تەقدىرى مۇشۇ بولسا كېرەك، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى-سەمەت تاتۇقنىڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا ئوينىغان ئويۇنى ،ئايتولۇننىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغىۋەتتى ،ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سەمەت تاتۇققا قاراپ چەكچەيدى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى غەزەپ، سەمەت تاتۇقنىلا ئەمەس ئەتراپىدىكى باشقا ئادەملەرنىڭمۇ قاراپ قالغانلىرىنىڭ يۈرىكىگە باشقىچە قورقۇنۇچ سالاتتى .
-ۋۇ ھايۋان ،سەن نېمە دەۋاتىسەن -ئايتولۇن تۇيۇقسىزلا سەمەت تاتۇقنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى-يارمۇھەممەتنى مېنى ئۆلتۈردى دەۋاتامسەن ،بىلىپ قوي ئوغلۇمنى سەن ئۆلتۈردۈڭ ،ئوغلۇمنىڭ ئۆلىمىگە سەن سەۋەبچى ،ئوغلۇمنى تۆلەپ بەر، نېمىشقا ئۇنى ئالدايسەن، نېمىشقا قۇتقۇزىمەن دەپ تۇرۇپ قۇتقۇزمايسەن، نېمىشقا ئۇنى ئاق ساتقۇزىسەن، نېمىشقا ئۇنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش قىلىسەن، ئوغلۇمنى تۆلەپ بەر -ئايتولۇننىڭ سۆزلىرى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىماقتا ئېدى -بالامنى ئاقچى قىلغانمۇ سەن، ئادەم ئېلىپ ساتقانمۇ سەن، قاتىل قىلغانمۇ سەن، پۇل ھەممىگە قادىر، پۇل بولسىلا بولىدۇ دەپ ئۆگەتكەنمۇ سەن ،مانا ئەمدىلىكتە سېنىڭ پۇلۇڭ نېمىگە ئەسقاتتى ،-ئايتولۇن  ھېچ ئكزىنى باسالايدىغاندەك قىلمايۋاتاتتى ،ئۇ بىردىنلا ئەسەبىيلىشىپ، سەمەت تاتۇقنىڭ گېلىنى چىڭ سىقتى -سېنىڭ پۇلۇڭ بار ئېدىغۇ، ئەمدى ئوغلۇمنى قۇتۇلدۇرمامسەن، قارا ئوغلۇمنىڭ چىرايى مۇزلاپ كېتىپتىغۇ، ئۇنى تىرىلدۈرۈپ باقمامسەن شۇ پۇلۇڭ بېلەن .
-ئايتولۇن، ئايتولۇن، بوينۇمنى بەك سىقىۋەتتىڭ، -سەمەت تاتۇق ئايتولۇننىڭ قولىنى بوينىدىن ئاجىراتتى ،ئۇ ئايتولۇننىڭ سۆزلىرى سەۋەبىك ئەتراپىدىكىلەرنىڭ گۇمانىغا قېلىشنى خالىمايتتى ،چۈنكى بۇ يەردە دەمەت تاتۇق يالغان ياۋىداق سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشەندۈرۈپ، نېجىس پۇلى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇۇندىن بۇيان مۇشۇ يەردە تۇرىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھچى قىلغان يۇرتداشلىرىمۇ بار ئېدى ،ئۇلار سەمەت تاتۇقنىڭ ھەپتىدە بىرەر قېتىم، ئايروپىلان بېلەن بىر يەرگە  بېرىپ كېىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،ئۇنىڭ ساختا مۇسۇلماندارچىلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنى سودا ئىشى بېلەن ئۈرۈمچىگە باردى دەپ ئويلاپ، ئازغىنە پۇلغا ئالدىنىپ، ساقچىلارغا يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن ئېدى .
-كېلىڭلار، ماڭا ياردەملىشىڭلار، ئايتولۇن ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ نېرۋىسىغا بۇ ئىشلار بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ -سەمەت تاتۇق كۆپ ئويلانمايلا  شۇنداق دەپ،ئايتولۇنى ساراڭغا چىقىرىپ،باشقا بالىلىرىنى يېنىغا چاقىردى -ئۇنداق دېمە ئايتولۇن، ئوغلىمىزنى سەن ئۆلتۈرمىدىڭ، مەنمۇ ئۆلتۈرمىدىم، ئۇنداق دېمە .
-ئۇنى مەن ئۆلتۈمىدۈم،يوقال، يوقال، -ئايتولۇن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە سەمەت تاتۇقنىڭ يۈزلىرىنى قالايمىقان تاتىلىغاندىن كېيىن، يارمۇھەممەتنىڭ مېيتىغا ئۆزىنى ئاتتى -بالام، سېنى مەن ئۆلتۈرمىدىم، سەن ئۆلمەيسەن، مەن سېنى قۇتۇلدۇرىۋالىمەن، كىچىك ۋاقتىڭدىكىدەك ئەللەي ئېتىپ قويمەن،سېنى ئۆلتۈرمەيمەن .ئايتولۇننىڭ قىلىقلىرى ئەمدىلىكتە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىغا تولۇق ئىشەندۈرۈشكە باشلىدى.*                                   *                                                       *                                                   *-بىز ئاجىرىشىپ كېتەيلى -ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي رەيھان ياتاقتىن چىقتى،ئۇ خېلى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئېمىراننى ئۆيىگە چاقىرىپ ،ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى .
-رەيھان سىز نېمە دەۋاتىسىز -ئېمىران رەيھاننىڭ قولىغا ئېسىلدى -مەن كۆپ ئويلاندىم، مەن خاتا قىپتىمەن، سىز جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقان شۇ چاغلاردا مېنىڭ قانچىلىك قورققانلىقىمنى بىلەمسىز؟مەن شۇ دەملەردە سىز بولمىسىڭىز ئۆزۈمنىڭ پەقەتلا ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم جېنىم رەيھان .
-ئەمدى مۇمكىن ئەمەس ،ئېمىران ئۆزىڭىزنىمۇ مېنىمۇ ئالدىماڭ-رەيھاننىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن تەمكىن ئېدى-بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمدى مۇمكىن بولمايدۇ ،مۇشۇكۈنلەردە كۆپ ئويلاندىم، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە پۈتۈنلەي مەن سەۋەبچى ئىكەنمەن ،سىزنىڭ مېنى قۇتۇلدۇرمىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنىمۇ توغرا چۈۈنۈشكە بولىدۇ، بەلكىم مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام، سىز قىلغاننىڭ ئوننىڭ بىرىنىمۇ قىلالماسلىقىم مۇمكىن ئېدى، چۈنكى مەنمۇ فەرۇقتىن ئايرىلغان چاغدا ،يۈز-ئابروينى ،ئادىمىيلىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ،سىزدىن پايدىلىنىپ ،ھېلىقى ئويۇنلارنى ئوينۇدۇم، ئەسلىدە مەن سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزنى ئوبدان چۈشۈنۈپ يېتىشىپ كېرەك ئېدى، بىراق ،مەن ئۆزۈمنى ئويلاپ، سىزگە مەھكەم چاپلىشىۋالدىم ،ھېلىمۇ سىز كۆپ كەڭقورساقلىق قىلدىڭىز ،سىزنىڭ ئورنىڭىزدا باشقا بىر ئەركىشى بولغان بولسا بەلكىم مەن بۇ دۇنيادا ھايات تۇرماسلىقىم مۇمكىن ئېدى ،مېنى كەچۈرۈڭ، مەن سىزدىن راستىنلا كەچۈرۈم سورايمەن .
-رەيھان ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى ،بىز ھەممىنى قايتىدىن باشلايلى ،سىزگە ۋەدە بېرەي بىز چوقۇم بەخىتلىك بولالايمىز -ئېمىراننىڭ ئېرادىسى قەتئىيدەك قىلاتتى ،
-بولدى قىلىڭ ئېمىران -رەيھان ئۇنىڭ ئېرادىسىنى ياندۇرماقچى بولدى -بەلكىم،فەرۇقنىڭ بالىسى يوق بولدى ،ئەمدى ھەممە ئىشلارنى قايتىدىن باشلىيالايمىز دەپ ئويلاپ قالغانسىز ،بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى جاراھەت ئەمدى ساقايمايدۇ، مېنىڭ قەلبىمدىكمۇ ھەم ،چۈنكى بىزنىڭ ئارىمىزدا فەرۇق بار، ئۇنىڭ بېلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا مەڭگۈ يوقاتقىلى بولمايدىغان قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار .
-نېمە سەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟-ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ رەيھان بېلەن فەرۇقنىڭ پاراڭلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ تۇرغان ،رەيھاننىڭ ئانىسى ،رەيھاننىڭ سۆزلىرىدىن ئاللاقانداقتۇر بىر مۇناسىۋەتنى چۈشەنگەندەك بولۇپ،ئۇنىڭ  يېنىغا يۈگۈرەپ كىردى -فەرۇق دېگەن كىم؟ئۇنىڭ بالىسى سېنىڭ قورسىقىڭدا نېمە قىلىدۇ، سەن ھارامدىن بولغان بالىنى تۇغماقچىمىدىڭ، ئاللا خۇدا، ۋاي خۇدا ،قىز باققانغا تويدۇمغۇ خۇدا .
-رەيھان ،مەن كەتتىم سىز يەنىمۇ ئوبدانراق ئويلىنىپ باقارسىز -ئېمىران رەيھاننىڭ ئانىسىنىڭ يىغىسىغا چىداپ تۇرالماي چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدى .
-مېنىڭ ئېرادەم قەتئىي ،ئەتە  ئەتىگەن سوتنىڭ ئالدىدا كۆرشەيلى -رەيھان ئېمىرانغا شۇنداق دەپ قويغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ يىغا زارىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ، بېشىنى يۆگەپ يېتىۋالدى .
سوت مەھكىمىسىنىڭ بىناسى تولىمۇ سۈرلۈك ئېدى،
-ئىككىڭلار مۇرەسسەلەشتۈرىشىمىزگە قوشۇلامسىلەر.
-ياق ھەر ئىككىلىمىز ئائىلىدە كېلىشىپ كەلدۇق،
-ئاراڭلاردا بالا بارمۇ؟
-يوق
-قايتىپ يەنىمۇ ئوبدان كېلىشىپ بېقىڭلار
-بىز كېڭىشىپ بولدۇق ،ئەمدى ئۆي تۇتالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس .
تولىمۇ سوغاق سوئال-جاۋابلاردىن كېيىن،ئېمىران بېلەن رەيھان ئاجىرىشىپ بولۇپ سوت مەھكىمىسىدىن قايتىپ چىقتى  .
-ئايلىنىپ كېلەيلىمۇ.
-ياق بولدى -رەيھان ئېمىراننىڭ  كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرىگە شۇنداق دەپ رەدىيە بېرىپ، تېز-تېز قەدەملەر بېلەن كېتىپ قالدى ،بىراق ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئۇ ئېمىراننىڭ ھېلىقى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىنى پەقەتلا ئۇنتالمىدى ....
-قىزچاق ،بۇ نەرسىڭىزنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز .
-ئېمىران بۇ سىزمۇ؟-رەيھان ئىككى يىلدىن كېيىن، ئېمىراننىڭ ھېلىقى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا پەيدا بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئېدى .
-ئىسمىم،ئېلىيار ،مېنى خاتا تونۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟بايا قارىسام تاللا بازىرىدىن چىقىۋاتقاندا ،بىر نەرسىڭىزنى چۈشۈرۈپ قويغانتىڭىز ،شۇڭا كەينىڭىزدىن ئەكىلىپ بېرىشىم .
-ھە كەچۈرۈڭ، سىز مېنىڭ بىر تونۇشۇمغا بەكلا ئوخشايدىكەنسىز، سىزنى ئاۋارە قىپتىمەن ،رەھمەت،بۇ مەن ئۈچۈن بەكلا مۇھەم نەرسە ئېدى ،سىزگە قانداق تەشەككۈر ئېيىتسام بولا، خالىسىڭىز سىزنى بىر ئىستاكان ماروژنا بېلەن مېھمان قىلاي .
-ياق بولدى ،مەن خىزمەت قىلمىسام بولمايدۇ ،خالىسىڭىز تېلىفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىۋالاي، بىر نەچچە كۈنىدىن كېيىن،د ەم ئالىمەن، شۇ ۋاقىتتا سىزگە ئۆزۈم تېلىفون قىلاي، ماروزنىنى شۇ كۈنگە ئامانەت قالدۇرايلى ،مېنى خاتا چۈشەنمەڭ، سىزنىڭ ماروزنىڭىزنى بەكلا يىگۈم بار ..
رەيھان كۆپ ئويلانمايلا ئېمىرانغا ئوخشايدىغان بۇ يېگىتكە تېلىفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن كېتىپ قالدى ،بىراق ئۇنىڭ نەچچە كۈنگىچە دۇنيادا بىر-بىرىگە بۇنداق ئوخشايدىغان ئىككى ئادەمنىڭ بارلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى .....
داۋامى داۋاملىق ئېنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ...................

197

تېما

1

دوست

6466

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3232
مۇنبەر پۇلى
2636
ئىشەنىچ
3232
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 15:56:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭلار يەنىمۇ كۈكلىگەي.............

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 13:29:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20.باب:تۇمان  پەسلى
-ئوغلۇم مۇختەر، مېنى قۇتۇلدۇرىۋالغىن ،ئىشىكنى ئېچىپ مېنى چىقىرىۋەتكىن،سىلەرنى بەك سېغىندىم بالام، مەن سىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرىمەن -يالغۇز ئۆيگە قامالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ئايتولۇن 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ، يارمۇھەممەتكە ئوخشاپ قالغان ،ئىككىنچى ئوغلى مۇختەرنىڭ ھەر كۈنى دەرىزىدىن ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئاشۇنداق يالۋۇراتتى .

-بولدى قىل ئانا، سېنىڭ مۇشۇ يەردىن چىقمىغىنىڭ ياخشىراق ،سەن چىقساڭ، بىزنىڭ ئەمدىلا تىنچىۋاتقان تۇرمىشىمىزنى ،يەنە ۋەيرانچىلىققا سالىسەن ،ھېلىمۇ ئاكامنىڭ ھاياتىنى تۈگەشتۈرگىنىڭ يېتەر ،دادامنىڭ يېڭى خوتۇنىمۇ تاماقنى خېلى ئوخشىتىپ ئېتىدىكەن ،بىز ھازىرچە شۇنى يەپ تۇرساق بولار -مۇختەر ئانىسىنىڭ مۇشۇ ئۆيگە سولانغاندىن كېيىن ئاقىرىپ كەتكەن چاچلىرىغا قاراپ ئىچى سېرىلىغان بولسىمۇ بىراق ،ئۇمۇ يارمۇھەممەتكە ئوخشاشلا دادىسىغا بەك ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ،ئايتولۇنغا ياردەم قىلىشنى خالىمايتتى .ئۇنىڭ ،دادامنىڭ يېڭى خوتۇنى دېگىنى ،سەمەت تاتۇقنىڭ  ئايتولۇن ئۇنى يېنىغا يېقىن كەلتۈرمىگەنلىكتىن  ،ئۆيگە خىزمەتچى سالاھىيتىدە ئەكىرۋالغان يېڭى خوتۇنى ئېدى.
-جېنىم بالام، تېخى چۈشۈنۈپ يەتمىدىڭمۇ ؟ئاكاڭنى مەن ئەمەس داداڭ ئۆلتۈردى بالام، ئۇ داداڭغا ئىشەنگەچكە ئۇنىڭ ئارقىدىن ماڭغانلىقى ئۈچۈن ،ئۆز ھاياتىنى خاراب قىلدى ،بىلەمسەن ئوغلۇم، ئۇ ھەتتا ئۆلۈش ئالدىدىمۇ ،داداڭنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئېدى، بىراق داداڭ ئۇنى قۇتۇلدۇرمىدى ،ئۇنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، داداڭغا ئىشەنمە ئوغلۇم، بۇ دۇنيادا  جاۋابسىز قالىدىغان يامانلىق يوق، داداڭنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ھاياتلىقنى  قۇرىتىدىغان نىجىس ئىش، سەندىن خۇش بولاي ،ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا ئۆزۈڭنى تارت.
-ھې،ھې،ئانا سەن راس ساراڭ بوپسە، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلىپ باي بولغىنى بولسۇنمۇ ،خاتىرجەم بول، دادام ئىككىمىز ئاۋۇ ئىككى ئوغلۇڭنى سەن ئويلىغاندەك ،ياۋاش ،مۇلايىم قىلىپ تەربىيلىمەكچى بولىۋاتىمىز ،ئۇلارنىڭ ئوقۇشى پۈتسە، بىزنىڭ  ھالال يولدىكى تېجارەتلىرىمىزنى قىلىدۇ، بىلسەڭ، دادام ئىككىمىزنىڭ بۇ ھارام ئىشلارنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ،ئۇلارنىڭ ،ھەم كەلگۈسىدىكى بالىلىرىمىزنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ياشىشى ئۈچۈن ،ئەمدىغۇ دادامنىڭ نېيىتىنى چۈشەنگەنسەن .
مۇختەر  شۇنداق دەپلا ھەركۈنگىگە ئوخشاش كېتىپ قالدى .

-توختا بالام ،ئۇكىللىرىڭنى بەك سېغىنىپ كەتتىم، ئۇلارنى  يېنىمغا باشلاپ كىرگىن بىر كۆرىۋالاي .


-بولدى، تولا خام-خېيال قىلماي ،تامىقىڭنى يە-ئايتولۇننىڭ سۆزى  ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ،سەمەت تاتۇقنىڭ ،ئايتولۇنغا قاراش نامى بېلەن ئالغان يېڭى خوتۇنى ،بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى -بالىلىرىڭنى ئارزۇيۇڭ بوينچە ياتاقلىق مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردۇق، ،نېمە قىلىسەن دەيمەن ،ئۆزۈڭنى ئۇپىرىتۇپ، ئېرىڭنى تېپىپ بەرگىنى خەجلەپ خاندەك ياشىساڭ بولمامدۇ، ۋاي ئېسىت ،قارا ،ئۈستى بېشىڭنىڭ بوپ كەتكىنىگە ...


-سەن جىق گەپ قىلماي يوقال ،سەندەك مەينەت خوتۇننى كۆرەگە كۆزۈم يوق، ئۈچ بالىسى بار ئەرگە ئاشنا بولغۇچە ئۆلۈۋالساڭ بولمامدۇ -ئايتولۇننىڭ سۆزى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يۈزىگە تەككەن بىر تەستەكنىڭ زەربىسىدىن مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىرىپ كەتتى .


-مېنى ئۇرغۇدەك بولدۇڭما؟-ئايتولۇنمۇ بوش كەلمەي ،ئايالنىڭ چېچىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋالدى .


-نېمە قىلىشىۋاتىسەن -ھويلىدا تۇرۇپ جىدەللەرنى ئاڭلاپ تۇرغان مۇختەر ئۆيگە دەرھال، كىرىپ ،ئىككىسىنى ئاجرىتىپ،يېڭى خوتۇننىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىردى -سەن ئانامغا قول كۆتۈرگىدەك بولدڭما، كىمتىڭ سەن مېنىڭ ئانامنى ئۇرغۇدەك ،دادامنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، ھازىرلا ئۆلتۈرىۋېتەتتىم،سېنى ،يوقال ..


-ئۇنداق دېمە بالام، ئۆلتۈرىمەن دېگەن گەپنى ئەمدى قىلغۇچى بولما -ئايتولۇن مۇختەرگە ئېسىلىپ يىغلىدى  -مەن قورقىمەن، بەكلا قورقىمەن، بۇرۇن ئاكاڭمۇ شۇنداق دەيتتى ،سېنىڭ ئاكاڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭدىن قۇرقىمەن .ئەمدى يەنە بىر ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن


-ئانا-مۇختەرنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى .-ئوغلۇم-ئايتولۇن شۇنداق دېگەندىن كېيىن،كېكەچلەپ ،مەيدىسىنى تۇتقىنىچە ئاستا-ئاستا ھوشىنى يوقاتتى .


*                                     *                                                       *                                                                *


-ئايگۈل ،سەن نېمىشقا مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىۋېتىسەن ؟-ئۇقمايمەن ؟-ئايگۈل سىنىپ باشلىقىنىڭ سوئالىغا چۈشنىكسىزلا جاۋاب بېرىپ، ئۇنى يېنىدىن كەتمەكچى بولدى .


-توختا ،مەن سېنىڭ ماڭا قارىغاندىكى كۆزلىرىڭدىن مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلىپ بولدۇم، شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن يەنە نېمىشقا مېنىڭ تەلىپىمنى قوبۇل قىلمايسەن ،بىز-بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ، كۆينۈشۈپ، ئۆتسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟


-بولدى قىل مەردان ،سەن مېنى ياخشى كۆرەلمەيسەن، مەن سېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈڭگە لايىق ئەمەس، ئۆز خىلىڭنى ئىزدەپ تاپقىن -ئايگۈل  كەسكىن تەلەپپۇز بېلەن سۆزلىدى .-بۇ نېمە دېگىنىڭ ،نېمىشقا بۇنداق دەيسەن -مەردان ئايگۈلنىڭ قولىغا ئېسىلدى .


-مېنىڭ ئانام يوق، داداممۇ يوق ،بىر يېتىم بالىمەن، بۇ دۇنيادا ،ماڭا كۆيۈنىدىغان ئاكامدىن باشقا ھېچنەرسەم يوق، يەنە مەن ....


-بولدى ئايگۈل بولدى ،قىل ،ئەسلىدە سەۋەبىڭ مۇشۇمىدى ،كېرەك يوق، مەن ھەممىنى بىلىمەن، لېكىن سېنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن، نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سېنى ياخشى كۆرىمەن.


-راستىمۇ ؟


-راست، ھەممىسى راست.


-بىراق ؟


-نېمە بىراق بولدى قىلە، قوشۇلدۇڭغۇ؟ ئايگۈل بېشىنى لىڭشىتتى، مەردان ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى .


ئايگۈل بۈگۈن ئېنتايىن خۇشال ئېدى، چۈنكى ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى ھەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ئېگە بولغان ئېدى ،بىراق ئۇ ،بۇ خۇشاللىقىنى  نېجات بېلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمىدى ،چۈنكى ئۇ، نېجاتنىڭ ئۆزىگە يەنە ئاچچىقلاپ كېتىشىدىن قورقاتتى ،شۇ كۈندىن كېيىن، ئايگۈل سىرلىقلىشىپ، نېجاتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان،ئۇنىڭ بېلەن مۇڭداشمايدىغان ،بولۇپ قالدى، نېجاتنىڭ كۆڭلى بىر ئەندىشىنى سېزىۋاتقان بولسىمۇ، ئايگۈلنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىۋالدى .


نېجات ھەركۈنى دېگۈدەك ئۆلەۈدەك ئىشلەپ، ھېرىپ-جۇلىقى چىقىپ كەتكەندە ئۆيگە قايتىپ كلەتتى ،بۇ چاغدا ئۇ ئايگۈلنى ئاللاقاچان يېتىپ ئۇخلاپ قالغان قىياپەتتە كۆرەتتى ھەم ئۇنى ئويغۇتىۋەتمەسلىككە تىرىشاتتى .


-ئۇخلاپ قاپسىزدە سىڭلىم -نېجات بۈگۈنمۇ ،قايتىپ كېلىپلا ئايگۈلنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ،شۇنداق دەپ ،قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى .


نېمىشقىكىن تاڭ، نېجات پۈتۈن بىر كۈن ئىشلەپ ،قاتتىق ھېرىپ،چارچىغان بولسىمۇ، ئايگۈلنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىنى بىر كۆرسىلا ،پۈتۈنلەي ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك يەڭگىللەپ قالاتتى ،ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ،ئايگۈل ئۆزىگە تەييارلاپ، قويغان ئىسسىق تاماقتىن بىر قوشۇق ئىچكەندىن كېيىن ،ئايگۈلنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم ،كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ،ئۇنىڭ ھۇجىرىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئاچتى .ئەمما ئىشىكنى ئېچىپلا ،ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئايگۈلنىڭ يوتقىنىنىڭ ئىچىدە بوشقىنە شىۋىرلاپ بىرسى بېلەن ،تېلىفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا ،دەرھال ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، توك سوقۇۋەتكەندەكلا كەينىگە داجىدى .


نېجات شۇ كۈنى كېچىچە بېئارام بولۇپ، زادىلا ئۇخلىيالمىدى ،ئۇ كۆزىنى يۇمسىلا، ئايگۈلنىڭ باشقا بىرسى بېلەن  تېلىفوندا سۆزلىشىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى، ئارقىدىنلا ئايگۈل ئىككىسى  ئىچكىرىدىن بىللە قېچىپ چىققان ،بىر-بىرىگە  يار -يۆلەك بولغان  ،جاپا-مۇشەققەتلەرنى تەڭ تارتقان كۈنلەر، كۆز ئالدىغا كېلىپ، يۈرىكى پىچاق بېلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتەتتى .
ئايگۈل ،نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ، مېنى نېمىشقا ئالدايدۇ ،نېمىشقا يانفون ئالغانلىقىنى مەندىن يوشۇرۇدۇ،ياق ئۇنىڭ يانفون سېتىۋالغۇدەك ئارتۇق پۇلى يوق، بۇ يانفوننى ئۇنىڭغا زادى كىم ئېلىپ بەرگەندۇ؟ياق ئۇ ماڭا بۇنداق قىلسا بولمايدۇ ،ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈرىشى كېرەك، ئۇ نېمىشقا مېنىڭ ئۆزىنى ،جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ،زادى نېمىشقا ؟
نېجات ئۆز-ئۆزىگە توختىماي سۆزلەيتتى ،شۇ سۆزلەرنى دەپ ،پىچىرلاۋاتقان چاغلىرىدا كۆزلىرىدىن ئۈنسىز ياشلار سىرغىپ چۈشەتتى .
-سىڭلىم مەكتەپكە ماڭدىڭىزمۇ، مەن ئاپىرىپ قويايمۇ ؟
-ياق ئۆزۈم باراي ئاكا، ساۋاقداشلىرىم بېلەن بىللە بارىمەن -
نېجاتنىڭ ئۈمۈد ئىچىدا قىلغان سۆزلىرى قاق-سەھەردىلا رەت قىلىندى .
-بوپتۇ،ئەمىسە يولدا ئېھتىيات قىلارسىز -نېجاتنىڭ، يانفون مەسلىسىنى شۇنچىلىك ئوتتۇرغا چىقارغۇسى بولسىمۇ بىراق، ئايگۈلنىڭمۇ ،ئۆزىنىڭمۇ  كۆڭلىنى غەش قىلىپ، ئەتىگەندە ئايگۈل بېلەن ئوتتۇرلۇقىدا  كۆڭۈل ئازارى بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتى ،ئۇ شۇنداق دەپ ئايگۈلنى يولغا سالغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا بارماقچى بولۇپ جابدۇندى، بىراق قەدەملىرى ئۇنى قىزىقتۇرۇپ، ئايگۈلنىڭ كەينىدىن  ئىز باستۇردى .
-بەك ساقلاپ كەتتىڭىزمۇ؟-ئايگۈل سەكىرەپ-تاقىلاپ مېڭىپ،چوڭ يول بېلەن ماڭماڭ، ئارىلاپ ماڭىدىغان كىىك يولنىڭ دوقىسىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان مەرداننىڭ يېنىغا  كېلىپ،ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيىتتى
-نېمانداق كېچىكىپ كېلىسىز دەيمەن ،مەن بۇ يەردە تۇرغىلى ساق يېرىم سائەت بولدى .
-خاپا بولمىڭە جېنىم،شۇ ئاكام دېگەنگە ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىمەن دەپ ،كېچىكىپ قالدىم.-ئايگۈل شۇنداق دېگەندىن كېيىن ،مەردان ئىككىسى قولتۇغلاشقىنىچە مەكتەپكە قاراپ ماڭدى .
ئايگۈلنىڭ ئاكام دېگەنگە دېگەن سۆزلىرى  نېجاتنىڭ يۈرىكىگە مىخ بولۇپ قادالدى .مەردان ئىككىسىنىڭ قولتۇغلۇشۇپ ،بىر-بىرىگە ئەكىلىشىپ، ماڭغاندىكى كۈلكە سادالىرى ،ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى قاراڭغۇلاشتۇردى .
*                                              *                                                              *                                                                 *
-ياخشىمۇسىز رەيھان -بىر تونۇش بىر ناتۇنۇش بىلىنگەن ئاۋازدىن رەيھاننىڭ يۈرىكى تىتىرەپ كەتتى .
-ھە مەن ياخشى سىزچۇ ؟كىم بولىسىزكىن.
-مەن ئېلىيار ،قايسى كۈندىكى بالا مەن شۇ، بۈگۈن دەم ئالغانتىم، شۇڭا....
-ھە بىلدىم، سىز ھازىر نەدە .
-مەن تۆەىدۆڭ ئەتىراپىدا .
-ھە ئۇنداق بولسا دۆڭكۆۋرۈككىلا كېلىپلا تېلىفون قىلىڭە ،مەن سىزنى شۇ يەردە ساقلاي.
رەيھان ،ئېلىيار بېلەن كۆرۈشىدىغان ئورۇننى دېيىشىپ قويغانتىن كېيىن تېلىفوننى قويۇۋەتتى .
-سىز ماروزنىغا بەك ئامىراقمۇيا .
-قانداق دەيسىز؟
-چۈنكى سىز تۇنجى قېتىمدىلا مېنى ماروزنا بېلەن مېھمان قىلاي دېدىڭىز، مەنمۇ ئۆزۈم مىننەتدار بولغان مېھمانلىرىمنى ئۆزۈم ئەڭ ئامىراق  نەرسە بېلەن مېھمان قىلغۇم كېلىدۇ ،شۇنىڭغا قاراپ دەيمەنغۇ ئەمدى .
-دېسەم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە،مېنىڭ ماروزنا ەيدىغان نەرسە بېلەن پەقەتلا خوشۇم يوق، ئازىراق يېسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ .
-ئەمىسە ،سىز مېنى ياراتماپسىزدە، كۆڭلۈمگە كېلىپ قالدى جۇمۇڭ،ئۆزىڭىزنىڭ خوشى يوق نەرسە بېلەن مېنى مېھمان قىلىمەن دېگىنىڭىز مېنى زاڭلىق قىلغىنىڭىز ئەمەسمۇ ،سز بەك ئەسكى قىزكەنسىز .
-خاپا بولماڭ دېسەم ،خاپا بولىۋاتىسىزغۇ ،گېپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ باقمامسىز، راس گەپنى دېسەم، شۇ كۈنى ،تاللا بازىرىدىن قايتىپ چىققان ۋاقتىمدا، يېنىمدا ئارانلا ئىككى ئىستاكان ماروزنىغا لايىقلا پۇل قاپتىكەن ،شۇڭا شۇنىڭىن باشقا نەرسىنى خېيال قىلالمىدىم .
رەيھان بېلەن ئېلىيار تەڭلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى، ئېلىيارنىڭ كۈلۈشلىرى رەيھانغا ئېمىراننى ئەسلەتتىيۇ، لېكىن،ئۇنىڭ كۈلگەندىكى ئاۋازىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ،ئىككىسىنى يەنە باشقا ئادەمدەك ھېس قىلىشقا مەجبۇر بولدى .
-پۇلنى مەن بېرەي،
ياق مەن بېرەي .
-ئانام ماڭا ،ئوغۇل بالا دېگەن قىز بالىغا تايانسا بولمايدۇ ،دەپ ئۆگەتكەن، شۇڭا سىز جىم تۇرۇڭ.
ئېلىيارنىڭ سۆزلىرى ،رەيھانغا يەنە بىر قېتىم ئېمىراننى ئەسلەتتى ،ئەجەبا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ يىگىت راستىنلا ئېمىران ئەمەسمىدۇ ؟
تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈش ،ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى، رەيھان ئۆزىنى بۇنچىلىك خۇشال ھېس قىلىپ باقمىغىنىغا ،خېلى ئۇزاق بولغان ئېدى .
-سەن نەلەردە لاغايلاپ يۈرىسەن ھە.بۈگۈن دەم ئالغاندىكىن ئۆيدىن چىقماي جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ، بىر قېتىم ئەردىن چىققاندىن كېيىن ،ئۈستۈڭدىن بولۇنغان گەپ-سۆزلەر ئازمۇ سېنىڭ ،يا بىرەر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇپ تېگىۋالاي دېمىدىڭ، كىرگەن ئەلچىلەرنىڭمۇ ھەممىسىنى دېگۈدەك رەت قىلىۋەتتىڭ، بىرىنى بالىسى باركەن دېسەڭ، بىرىنى قېرىكەن دەپ، يەنە بىرىگە كۆڭلۈم يوق ،دەپ، يا ئۆزۈڭ بىرەرنى تاپمىدىڭ،قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرىسەن ،جېنىم قزىىم، مېنى بۇ دۇنيادا ياشىغىنى قوي، مەنمۇ ،خوشنا-خۇلۇملارنىڭ ئارىسىدا بىر يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ ياشاپ باقاي.
رەيھان ئۆيگە قايتىپ كىرىشىگىلا ئانىسنىڭ ،كونا كوتۇلداشلىرى يەنە قايتىىدن باشلىنىپ،ئۇنىڭ بايىقى خۇشاللىقلىرى قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى .
-ئانا، سەن نېمىشقا مېنىڭ كۆزۈمگە كىرىۋالىسەن ،يالغۇز ياشىغىنىمنىڭ نەرى يامان ،سەنمۇ ئوننەچچە يىلنىڭياقى يالغۇز ياشاۋاتىسەنغۇ مانا .
-سەن ماڭا ئوخشامتىڭ،مەن سېنى  ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن، ،قىز بالا ئاجىز، ئۆگەيلىنىپ ،ئازاب تارتىپ قالمىسۇن دەپ، شۇنداق قىلدىم، مېنىڭ قىلغىنىم خاتامۇ،مەن سەن ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىمغۇ، يالغۇز ياشاشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى مانا مەن بىلىمەن ،شۇڭا سېنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ مۇشۇنداق دەۋاتىمەنغۇ، مېنىڭ سۆزۈمەە كىرسەڭ نېمە بولىدۇ، ھېلىمۇ ،بىر بالامدىن ئايرىلغاننىڭ دەردىنى ھازىرغىچە تارتىپ كېلىۋاتىمەن، ئېنىڭنىڭ، قايسى دوقمۇشلاردا تىنەپ سەرگەردان بولۇپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئويلىساملا، يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتىدۇ، ئەمدى سەنمۇ ئانام كۆتۈرۈشلۈك دەپ قاخشىتىشنى باشلىدىڭ، سەن مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ قالما، بىر كۈزۈمدە ياش بولسا، بىر كۆزۈمدە قان مېنىڭ .
-جېنىم ئانا خاپا بولمىغىنە، سەن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلسام بولىدىغۇ، سەن يىغلىساڭ ،مېنىڭ يۈرۈكۈم پەقەت چىدىمايدىكەن .-رەيھان ئانىسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۇنى قۇچاقلىۋالدى،دېمىسىمۇ ،ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق ئېدى، بېچارە ئايال، رەيھاننى بېقىش ئۈچۈن ،تارتمىغان رىيازىتى، ئوغلىنىڭ دەردىدە ،تۆكمىگەن يېشى قالمىغان ئېدى
-ئۇنداق بولسا، ماڭا بىر ئايغىچە تويۇڭنى قىلىشقا ۋەدە بەر،ئۆزۈڭ تاپساڭ، تاپتىڭ، بولمىسا، مەن تاپقان بېلەن تويڭنى قىلىسەن -رەيھاننىڭ ئانىسى يىغىدىن توختاپ ،رەيھاننىڭ بېشىى سىلىدى.
-ئانا، بىر ئاي بەك تېز بولۇپ كېتىدۇ، ماڭا بىر يىل ۋاقىت بەرگىن ،چوقۇم سېنىمۇ ،ئۆزۈمنىمۇ رازى قىلىدىغان بىر يىگىتنى تېپىپ، ئالدىڭغا ئەكىلىمەن، ئەگەر شۇنداق قىلالمىسام،سەن كىمنى تاپساڭ شۇنىڭ بېەن توي قىلىمەن، ئانا ،سەنمۇ مېنى ئويلىغاندىكىن ئاخىرغىچە ئويلاپ قوي، ئۆزۈم ياخشى كۆرمەيدىغان ئەر بېلەن ئۆي تۇتسام بىر ئۆمۈر ئازابلىنىپ ئۆتۈشۈم مۇمكىن، ئۆزۈڭنىڭ ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ،مېنىڭ سەن كۆرگەن كۈنلەرنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈمنى خالىمايدىغانسەن جېنىم ئانا .  رەيھاننىڭ سۆزلىرى ئانىسىنى قايىل قىلدى، ئۇ بېشىنى لىڭشىتقاندىن كېيىن، رەيھان ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى .زادى قانداق قىلسام بولار، ئانامغىغۇ، ۋەدىنى چوڭ بېرىۋەتتىم ،كۆڭلۈمدە تېخىچە ئېمىراننىڭ ئوتلىرى ئۆچكىنى يوق،ھەي، ئېمىران ،ھازىر توي قىلىپ بولدىمىكىنە -رەيھان ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلىغاندىن كېيىن،ئېلىيارنى ئېسىگە ئالدى .
ئېلىيارنىڭغۇ خۇي -پەيلى، مېجەزى ئېمىرانغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ،ئۇنىڭ لايىقى بارمىدۇ؟مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم -ھە!ئۇنىڭدەك يىگىتلەرنىڭ لايىقى بولماي قالارمىدى.
*                                                     *                                                    *                                                              *
-نېمىش قىلىۋاتىسەن فەرۇق ،يەنە ھېلىقى كونا ئاشىقىڭنى ئويلاۋاتماسەن ،ئېمىران بېلەن ئىككىسى يوقالغىنىغا ئىككى يىل بولدى ،ئامىرانمۇ بىرەر قېتىم، ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كېلىپمۇ قويمىدۇ، ئۇ مېكىجىن ،ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئوخشايدۇ، بەزىلەر بۇزۇق بولسىمۇ ،نەچچە ئەركەك تەڭ كەينىدىن يۈگۈرىدىكەن ،بىزدەك ئىپپەتلىك قىزلار، سەندەكلەرنىڭ قولىدا خار-زار بولۇپ ياشايدىكەنمىز .
-نېمە بېشىمنى ئاغرىتىسەن ،يالغۇز ئولتۇرساممۇ گۇناھمۇ ئەمدى،ساڭا زادى قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدۇ، ئۆلسەم ئاندىن توختامسەن ۋاتىلداشتىن -فەرۇق مۇيەسسەرگە قاراپ ۋارقىرىدى .
-مەن ساڭا نېمە دەپتىمەن، ئاشناڭنى ئەكىلىپ، ئېنىڭگە ئەپ بېرىشتىنمۇ نۇمۇش قىلمىدىڭ، يەنە ھېچنىمە دېمىدىم، خەلقىئالەم ئالدىدا رەسۋا بولمىسۇن دېدىم ،مەن يامان قىلدىممۇ، ماۋۇ بالاڭنىمۇ كۆزۈڭ كۆرۈپ قويسۇن-مۇيەسسەر بۆشۈكتۈ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنى يېشىپ ئەكىلىپ، فەرۇقنىڭ قۇچىقىغا تاشلىدى -ئېمىران ھېلىقى ھاراملىقنى ئۆلدى دەپ خەۋەر بەرگەندىن باشلاپ مۇشۇنداق  ساراڭ بولىۋالدىڭ، ئۇنىڭغا ماتەم تۇتقۇنىڭمۇ بۇ تېخى ،ئىككى يىلنىڭ ياقى تۈگىمىگەن قانداق ماتەمكەن ئۇۋۇ ،نېمىقا ماۋۇۇ بالاڭنى كۆزۈڭ كۆرمەيدۇ سېنىڭ، ھالا ئايالىڭدىن بولغان ،پۇشتۇڭغۇ بۇ سېنىڭ .
-سەن نېمە دېمەكچى ،بۇ جاندىن تويغۇزدۇڭغۇ مېنى ،نېمىشقا ۋاتىلداۋېرىسەن ،مەن كىمگە  ماتەم تۇتۇپتىمەن، زادى قانداق قىلغىنىمغا مەن بېلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە قېرىشىۋېرىسەن .
-نېمە قىلغىنىڭغا بولاتتى، ھېلىقى بۇزۇقنى ئويلاپ، ئەتىگەندىن -كەچكىچە خېيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىڭغا ،يا بالاڭغا، يا خوتۇنۇڭغا ،كۆيۈمۈڭ يوقلىقىغا مۇشۇنداق قىلىمەن،مېنى تويمىدى دەمسەن بۇ جاندىن-مۇيەسسەر ھۆڭۈرەپ يىغلىدى -ۋاي دات، سازايى، سەندەك ھايۋان بېلەن ئكتۈپ كەتكەن ئۆمۈرمگە ئېسىت.
-تالاق،يۈزمىڭ تالاق، سەندەك  ساراڭ خوتۇننى ئالغانغا دات، تالاق يۈز تالاق، يۈزمىڭ تالاق -فەرۇق ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇيەسسەرگە تىكىلىپ قاتتىق ۋارقىرىدى .
-نېمە ،سەن مېنى تالاق قىلىۋاتامسەن ،بوپتۇ ،مېنىڭمۇ بۇ ئۆيدە تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى ،بالىنى بىر يىل مەن باققاندەك باقتىم، ئەمدى سەنمۇ بىر بېقىپ باق ،ھېلىقى پاسكىناڭنى ئەكىلىپ باقتۇرامسەن، ياكى ئكزۈڭ باقامسەن ئېخىتيارىڭ، مەن كەتتىم-مۇيەسسەر فەرۇق ئورنىدىن تۇرغان ۋاقىتتا قۇچىقىدىن چۈشۈپ قېلىپ، ئويغۇنۇپ كېتىپ، تېلىقىپ يىغلاۋاتقان بوۋىقىغا قاراپ قويغاندىن كېيىن ،ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە سىرىتقا چىقىپ كەتتى .
فەرۇقمۇ، توختىماي يىغلاۋاتقان بالىنى قۇچقىغا ئالغىنىچە -ئېي خۇدايىم، ماڭا نېمە كۈنلەر بۇ، قايسى قىلغان گۇناھىمغا ماڭا بۇ كۈنلەرنى سېلىۋاتقانسەن -دەپ ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى.

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-17 14:06:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21-باب:سىم-سىم يامغۇر
-ئانا،چىداپ تۇرغىن، سېنى ھازىرلا دوختۇرخغانىغا ئاپىرىمەن، مېنى قورقۇتما -مۇختەر ئايتولۇننىڭ  بارا -بارا ئاستىلىشىپ كېتىۋاتقان تىنىقىنى سېزىپ قاتتىق جىددىيلەشكىنىچە ئۇنى باغرىغا باستى .
-نەگە ئاپارماقچى ،زادى نەگە -كىچىك خوتۇننىڭ خەۋەر يەتكۈزىشى بېلەن كىرىپ كەلگەن سەمەت تاتۇق ،ئايتولۇننى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان مۇختەرنىڭ  ئالدىنى توستى-سەن نېمە قىلماقچى، بۇ خوتۇننى دوختۇرخانىغا ئاپارساڭ ھوشىغا كەلسە ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ ئادەمنى رەسۋا قىلمامدۇ ؟
-سەن نېمە دەۋاتىسەن دادا ،بۇ دېگەن مېنىڭ ئانام ،سېنىڭ ئايالىڭ، ھېلىمۇ ئۇنى ئىككى يىلدىن بېرى  مۇشۇ ئۆيگە سولاپ قويدۇڭ ،ئۇنىڭ ھەرقېتىم يالغۇز يىغلاپ، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگىنىدمە قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن ؟ئۇ زادى نېمىنى خاتا قىلدى، يامان بولساقمۇ ،20 يىلنىڭ ياقى سېنىڭ كىر-قاتلىرىڭنى يۇيۇپ، تامىقىڭنى ئېتىپ،بالا تۇغۇ بەردى، بىزنىڭ،پوق،سۈيدىكىمىزنى ئادالاپ، بېقىپ چوڭ قىلدى ،ئەجەبا سېنىڭ كۆزلىرىڭ مۇشۇلارنىمۇ كۆرەلمىدىۇ، باغرىڭ شۇ دەرىجىدە قېتىپ كەتكەنمۇ بىلەمسەن دادا ،ئانامنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، بىزگە كۆيۈنىدىغىنى سەن ئەمەس ،بەلكى ئانامكەن، بىزنى بۇزغىنى ،ئادەمدەك ياشاشتىن مەھرۇم قىلغىنى سەن ئىكەنسەن، بۈگۈن ئانامنى قۇتۇلدۇرغۇنۇم، قۇتۇلدۇرغان، ئالدىمنى توسقۇچى بولما، ئەگەر ئالدىمنى توسۇدىكەنسەن، سېنى ئاياپ قويمايمەن، چۈنكى ،قان-قېرىنداشنىمۇ ،ئاياپ قويماسلىقنى سەن ماڭا ئۆگەتتىڭ-مۇختەر سۆزىنى تۈگىتىپ ،ئايتولۇننى كۆتۈرگىنىچە ،ھويلىدىن چىقىپ كەتتى، سەمەت تاتۇق بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالماستىن چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى .
-ئانا، مېنى قورقۇتما، ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ، ئەمدى سەندىنمۇ ئايرىلىپ قالسام، دۇنيادا ماڭا كۆيۈنىدىغان ھېچكىمىم قالمايدۇ -مۇختەر جىددي قۇتقۇزۇش ماشنىسىدا ئولتۇرۇپ، مۆل-مۆل،يىغلايتتى ،تېخى يېقىندىلا بولۇپ ئۆتكەن تىراگىدىيە ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايالدىن ئايرىغان ئېدى ،ئەمدىلىكتە ئۇ ئانىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالسا ئۇ بۇنىڭغا ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيتتى ،مۇختەرنىڭ كۆزلىرىگە ئايسىماننى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىدىكى كۈلۈپ تۇرغان چىرايى كېلىشى بېلەن تەڭ ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرى ئۇلغۇيۇشقا باشلىدى .
*                                  *                                              *                                                                               *

-قارا ئاداش، ئاۋۇ قىزنى كۆردۈڭمۇ، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىكەنغۇ،سۈتتەك ئاپپاق دېگىنە .

-ئاداش، ئادەمدەك گەپ قىلغىنە، ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى كەتمىگەن قىزكەنغۇ ئۇ تېخى، كۆرمىدىڭمۇ ئۇچىسىدىكى مەكتەپ فورمىسىنى .
ئىككى ئاغىنىسى بېلەن دوقا ساقلىغاچ ئەھۋال كۆزىتىۋاتقان مۇختەر،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قىزىقىپ  قىزغا قارىدى ،17 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان تولىمۇ سۈزۈك، چىرايىدىكى نۇر، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان قىزىل گۈلنى ئەسلىتىدىغان ،بىر قىز ،بىرنەچچە ساۋاقدېشى بېلەن بىرگە كېتىۋاتاتتى .
ۋاي ئاداش ئۇندامۇ دەپ كەتمە،ئۇ قىزمۇ بىز بىلەن تەڭ دېمەتلىككەنغۇ،شۇ، سەن بىلەن بىز شۇنداق قىزلارغا كۆز تاشلىماي، ئانىمىزدەك ئاياللارغا كۆز تاشلىساق بولامتى ئاندىن -مۇختەر ،قىزغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ،يېنىدىكى ئاغىنىسىگە شۇنداق دەپ قويغاندىن كېيىن، قىز تەرەپكە قاراپ ماڭدى-قاراپ تۇر،قىزنى قانداق قولغا كەلتۈرىۋالىمەنكىن .

-ئوخىخو قىزلار، سىلەر كىتىپ تۇرۇڭلار، ماۋۇ قىزغا دەيدىغان گېپىم بار ئېدى مېنىڭ -مۇختەر تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرۇپ، ئايسىماننىڭ يېنىدىكى ئىككى قىزغا تەھدىت ئارىلاش قارىدى.

-ۋۇ لۈكچەك -ئايسىمان، مۇختەرنىڭ يۈزىگە كۈچەپ بىر تەستەك سالغاندىن كېيىن،دوسلىرىنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدى .
ھەممە ئادەمنى سەمەت تاتۇقنىڭ ئوغلىمەنەي، ماڭا تەڭ كېلەلەيدىغان كىشىڭ بارمۇ دەپ قورقۇتۇپ يۈرىدىغان مۇختەرگە ،بۇ بىر تەستەك ئېغىر كېلىپ،تۇرغان جايىدا مىدىرلىماي تۇرۇپ قالدى .
-قانداق ئادا، ئەدىپىڭنى يىدىڭمۇ يا ،بىزمۇ بىر نەرسىنى بىلىپ دەيمىز جۇمۇ،ئاپاڭدەك ئاياللار چوڭ بولغان بېلەن كۆڭلۈڭنى چۈشىنەلەيدۇ، بۇنداق ماڭقا قىزلار، شاش تايچاقتاك ،ناينىقشىپ تۇتۇق بەرمەيدۇ -بايا مۇختەرنىڭ رەدىيەسى بېلەن ،گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالغان مۇختەرنىڭ يېنىغا كېلىپ،ئۇنى تازا مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى .
-مانا ساڭا،-مۇختەر غەزەبتىن تىترەپ كېتىۋاتقان مۇشتىمىنى چىڭ تۈگۈپ،ئۇنى بىر مۇشىت سالدى .
-يې ئادا ،چاقچاق قىلىپ قويسام، نىمانداق قىلىپ كېتىسەن، ئۇنىڭدىن ئالالمىغان دەردىڭنى مەندىن ئېلىۋاتامسەن نېمە ؟
-قاراپ تۇر ئۇنىڭدىن دەردىمنى قانداق ئالارمەنكىن -مۇختەر ئاغىنىسىگە قوللىرىنى شىلتىپ قويۇپ شۇنداق دېگەندىن كېيىن كېتىپ قالدى .
شۇ كۈندىن كېيىن، مۇختەرگە بۇ ئىش ئېنتايىن ئېغىر كەلدى ،ئۇ نومۇسىنى ئاقلاش ئۈچۈن ،قىزنى ھېلىقى جايدا ،بىر ھەپتىگىچە ھەركۈنى دېگۈدەك ساقلىدى ،بىراق قىز كەلمىدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن، قىز يەنە دوسلىرى بېلەن بۇ يولدىن ئۆتكەن ۋاقتىدا، مۇختەرگە شۇنداق بىر قاراپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن ،كېتىپ قالدى ،
قىزنىڭ قاراشلىرى شۇ قەدەر مەسخىرىلىك ئېدى، بىراق ،ئۇنى قاراشلىرى مۇختەرنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرۇپ،ئۇنىڭ يۈرىكىگە  ئىشقى ئوتىنى تۇتاشتۇردى ،مۇختەر شۇنىڭدىن كېيىن، قىزدىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى، قانچە قېتىملاپ،ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ تەھدىت سالدى، ئالدىدى ،ھەتتا يالۋۇرۇپمۇ باقتى، بىراق قىزنىڭ جاۋابى بىرلا ،يەنى :
-سېنىڭ ئاكاڭنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، داداڭنىمۇ بىر يىرىتقۇچ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، ئۇ پۇ؛ىغا تايىنىپ قىلمىغان ئەسكىلىى قالمىدى ،سېنىڭ بىر لۈكچەك ئىكەنلىكىڭنى ،بۇ يۇرتتا بىلمەيدىغان قىز يوق، مېنىڭ سەندەك لۈكچەككە قانچىلىك ئكچ ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلالامسەن ،مەن دېگەن ،بېلىملىك، غايىلىك، ئىنسانلىقنى قەدىرلەيدىغان قىزغىن سۆيىدىغان يىگىتلەرگە قىزىقىمەن ،سەن مېنىڭ خىلىم ئەمەس، چۈشەندىڭمۇ ؟-دېگەندىن ئېبارەت بولدى
-ئادا، سەن نېمانچە دۆت دەيمەن، ئۇ قىزنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساڭ، قىزنى ئۆزۈڭنىڭ سىزغان سىزىقىڭدىن چىقالمايدىغان قىلىۋېتەلەيدىغان بىر ئامال بار ،شۇنى قىلساڭلا بولمامدۇ -مۇختەرنىڭ بېشىغا چۈشكەن غەمدىن ىەۋەردار بىر ئاغىنىسى بىر كۈنى ئۇنىڭغا شۇنداق مەسلىھەت بەردى .
-ئاداش قانداق مەسلىھەت ئۇۋۇ -ئەگەر سېنىڭ بۇ پېلانىڭ كارغا كېلىدىغانلا بولسا ،سېنى ئۇبدان رازى قىلىمەن .
-گېپىڭ راسمۇ؟
راس.
-بۇ بەك ئاددىي ئىش ئاداش ،بىز نېمىشقا سەندىن شۇنچىۋالا قورققۇپ، خۇشامەت قىلىپ ئارقاڭدىن چىقماي يۈرۈيمىز بىلەمسەن .
-بىلىمەن -مۇختەر ئاغىنىسىنىڭ سۆزىدىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى -توغرا بۇ ئامالنى نېمىشقا بۇرۇنراق ئويلاپ باقمىغاندىمەن ،رەھمەت ،كۆپ،كۆپ رەھمەت،
تۈن پەردىسى يېيىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر كۈنى ،ئايسىمان مۇختەرنىڭ پېلانى بويىنچە ،يېقىن دوستى بەرگەن بىر قۇتا ئىچىملىكنى ئىچتى ،ئەتىسى ئۇنىڭ بۇ ئىچىملىكنى يەنە ئىچكۈسى كېلىپ ،دوستىغا ھاۋالە قىلدى ،بۇ ئىش بىر ھەپتە تەكرارلانغاندىن كېيىن، ئايسېمان ،بۇ ئىچىملىكنى كۈندە ئىككى قېتىم ئىچمىسە تاقەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن،مۇختەر ئىچىملىك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش ئارقىلىق ئايسىماننى يېنىغا ئەكەلدى .ئايسىمان ئۆزىنى كونتىرول قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ،مۇختەرنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل بولۇش بەدىلىگە بىر قۇتا ئىچىملىككە ئېرىشىپ،ئۇنى ئېلىپ كېتىپ قالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىشلار داۋاملىق تەكرارلىنىۋەردى ،مۇختەر ئايسىماننى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ دورىسىنى ھەقسىز تەمىنلەپ تۇردى ،بىراق ئۇ ئايسىماننىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىدى، مۇختەر ئايسېماننىڭ كۆڭلىگە ئېرىشىپ،ئۇنىڭ بېلەن توي قىلىشنى بەكلا ئۈمۈت قىلاتتى، شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ،ئايسىماننىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىدى،بىراق ئايسېمان، دورا ئېلىش ئالدىدا ،مۇختەرگە شۇنداق تاتلىق ۋەدىلەرنى بەرگىنى بېلەن، دورىنى ئىچىپ بولۇپلا:
-سەندىن نەپىرەتلىنىمەن ۋۇ ھايۋان ،سەن مېنىڭ ھاياتىمنى نابۇت قىلدىڭ، ياشلىقىمنى خازان قىلدىڭ،سەنمۇ ئادەم بولدڭمۇ، مەن ساڭا ئۆچ-دەپ مۇختەرنى قانغۇچە تىللىۋېلىپ كېتىپ قالاتتى .
مۇختەرنىڭ ،ئايسىماننى بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرغۇسى كېلەتتى، بىراق ،ئۇنىڭ دورىغا تايانماس بولۇپ قالسا، ئۆزىنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى .
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئايسېمان ئوقۇشنى تاشلىدى ،ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ،ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار غايىللىرى كۈپۈككە ئوخشاش توزۇپ كەتتى ،بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ  ئىشپىرىش ئارقىلىق، خۇمارىنى قاندۇرىۋاتقان ۋاقىتتا قېتىپ، قېلىپ، يورۇق دۇنيا بېلەن خوشلاشتى .
ئايسىماننىڭ ئۆلۈمى مۇختەرنى كۆپ ئۆزگەرتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ،ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانچىلىك قەبىھلىكىنى تونۇپ يەتتى، يالغۇز ئۆيگە قامالغان ئانىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك جاھىللىق قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەنگەندەك بولۇپ، ھەركۈنى ئۇنىڭغا قاراپ خېيالغا چۆكۈدىغان بولۇپ قالدى ،بىراق ئۇ يەنىلا بۇ يولدىن قايتالمىدى ،چۈنكى ئۇ ئۆزىنى بۇ يول بېلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتى ،ئەمدى بولغاندىن بۇ يولدىن ئايرىلىپ قالسام ھەممە نەرسىسىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقاتتى .
-بېمارنىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە قالدى -ئايتولۇننى قۇتۇلدۇرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ سۆزلىرى ،مۇختەرنى خېيالدىن ئويغۇتۇپ ،يۈرىكىنى ئاغزىغا كەپلەشتۈرۈپلا قويدى -دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك، بۇ مدتىرىيالغا قوشۇلسىڭىز ،قول قويۇپ بېرىڭ .
*                                       *                                              *                                                                        *
-ئايگۈلۈم ،بىز ئارىلىشىۋاتقىنى خېلى ئۇزاق بولۇپ قالدى ،سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسەن .
-بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن، ،يۈرە كېتەيلى
-سىنىپتا ھېچكىم يوق تۇرسا، نېمىشقا جاۋاب بېرىشتىن قورقۇسەن ،يېقىنراق كېلە
-مېنى قويۇۋەت مەردان ،مەن قورقۇمەن
-مېنى نېمىشقا ئىتتىرىۋېتىسەن، مەن بەرىبىر كەلگۈسىدە سېنىڭ ئېرىڭ بولىمەنغۇ ،ئايگۈلۈم، قورقما .
-مېنى قويۇۋەەت،ئۆيگە كەتمىسەم بولمايدۇ، ئاكام مەندىن ئەنسىرەپ قالىدۇ بىكار.
-ياق قويۇۋەتمەيمەن، سەن دېگەن مېنىڭ.
-مەن بەك قورقۇپ كەتتىم مەردان مېنى قويۇۋەت، سەندىن ئۆتۈنەي .
-ۋايجان،ۋايجان ،نېمانداق قىلىسەن ئايگۈل ،ساڭا زادى نېمە بولدى .
-ماڭا بۇنداق قىلما، بۇنداق قىلساڭ ئۆگەي ،دادام ئېسىمگە كىلىۋالىدىكەن
-نېمە ئۆگەي داداڭ زادىن كىم، نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ تۈزۈك گەپ قىلە، ئۆگەي داداڭ سېنى شۇنداق قىلغانمىدى .
ئايگۈل بۇ قېتىم ھېچنىمە دېمەي بېشىنى لىڭشىتتى .
-ۋۇ قانجۇق، سەن بۇزۇلۇپ بووپتىكەنسەنغۇ ئەسلى،منى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالداپ يۈرردۈڭمۇ،بىلىپ قوي ،مەن دېگەن ،تېخى يىگىت جىما .
مەردان شۇنداق دەپ ئايگۈلنى قاتتىق بىر ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى
ئەسلىدە ئايگۈلنىڭ مەردانغا ھەممە ئىشنى دەپ بەرگۈسى ،ئۇنىڭ خۇددى نېجاتقا ئوخشاشلا ئكزىگە تەسەللىي بېرىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى ،بىراق ئۇ...........
سىم-سىم، يامغۇر بەدەنگە ھوزۇر بېغىشلايتتى ،ئايگۈل ئاستا قەدەملىرى بېلەن كۈنلۈكسىز سىرىتقا چىقتى .
ئەي سىم-سىم، يامغۇر ،مېنىڭ بەدەنلىرىمنى يۇيۋپ پاكلىغىن، ۋېجدانسىز دۇنيانىڭ مەندە قالدۇرغان ئاسارەتلىرىنى قويماي چىقىرىۋەتكىن ،مېنىڭ قۇتۇلغۇم بار، ھەممىسىدىن ،ھەممە ئازابلاردىن قۇتۇلۇپ، دۇنياغا قايتىدىن تۇغۇلغۇم بار ......
*                                         *                                                       *                                                                   *
-رەيھان سىرىتقا چىقالامسىز؟
-نېمىشقا ئەمدى ؟-ئېليارنىڭ تېلىفون قىلىپلا، ئېيىتقان سۆزلىرى رەيھانننى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى
-يامغۇر يېغىۋاتىدۇ ،
-يامغۇر يېغىۋاتىدۇ -ئېلىيار زادى كىم،؟ئەقەبا ئۇ راستىنلا ئېمىرانمىدۇ، ئېمىران يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتى بولۇپمۇ سىم-سىم يامغۇرنى ،ئۇ سىم-سىم يامغۇر ياغقان كۈنلەردە كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، رەيھان بېلەن بىللە ئايلىنىشقا بەكلا ئامىراق ئېدى ،رەيھان ،بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن،ئېلىيارنىڭ ئېمىران ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ،ھەقىقى ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ بېلەن كۆرۈشۈشكە چىقماقچى بولدى -دۆڭكۆۋرۈكتە ،قايسى كۈنى كۆرۈشكەن جايدا ساقلاپ تۇرۇڭ ،مەن ھازىر بارىمەن
داۋامى، داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-19 13:37:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
22-باب :بېۋاپا دۇنيا


-راس گەپ قىلىڭە ،سىز ئېمىران شۇ شۇنداقمۇ ؟-رەيھان كېلە -كەلمەي تۇرۇپلا ،ئېلىياردىن  ھال ئەھۋالمۇ سورىماستىن ،ئۇنى سوراقلاپ كەتتى .

-ۋاي سىز نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭىز، نېمە ئېمىران ،ئېمىران دېگەن كىم ئۇ؟-ئېلىيار شۇنداق دەپ  رەيھاننىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ قويدى -بوممىسىغۇ ،قىزىتىپمۇ قالماپسىز ،شۇنچە ئادەم قاراۋاتسا ئاۋازىڭىزنى قويۇۋېتىپ سۆزلىگىنىڭىز نېمىسى ،يۈرىڭە ،ئاۋال بىرە جاينى تېپىپ، ئورۇنلىشىۋالايلى، ئاندىن قانداق سوئالىڭىز بولسا سوراڭ، ئالدىرىماي چۈشەندۈرۈش بېرىمەن .
-مېنى كەچۈرۈڭ ،سەل جىددىيلىشىپ قاپتىمەن -رەيھان ئېلىيارنىڭ ،ئېمىرانغا قىلچىلىك ئوخشىمايدىغان تەلەپپۇز بېلەن ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىمۇ ئېھتىمالىم،ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كېيىن،گەپ -سۆزسىزلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى .
ئەمدى سورىڭە سوئالىڭىزنى-ئېمىران رەيھاننى باشلاپ، بىر ئاشپوزۇلنىڭ ئىككى كىشىلىك ئايرىمخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن،سۆز باشلىدى -ئېمىران دېگەن زادى كىم، تۇنجى كۈنى مېنى كۆرۈپلا ،شۇ ئىسىمنى چاقىرغان ئېدىڭىز، مۇشۇنىڭ بېلەن نەچچە قېتىم ،مېنى ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ  ئاچچىقلىنىپ بولدىڭىز ،ئۇ زادى كىم، سىزنى ئۆزىگە بۇنچىۋالا ئۆچ قىلىۋەتكۈدەك ،ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا زادى قانداق گۇناھ سادىر قىلغان ئېدى.
-دېسەم گەپ بەك جىق، مېنىڭ تارىخىمنى ئاڭلىسىڭىز ،مەندىن بەكلا نەپىرەتلىنىشىڭىز ،ھەتتا ،ئەمدى مېنى ئىككىنچىلەپ ئىزدىمەسلىكىڭىز مۇمكىن ،شۇنداقتىمۇ ،بۇ ئىشلارنى سىزگە ئېيىتمىسام بولمايدۇ ،چۈنكى ،مەن بۇرۇن بىر قېتىم، يالغانچىلىق قىلغانلىقىمنىڭ بەدىلىنى ئېنتايىن ئېغىر جازا بېلەن تۆلىگەن .شۇڭا ئۆزۈمگە ،ئەمدىكى ئۆمۈرۈمدە ھېچكىمگە يالغان سۆزلىمەسلىككە قەسەم قىلغانمەن .
-سۆزلىرىڭىزنى ئاڭىغانسېرى ،ھەيران بولىۋاتىمەن ،بۈگۈن سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى زادى ئاڭلىمىسام بولمىغۇدەك، قېنى سىز باشلاڭ، مەن ،زەن سېلىپ ئاڭلاي .
-ھېكايەمنى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ -رەيھان ئېغىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن ،سۆز باشلىدى -شۇ ۋاقىتتا  مەن، تېخىچە چوڭ بولمىغان ،ئانامنىڭ بىر ئەركە ،شوخ قىزى ئېدىم ،مۇھەببەت كوچىسىنىڭ قانداق كوچا ئىكەنلىكىنى ،ھەم ھېجىران ئازابىنىڭ قانچىلىك ئاچچىقلىقىنى تېخى بىلمەي تۇرۇپلا ،بىر يىگىتكە ئاشىق بولدۇم، ھەم ئۇنىڭ ماڭا قارىغاندىكى كۆزلىرىدىن بىر ئاشىقلىقنى سەزگەندەك بولۇپ،ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم.ئۇنىڭ قولۇشىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمىزدا ئىككىمىز ،بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان ،بىردەم كۆرمىسەك چىداشمايدىغان ئاشۇق مەشۇقلارغا ئايلاندۇق ،كېم بىلسۇن، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان چاغدا ،ئۇ تۇيۇقسىزلا مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ،شۇنىڭدىن  كېيىن مەن ھېجىراننىڭ يۈرۈكنى قانچىلىك ئازابلايدىغانلىقىنى ،رەسمىي ھېس قىلدىم،،ئۇ ئۈن-تنسىز غايىب بولغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيۇغاندەك بولۇپ،ئۇنى يۇرتىغا ئىزدەپ باردىم-رەيھان سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي يىغلاپ كەتتى .
-بولدى چۈشەندىم،ئېمىرانغا ،نېمىشقا شۇنچىۋالا ئۆچلىكىڭىزنى چۈشىنىپ بولدۇم، قىينالغان بولسىڭىز ،سۆزلىمەيلا قويۇڭ-ئېلىيار  رەيھاننىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتقاندەك تەسەللىي بەردى .

-ياق بولدى  دېمەڭ، ئىش بۇنداقلا ئاددىي ئەمەس، مەن سىزگە داۋامىنى سۆزلەپ بېرەي،ئۇ ئېمىران ئەمەس-رەيھان ئېسەدەپ يىغلىغاچ سۆزىنى داۋام قىلدى -بىراق مەن، ھېلىقى ئىپلاسنىڭ تويىنىڭ ئۈستىگىلا يېتىپ كەپتىمەن ئەمەسمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ئازابىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلىيەلمەيمەن، ھويلىغا كىرىپ،ئۇنىڭ تويى بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چاغلىرىمدا، ئۆزۈم مېھمان سۆيگەن يارىم تويىدا دېگەن ھېلىقى ناخشا قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپ،يۈرىكىمنى قان قىلىۋەتتى ،ئۇ ناخشا ئەسلىدە بىر يىگىتنىڭ ،ئامالسىز توي قىلغان بىر قىزغا ئاتاپ ئېيىتقان ناخشىسى ئېدىغۇ ،بىراق ،مەن شۇ ئەسنادا يىگىتىم ئۈچۈن يىغلىدىم ،توۋا، ئەركەك دېگەندە، غورۇر،ۋېجدان بولمىسا، خوتۇن كىشىچىلىكمۇ بولالماي قالىدىكەن، بۇرۇنقى چاغلىرىم بولغان بولسا ،ئۇنى يۈزىگە بىرنى تۈكۈرىۋەتكەندىن كېيىن، كېتىپ قالغان بولاتتتىم، بىراق ،ئۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتاپ بولغان ئېدىم ،شۇنىڭ ئۈچۈن ،ئامالسىز ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم، قېچىپ كېتەيلى ،يىراقلارغا كېتەيلى،دېدىم، بىراق ئۇ قورقتى ،ئۆزى قىلغان ئىشقا ئېگە بولالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
شۇ چاغدىن باشلاپ، مەن بۇ خوتۇنسىمان ئەركەكنى يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تاشلاشقا ،ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن  قىلغانلىرىغا بەدەل تۆلۈتۈشكە بەل -باغلاپ، بىر ئەتىراپلىق پېلان تۈزۈپ چىقتىم، ئۇنىڭ ئېمىران دەيدىغان بىر  نەۋرە ئېنىسى بار ئېدى، ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشلىرىىدن پۈتۈنلەي بېخەۋەر بولغاچقا ،،مېنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ،مەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پېلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدۇم، شۇ ۋاقىتلاردا مەن ،ئەمدى ئەركەك زاتىنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇلارغا مەڭگۈ ئىشەنمەيمەن ،دەپ ئويلايتتىم،بىراق  تېخى پېلان تولۇق ئەمەلگە ئاشماۇ تۇرۇپلا ،ئېمىراننىڭ ،ۋېجدانى، ئايالىغا، ھەم قىزلارغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ،ئەڭ مۇيىمى ھەقىقى ئەركەكلىكى ،مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋېلىپ،ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ھەممە ئىشتىن قول ئۈزۈپ،ئۇنىڭ بىلەن  بەخىتلىك ياشاشنى خېيال قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ، دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق دېگەندەك، دەل شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سىرىم ئېچىلىپ قالدى ،شۇنىڭ بېلەن ئېمىراندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم ،شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكىن، ،ئېمىران دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەر، ئەڭ ياخشى دادا ،ھەم مەن قەدىرلەشكە تېگىشلىك ،ئەڭ ياخشى گۆھەر بولالايتتى، بىراق مەن ئۇنى قولدىن بېرىپ قويدۇم، ئۇنىلا ئەمەس، ھېلىقى مەلئۇندىن بولغان ،بالامنىمۇ قولدىن بېرىپ قويدۇم، ئىشلار مانا مۇشۇنداق،ئەمدى بىلگەنسىز ،مەن سىز ئويلىغاندەك قىز ئەمەس، بەلكى ،ئاللىقاچان بىر بالىغا قورساق كۆتۈرۈپ بولغان،بىر قېتىم ئەردىن ئاجىراشقان بىر خوتۇن، ئەمدى مېنى قايتا ئىزدىمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، خەير مەن كەتتىم-رەيھان ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشكە تەمشەلدى .
-رەيھان كەتمەڭ -ئېلىيار رەيھاننىڭ قولىغا ئېسىلدى -مەن ھەممىنى بىلدىم، سىزنى چۈشىنىمەن، سىزنىڭ سىردىشىڭىز بولۇشنى خالايمەن،

-بۇنداق قىلماڭچۇ، سىز مېنى ئازابلاپ ئۆلتۈرەي دەمسىز ،بۇنداق قىلسىڭىز ئېمىرانغا تېخىمۇ بەك ئوخشاپ قالىدىكەنسىز ،ھېلىمۇ ساقال،بۇرۇتىڭىز ھەم ئازىراق سېمىزلىكىڭىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممە يېرىڭىز ئۇنىڭغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشاش -رەيھان ئېلىيارنىڭ قولىنى قاتتىق سىلكىۋەتتى .
-نېمە دەۋاتىسىز ،ئەجەبا ،ئۇيغۇردا ئېمىراندىن باشقا ئەركەك يوقمىكەن، ئېمىراندىن باشقا ئەركەكلەرنىڭ ۋېجدانىنى ئىت يەپ كېتىپتىكەنمۇ، سىزنىڭ كۆزىڭىز نېمىشقا ئېمىراندىن باشقا ئەركەكنى كۆرمەيدۇ، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش، بىر قېتىم  ئاجىراشقان ،مۇھەببەتتىن كۆڭلۈم ئازار يېگەن، بولارنى سىزگە دەپ يۈرگۈم يوق، تونۇشقىنىمىزغا ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، بىر كۆرۈپلا سىزگە ئاشىق بولغانمەن ،ھېچ بولمىسا ،ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ .
-مەن ئويلۇشۇپ باقاي، بۈگۈن مېنى كەتكىنى قويۇڭ-رەيھان شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ،ئۇنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى ،ئېلىيارنىڭ  ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ،قىلغان بۇ سۆزلىرىنى ئويلىغانسىرى ،ئۇنىڭغا ئېلىيار بېلەن ئېمىراننىڭ بىر ئادەمدەكلا تۇيۇلاتتى ،بىراق ..ئېلىيار زادى كىمكىنە، ئۇ نېمىشقا تۇيۇقسىزلا رەيھاننىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغاندۇ ؟
-قايتىپ كەلدىڭما قىزىم، سېنىڭ كېلىشىڭنى ساقلاپ تۇرغانتىم، يۈرە بىر يەرگە بېرىپ كېلەيلى-رەيھاننىڭ ئاخىرى چىقماس خېياللىرىنى ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن،ئانىسىنىڭ سۆزلىرى ئۈزىۋەتتى .
-نەگە بارىمىز ئانا، نېمانداق جىددىيلىشىپ كەتتىڭ-ئانىسىنىڭ جىددىيلەشكەن ،تۇرقىنى كۆرۈپ ،رەيھاننىڭ  يۈرەك سوقۇشى تېزلەشتى .
-ھازىرلا  ج،خ ئېدارىسىدىن تېلىفون كەپتىكەن، ئىچكىرىدىن بىر تۈركۈم سەرگەردان بالىلار قايتۇرۇپ كېلىنىپتىكەن ،ئىككى يىلنىڭ ياقى داداڭ بېلەن ئۇدا ئالاقىلاشقان بولسىمۇ ،ئۇ بالا تونۇۋېلىشقا كەلمەپتۇ ،يېقىندا ئۇلار مېنىڭ ئادىرىسىمنى تېپىپتىكەن شۇڭا مەن بېلەن ئالاقىلىشىپتۇ ،ئېنىڭ قايتىپ كېلىدىغان بولدى جېنىم قىزىم، مەن بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن، ئېسىت بالام، قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ،ئىككى يىلنىڭ ياقى بىلمەي يۈرۈپ،ئۇنى سەرگەردان بالىلارنى  يىغىۋېلىش ئورنىدا قويۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ ،ۋاي جېنىم بالام ..........
*                                             *                                                   *                                                                  *
-ئايگۈل زادى نەگە كەتتىڭىز ،مېنى نېمىشقا بۇنچىۋالا ئەنسىرىتىسىز -قايتىپ كېلىپ، ئايگۈلنىڭ ئۆيدە يوقلۇقۇنى كۆرۈپ،ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، ئىزدەپ چىققان ،نېجات، چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئايگۈلنىڭ ئۈستى بېشىغا قاراپ، بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ،ئۇنى سىلكىشلىدى -ھېلىقى مەردان دېگەن بېلەن ئوينىغان ئوخشىمامسىز ،ئۇ سىزنى نېمە قىلدى .
ئايگۈل زۇۋان سۈرمەستىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
-سزىگە زادى نېمە بولدى، نېمىشقا ماڭا ئېيىتمايسىز؟-نېجات ئايگۈل گەپ قىلمىغانسىرى   تېخىمۇ بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى-ئۇ سىزنى نېمە قىلدى، مەن سىزگە دېگەنتىمغۇ، مۇھەببەتلىشىشكە ئالدىرىماڭ، بۇ تۇيغۇلار ساختا سىزنى ئالدايدۇ دەپ ،سىز نېمىشقا مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايسىز .مانا ئەمدى تويدىڭىزمۇ، مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلەتتىم مەن .
-بولدى ،بولدى، سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا بولدىمۇ -يوتقانغا يۆگۈنۈپ يېتىۋېلىپ، توختىماي يىغلاۋاتقان ئايگۈلنىڭ نېجاتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئارامى بۇزۇلدى -ئۇ مېنى تاشلىۋەتتى ،ياراتمىدى ،مېنى سەن بىر بۇزۇقكەنسە، مەن دېگەن تېخى يېگىت دېدى ،مەن بىر شاللاق قىزكەنمەن، مېنى ھېچكىم ياراتمايدىكەن، سىز توغرا گەپ قىپسىز، مېنىڭ مۇھەببەتلىشىشكە سالاھىيتىم توشمايدىكەن ،مەن ئۆلۈمگە لايىق قىزكەنمەن، بولدىمۇ ،كۆڭلىىزدىكى ئىشنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولۇپ كەتكەنسىز ،ئەمدى قاندىڭىزمۇ ؟ھۈ، ھۈ، ھۈ،...
نېجات ئايگۈلگە نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمەي ،ئۈن-تۈنسىز ئۇنىڭ ھۇجىرىسىدىن چىقىپ كەتتى ،سۇ كۈنى كەچ ئايگۈلمۇ، نېجاتمۇ ،ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدى.

-ماڭا ئۇ ھايۋاننىڭ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى دەپ بېرىڭ-نۋجات بىر كېچە ئويلىغانسىرى مەرداندىن نەپىرەتلىنىپ،ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قاق سەھەردىلا ،ئايەۈلنىڭ يېنىغا كىردى .

-ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نېمە قىلىسىز؟
-ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرمەيمەن، ئىشى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ، چىققاندا ئەدىپىنى بېرىمەن ،ئۇنىڭ سىزنى ھاقارەتلەيدىغانغا نېمە ھەققى باركەن، سىز نېمە دەپ ئۇنىڭ ھاقارەتلىشىگە چىاپ تۇرغۇدەكسىز-نېجاتنىڭ مۇشتۇملىرى چىڭ تۈگۈلىۋالغان ئېدى .
-ياق ئاكا ،بۇنداق قىلماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ،بۇنىڭدىن كېيىن ،مەن قايسى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە بارىمەن، سىزدىن ئۆتۈنەي ،ئۇنى ئىزدەپ بارماڭ، مەن ئەمدى  ھېچكىم بېلەن مۇھەببەتلەشمەسلىككە ۋەدە بېرەي .
-بىراق بۇ ھاقارەتكە قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن ،سىڭلىم-نېجات ھۆڭۈرەپ يىغلىدى .
-ئاكا، مېنى يەنە سىڭلىم دەپ قارىسىڭىز ،مۇشۇ بىر قېتىم، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ قويۇڭ .
-ھەي...-نېجات شۇنداق دەپ قويۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى ..ئايگۈل ،نېجاتنىڭ ۋاز كەچكەنلىكىنى ،ھەي  دېگەن سۆزلىرىدىن بىلىپ،ئورندىىن تۇرۇپ،مەكتەپنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدى .
-ئاداش، مەبىتىڭ كىردى ،ئۇنىڭغا نېمشقا سالام قىلمايسەن، بۈگۈن نېمىشقا ئۇنىڭ بېلەن بىرگە كەلمىدىڭ -ئايگۈل سىنىپقا كىرىشىگىلا  مەرداننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بالا ،ئۇنى  نوقۇپ پىچىرلىدى.
-ۋاي ،سەن نېمە دەيدىغانسەن ئاداش، ئەمدى ئۇ جالاپقا قارايدىغان كۆزۈم، يوق، مېنى ئالداپ يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ، ئاخشام سىنىپتا ھېچكىم قالمىغاندا، ھېلىقىدەك ئىش قىلغانتىم ،شالاسى يوقكەن ئەمەسما  ئۇنىڭ ،
-ۋاي نېمە دەيدىغانسەن، ئۇنىڭ يا سەندىن باشقا بىرەر ئوغۇل بالا بېلەن بىللە يۈرگىنىنى كۆرمىسەك، خاتا بىلىپ قالمىغانسەن، ئۇرۇشۇپ قالغاچقا شۇنداق دەۋاتامسەن يا .
-ۋاي راس ،دەيمە ئاداش، بۇرۇن ئۆگەي دادىسى بېلەن قىپتىكەن، شۇڭا ئانىسى ئۇنى ئۆيىدىن قوغلىۋەتكەن چېغى، بولمىسا نەدىمۇ ،ئۆز ئانىسى  ،ئۆزىنىڭ قىزىنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ئىش بار، ھېلىقى ئاكام دەۋالغىنىمۇ قانداق ئاكىسى بۇنى خۇديىم ئۆزى بىلىدۇ،
-ماڭا ئاداش، ساڭا كىم دېدى بۇ سۆزلەرنى ؟خەققە قارا چاپلىما جىما
-ۋاي ،ئۆز ئاغزى بېلەن دېدى ماڭا ،مەن يالغان سۆزلەمدىمەن، كۆڭلىدە تېخى ،مېنى ئاتا-ئانىسى باي، شۇنداق ئازدۇرۇپلا تېگىۋالاي دېگەن چېغى، مەن بىلمەي يۈرىدىغاندەك .
مەرداننىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا. سىنىپتا پىچىرلاشلار باشلىنىپ كەتتى .
-ھېي،بۇزۇق ،نېمىگە يىغلايسەن، سىنىپتىكى قىزلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولدۇڭغۇ، ئۆزۈڭگە ئېگە بولۇپ يۈرسەڭ بولمامدۇ ،ۋاي ئېسىت، مەكتەپتە بىزنىڭ قىزلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولىدىغان بولدۇڭدە،بىر سېسىق ئامۇت ھەممىنى سېستىپتۇ دەپ ،سېنىڭ كاشلاڭغا كېتەرمىزمۇ ئەمدى -پىچىرلاشلارنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىن قىلىۋاتقان سۆز-چۆچەكلىرىنى ،چالا-بۇلا ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئايگۈلنىڭ مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ،پاتەك دېگەن قاۋۇل قىز، ئايگۈلنىڭ يېنىغا كېلىپ،ئۇنىڭ چېچىدىن تارتىپ، تىللاشقا باشلىدى .
-شۇ ئەمەسمۇ، ئاداش تازا بىر ئۇرايلى بۇنى .
-شۇنى بىر دېگىنە نېمە دېگەن نومۇس ئىش بۇ .تازا ئۇرايلى بۇ بۇزۇقنى -باشقا قىزلارمۇ يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، پاتەككە ھەمكارلىشىپ،ئايگۈلنىڭ يۈزلىرىنى چىمداپ تاتىلاپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، بىردەمدىلا، كۆرگۈسىز قىلىۋەتتى .
-بۇ جاندىن تويدۇم، مېنى ئۆلتۈرىۋېتىڭلار، ئۆلۈپ قۇتۇلاي-ئايگۈل،ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە، ئەتراپىدىكى قىزلارغا ۋارقىرىدى .
ۋاي ئاداش، بۇ بىزگە ئۆلۈكىنى ساتىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇنى قوغلىۋېتەيلى ،بالاغا قالمايلى يەنە-قىزلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىزنىڭ سۆزى بېلەن تەڭلا قىزلار، ئايگۈلنى سىنىپتىن قوغلاپ چىقاردى .شۇنداق قىلىپ تېخىى مۇزاكىرىمۇ باشلانماي تۇرۇپلا ئايگۈل مەكتەپتىن قوغلاندى .
-ئازاب تارتقان توختىماي تارتىدىغان، خورلانغان ،توختىماي خورلىنىدىغان دۇنيا ،يامانلارنى ياشنىتىپ، ياخشىلارنى زارلىتىدىغان دۇنيا ،مۇھتاجلارنى خار قىلىپ، بايلارغا ئاشۇۇپ بېرىدىغان ئەي بېۋاپا دۇنيا، سەندىن رايىم ياندى، ئەمدى ياشىغۇم كەلمىدى،-----ئايگۈل ئۆز-ئۆزىگە  بوشقىنە شىۋىرلىغىنىچە ،ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ،بىر ئورۇننى ئىزدەپ كېتىۋاتاتتى ....ئۇ شۇ تاپتا، دۇنيادىن، ئادەملەردىن ھەممە، ھەممە نەرسىدىن بېزار بولۇپ كېتىۋاتاتتى ..........
*                                         *                                                *                                                                 *
-ئانىڭىز بولالماي قالدى، ئۇنىڭ بېلەن خوشلۇشىۋېلىڭ-دوختۇر ماتىرىيالنى ئېلىپ،كىرىپ كېتىپ ھايال بولمايلا قايتىپ چىقتى .
-ئۇنى نېمە قىلىشتىڭ-مۇختەر دوختۇرنى قاتتىق بىر ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن ،ئايتولۇننىڭ يېنىغا يۈەۈرۈپ كىردى-ئانا، كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ ئانا،بىزنى تاشلاپ كەتمىگىن ،سەندىن ئۆتۈنەي .
-بالام-ئايتولۇن ئاستاغىنە كۆزىنى ئېچىپ، جانسىز قوللىرى بېلەن مۇختەرنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ھەسىرەپ تۇرۇپ ئۈزۈ--ئۈزۈپ سۆزلىدى-داداڭغا  ئىشەنمە ،ئۇ جازاسىنى تاتسۇن، ھەق يولغا قايت، ئۇكىللىرىڭغا ياخشى قارا، ياخشى ئادەم بولۇڭلا.

ئايتولۇن تېخى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولالماي تۇرۇپلا مۇختەرنىڭ بېشىنى سىلاۋاتقان قوللىرى يەرگە تاشلىنىپ، كۆزلىرى ئوچۇق قالغىنىچە بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى .

-ئانا،جېنىم ئانا .-مۇختەر ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە ئايتولۇننى چىڭ قۇچاقلىدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ياش ئېقىۋاتقان كۆزلىرىدە ،ئاللىقاچان،ئايتولۇننىڭ ئاخىرقى ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر جاسارەت،  ھۆكۈمىران بولۇپ بولغان ئېدى .
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .....................
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 18:52:20
داۋامىغا ئىنتىزارمەن

0

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
41
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-25 11:29:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى يوققۇ بەك ساقلاپ كەتتىم ئۇندا تەقەززا قىلىۋەتمەڭ ئادەمنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:41, Processed in 0.153364 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش