تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: ئوغۇز

قىز گۆھىرى(رومان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

0

دوست

385

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
89
مۇنبەر پۇلى
189
ئىشەنىچ
89
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 11:31:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەرلارنى يولاۋاتىسز قولىڭىزغا دەرت بەرمۇسىۇن، مەن تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم لېكىن سىزنى قوللايمەن، داۋاملىق تىرىشىڭ، سىزنى مۇنبەردە داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرۇشقا تىلەكداشمەن

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 12:55:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
14.باب : قىسمەت

كىشىلىك تۇرمۇش بىر ئاجايىباتقىلا ئوخشايدۇ ،ئۇنىڭدا شادلىق بار، كەينىدىنلا قايغىمۇ تەييار،بەخىتمۇ بار كەينىدىنلا ئازابلار تەييار،جەم بولۇش بار ،ئارقىدىنلا ھېجىرانمۇ تەييار......
سەمەت تاتۇق ئاتا-بالىلار مەينەتچىلىكلىرىنى پاكىز يىغۇشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن،شىنجاڭغا ئىش بېجىرىش ئۈچۈن كەتكەن ئىككى ئوغلىغا خەۋەر قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئۇۋىغا كۆچۈپ چىقتى .
مېھرىبان بولسا كىچىك تىلى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن ،بىر نەچچە كۈن ھوشۇنى بىلمەي يۈردى ،شۇ ۋاقىتلاردا قاتتىق قىيناشلاردىن كېيىن،بارا-بارا ئېسىگە كېلىۋاتقان  نېجات، باشقىلاردىن مېھرىباننىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇ ھوشۇسىز پەيىتلەردە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ ،ھالىدىن خەۋەر ئالدى .
بولغان ئىشلار ھەممىدىن بەك ئايتولۇنغا زەربە بولدى ،ئۇ ئېرى ھەم بالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىدىن بىراقلا مەھرۇم قېلىپ، يالغۇز ھوجۇرىغا قامىلىپ،سىرىتقا چىقىشى مەنئىي قىلىندى ،ئۇ باشقىلاردىن مېھرىبان دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاڭلاپ،ئىچى سىيرىلىپ كەتتى ،ئۇنىڭ مېھرىباننى شۇنداق بەك قۇتقۇزۇۋالغۇسى كېلەتتى ،بىراق بۇنداق قىلىش ئەمدى قولىدىن كەلمەيتتتى ،ئۇ بۇرۇن مېھرىباننىڭ بۇ ئۇۋىغا جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ كىرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي خېلى كۆپ ئويلانغان ئېدى ،مانا ئەمدىلىكتە ،ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بىلدىكى :بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپە-كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈش،بۇ يولدا ئۇلار قانچىلىك ئېغىر مۈشكىلاتلارغا ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزە ،كۈرەش قىلىشى ،سەبىيلەرنىڭ ئالدىغا ئۇچرايدىغان ھەرقانداق بىر مۈشكىلاتنى ئۆز تېنى ئارقىلىق توسۇۋېلىش،مانا بۇ بىر ئايال ھەم ئانا بولغۇچىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى .
-ئاچا ھوشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ؟-نېجات ،مېھرىبان كۆزىنى ئېچىشىغىلا ئۇنىڭ جانسىز قوللىرىغا ئېسىلدى ،ئۇ شۇ تاپتا مېھرىباننىڭ گەپ قىلالىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى .
-ئە،ئە-بىراق مېھرىبان ئاغزىنى ئاچتى-يۇ،ئەممما نېجاتنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدى ،ئۇ ئۆزىنىڭ گەپ قىلالمايۋاتقانلىقىنى سېزىپ،ئاغزىنى ئېتىۋالغىنىچە يىغلاپ كەتتى .
-ھەدە كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،يېنىڭىزدا مەن بار، مەن ئايگۈلنىڭ دوستى، ئاڭلىسام ئۇنى سىز قۇتۇلدۇرىۋاپسىز ،سىزدىن ئېنتيىن مېننەتدارمەن -دېدى نېجات يىغلاپ تۇرۇپ ،مېھرىبانغا تەسەللىي بەرگەچ
مېھرىبان قىينىلىپ تۇرۇپ-خەت تونۇمسىز دېگەن خەتنى ھاۋاغا يېزىپ ئىشارە قىلدى ،نېجات-ھەئە ،-دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن،ئۇ -ماڭا قەغەز قەلەم تېپىپ، بېرەمسىز دېگەن خەتلەرنى ئىشارە قىلدى نېجات ئايتولۇننىڭ يېنىغا چىقىپ قەغەز قەلەم تېپىپ ،مېھرىبانغا ئەكىرىپ بەردى .ئاندىن مېھرىبانغا قاراپ-ھەدە خاتىرجەم بولۇڭ،سىزنى مەن ئۆزۈم قاچۇرىۋېتىمەن، مېنىڭ بۇنداق ئىشلاردا تەجرىبەم بار،ئىككىمىز چوقۇم قېچىپ كېتەلەيسىز-دېدى .مېھرىبان بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ قولىدىكى قەغەزگە مۇنۇ خەتلەرنى يازدى
-ئۇكام سىز قاچالىسىىز قېچىپ كېتىۋېرىڭ،بىراق مەن بۇ يەردىكى ھەممە بالىلارنى قاچۇرۇۋەتمەي تۇرۇپ ھەرگىز قاچمايمەن ،بۇرۇن ،ئايگۈلنى قۇتۇلدۇرىۋېلىپ،ئۆز گۇناھىمنى يۇيۇشنىلا ئويلايتتى، بىراق ھازىر ئۇنداق ئەمەس، مۇشۇ جايدىكى ھەممە بالىلارنى بۇ ئۇۋۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، بۇ مەلئۇنلارنى ھەقىقەتنىڭ سورىقىغا تاپشۇرۇپ بەرمەي تۇرۇپ، بۇ يەردىن ھەرگىز قاچمايمەن .بۇ يولدا ھەتتا ئۆلۈپ كەتسەممۇ باش ئەگمەيمەن ..
-ئۇنداق بولسا مەنمۇ سىزگە ياردەملىشىمەن ھەدە ،سىز قايسى ئىشقا بۇيرىسىڭىز مەنمۇ شۇ ئىشنى قىلىمەن -نېجات مېھرىباننىڭ يازغان خەتلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى .
مېھرىبان نېجاتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،يەنە قەلەمنى قولىغا ئېلىپ-ياخشى ئېنىم، رەھمەت سىزگە ،ھازىر بۇ جايدا مېنىڭ سىزدىن باشقا ئىشىنىدىغان ئادىمىم يوق ،ئۇنداق بولسا ئىككىمىز قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ،بۇ ئىشلارنى بىرلىكتە روياپقا ،چىقىرايلى -دەپ يازدى .نېجات بېشىنى لىڭشىتقاندىن كېيىن،مېھرىبان خەت يېزىلغان قەغەزلەرنى جىمىقتۇرىۋەتتى .
شۇ كۈندىن كېيىن،مېھرىبان بېلەن نېجات سەمەت تاتۇقنىڭ گېپىنى بەكلا ئاڭلايدىغان ،ھەرقانداق ئىشنى تالىشىپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ،سەمەت تاتۇقمۇ مېھرىباننىڭ تىلى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئىشنى گۇمانسىزلا تاپشۇرىدىغان دەرىجىگە يەتتى .سەمەت تاتۇق بېلەن ئوغلى كۆڭلىدە تېخى
-بۇ نېمىلەرگە  بىزنىڭ تاياقلىرىمىز ئۆتكەن چېغى،دەپ ئويلۇشۇپ،ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ  يۈرۈشتى  .باشقا بالىلار بولسا،مېھرىبان بېلەن نېجاتنى ،سەمەت تاتۇق ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشپىيون دەپ قاراپ،ئۇلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشاتتى .
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى تاڭ سەھەر،مېھرىبان بېلەن نېجات بىر ياقىدا ئولتۇرۇپ ،بىرى خەت يازسا يەنە بىرى بىرنىمىلەرنى دەپ كۇسۇرلاۋاتاتتى .مېھرىبان نېجاتنىڭ قولىغا بىر ۋاراق خەتنى تۇتقۇزغاندىن كېيىن ،نېجات ئۇچقاندەك يۈگۈرەپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى .
-نەگە بارىسەن بۇنداق يۈگۈرەپ-بىر تەرەپتە تۇرۇپ، مېھرىبان بېلەن نېجاتنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزىتىپ تۇرغان يارمۇھەممەت نېجاتنىڭ ئالدىنى توستى
-ھېچ،ھېچ، ھېچ يەرگە -نېجات نېمە دېيىشىنى بېلەلمەي ھودۇقۇپ كەتتى .
نېجاتنىڭ ھودۇقۇشلىرىدىن بىر ئىش بارلىقىنى سەەزگەن يارمۇھەممەت
-يانچۇقۇڭدىكى خەتنى چىقار-دەپ ۋارقىرىغىنىچە ،نېجاتقا ئېسىلدى
،بىراق نېجات ،ئۇنىڭغا بويسۇنماستىن، يانچۇقىدىكى خەتنى چىقىرىپ ،ئوتتۇردىن ئىككى پارچە قىلىپ يىرتىپ ،تېخىمۇ ئۇششاق قىلىۋەتمەكچى بولدى، يارمۇھەممەت نېجاتنىڭ قولىنى قايرىپ خەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن .خەتنى ئېچىپ قورشتۇرۇپ. كۆرۈشكە باشلىدى ،نېجات شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،شامالدەك يۈگۈرۈپ قېچىپ كەتتى .
خەتتە::
پېلان پىشقان بولسا، مەن بۈگۈن كەچتە بالىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويۇمەن،ئۇلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، سىلەر خاتىرجەم ھەرىكەت باشلىساڭلار بولىدۇ،-دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئېدى .
يارمۇھەممەت خەتنى ئوقۇپلا چىرايى تاتارغىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھويلىغا يۈگۈرەپ كىرگىنىچە ،مېھرىباننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى
-ئېيتە بۇزۇق، بۇ نېمە خەت؟، كىم؟قايسى  ھەرىكەتنى باشلايدۇ .
-ئە،ئە ئە-مېھرىبان تەنە ئارىلاش كۈلدى .يارمۇھەممەت ،يانچۇقىدىكى غىلاپتىن پىچىقىنى چىقىرىپ، مېھرىباننىڭ قورساق قىسمىغا كەينى كەينىدىن بىرنەچچىنى تىقىۋەتتى.
-ئا،ئا،ئا-مېھرىبان قورسىقىدىن توختىماي ئېتىلىپ چىققان قانلارنى قوينىدا،سوزۇلۇپ،ياتقىنىچە ئاستا-ئاستا كۆزىنى يۇمدى ...
.*                                *                                          *                                                                     *
بىرىنچى قېتىملىق ھەرىكەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،ھەسەنجان ئايگۈلنى شىناقڭغا يولغا سېلىپ قويماقچى بولغان بولسىمۇ ،ئايگۈل مېھرىبان بېلەن نېجاتنىڭ قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى كۆرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق يەرگە بارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالدى .
ھەسەنجان ،مېھرىباننىڭ ىەۋىرىنى ئالالماي تىت-تىتى بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،نېجات تۇيۇقسىزلا ھەسەنجاننىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ،ئۇنىڭغا بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزدى، خەتتە ؛مېھرىباننىڭ باش ئەگەمەيدىغانلىقىنى،ھەم ئىسپات توپلاپ، ھەسەنجانغا ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقى ھەم ھەسەنقاننىڭ ئكزىگە وقۇم ياردەم قىلىشى توغرىسىدىكى ئۆتۈنۈشلىرى يېزىلغان ئېدى .
ھەسەنجان، ھېلىقى ئىش بولغاندىن كېيىن ،مېھرىباننىڭ تاتقان ئەرزىيەتلىرىنى نېجاتتىن ئاڭلاپ،مېھرىباننى ئالۋاستى ئۇۋىسىغا قورقماي كىرگۈزگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى، ھەم نېجاتقا ،مېھرىباننى بۇ نېيتىدىن يېنىپ بالدۇرراق قېچىپ كېتىشىكە ئۈندەپ، ،نېجاتتىن بىرپارچە خەت ئەۋەتتى ،
مېھرىبانمۇ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ،ئىسپات ماتىرىيالى تەمىنلەنگەن بىر ۋاراق ىەتنى ئەۋەتتى،ھەسەنجانمۇ مېھرىباننىڭ ئېرادىسىنىڭ چىڭلىقىنى بىلىپ،ئىسپات ماتىرىيالىنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى
.مېھرىبان شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئاي قەريانىدا نېجات ئارقىلىق ھەسەنجانغا، سەمەت تاتۇقنىڭ ئىچكىرىدىكى ھەم شىنجاڭدىكى ئالاقە تورىم شۇغۇللىنىۋاتقان ھارام پۇل تېپىش يوللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر خېتىگە يېزىپ يەتكۈزدى .-ھەسەنجاكا،چاتاق بولدى،يارمۇھەممەت ،يارمۇھەممەت-بۈگۈن ساقۋىلارنىڭ ھەرىكەتلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ،نېجات ئارقىلىق، مېھرىبانغا يەتكۈزگەن ،ھەسەنجان ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلىگەچ ،بىر .ئەندىشە بىلەن ئولتۇرغان چاقتىدا ،نېجاتنىڭ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ كىرىپ كەلگىنىدىن بىر ئوڭۇشسىزلىقنى سەزگەندەك بولۇپ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى ....
*                                              *                                          *                                                     *-ئېمىران،بۇ ئىش ئۇنداق ئەمەس، مەن سىزگە چۈشەندۈرەي -رەيھان جىدىيلەشكىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ،ئېمىراننىڭ،ئالدىغا يۈگۈرەپ بېرىپ،زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغىنىچە ئېمىراننىڭ پاقالچىقىغا ئېسىلدى
-مۇيەسسەر سەن ئاۋۇ ھايۋاننى ئېلىپ كىرىپ كەتكىن،لېكىن بۇ ئىشلارنى چوڭلارغا ھەرگىز دېمە -ئېمىران زۇۋان سۈرمەستىن ،مۇيەسسەرگە قاراپ شۇنداق دېدى.
-نېمە، يەنە نېمىشقا دېمەيدىكەنمەن، غورۇرۇڭ بارمۇ ئاكا سېنىڭ، سەن يەنە مۇشۇ ئايال بېلەن ئكي تۇتماقچىمۇ ؟-مۇيەسسەر ئېمىراننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۇرقۇراپ كەتتى -سېنىڭ دېمە دېگىنىڭگە دېمەيدىغان ئىش يوق، بۈگۈن ھەممە ئادەمگە بۇ بۇزۇق خوتۇننىڭ ھەقىقى ئەپتى بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ،قايسى كۈنى تارتقان ئۇۋالچىقىمنىڭ ئەنتىنى ئالىمەن .
-شۇنداق قىلىپ باقە قېنى -ئېمىران مۇيەسسەرگە غەزەپ بېلەن تىكىلدى
-مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسەن .
-قىلىمەن، تازا قىلىمەن، بۇ ىوتۇننى رەسۋا قىلىمەن-مۇيەسسەر شۇنداق دېگىنىچە ھويلىغا كىرىپ كەتتى
.-پۇشايمان قىلىسەن مۇيەسسەر -ئېمىران ،مۇيەسسەرنىڭ كەينىدىن ۋارقىرىدى .
-مېنى كەچۈر ئېمىران ،ئەسلىدە ساڭا دېيىشىم كېرەك ئېدى -بىر تەرەپتە داڭ قېتىپ تۇرغان فەرۇق ئۆزىنى تاپقاندەك بولۇپ،ئېمىراننىڭ ئالدىغا كېلىپ ،ئۇنىڭغا يالۋۇرغان قىياپەتتە شۇنداق دېدى-ساڭا ۋەدە بېرەي ئەمدى رەيھاننى ئاۋارە قىلمايمەن  .
-بولدى قىل، شۇ تاپتا سېنى ئاكا دېيىشكىمۇ تىلىم بارمايۋاتىدۇ -ئېمىران اەرۇقققا قاراپ،غەزەپ بېلەن سۆزلەشكە باشلىدى-بىلەمسەن ، سەن بەكلا جۈرئەتسىز، ھەم ئۇششۇق، سەندە بىر ئەركەكتە بولۇشقا تېگىشلىك ئېرادە يوق، سېنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىدىن  بولىۋاتقان ئىشلار بۇلارنىڭ ھەممىسى ،ئەمدى بولدى قىلغىن، تېىى بايىلا رەيھاننى قېچىپ كېتەيلى داۋاتقانتىڭ،ئەمدى نېمىشقا سۆزۈڭدە تۇرالماي ماڭا يالۋۇرىسەن ،نەرىڭ ئوغۇلبالا ،سېنىڭ.، مۇيەسسەر ھويلىدىكىلەرگە ھەممە ئىشلارنى دەيدۇ ، رەيھاننۈە قارا سۈركىلىشىنى خالىمايمەن ،سەن ،رىل ئالمىساڭلا بولدى قالغىنىنى ماڭا قويۇۋەت.
-ئېمىران ،ماڭا نېمىشقا گەپ قىلمايسىز .،مېنى ئۇرۇڭ تىللاڭ،نېمىشقا ماڭا گەپ قىلمايسىز، -رەيھان ئېمىراننىڭ قولىغا ئېسىلىپ، يالۋۇرۇشقا باشلىدى ،
ئېمىران بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن، رەيھاننى يېتىلىپ،ھويلىغا ئەكىرىپ كەتتى .
-ئېمىران ئېيتە، راستىنلا خوتۇنىڭنى زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋالدىڭمۇ-ئېمىرانلار ھويلىغا كىرگەن ۋاقىتتا ،مۇيەسسەر خۇددى ئۇ ئويلىغاندەكلا ،چوڭلارنى تەق قىلىپ تۇرغن ئېدى .
-كىم دەيدۇ بوۋا ساڭا شۇنداق دەپ ،ئالجىپ قاپتۇ، بۇ ساراڭ ،ئويۇن ئويناپ، رەيھان بېلەن فەرۇقنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قويۇپ، ئۇلارغا قارا چاپلىماقچى بوپتىكەن ئەسلى،
-بۇ قانداق گەپ مەن تازا چۈشەنمىدىمغۇ؟-بوۋاي گاڭگىراش ئىچىدە ئېمىراننىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى .
-ھەممىنى قىلىۋاتقىنى مۇشۇ -ئېمىران مۇيەسسەرنى قولى بېلەن ئىشارە قىلدى -مەن ساڭا تەپسىلىي دەپ بېرەي،مۇيەسسەر ئەتىگەن مېنىڭ يوقلۇقۇمدىن پايدىلىنىپ رەيھاننىڭ يېنىغا كىرىپ،سىزنى ئېمىران ئاكام، ئارقىدا ساقلاۋاتىدۇ دەپتۇ ،ئاندىن اەرۇقنىڭ يېنىغا كىرىپ،ئارقىغا چىقىڭ ئېمىراننىڭ سىزگە سۆزى باركەن دەپتۇ، ئاندىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، فەرۇق بېلەن رەيھان سەل تۇرۇپ ئارقىدا كۆرۈشمەكچىكەن ،ئىشەنمىىسىڭىز ئارقىغا چىقىپ بېقىڭ دېدى ،ئويلىمىغان يەردىن رەيھان ئىككىمىز ھويلىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، مۇيەسسەرنىڭ ھېيلىسى پاش بولۇپ قالدى ،شۇنىڭ بېلەن ئۇ بىزدىن قۇرقۇپ، سىلەرگە يەنە يالغان ياۋىداقنى سۆزلەپ ئۆزىنى يوشۇرماقچى بوپتۇ .بولغان ئىشلار مانا مۇشۇ ،ئىشەنمىسەڭلار ئەينە فەرۇقمۇ تۇرۇپتۇ،
-ۋۇ ساراڭ قىز، سەن زادى كىمنى دورىغانسەن، نېمىشقا يەڭگەڭنى كۆرەلمەيسەن ،ئىسىت نەۋرەم بولۇپ قالغىنىڭ،يەنە مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولساڭ، فەرۇقتىن ئاجىرىشىپ كەت-بوۋاي فەرۇقنىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ ،ئېمىراننىڭ سۆزىنى  قۇۋۋەتلىگەندىن كېين،بوۋاي قولىدىكى كالتىكى بېلەن مۇيەسسەرنى بىرنەچچىنى نوقۇۋېتىپ،ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى .
-بوۋا ماڭا نېمىشقا ئىشەنمەيسىلەر -مۇيەسسەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغان جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى، باشقىلارمۇ مۇيەسسەرنى ئەيىپلىگىنىچە، رەيھانغا تەسەللىي بېرىشىپ، ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىشتى .-ئۆزۈڭەە-ئۆزۈڭ قىلدىڭ سىڭلىم،مەن ساڭا دېگەنتىمغۇ،پۇشايمان قىلىسەن ،ھېچكىمگە دېمە دەپ،مېنى كەچۈرگىن ساڭا  يۈز كېلەلمەيمەن -ئېمىران مۇيەسسەرنىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنداق دېگەندىن كېيىن، كۆزلىرىىدىن ئۈنسىز ياش تۆكىنىچە ،،تېز-تېز قەدەملەر بېلەن سىرىتقا چىقىپ كەتتى ..رومانىمىزنى بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە داۋام قىلدۇق،مېھرىباننى يەنە قانداق شۇم تەقدىر كۈتىۋاتقاندۇ، نېجات بېلەن ئايگۈل جەم بولالامدۇ، ،ھەسەنجان ،ساقچىلار بېلەن بىرلىكتە سەمەت تاتۇقنى ھەققانىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرىتىپ ،باشقا بالىلارنى قۇتقۇزالامدۇ ؟رەيھان بېلەن ئېمىران،  فەرۇق ھەم مۇيەسسەرلەنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر، داۋامىغا قىزىقسىڭىز،دىققىتىڭىز داۋاملىق ئېنكاس شەكلىدە يوللىنىدىغان  قىز گۆھىرى رومانىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بولسۇن ...........
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 19:13:48
دامىغا تەشنامىز  تىزراق يوللانسكەن دەپ
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 19:19:47
بەك ياخش يېزىلىپتۇ بۇ  ئەسەر داۋامىنى تزراق يوللىسىڭىز بەك تەشنا داۋامىغا  كولىنەىزگا دەرت تەگمىسۇن   داۋاملىق قوللايمىز سىزنى

0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-22 21:29:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيەردىمۇ ئازلا ئىكەنغۇ؟

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 13:25:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15.باب:ئازابلىق ئايرىلىش

ھەسەنجان ساقچىلارنى باشلاپ كەلگەن چاغدا ،مېھرىبان قىپقىزىل قانننىڭ ئارىسىدا شوزۇلۇپ ياتاتتى .
-مېېھرىبان،جېنىم مېھرىبان كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىزچۇ-ھەسەنجان مېھرىباننىڭ مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىغا ئېسىلىپ، سارغىيىپ كەتكەن مەڭزىگە مەڭزىنى ياقتى .
-ھىم،ھىم-مېھرىبان جانسىز ئاۋازدا شۇنداق دەپ ئاستاغىنە كۆزىنى ئاچتى-مەن قىلالىدىم،مەن ئاخىرقى قېتىم سىزنىڭ كۆزلىرىڭىزنى كۆرەلىدىم ..
-مېھرىبان ،مېنى قورقۇتماڭ، سىز مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز بولمايدۇ -ھەسەنجان مېھرىباننىڭ ئىككى تەرەپكە تاشلانغان قوللىرىنى چىڭ تارتقىنىچە ،ئۇنىڭ تىنىقتىن قالغان نەپىسىنى تىڭشاپ، جانسىز بەدىنىنى بار كۈچى بېلەن سىلكىپ ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى -مېنى كەچۈرۈن ،مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن ،سىزگە مەن زېيانكەشلىك قىلدىم .
-يېگىت بولدى قىلىڭ، ئۇ جان ئۈزۈپتۇ نەخ مەيداننى قوغدىمىساق بولمايدۇ ،سىز ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ[ تۇرۇڭ-ساقچىلار مېھرىباننى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ ئولتۇرغان ھەسەنجاننى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ،مېھرىباندىن ئاجىراتتى .
نەخ مەيدان تۈزۈكرەكمۇ يىغۇشتۇرۇلماي تۇرۇپ ،سەمەت تاتۇق بېلەن يارمۇھەممەت ،بارلىق بالىلارنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ئېدى .
شۇنداق قىلىپ ،بىر مەزگىل ۋېجدانىنى يوقاتقان رەزىل بىر يېگىتنىڭ ئازدۇرۇشى بېلەن ،مۇھەببەت ئۈچۈن دەپ ،ئاتا-ئانىسىنى قان يىغلاتقان ،ئۆزىمۇ يەتكۈچە دەرد ئەلەم تارتىپ، يىغا -زارە ھەسىرەت ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈپ، تېخى ئەمدىلا دۇنيانىڭ يورۇق ئىكەنلىكىنى ،ھەقىقى ئەركەكنىڭ ،ئەرلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئاياللىقنى ،جىسمىدىكى قىزلىق روھىنى تونۇپ ياشاشنىڭ قانچىلىك ھوزۇر ئىكەنلىكىنى ،ھېس قىلىپ يېتىۋاتقان بىر قىز ،بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ،ھەسىرەت پېغانلىرىنى  ئامانەت قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بېلەن  خوشلاشتى ،بىراق ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلغان ھالەتتە .ئەمەس ،يۇمۇلغان ھالەتتە ،ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرايىدىن ،مۇرادى ھاسىل بولغاندەك كۈلۈمسىرەشنى ئەتراپىدىكىلەرگە قالدۇرۇپ،دۇنيادىن تەبەسسۇم بېلەن ۋېدالاشتى .چۈنكى ئۇ ،ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتتى ،بىر ئايالنىڭ كۆرسىتىشكە تېگىشلىك بولغان پېداكىرانە روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ،ئۆز روھىدىكى قىزلىق گۆھىرىنى نامايەن قىلالىدى .
بىراق ھەسەنجان ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىنچە ، ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆزى ياخشى  كۆرىدىغان ئىككىنچى ئايالدىن ئايرىلىپ قالدى ،چۈنكى،مېھرىبان ئانىسىدىن كېيىنكى ئۇ ياخشى كۆرگەن ،ئىككىنچى ئايال ئېدى،ھەسەنجان ،مېھرىباننىڭ ئۆلۈمىنى پۈتۈنلەي ،ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى دەپ قارايتتى ،چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا ،ئۇ مېھرىباننىڭ ھېلىقى ئالۋاستى ئۇۋىسىغا كىرگۈزمىگەن بولسا ،ئۇنىڭغا بۇنداق زور بەخىتسىزلىك كەلمىگەن بولاتتى .
-ئاكا، سىز يالغۇز كەپسىزغۇ ،مېھرىبان ئاچام بېلەن نېجاتنى قايتۇرۇپ كەلمىدىڭىزمۇ-ئايگۈل، روھسىز قىياپەتتە قايتىپ كەلگەن ھەسەنجانغا قاراپ ،كۆڭلى بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا مىسكىن كۆزلىرىنى ،ئۈمۈد بېلەن تىكىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
-مېھرىبان ئاچىڭىز ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيدۇ ،جېنىم سىڭلىم-ھەسەنجان ئايەۈلنى باغرىغا بېسىپ بۇلدۇقلاپ يىغلىغاندىن كېيىن ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى .ئايگۈل بولسا ،مېھرىبان ئاچىڭىز ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيدۇ دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ،ئۆزىنىڭ شور پېشانىلىكىدىن ئاغرىنىپ، يۈزبەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ھەسەنجاندىنمۇ بەكىرەك ئازابلىنىشقا باشلىدى .
-توغرا ،مەن بۇ يەردىن كېتەي ،مەن كەتسەملا ھەممە ئىشلار تۈگەيدۇ، ھەسەنجاكاممۇ يىغلىمايدۇ، مېھرىبان ئاچاممۇ مەن ئۈچۈن قاپا چەكمەيدۇ، بېچارە نېجاتمۇ ،ئەمدى مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ تاياق يەپ يۈرمەيدۇ ،ئايگۈل كاللىسىغا  تۇيۇقسىز كەلگەن خېيالغا ئەگىشىپ، قولىغا قەلەمنى ،قەغەز ئېلىپ:ھەسەنجاكا مەن كەتتىم ،ئەمدى سىلەر ،مېنى دەپ جاپا تارتمايسىلار، ھەممىڭلارنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغىنىڭلارغا ،رەھمەت، دېگەن بىر قۇر خەتنى يېزىپ قويغاندىن كېيىن، ئاستاغىنە نەرسە كېرەكلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھەسەنجانغا قىلچىلىك چاندۇرماستىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
*                                                      *                                                  *                                                   *
ساقچىلار خېلى ئۇزاق ئىزدىگەندىن كېيىن،يارمۇھەممەت بېلەن بالىلار يوشۇرۇنغان جاينىڭ ئىزدېرىكىنى تاپتى ،بىراق ئۇلارنىڭ يارمۇھەممەتنى بۇيسۇندۇرىشى ئاسانغا توختىمىدى، ئۇ بالىلارنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ ،ئۆزىنى قوغداپ قالماقچى بولۇپ، ۋاقىتنى بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇزارتىۋەتتى .ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە بالا خېلىلا ئېغىر يارىلاندى .ئارىدىن ئىككى كۈن ئكتۈپ كەتكەندىن كېيىن ،يارمۇھەممەتنىڭ بىرنەچچە قولچوماقچىللىرى ،ساقچىلارنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە ،ساقچىلار تەرەپكە ئكتۈپ تەسلىم بولدى ،نېجات پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،بالىلار بېلەن بىرلىشىپ، پېداكارلىق كۆرسىتىپ، قېچىپ چىققاندىن كېيىن ،يارمۇھەممەتمۇ تۇتۇلدى .بىراق يارمۇھەممەت تۇتۇلغان جايدىن سەمەت تاتۇق تېپىلمىدى، ئەسلىدە يارمۇھەممەت قەستەن ۋاقىتنى ئۇزارتىپ ،سەمەت تاتۇقنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدى ،قېچىپ شىنجاڭغا بېرىۋالىشىغا يول ھازىرلاپ بەرگەن ئېدى ،يارمۇھەممەت تۇتۇلغاندىن كېيىنكى سوراقتا، ھەممە گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، سەمەت تاتۇقنى ئاقلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە،يۇرتتىكى تەكشۈرۈشتە، سەمەت تاتۇقنىڭ ،ئۇرۇق-تۇغقان يۇرتداشلىرى ،ئۇنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل تۈردە يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقمىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى، سەمەت تاتۇقمۇ ،بۇرۇن ئېلىپ قويغان ،تېرىلغۇ، يەر ،ئۆي -زىمىن ھەم نورمال تىجارەت قىلىنىۋاتقان تېجارەت سورۇنلىرىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ بىر قانۇنغا رۇئايە قىلىدىغان پۇقرا، ھەم ساخاۋەت ئېگىسى ئىكەنلىكىنى ،ئوغلىنىڭ ،قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلاپ ،چىڭ تۇرىۋالغانلىقتىن ،ئۇنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىشقا ئامال بولمىدى .
شۇنداق قىلىپ ،بىر مەھەل قۇترىغا بۇ ۋەھشى بۆرىلەر توپى ،خېلىلا بېسقىغا چۈشۈپ قالدى ،لېكىن سەمەت تاتۇق ،كونا خۇيىنى ئۆزگەرتەلمەي، يوشۇرۇن ھالەتتە ،بۇرۇنقى كەسپىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇۋەردى .
-ئاكا، ئايگۈل قېنى ،ئايگۈل نېمىشقا كەلمىدى -نېجات، ھەسەنجاننىڭ ئۆزىنىڭ يالغۇز ساقچىخانىغا يوقلىغىنى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۈۈكسىرىگىنىچە سورىدى .ھەسەنجان ھېچنىمە دېمەستىن يانچۇقىدىن ئايگۈل يېزىپ قالدۇرغان ھېلىقى بىر قۇر خەتنى چىقىرىپ، نېجاتقا ئۇزاتتى .
-نېمە ،بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز، ئۇنىڭغا نېمىشقا ياخشى قارىمىدىڭىز-نېجات  ھەسەنجانغا ھۆرپەيگىنىچە ،شۇنداق دەپ بولۇپلا ،سىرىتقا قاراپ يۈگۈردى.
-ئۇ نەگە بارىدۇ، ئۇ قېچىپ كەتسە بولمايدۇ، بىز ئۇلارنى يۇرتىغا قايىتقاندىن كېيىن تەربىيلىشىمىز كېرەك ،ئۇ قېچىپ كەتسە جېنايەت ئۆتكۈزگەن ئۆسمۈرلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ-ساقچىلار ھەسەنجانغا قاراپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن ،ئۇنى قوغلىماقچى بولدى.
-بولدى قىلىڭلار، ئۇ بۇ جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلىشتا ،خېلى زور خىزمەت كۆرسەتكەن -ھەسەنجاننىڭ بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتقانلىقىغا قاراپ، مەسئۇل ساقچى شۇنداق دەپ ساقۋىلارنىڭ ئالدىنى توستى.
-شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قېچىشى توغرا ئەمەس، ئەگەر ئۇ بىر ھەپتىگىچە ساقچىخانىغا كېلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلمىسا توردا تۇتۇش بۇيرىقى تارقىتىمىز .
*                                                         *                                                        *                                                       *
ئېمىران ،شۇ كۈنى كېچە ،باشقا ئورۇندا ياتتى ،رەيھانغا خۇددى ئۆزى تونۇمايدىغان ئادەمدەك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، تاڭنى ئاتقۇزغاندىن كېيىن، سەپەرنىڭ تەييارلىقلىرىنى باشلىدى ،رەيھانمۇ  ئكزىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى .رەيھانغا ئېمىراننىڭ گەپ قىلماي تۇرىۋېىشى بەكلا ئېغىر كېلىۋاتاتتى ،ئۇنىڭچە بولغاندا ،ئېمىران ئۇنى ئۇرسىمۇ، تىللىسىمۇ، قىلغان يالغانچىلىقى ئۈچۈن ،ئۇنى قانچىلىك تىللىۋەتسىمۇ مەيلى ئېدى، بىراق ئۇنىڭغا پەقەت، گەپ قىلسىلا ،ئۇنى نېمە قىلىۋەتسە رازى بولاتتى ،بىراق ئېمىران ماشنىغا چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يېرىم يولىنى بېسىپ تۈگەتكەن بولسىمۇ ،رەيھانغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى .
-ئېمىران ئۇنداق قىلماي، ماڭا بىر ئېغىز بولسىمۇ گەپ قىلىڭچۇ .سىزدىن ئۆتۈنەي، مېنى تىللىسىڭىزمۇ ، ئۇرسىڭىزمۇ مەيلى ،مېنى بۇنداق قىينىماڭ سىزدىن ئۆتۈنەي -رەيھان ئاخىرى چىداپ بولالماي، ماشنىنىڭ بىر ئۆتەڭدە توختاپ، ماشنىدىكى ئادەملەرنىڭ تاماققا چۈشۈپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پەسكە چۈشۈشكە تەييارلىنىۋاتقان ئېمىرانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئېسىلدى .
-مېنى قويۇۋېتىڭ، سىزنىڭ راستىنلا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ ؟-ئېمىران رەيھاننى سىلكىۋەتتى .
-ھەئە ئېمىران ،نېمە دېسىڭىز مەيلى ،مېنى نېمە دەپ تىللىسىڭز مەيلى
.-نېمە دېسەم مەيلىمۇ-ئېمىران سوغاق كۈلدى .
-ھەئە نېمە دېسىڭىز مەيلى -رەيھان يىغلىدى .
-بىز ئاجىرىشىپ كېتەيلى ،ئەمدى سىزنىڭ چىرايىڭىزغىمۇ قارىغۇم يوق -ئېمىران شۇنداق دەپ  بولۇپ،ماشنىدىن چۈشۈشكە تەمشەلدى .
-ياق ئېمىران ،مېنى قورقۇتماڭ، سىز مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟-رەيھان، يەنە ئېمىرانغا ئېسىلدى .
-ياق ،مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راس، مېنى قويۇۋېتىڭ
-يالغان سىز مېنى ئالداۋاتىسىز رەيھان ئېمىراننىڭ بار كۈچى بېلەن قۇچاقلىدى-مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئېمىران ،مېنى بۇنداق قىلماڭ، سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرەتتىڭىزغۇ .
-توغرا ،بۇرۇن مەن سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرەتتىم ،،چۈنكى مېنىڭ قەلبىمدە، ئاقكۆڭۈل، ساددا ،رەيھاننىڭ ئوبرازى بار ئېدى، بىراق ھازىر سىزنىڭ ئەپتى-بەشرىڭىزنى بىلدىم، سىز ئاكامدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مېنى ئويۇنچۇقتەك ئوينۇتۇپ يۈرۈپسىز، مېنىڭ سۆيگۈمنى پايدىلىنىش قورالى دەپ بىلىپسىز، مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزدىن ئەمەس، ئاكامنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىز ھەم ،ئئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىڭىز تۈپەيلىدىن مەن بېلەن بىللە كەپسىز ،ئېيتىڭە، دۇنيادا سىزدەك رەزىل ئايالدىن يەنە بىرسى بارمۇ، ؟سىز تېخى قورسىقىڭىزدىىكى بالىنىمۇ ماڭا باقتۇرماقچى بولغانمىدىڭىز ،بلەنەت سىزگە ،ئەمدى راسلا سىزنىڭ دىدارىڭىزنى كۆرگۈم يوق، ئاۋازىڭىزنىمۇ ئاڭلىمىسامكەن دەيمەن -ئېمىران ھۆڭۈرەپ، يىغلاپ كەتتى .
-ئەمىسە نېمشقا مېنى ئۆيىڭىزدە تۇرۇپلا ھەيدىۋەتمەي ،مەن بېلەن بىللە ئۈرۈمچىگە بارىسىز ،يەنە نېمىشقا ئۆيىڭىزدىكىلەرگە مېنى دەپ يالغان ،سۆزلەيسىز .زادى نېمىشقا -رەيھانمۇ يىغلىغاچ ،پەسكە چۈشۈشكە تەمشەلگەن ئېمىرانغا يەنە ئېسىلدى.
-نېمىشقا دەمسىز، چۈنكى سىز مەن تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن ئايال، مەن سىزنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن ،ئوغۇل بالا دېگەن ۋەدە بەرگەن ئىكەن ،ۋەدىسىدە چوقۇم تۇرالىشى كېرەك ،ئاياللارنىڭ ئالدىدا ،مات بولۇپ يۈرگەن ئادەمنى ئوغۇل بالا دېگىنى بولسۇنمۇ ،مەن ۋەدە بەرگەن ئىكەنمەن ،سىزنى يامانلىقتىن قوغدۇشۇم كېرەك، سىزنىڭ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنىڭ تۆكۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ،بەزى نامەرت ئەرلەرگە ئوخشاش، سىزنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغۇم يوق، نېمىلا ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،مەن سىزنى ئانىڭىزنىڭ قولىدىن ساق سالامەت ئېلىپ كەلگەن ئىكەنمەن، يەنە ئۇنىڭ قولىغا ساق-سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىشىم كېرەك،مانا بۇ مېنىڭ سىز بېلەن بىرگە ماڭغانلىقىمنىڭ سەۋەبى ،ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز ،ئەسلىدە بۇ گەپلەرنى ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن ئېيتارمەن دەپ ئويلىغانتىم بىراق ئۆزىڭىز مەجبۇرلىدىڭىز، ئەمدى ئازابلانسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز بىلىڭ .-
ئېمىران سۆزىنى تۈگىتىپ، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان رەيھاننىڭ قولىنى ،بەللىرىدىن ئاجىرتىۋېتىپ، ماشنىدىن چۈشۈپ كەتتى .
رەيھان خۇددى روھى جىسمىدىن ئاستا-ئاستا چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ،پۇت قولىدىكى ماغدۇرىنى يوقۇتۇپ،تۇرغان جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى،ئايرىلىشقا بولغان بىر ئاچچىق قارشىلىق، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا،ئازابلىق بىر ھېسىياتنى دولقۇنلىتىشقا باشلىدى ....
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.............
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 20:58:03
راستىنلا  ئىسىل  .ئەسەر  چڭىقىپتۇ  ، رەھمەت  قېرىندىشىم  .   كىيىنكى  مەزمۇنىغا   تەقەززا مەن  ،  خاپا  بولماي   پۇتتۇرۋېتىڭە ،  ئاللاھ  قولىڭىزغا دەرىت  بەرمىسۇن  ..  

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 14:12:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
16. باب :قايمۇقۇش دوقمۇشىلىرىدا

ئايگۈل سىز ،زادى قەيەردە -نېجات ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى ،خۇددى ئايگۈل ھېلىلا ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدىغاندەك ئۇنى چاقىرىپ باقاتتى ،ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ ،16 ياشقا قاراپ، قەدەم بېسپ، يىگىتلىك بوسۇغۇسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان نېجاتنىڭ قەلبىدە ،ئايگۈلگە نىسبەتەن ئېنتايىن ساددا بولغان بىر مۇھەببەت ئېقىنى بىخ سۈرۈۋاتاتتى ،بۇ ئېقىن چوڭلارنىڭ مۇھەببىتىدەك ھېسىيات ئامىلىدىن مۇستەسنا ئېدى، پەقەت، قوغداشنى ئۆزىگە قالقان قىلىپ، بېغىشلاشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالايتتى .
تەقدىر دېگەن ئاجايىپ نەرسە، ئۇ بەزىدە ،بەخىت پەيزىدىن بىر بولۇپ ھوزۇر  سۈرۈۋاتقانلارنى تۇيۇقسىزلا ئايرىۋېتىدۇ، بەزىدە يىر-بىرىدىن تولىمۇ يىراقتا تۇرغان ناتۇنۇشلارنى ،سۆيگۈ بايرىقىنىڭ ئاتىغا ئەكىلىپ ئويۇشتۇرۇپمۇ قويىدۇ ،تەقدىر مۇشۇنداق تۇرسا، ئەجەبا بىز ،تۆنۈگۈن ئايرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ بۈگۈن تۇيۇقسىزلا جەم بولۇپ ،قېلىشىغا ئىشەنمەيمەن ،دەپ ئېيتالامدۇق؟
نېجات ئايگۈلنى يېرىم كېچىدىن ئاشقۇچە ئىزدىگەندىن كېيىن ،بارغانسېرى ئۈمۈدسىزلىنىپ،كېچىنى بىرەر دوقمۇشتا ئۆتكۈزمەك بولۇپ ،ئايگۈل بېلەن قېچىپ چىققان چاغدا بىر كېچىنى بىللە ئۆتكۈزگەن ھېلىقى مال توشۇش ئورنىنىڭ يېنىدىكى ئەخلەت دوۋىسىنىڭ يېنىغا كەلدى ،بۇ شەھەردە گەرچە ،قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى بولمىسىمۇ ،ئەمما كەچلىرى ،بەدەننى توڭدۇرۇپ،تىترىتەلەيدىغان سوغاق شامال بار ئېدى، نېجات ،شامالدىن دالدىلىنىش ئۈچۈ، پاكىزراق ،سولياۋ، بويۇملارنى ئىزدەۋېتىپ، كۆزلىرى تۇيۇقسىز خېلىلا پاكىز ھەم ،قېلىن بىر چىپتىغا چۈشتى .
-نېمە قىلىۋاتىسىز بۇنى مەن ئاران تاپقان-نېجات چىپتىنى ئالماقچى بولۇپ، شۇنداق تارتىشىغا، چىپتىنىڭ ئىچىگە ئورۇنۇپ ياتقان ،بىر قىز شۇنداق بىر سىلكىنىپلا ،ئۇنى بەكلا قورقۇتىۋەتتى .
-ئايگۈل،بۇ سىزكەنسىزغۇ-نېجات يۈزلىرى قارا-قۇرا بولۇپ كەتكەن قىزغا بىر قاراپلا ئۇنى تونۇۋالدى .
-نېجات؟-ئايگۈلمۇ ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى .-سىز بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز ؟-
نېجاتنىڭ ھەيرانلىقى ھېچ بېسىقىدىغاندەك قىلمايتتى،ئۇ شۇتاپتا يا ھەيران بولۇشنى ،ياخۇشال بولۇشنى بىلمىگەندەك بىرخىل قىياپەتتە ھاڭۋېقىپ قالغان ئېدى .
-شىنجاڭغا كېتەي دەپ شۇ .
-ۋۇ ساراڭ قىز سىز مېنى تاشلاپ قويۇپ سىنجاڭغا كەتمەكچىمىدىڭىز، ئەجەبا مېنى ئەنسىرىتىپ،ئۆلتۈرسىڭىز ئاندىن خۇش بولۇدىغان ئوخشىمامسىز، بىزنىڭ بەرگەن ۋەدىللىرىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالدىڭىزمۇ؟خەپ سىزنى ھەرگىز كەچۈرمەسمىنا -نېجات شۇنداق دەپ ،ئايگۈلگە كەينىنى قىلىپ، دومسىرىۋالدى .
-خاپا بولماڭ ،سىزنىڭ مەندىن بۇنچىلىك ئەنسىرەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلىماپتىمەن-ئايگۈل يىغلىدى-مېھرىبان ئاچام، مېنى دەپ خەتەرگە ئۇچراپتۇ، ھەسەنجاكاممۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۇنى ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيدۇ ،دەپ يىغلاپ كەتتى، سىزمۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن يەنە سەمەت تاتۇققا تۇتۇلۇپ قالدىڭىز ،شۇڭا ،سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئازابلىنىشىڭلارنى ىالىمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردىن كېتەي دەپ ئويلىغانتىم . ماڭا دەڭە مېھرىبان ئاچامغا زادى نېمە بولدى، ئۇ نېمىشقا قايتىپ كېلەلمەيدۇ ؟
نېجات زۇۋان سۈرمىدى ،ئايگۈل ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تەلمۈردى .
-ئۇ،ئۇ-نېجات كېكەشلىگەندىن كېيىن يىغلاپ تاشلىدى-ئۇ ئۆلۈپ كەتتى .
-نېمە ئۇ ئۆلۈپ كەتتىما،ئۇ نېمىشقا ئۆلۈپ كېتىدۇ، ھەممىنى قىلغان مەن، ئۇ مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ، سىزمۇ كېتىڭ، مەن سىزنىڭمۇ مېنى دەپ ئۆلۈپ كېتىشىڭىزنى خالىمايمەن، مەن دېگەن بىر شور پېشانە قىز -ئايگۈل  بۇلدۇقلاپ يىغلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى.
-نېمىشقا بۇنداق دەيسىز، سىز ئۆزىڭىزنىلا شۇنداق شور پېشانە دەپ ئويلامسىز، سىزگە دېمىگەن بېلەن ،مەن سىزدىنمۇ كۆپ ئازابلارنى تارتقان،يېتىم قالغان ،ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنى ياغۇز مەنلا دەپ ئويلامسىز-نېجات ئايگۈلگە ئېسىلىپ قاتتىق ۋارقىرىدى-بىلەمسز، مەنمۇ سىزدىن كىچىك ۋاقتىمدا ،ئانام بېلەن دادام ئاجىرىشىپ كېتىپ، ئانام مېنى دادامنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپ، ئۆزى يىراق بىر شەھەرگە كېتىپ قالغان ،مەن ھەركۈنى ئانامنى سېغىنىپ، چۈشلۈرۈمدە ،ئۇنىڭ بېلەن مۇڭدۇشۇپ چىقاتتىم، بىراق ئۇ مېنى بىر قېتىممۇ يوقلاپ كەلمىدى،سىزنىڭ دادىڭىز سىزنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا كېتىپتۇ، بىراق مېنىڭ ئانام ،مېنى بۇ دۇنيادىلا تاشلاپ كېتىپ قالدى، خۇددى ،چالما-كېسەكلەرنى تاشلىۋەتكەندەكلا تاشلاپ كېتىپ قالدى، ئۆزىنىڭ ئازىراق ئازاب تارتىشىدىن ئەنسىرەپ مېنى كېرەكسىز نەرسىنى تالاپ قويۇپ كەتكەندەك ،دادامنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى، سىز ئانىسى ھايات تۇرۇپ،ئۇنى كۆرەلمەسلىكنىڭ قانچىلىك ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ،ئانام كەتكەندىن كېيىن مېنىڭ قانچىلىك دەرت ئەلەم تارتقانلىقىمنى ھېس قىلالامسىز، ئانام كەتكەندىن كېيىن، مەن ئۆگەي ئانامنىڭ كۈندەك ئۇرۇپ تىللاشلىرىغا ،ھاقارەتلىرىگە چىداپ كەلدم، جان كەچۈرۈپ كۈننى كەچ قىلىش ئۈچۈن ،ئۇ دوق قىلىپ بەرگەن قازاننىڭ قىرماقلىرىنى ،ئۈگىرىسى يوى سۈيقاشلارنى يەپ -ئىچتىم، دادامنىڭمۇ ئۆگەي ئانامنىڭ چېقىشتۇرۇشلىرىغا ئىشىنىپ ،مېنى ئۇرۇپ-تىللاشلىرىغا چىدىدىم، ئۆزۈم گۇناھسىز تۇرۇپ، قارىلىنىشلارغا چىدىدىم، ئۆزۈمنى ئاقلىغۇدەك بىرەر پۇرسەتكىمۇ ئېرىشىپ باقمىدىم ،ئۆگەي ئانام مېنى ئۆيگە پاتۇرماي قوغلاپ چىقارغان چاغلاردا ،ئۆز دادام ئۇنىڭغا ھەمشېرىڭ بولدى ،ئاخىرى چىداپ بولالماي ،ئانامنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، سەمەت تاتۇقنىڭ قولىغا تۇتۇلدۇم ،ئۇ يەردە مەن كۆرگەن كۈننى ئىتمۇ كۆرمەيدۇ، بۇنى سىزمۇ بىلىسىز ،سىز بېلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ، ھېچ بولمىسا بىر سىرداش دوسقا ئېرىشتىم ،ئەمدى يالغۇز قالمايدىغان بولدۇم دەپ خۇشال بولغانتىم، ئەمدى سىزمۇ مېنى تاشلاپ كېتىپ، مۇشۇ كىچىككىنە خۇشاللىقىمنىمۇ يوققا چىقارماقچىمۇ؟-نېجات سۆزىنىڭ ئاخرىنى دېيەلمەي يىغلاپ تاشلىدى.
-مېنى كەچۈرۈڭ نېجات، مەن بىلمەپتىمەن، سىزنىڭمۇ مەندەك بىر دەتمەن ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن -ئايگۈل، سەبىي ھېسىياتلىرى بېلەن نېجاتنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى-بۇ گەپلەرنى نېمىشقا ماڭا بۇرۇنراق دېمەيسىز .
-ئالدىڭىزدا يىغلاپ تاشلاشتىن قۇرقتۇم، بىلەمسىز مەن قىز بالىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ سېلىشتىن بەكلا قورقىمەن.-نېجات ئايگۈلنىڭ كۆزىدىكى ياشلىرىنى ئېيتىۋاتقان قوللىرىنى چىڭ تۇتۇۋالدى -ماڭا ۋەدە بېرىڭ، ئەمدى مېنى تاشلاپ كەتمەيسىز، بىز بىر-بىرىمىزگە يار يۆلەك بولۇپ ياشايمىز، قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر-بىرىمىزدىن ھەرگىز ئايرىلمايمىز .
-ۋەدە بېرەي -ئايگۈل نېجاتقا ئۈمۈدلۈك نەزەردە قارىدى -لېكىن، ئەمدى بىز ھەسەنجاكامنىڭ يېنىغا قايتمايلى ،مېنىڭ ئەمدى ئۇنى ئاۋارە قىلغۇم، يوق،مېھرىبان ئاچامنىڭ ئۆلۈمىەە مەن سەۋەبچى بولدۇم، شۇڭا ئۇنىڭغا قارىغۇدەك يۈزۈممۇ يوق، بىز شىنجاڭغا كېتەيلى .
-سىز نېمە دېسىڭىز شۇ بولسۇن ،بىز شىنجاڭغا كېتەيلى-نېجات ئايگۈلگە قاراپ كۈلدى -ئەمدى بىزنى ئاۋارە قىلىدىغان ئادەم يوق، سەمەت تاتۇقلار قېچىپ كەتتى ،يارمۇھەممەتنى ساقچىلار تۇتۇۋالدى .
-راسمۇ؟-ئايگۈل ھاياجانلاندى-ئۇلارنى راستىنلا ساقچىلار تۇتۇۋالدىمۇ .-ھە دەيمە، يۈرۈڭ، ماڭىدىغان ماشنا بولسا چىقىۋالايلى .
-شىنجاڭغا كېېتەمدۇق،
-ھەئە دەيمەن ،ئەخمەق قىز ،بۇ يەردە يامان نېيەتلىك كىشىلەر كۆپ تۇرسا تۇتۇۋېلىشىدىن قورقمىدىڭىزمۇ؟
-قورققاچقا ھېچ يەرگە بارالماي مۇشۇ يەرگە كېلىۋالغاندىمەن.
-شۇنداقمۇيا.
نېجات بېلەن ئايگۈل، پاراڭلاشقاچ، مېڭىپ، شىنجاڭغا توشۇلىدىغان مال بېسىلغان بىر ماشنىغا چىقىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن، ئەتىنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بېلەن كۈتۈشكە باشلىدى، ئۇلار شۇ تاپتا، ئەتىنىڭ بالدۇرراق كېلىپ، يۇرتىغا بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق يېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشماقتا ئېدى ،بىراق ئۇلارنى ككز ئالىدا تۇرغان مۇساپىدىنمۇ ،ئۇزۇن بولغان ھايات مۇساپىسىدىكى ،يەنە نۇرغۇن ئەگىرى-توقايلىقلار كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى .....
.*                                                 *                                                        *                                                            *
-بۇ كىمدۇ؟-ۋاي تاڭ، كىمدۇ، بۇ؟
-تېخى ياشلا بالىكەنتۇق، قارىغاندا شىنجاڭلىق ئوخشايدۇ ؟
-ۋاي يۈرۈڭلار كېتەيلى، ساقچىلار كېلىپ، بىر تەرەپ قىلسۇن، بۇ جەسەتنى ،
-ھە شۇنداق قىلايلى ئۆزىمىزگە ئىش تېپىۋالمايلى يەنە .
چوڭ يولغا چىقىدىغان كىچىك بىر تار كوچىدا، بىر ئۇيغۇر يىگىت سوزۇلۇپ ياتقىنىچە قېتىپ قالغان ئېدى، بىر زامانلاردا، ئۇمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئامىراق پەرزەنتى ئېدى، كېيىن ئۇلار ئاجىرشىپ كېتىپ، يېتىم بولۇپ قالدى، جەمىيەتتە يۈرۈپ ،يامان بالىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ،زەھەر چېكىشنى، قىمار ئويناشنى ئۈگۈنىۋالدى ،كېيىن، بىر سەبىي قىزنى ئازدۇرۇپ، بۇ شەھەرگە ئەكىرىپ، ئۇنىڭ ئىپپىتىنى سېتىپ تاپقان پۇللىرى ئارقىلىق جېنىنى باقتى ،قىز ئۇنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن،ئۇنىڭ كۈنلىرى قىيىنلاشتى ،مانا ئەمدىلىكتە،ئۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنىڭ زەربىسى بېلەن قىلغان رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ،ئۆزى ئازغان گۇناھلىق يول بىلەن  ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
-ۋاي جېنىم قىزىم، ساق كېتىپ، ئۆلۈپ كەلدىڭمۇ قىزىم، مۇرادىڭ مۇشۇمىدى قىزىم،
بىر ئانىنىڭ داد-پەريادى ھويلىنى بىر ئالغان ئېدى، ئۇ قىزىنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقان جىنازىسىنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈپ نالە قىلاتتى ،جامائەت ئۇنىڭغا ھەم ياش كەتكەن قىزغا ئېچىنغاندەك ،كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى .
-ئۇھ،ئاھ-جىنازىنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقان بىر ياشانغان ئەر ،پىغانىنى تېشىغا چىقىرالماي ،ئىنجىقلاپ ماڭغىنىچە كۆزىدىن ئۈنسىز ياشلىرىنى تۆكۈۋاتتى.
-مېھرىبان ،ئازغان قىز ئېدى، ئۇ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا ياخشى يولغا قايتىپ،گۇناھلىرىنى ھاياتى ئارقىلىق پاكلىدى، ئاللاھ ئۇنىڭھا چەكسىز ساۋاب ئاتا قىلىپ،ئكتكۈزگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلغاي،......
..ئېمامنىڭ نامازنى چۈشۈرۈشتىن ئاۋال ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان دادا ئكزىنى تۇتۇۋالالماي ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى -ۋاي جېنىم قىزىم، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەنتىڭمۇ، ئۇ مەلۇننىڭ سېنى ياخشى كۆرگىنى مۇشۇمۇ قىزىم، سېنىۇ پۇشايمان قىلىپ قايتىشىڭنى تۆت كۆزۈم بېلەن كۈتكەن ئېدىم ،دادام مېنى كەچۈرسۈن دەپ ئۆلۈپ كەلدىڭمۇ جېنىم قىزىم .......
.يىغا ئاۋازىدىن يۈرىكى تىترەپ كەتكەن بىر يىگىت ،ئاستاغىنە جامائەتنىڭ ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ،چوڭ  يولنى بويلاپ كېتىپ قالدى ،ئۇ دەل ھەسەنجان ئېدى، شۇ تاپتا ،ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر ھەسرەتلىك ئېقىن ھۆكۈمدار بولۇۋاتاتتى، بۇ ھەسىرەتلىك ئېقىن ،تاكى ئۇ  سەمەت تاتۇقنى ھەقىقەتنىڭ تارازىسىغا سېلىپ،جازالاپ، مېھرىباننىڭ ئەنتىنى ئالمىغۇچە مەڭگۈ پەسەيمەيتتى ،بۇ يولدا ئۇنى نۇرغۇنلىغان مۇشەققەتلىك سەپەرلەر كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى .....بىز ئەمدى  ،ئۇنىڭ سەپىرىگە ئۇتۇقنىڭ مۇيەسسەر بولۇشىنى تىلەپب،ئۇنىڭ بېلەن، تاكى رومانىمىزنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىغىچە خوشلۇشۇپ تۇرىمىز  .
*                                             *                                               *                                               *
-ۋاي جېنىم قىزىم ،مېنى كۆرگىنى كەلدىڭىزمۇ، سىزنى بەكلا سېغىنغانتىم، يۈرىكىڭىز تۇيۇغان ئوخشىمامدۇ؟
رەيھان ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قىلغىنى قىلىق تاپالپاي قېلىۋاتقانلىقىغا كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا دېگۈدەك بىرەر ئېغىز گەپ تاپالماۇ ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسىغا قارىغۇدەك يۈزىمۇ قالمىغان ئېدى .
-بالام ،سىزنى جاپاغا سېلىپ قويدۇق، ئارىلىق يىراق، يول ئازابى گۆر ئازابى دەپتىكەن، شۇنچىۋالا ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ،رەيھاننى مەن بېلەن كۆرۈشتۈرگىنى ئېلىپ كەپسىز ،سىزگە بەك كۆپ رەھمىتىم بار بالام، بۈگۈن تازا ئوبدان ئارام ئېلىۋېلىڭ ،مەن ئوخشۇتۇپ بىر ھاردۇق ئېشى ئېتىپ بېرەي ،رەيھانمۇ ھېرىپ قالغان ئوخشايدۇ ،بۇ قىز مۇشۇنداق ،دادىسى يوق بولغاچقا دادىسىنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرمايمەن دەپ كىچىكىدىن ،كۆزىگە قاراپ چوڭ قىپتىكەنمەن، سىزگىمۇ كۆپ جاپاسىنى سالغاندۇ،بەلكىم،ئۆزى ئاقكۆڭلۈل، قىز بولمىسا، لېكىن ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلاشمايدۇ ،سىزنى قويۇپ قويۇپ،ھوجۇرىسىغا كىرىۋېلىپ چىقمايۋاتقانلىقىغا قاراڭ بۇ قىزنىڭ -رەيھاننىڭ ئاپىسى شۇنداق دەپ رەيھانننىڭ ھۇجىرىسى تەرەپكە قاراپ ،رەيھاننى چاقىرىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى -ياشلىقىمدا، دادىسى بېلەن كېلىشەلمىدىم دەپ ئاجىرىشىپ كېتىپتىكەنمەن، ھەممە بالىنى ئۆزىنىڭ دادىسى بېلەن ئانىسى باققىنى ياخشىكەن بالام، رەيھانمۇ دادىسى يوقلۇقنىڭ ئازابىنى خېلى كۆپ تارتىپ ،كىچىكىدىن دىلى سۇنۇق چوڭ بولدى،ىىر ئىنىسى بار ئېدى ،بېچارە بالام، ئۆگەي ئاپىسىنىڭ خارلىشىغا چىدىيالماي،مېنى ئىزدەيمەن دەپ چىقىپ، مۇشۇ ۋاققۇچە ئىز-دېرىكى يوق ،ئىسىت يوقلاپ بارسام ،كەينىمدىن ئەگىشىپ كېلەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ بىرەر قېتىممۇ يوقلاپ قويماپتىمكەنمەن، يوقلاپ بېرىپ،ئۆيگە ئاپىرىپ،ئاكىلىپ تۇرغان بولسام ،شۇ باللاممۇ يوقاپ كەتمەس بولغىيتى، رەيھاننىڭ ئاپىسى سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي ئاۋازى بوغۇلدى.
-بولدى قىلىڭ ئاپا،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ يىغلىماڭ-نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ،جىمجىت ئولتۇرغان ئېمىران ،رەيھاننىڭ ئاپىسىغا ئىچى ئاغرىغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى -سىزنىمۇ ئاۋارە قىلماي، مەن چىقىپ، تۇرىدىغان بىرەر جاي تاپقاندىن كېيىن. رەيھان بېلەن ئالاقىلىشىپ، قىلىدىغان ئازىراق ئىشلار بارتى شۇنى  قىلىۋېتەيلى.
-ۋاي بالام، ياتىدىغان يەر دەيسىزغۇ، مۇشۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيى تۇرسا، نېماندەق گەپلەرنى قىلىدىغانسىز، رەيھاننىڭ ھۇجىرىسىدىلا تۇرساڭلار بولىدىغۇ .
-بۇ قېتىم سەل ئۇزاقراق تۇرۇپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز، شۇڭا، ئۆزىمىزگە لايىق بىرەر ماكان تۇتمىساممۇ بولماس، ،سىزگە ئېغىرىمنى سالغۇم يوق ېنى توغرا چۈشىنىڭ ئاپا-ئېمىران رەيھاننىڭ ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشقا ،كۆڭلى ئۇنىماي، ئۇنىڭدىن ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرۇپ شۇنداق دەپ قويۇپلا سىرىتقا چىقىپ كەتتى .
ئېمىراننىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولۇۋاتاتتى ،ئۇنىڭ رەيھاننىڭ بېگۇناھ ئاپىسىنىڭ كڭلىنى يېرىم قىلىشقا پەقەتلا كۆڭلى ئۇنىمايتتى ،بىراق ئۇنىڭ ئاپىسىنى دەپ، يەنە رەيھان بېلەن بىللە ياشاشنى ككڭلى كۆتۈرمەيتتى .ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ تازا قېتىپ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي خېياللىرى ئۇنى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان رېئاللىقلارغا باشلاپ قويۇۋاتاتتى :
--بۇ نېمە قىلغىنىڭ رەيھان، مېنى ئۆلسۇن ادېدىڭمۇ،خەلقى ئالەم ئالدىدا شەرمىزار قىلدىڭغۇ مېنى -رەيھان بېلەن ئېمىران ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، رەيھاننىڭ قورسىقى ناھايىتى تېزلا تومپىيىپ چىقتى ،رەيھاننىڭ ئانىسى ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ بەرداشلىق بېرەلمەي، شۇنداق دېگىنىچە يۈزلىرىگە كاچاتلاپ، ھوشىدىن كەتتى ،پەرزەنت پىراقىدا يۈرىكى پۇچلانغان ئانا ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ دۇنيا بېلەن ۋېدالاشتى، رەيھانمۇ بۇ دەرتلەرگە چىدىماي، بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى.
-ياق بۇنداق قىلسام بولمىغۇدەك،ئېمىران تۇيۇقسىزلا خېيالدىن ئويغۇنۇپ،قاتتىق بىر سىلكىنىپ ھوشىنى تاپقاندەك بولدى، نېمىلا بولمىسۇن، رەيھاننىڭ خارلىغىنى مېنىڭ ئاكام، مەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ،ئۇنى بۇ سەتچىلىكلەردىن قوغداپ قېلىشىم كېرەك ،بىراق ،شۇنچىۋالا ئىشلاردىن كېىن ،يەنە قانداقمۇ ئۇنىڭ بېلەن بىر ئۆيدە ياشىيالىشىم مۇمكىن، -ئېمىراننىڭ بېشى تېخىمۇ بەك قاتماقتا ئېدى،ئۇ تۇيۇقسىز كاللىسىغا كەلگەن بىر خېيال بېلەن تەڭلا، كۆڭلى ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولۇپ، تېلىفوننى قولىغا ئېلىپ، رەيھانغا تېلىفون قىلدى .
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ...........................

4

تېما

6

دوست

1338

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
560
مۇنبەر پۇلى
780
ئىشەنىچ
560
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 15:16:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولوق يوللنىپ بولونغاندا ئوقۇيمەن، نولمىسا ئادەم بەكلا تىت- تىپ بوپ كىتىدىكەن.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 01:21:34
يەنە   پۇتمەپتىغۇ    ئەسەر  ،  خەپ  جىما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 07:31, Processed in 0.139279 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش