تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
ئىگىسى: ئوغۇز

قىز گۆھىرى(رومان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

3

دوست

2768

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
542
مۇنبەر پۇلى
2198
ئىشەنىچ
542
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 12:13:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى ئوقۇشقا ئىنتىزارمەن.تىزىراق يوللاڭ!

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 12:36:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:

-سەن ئىشىڭنى قىل،ئۇشۇق ئىشقا ئارىلاشما-سەمەت تاتۇق غەزەپ بېلەن ۋارقىرىدى.
-بۇ قېتىم ئارىلاشقىنىم ئارىلاشقان-سەمەت تاتۇقنىڭ ئاۋازى ئايتولۇننىڭ تېنىنى قاتتىق تىترەتكەن بولسىمۇ،ئۇ يەنە بەل قويۇۋېتىشنى خالىماي تىترەڭگۈ ئاۋاز بېلەن سۆزىنى داۋام قىلدى-مەن ئۇنى كېلىن قىلىمەن دېدىمغۇ؟ماڭا ئۇنىڭ سېقى كېرەك ،ئۆلۈكى ئەمەس.
-ساراڭ بولدۇڭمۇ-سەمەت تاتۇق ئايتولۇننى بىر تەستەك سالدى -بۇ قانجۇق  ھېلىقى شۇمتەك بېلەن  قېچىپ كەتكەن تۇرسا ،ئىككىسى نېمىشلارنى قىلدى كىم بىلىدۇ،سەن مېنىڭ ئوغلۇمغا مۇشۇنداق بۇزۇق قانجۇقنى خوتۇن قىلىپ بەرمەكچىما؟ماڭ چىقىپ كاللاڭنى بىر سىلكىۋەت، مەن دېگەنچۇ سەمەت لوبەن ،ئوغلۇمغا تاللاپ تۇرۇپ،چېكىپ قىز  تېپىپ ئېلىپ بېرىمەن ،ئىشىڭنى قىلە ماڭ .
-مېنى ئۇرىۋاتامسەن-ئايتولۇن،سەمەت تاتۇقنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى-سەنمۇ بىلىپ قوۇ،سېنىڭ تايىقىڭنى يەپ،مىشىلداپ يىغلايدىغان ئايتولۇن ئەمدى كەلمەسكە كەتتى ،ھەممە ئادەمنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش  ھايۋان دەپ قالغان ئوخشىمامسەن،ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن سەبىي بالىلارغا قارا چاپلاشتىن نومۇش قىلساڭچۇ ،ئېسىت ساڭا تېگىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈم-ئايتولۇن شۇنداق دەپ سۆزلىگەچ كېلىپ ئايگۈلنىڭ قولىغا ئېسىلدى-نېرى تۇرۇش،ھېچقايسىڭ ماڭا ئارىلاشقۇچى بولۇشما .
ئايتولۇن ئايگۈلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى ،سەمەت تاتۇق خۇددى ئايتولۇننى بۈگۈن تۇنجى رەت كۆرىۋاتقاندەك ،داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى .
نېجات قېچىپ كەتكەندىن كېيىن،ئايگۈلنى تاشلاپ قويۇپ،قېچىپ كەتكەنلىكىدىن ئېنتاينن پۇشايمان قىلدى ،ئۇ شۇ پۇشايمانلارنىڭ تۈرۈتكىسىدە،ئايگۈلنى تېپىپ،ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ،يەنە ئالۋاستى ئۇۋىسىغا قاراپ ،يولغا چىقىپ،مۇشەققەتلىك سەپەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،سەمەت تاتۇقنىڭ تەۋەلىكىگە قەدەم بېسىشىغىلا،ئۇنىڭ قولىغا چۈشتى .بىراق ئۇ بۇ قېتىم تۇتۇلغىنىدىن پەقەتلا ئازابلانمىدى ،چۈنكى ئۇ ئايگۈلنى كۆرۈش ئۈچۈن قەستەن ئۆزىنى تۇتۇپ بەرگەن ئېدى .لېكىن،ئۇ سەمەت تاتۇقنىڭ قوروسىغا كەلگەندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ كېچىكىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى،چۈنكى ئۇ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، ئايگۈلگە توي كېيىمى كېيدۈرۈلۈپ،سەمەت تاتۇقنىڭ ھويلىسىدا توي ناۋاسى ياڭىراشقا باشلىغان ئېدى .......

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 14:36:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوغۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-9 16:10  

داۋامى:
*                                         *                                               *                                            *
-رەيھان ،ھويلىدىكى نېمە غەلۋىلەر ئەمدى ،مەن چىقىپ قاراپ باقايمۇ؟-ئېمىران ،ھويلىدىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇيەسسەرنىڭ قىقاس-ۋوقانلىرىنى ئاڭلاپ،ئورنىدىن تۇرۇپ،كېيىملىرىنى كېيىپ،ھويلىغا چىقىشقا تەمشەلدى.
-چىقماڭ قېنىم،ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىدىلىگە بىز ئارىلاشساق بولمايدۇ؟ئۇلار بىردەپ ئۇرۇشۇپلا ئەپلىشىپ قالدۇ،-رەيھان شۇنداق دەپلا،ئېمىراننىڭ قولىدىن تارتىپ ياتقۇزۇپ قويدى،ئۇ شۇ تاپتا بەكلا خۇشال ئېدى ،چۈنكى ئۇ ،فەرۇقنىڭ دەرىزە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ،ھوجىرا تىڭشىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ ھاسىل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ،قەلبىدە غەلبىدىن ھاسىل بولغان شادلىق دولقۇنلىرى مەۋىج ئورغان ئېدى .ئۇ مەمنۇنلۇق ئىچىدە،ھويلىغا قۇلقىنى تۇتۇپ،فەرۇق  بېلەن ئايالىنىڭ جىدىلىنى زەن سېلىپ ئاڭلىدى.
-خاپا بولمىغىنە خوتۇن،ئىچىم پۇشۇپ كېتىپ،تاماكا چېكىپ كىرەي دەپ ھويلىغا چىققانتىم،داداملارنى كۆرۈپ قالمىسن،دەپ ئارقا ھويلىغا چىقىۋالغان،بوشىراق سۆزلىسەڭچۇ ،باشقىلار ئويغۇنۇپ كېتىدۇ -فەرۇق مۇيەسسەرگە يالۋۇرۇپ،ئۇنىڭ ئاغزىنى قولى بېلەن ئېتىۋالدى .
-ياق ،مەن ئاغزىمنى يۇممايمەن،قويىۋەت قولۇڭنى،قېنى سېنىڭ چەككەن تاماكاڭ،مەن بىر كۆرۈپ باقاي ،زادى قېنى .
-سەن چىقىشڭغا چېكىپ بولۇپ،قالدۇقىنى تاشلىۋېتىپ كىرىپ كېتەي دەپ تۇرغانتىم .
-قالدۇقىنى نەگە تاشلىغان،قېنى ئەمىسە مەن بىر كۆرۈپ باقاي،ئاپىرە مېنى شۇ يەگە.
-قاراڭغۇدا ،نەدىن تاپىمە مەن تاشلىۋەتكەن نەرسىنى،بولدى قىلە خوتۇن.ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى يۈرە .
-ياق مەن كىرىپ كەتمەيمەن ،سەن گېپىڭنى ئوچۇق قىل،ئۇ خوتۇن بېلەن سېنىڭ نېمە ئالاقەڭ بار، ئاڭلىسام ئىككىڭ ساۋاقداشكەنسەن ،زادى نېمە چاتىقىڭ بار ئېدى ئىككىڭنىڭ ،نېمىشقا ئۇنىڭ ھوجىرىسىنى تىڭشاپ يىغلاپ ئولتۇرىسەن-مۇيەسسەر ئەزۋەيلەشكە باشلىدى -چىدىمايۋاتامسەن كونا ئاشىقىڭغا ،ئۇنداقتا مەن زادى نېمىگە ھېساب،سەن ئۇ پاسكىناڭغا چىدىماي،ھەركۈنى كۆرۈپ تۇراي دەپ،ئېمىرانغا ئېلىپ بەرگەن ئوخشىمامسەن ،مېنى بىلمەيدۇ دېمە، سېنىڭ ئۇ پاسكىنىغا ئوغۇرلۇقچە ماراپ يۈرگەنلىرىڭدىن ھەممىنى بىلگەن مەن .
-ماۋۇ گەپلەر سەل ئېشىپ كەتتىمۇ يا-مويەسسەرنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئېمىران ئورنىدىن تۇرۇپ،ھويلىغا چىقىشقا تەمشەلدى -مەن چىقىپ،ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپ كىرەي ئانىڭغا.
-بولدى جېنىم چىقماڭ-رەيھان چاندۇرماستىن يىغلىغان قىياپەتتە ئېمىراننىڭ قولىغا ئېسىلدى
-ماڭا ھېچنىمە بولمايدۇ،نېمە دېسە دەۋەرسۇن،بىزنىڭ كارىمىز بولمىسۇن.
-ياق ،مەن زادى بىر چىقىپ كىرمىسەم بولمىدى،ئۇنىڭغا ئاىراق تەنبىھ بېرىپ قويمىسام ،سىزنى ئېگىسى يوق دەپ ئويلاپ قالىدۇ.-ئېمىران كەسكىنلىك بېلەن شۇنداق دەپلا ھويلىغا چىقىپ كەتتى .
-بوپتۇ چىقىپ كىرىڭ جېنىم-رەيھان ئىچىدە شۇنداق دەپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى-فەرۇق ،مېنىڭ قانچىلىك قەدىرلىك قىز ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالسۇن.
ئېمىران ھويلىغا چىققان ۋاقىتتا ،ئاللىقاچان باشقا چوڭلارمۇ ئۇيقۇللىرىدىن ئويغۇنۇپ،دەرىزىللىرىدىن مۇيەسسەر بېلەن فەرۇقنىڭ جىدىلىگە قۇلاق سېلىشىپ تۇرغان ئېدى .
-مۇيەسسەر ئۆزەڭنى سورىۋال ،بىكا ساڭا قولۇم تېگىپ كېتىدۇ -ئېمىران چىقىپلا مۇيەسسەرگە قاراپ قاتتىق ۋارقىرىدى-سەن كىمنى شۇنداق ھاقارەتلەۋاتىسەن .
-ھە يۇمشاقۋاش،خوتۇنپۇرۇچ، ئىچىڭ ئاغرىپ كەتتىما، خوتۇنىڭنى تىللاپ قويسام،جاھاندا سەندەكمۇ ۋېجدانى يوق، يۇمشاقۋاش ئەر بولامدۇ ،خوتۇنڭنىڭ سەندىن پايدىلىنىپ، نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي  ،ئۇنىڭغا ئالدىنىپ،كىچىك بالىدەك ئاغزىڭغا كەمپۈت سېلىپ،شوراپ يۈرۈۋېرەمسەن مۇشۇنداق .
-ئاغزىڭنى يۇم-ئېمىران مۇيەسسەرنى كۈچەپ بىر تەستەك سالدى -ئايالىمنى ھاقارەتلىگۈچى بولما، سەن بۇزۇق دېگەن ئايالىمنى مەن قىز پېتى نېكاھىمغا ئالغانمەن، ئۇنىڭ قانداقلىقى ماڭا بەش قولدە ئايال،ھەممە خوتۇن كىشىنى ئۆزەڭگە ئوخشاش تۇتۇرۇقسىز  ھېسابلىماي، ئېرىڭگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىپ، كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىش، خوتۇن كىشى دېگەن سەندەك بولىدىغان بولسا ،قانداق ئەركىشى سەندەك خوتۇننىڭ يېنىدا خاتىرجەم كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلىيالايدۇ ،ئېرىڭنىڭ مۇشۇ سوغاقتا تالاغا چىقىپ ئولتۇرغانلىقىنى خەقتىن ئەمەس ئۆزەڭنىڭ بېشەملىكىدىن كۆر-ئېمىران سۆزىنى تۈگىتىپ ھوجىرىسىغا قاراپ ماڭدى .
-ئاكا،مېنى ئۇرىۋاتىسەنغۇ-مۇيەسسە ھۆڭۈرەپ يىغلىغىنىچە دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى ،فەرۇق نېمە قىلارىنى بىلمەي ،تۇرغان جايىدىلا زوڭزۇيۇپ قالدى .-رەيھان ،كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئۇ مۇشۇنداق ئەركە ئۈگىنىپ قالغاچقا ،مىجەزى سەل بېشەمرەك ،مېنى دەپ،ئۇۋالچىلىققا قالدىڭىز-ئېمىران قايتىپ كىرىپ،رەيھاننى باغرىغا بېسىپ،ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى.
رەيھان نېمىشقىدۇر،بۈگۈن ئېمىراننىڭ قوينىنى باشقا ۋاقىتلاردىكىدەك ،ھېسسىز ھالەتتە ھېس قىلالمىدى، ئەكسىنچە، ئۇ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم ،بىر ھەقىقى ئەركەكنىڭ قوينىغا بېشىنى قويۇۋاتقاندەك،پۈتۈن بەدىنىگە تاراپ كىرگەن بىر ئىللىق سېزىمدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى تىتىرەپ كەتتى .
رەيھان بىر كچېىنى ئىنتايىن خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزدى، ئۇ شۇ كۈنى كېچە ،ئەمدى فەرۇقتىن ئۆچ ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئېمىران بېلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بەل باغلىدى ،چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان كۆڭۈل قەسىرىنىڭ ئىشىكىنى ئېمىرانغا داغدام قىلىپ ئېچىپ بولغان ئېدى.
-رەيھان، يۈرە ،ساڭا دەيدىغان گېپىم بار-رەيھان سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ،ئېمىراننى مېھرى بېلەن ئۇزۇتۇپ قويۇپ، كىرىپ كېتەي دەپ تۇرىشىغا ،بىر كېچىنى رەيھانغا بولغان ئىچ كۆيۈكى بېلەن تەستە تاڭ ئاتقۇزۇپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان فەرۇق ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدى .
-قولۇمنى قويۇۋەت،ئەمدى سېنىڭ ھېچقانداق سۆزۈڭنى ئاڭلىغۇم يوق-رەيھان فەرۇقنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى .
-ياق،بۈگۈن قولۇڭنى قويۇۋەتمەيمەن، ساڭا بۇ گەپلەرنى دېمىسەم ئۆلۈپ قالىمەن -فەرۇق رەيھاننى سۆرەپ دېگۈدەك ئارقىغا تارتىپ ماڭدى   




28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 16:29:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
-مەن تېخى سەۋەبسىز ئۇرۇشۇپتىمەنمۇ،ئوغرىنى تۇتساڭ مېلى بېلەن، زىناخورنى جۈپتى بېلەن دەپتىكەن ،قانداق قىلىشىسەنكىن قېنى،بۈگۈنغۇ تۇتۋالارمەن ئىككىڭنى-ئەتىگەندىلا ئورۇنسىز سەۋەب تۈپەيلى يامانلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بىر كېچە ئاتا-ئانىسىدىن دەشنام يەپ قايتىپ كەلگەن  مۇيەسسەر ،شۇنداق دەپ،ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى .
-رەيھان ،بىز قېچىپ كېتەيلى،مېنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى-فەرۇق ئارقىغا چىقىپلا رەيھاننىڭ قولىغا ئېسىلىپ،ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى ،يىراق جايلارغا كېتەيلى، ئىككىمىزنىڭ دۇنياسىدا ياشايلى.
-نېمە دەيدۇ ماۋۇ ساراڭ، كىم سەن بېلەن قېچىپ كېتىدىكەن ،مېنى قويۇۋەت، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات، بۈگۈندىن باشلاپ،مەن سېنىڭ ھېچقانداق ئىشىڭغا ئارىلاشمايمەن ،بۇرۇن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىمەن، ئەمدى سېنىڭمۇ مەن بېلەن كارىڭ بولمىسۇن،ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنۇت، ئەسلىدە سەندىن ئۆچ ئېلىپ بولۇپ، قايتىپ كېتىمەن دەپ ئويلىغان ئېدىم ،بىراق ئەمدى نېيىتىمدىن ياندىم،ئەمدى سەندەك رەزىل ئىنسان ئۈچۈن ئىسىراپ قىلىدىغان ۋاقتىم يوق، بىلەمسەن فەرۇق، ھازىر سەن بېلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ،ئېسىت سەندەك ھايۋان بېلەن ئۆتۈپ كەتكەن بېھۇدە ئۆمرۈم ،ئېسىت .
-رەيھان كىرىپ كېتىششكە تەمشەلدى،فەرۇق ئۇنىڭ قولىدىن تارتتتى .
-ياق رەيھان ،جېنىم رەيھان ،مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن، سەن بولمىساڭ ئۆلۈپ قالىمەن مېنى تاشلاپ قويما، ئۆزۈڭ دېگەنتىڭغۇ ،قېچىپپ كېتەيلى دەپ ،ئەمدى نېمە بولدى ساڭا، ئۇنداق قىلما جېنىم،مەن بېلەن كەت-فەرۇق رەيھانغا ئاچ بۆرىلەردەك ئېسىلىپ،ئۇنى قۇچاقلىدى،
-نېرى تۇر،ئەبلەخ-رەيھان فەرۇقنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى-شۇ چاغدا نېمىش قىلغان ئېدىڭ،مېنىڭ سۆيگۈمنى دەپسەندە قىلغان چېغىڭدا نېمىشقا شۇنداق دەپ ئويلىمىغان ئېدىڭ،ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ ئازغىنا بېسىمىغا بوي ئېگىپ،مېنىڭ نېمە بولۇشۇم بېلەن كارىڭ بولماي، پاك مۇھەببىتىمنى خارلىغان چېغىڭدا ،نېمىشقا مۇشۇنداق بولۇشۇڭنى ئويلىمىغان ئېدىڭ،ياشلىقىمنى،گۈل غۇنچەمنى خازان قىلغان ۋاقتىڭدا ،نېمىشقا ماڭا ئېگە بولماقتا يوق تاشلىۋەتكەن ئېدىڭ،يوقال كۆزۈمدىن،سېنى ئىككىنچى بۇ قىياپەتتە كۆرگۈم يوق، مەن ئېمىرانغا دەيمەن، بىز پات يېقىندا بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىمىز.
-رەيھان ئۇنداق قىلما،مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن، مېنى تاشلاپ قويما، -فەرۇق كىچىك بالىدەك يىغلاپ،يەنە رەيھانغا ئېسىلىپ،ئۇنى قالايمىقان سۆيۈشكە باشلىدى -بالىمىزنى ئويلا جېنىم،مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن .
-تۈفېي.-رەيھان فەرۇقنى بار كۈچى بېلەن ئىتتىرىۋەتتى.ۋۇ ھايۋان مەينەت ئاغزىڭنى نېرى ئاپار.
-ھە ،ئەمدى تۇتۇۋالدىممۇ،ئەمدى تانالمايدىغانسىلەر،ۋۇ ئىپلاسلار،بۇزۇقلار پاسكىنىلار.فەرۇق بېېلەن رەيھان ،كۆز ئالدىدا ،يىغلاپ تۇرۇپ،ئۆزلىرىگە غەزەپ بېلەن تىكىلىپ ،ۋارقىراۋاتقان مۇيەسسەرنىڭ تويۇقسىز پەيدا بولۇشى بېلەن ،نېمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى ......

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-9 17:00:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:
*                                      *                                             *                                                          *
ھەسەنجان بېلەن مېھرىبان خېلى ئەتىراپلىق پېلان تۈزىۋالغاندىن كېيىن،ھەسەنجان ئادەم سودىگىرى قېياپىتىدە، سەمەت تاتۇق بېلەن كۆرۈشۈپ، مېھرىباننىڭ ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرگۈزدى .مېھرىبان كىرگەن تۇنجى كۈنىلا ئايگۈلنىڭ تويى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ،ھەم ئۆزىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كەلمىسە ئايگۈلنى قۇتقۇزالمايدىغانلىقىنى بىلىپ،ئۇنى قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى بىلەلمەي ،بېشىنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ تازا قېتىشقا باشلىدى .
سەمەت تاتۇقنىڭ تەۋەلىكىدە بۇنداق تويلار دائىم بولۇپ تۇراتتى ،لېكىن بۇ تويلارنى توي دېگەندىن كۆرە مېھماندارچىلىق دېسە بەكىرەك توغرا بولاتتى ،چۈنكى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ يەردە بىر-بىرىگە چېتىلغانلارنىڭ تويى، نېكاھ خېتىسىز ھەم موللام تەكلىپ قىلىنمايلا، سەمەت تاتۇقنىڭ بىر نەچچە ئادىمىنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئالدىڭ تەگدىڭ دېگەن سوئال-جاۋابلار بېلەنلا ،ساختا نېكاھ ئوقۇلۇپ، بىر داستىخان ئوبدانراق غىزا بېلەنلا تۈگەيتتى ،باشقىلار ،غىزادىن كېيىنلا ھەممىسى يەنە ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلىشاتتى ،توينى باھانە قىلىپ ،ئىشنىڭ توختاپ قېلىشىغا يول قويۇلمايتتى ،تويى بولغان قىز -يېگىتلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ،ئۇلار ،داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن،ئۆز ئىشلىرىغا چىقىپ،كەچتە بىر ھوجىرىغا قايتىپ كىرىشەتتى .
-سەن ماڭا ،بەكلا تونۇش چىراي كۆرىنىۋاتىسەن، نەدە كۆرگەنلىكىمنى تازا ئېسىمگە ئالالمىدىم-سەمەت تاتۇق مېھرىباننى سېتىۋالغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى -بوپتۇلا، بۇ يەرگە كىرگەنكەنسەن ،خىزمىتڭنى ئوبدان قىل،ئەگەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىساڭ ،پاھىشخانىغا سېتىۋېتىمەن، خىزمەتنى ياخشى قىلساڭ، ياخشى يەيسەن، ياخشى ئىچىسەن، ئۆزەم ئېگە بولۇپ، كۆڭلۈڭ چۈشكەن بىرىنى تاللىساڭ تويۇڭنى قىلىپ قويىمەن، بۈگۈن ،ئوغلۇمنىڭ تويى شۇڭا ساڭا كۆپ گەپ قىلماي ،قالغان گەپلەرنى ئالدىرىماي دېيىشىۋالارمىز.
مېھرىبان ئوغلۇمنىڭ تويى دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ،بىر ئاز ھەيران قالغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ تويى بېلەن مېنىڭ نېمە كارىم ،توي قىلسا قىلمامدۇ ،دەپ قويۇپ،ئايگۈلنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى ،بىراق ئۇ ئايگۈلنىڭ ئىسمىنى چىقىرىشىغىلا ،بىرەيلەننىڭ:
-ھېلىقى بەڭۋاش قىزنى دەمسىز، ئۇ قېچىپ كەتكەنتى ،سەمەت لوبەن تۇتۇپ كېلىپلا،ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەكچى بولدى، بۈگۈن بولىۋاتقان توي دەل شۇ قىزۋالىنىڭ،ئۇنىڭ بېلەن بىرگە قاچقان نېجات دېگەن بالىنىمۇ بۈگۈن تۇتۇپ كەلدى،ئاۋۇ ئۆيدە قىيناۋاتقىنى  ئاشۇ بالا شۇ . -دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، بېشىدا چاقماق چاققانداك بولۇپ، قاتتىق ئازابلاندى.
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ..................



0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-10 01:37:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز.

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 14:00:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-باب:تەقدىرداشلار
ئەمدىلا 15 يھشقا قاراپ كېتىۋاتقان بىر سەبىي قىز،بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە خېيال دەرياسىغا غەرىق بولۇپ ئولتۇرماقتا ،ئاق رەخىتتىن تىكىلگەن توي لېباسى ئۇنىڭغا خۇيمۇ ياراشقان بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ كۆزىدىن تۆكۈلىۋاتقان مارجاندەك ياشلىرى ئۇنىڭ سىماسىدىن خۇددى ھېلىلا يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىدىغان بىر پەرىشتىدەك تۇيغۇ تاراتماقتا ئېدى .
-ئايگۈل قىزىم ،بۇنداق كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،مەنمۇ سىزدەك ۋاقتىمدا سەمەت لوبەنگە ياتلىق بولۇپ كىرگەن ،ئۇ چاغدا ئۇ مەندىن ساقمۇساق،20 ياش چوڭ ئېدى،ئوغلۇم يارمۇھەممەت بۇ يىل 20 ياشقا كىردى، سىزدىن ئاران بەش ياشلا چوڭ، ئىككىڭلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويساق ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ئىش بولىدۇ-ئايتولۇن ئايگۈلنىڭ توختىماي يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭ ياشلىرىنى ئېيتىپ تۇرۇپ،كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇندى -بىلەمسىز قىزىم، سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرۈگەن چېغىمدىلا،كۆزۈمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈنۈپ كەتكەن ئېدىڭىز،شۇ چاغدىلا سىزنى قوغداشنى ئېرادە قىلغانمەن، ئوغلۇم يارمۇھەممەت بېلەن سىزنىڭ تويىڭىزنى قىلىپ قويۇش، سىزنى قوغداپ قېلىشىمدىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش، چۈنكى ،ئۇ مېنىڭ يۈرەك پارەم،ئەسكى بولسىمۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدۇ، سىزنى زىيانكەشلىكلەردىن ،شۇم تەقدىرلەردىن داقلاپ قالالايدۇ، پېشانىڭىز ،خۇددى ماڭا ئوخشاشلا شوركەن قىزىم، ئەمدى مېنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ، بۇ شەھەرگە قەدەم باسقانكەنسىز، سىزنىڭ ساق-سالامەت ،دۇرۇس يول بېلەن ياشىمىقىڭىز بەكمۇ قېيىن،ماڭا ئىشىنىڭ قىزىم، مەن سىزنى خۇددى ئۆز قىزىمدەك ،كۆرۈپ ھەممە دىشۋارچىلىقلاردىن ساقلاپ قالىمەن .
-نېمە ؟سىز ئايگۈلنى قانداق قوغداپ قالماقچى،زادى قانداق قوغدىماقچى -ئايتولۇننىڭ سۆزلىرىنى ئىشىك سىرتىدا ئاڭلاپ تۇرغان مېھرىبان كىرىپ،ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى-مۇشۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىدا سىز ئۇنى قانداق قوغدىماقچى،بولدى سىز بۇ ساددا قىزنى ئالدىماڭ، سىزمۇ بىر ئانا بولدىڭىزمۇ؟ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىرىغا ھەقىقەتنى يار تۇتۇپ ياشاشنى ئۈگىتەلمىگەن بىر ئانا قانداقمۇ باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى قوغدىيالىسۇن.
-سىڭلىم بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز، سىز زادى كېم،؟ ماڭا نېمىشقا بۇنداق گەپلەرنى قىلىسىز؟-ئايتولۇن تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ ،ئۆزىنى سوراقلاۋاتقان مېھرىبانغا قاراپ ھەيرانلىقىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى.
-مېنىڭ كىملىكىمنى سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەنمۇ بۇرۇن سىزگە ئوخشاش بىر ئازغۇن ئايال ئېدىم،ئكزۈمنى ھەق ئېچدە،مۇھەببەت ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن دەپ،ئېرىڭىز ئىككىڭلارنىڭ قولىدىن چىققان مالنى چېكىدىغان ئېرىمنىڭ خۇمارىدىن چىقىش ئۈچۈن، ھەتتا ئكز تېنىمنىمۇ بۇلغىغان ئېدىم ،ئەمدىلىكتە ئكزۈمنى تاپتىم،ئادەم بولدۇم،ئايالنىڭ،ئەقىقى بىر ئايالنىڭ زاى قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم ،بۇرۇن مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ پاسكىنا ئايال دەپ ئويلايتتىم، لېكىن سىز مەندىنمۇ ئارتۇقىراق بۇلغۇنۇپ بوپسىز، چۈنكى مەن ،ئېزىپ، بىر ھاماقەت ئەر ئۈچۈن تېنىمنى بولغۇدۇم،بىراق سىز ،شۇنداق ھاماقەت ئەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىۋاتقان،مىللەتنىڭ ۋەتەننىڭ ياشلىرىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقان، كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى بولغان بالىلارنى خارلاۋاتقان بىر مەلئۇنغا يانتاياق بولۇپ ،ئۇنىڭ داۋاملىق تۈردە، مىللەتنىڭ ياشلىرىنى خارابلىق ،خارلىق يولىغا باشلىشىغا قاراپ تۇردىڭىز، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىز باسارلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرىۋاتىسىز،ئەگەر ھازىر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام ،ئۆز قولۇم بېلەن ئۇ مەلئۇننى بوغۇزلاپ،،مىللەت ئۈچۈن بىر بالايىئاپەتنى تازىلاپ بەرگەن بولاتتىم .سىزگە دەپ قوياي ،ئايگۈل ئوغلىڭىزغا خوتۇن بولمايدۇ، مەن ئۇنى ئوغۇرلاريمەن،خالىسىڭىز ھازىرلا،سەمەت تاتۇققا دەپ،مېنى جازالاڭ،بىراق شۇنداق قىلىشىڭىزدىنمۇ قورقمايمەن، چۈنكى مەن ھازىر، بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ،ئايال بولغۇچىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يەتتىم، بىر ئانا ئۈچۈن بالىسىنى ئاچ-توق قويماسلىق، ياكى زەخمەت يېتىشتىن ساقلىغانلىق ئۇنى قوغدىغانلىقى بولمايدۇ،ئەكىسىنچە، نېمىنىڭ مېھرىمۇھەببەت، نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت، نېمىنىڭ ئەركەكلىىكنېمىنىڭ ھەقىقى قىزلىق ،نېمىنىڭ ھەققانىيەت، نېمىنىڭ قىلسا بولمايدىغان يامانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش، ھەم ھەقىقەت ئاسمىنىنىڭ ئاستىدىن چىقمايدىغان ،ھەققانىيەت ئۈچۈن قان پىدا قىلىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ھەقىقى قوغدىغانلىق ھەم ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ .مەن بۇرۇن ئېزىپ بۇ ساددا قىزنى ئوغۇرلاپ كېلىپ،مۇشۇنداق شۇم قىسمەتلەرگە يولۇقىشىغا سەۋەبچى بولغان ،ئەمدىلىكتە، ئۇنىڭ سىزنىڭ مەلئۇن ئوغلىڭىزغا تېگىپ،ئۇنىڭغا سىزگە ئوخشاش مىللەت يىرىتقۇچلىرىنى تەربىيلەپ، بېرىشىگە قاراپ تۇرالمايمەن،ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزۇش بەدىلىگە گۇنايىمنى يۇيىمەن .
مېھرىبان چىقىپ كەتتى،ئايگۈلنى قەلبى ئۈمۈد، ئىشەنچ ھەم شادلىق ئېقىمىغا تولدى ،ئايتولۇن بولسا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى :
مېھرىباننىڭ دېگەنلىرى توغرا، ئايتولۇننى قانداقمۇ بىر ئانا دېگىلى بولسۇن،ئۇ ئېرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ،بىلمەسلىككە سېلىۋالدى ،يەنە ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بەردى، تۇغقان بالىلىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش قانخور قىلىپ تەربىيلىشىگە قاراپ تۇردى .ئۇ يەەنە  قايسىز يۈزى بېلەن ئۆزىنى بىر ئانا دېيەلىسۇن.
ئايتولۇن شۇلارنى ئويلىغانىن كېيىن،ئۈن-تۈنسىز ياش تۆكىنىچە ئايگۈلنىڭ ھوجىرىسىدىن چىقىپ كەتتى -توغرا ئايتولۇنمۇ غەيرەتكە كېلىشى كېرەك،ئۇمۇ بىر ئانا،بىر ئايال بولغۇچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشى كېرەك،ئەگەر راستىنلا ھەققانىيەت يولىغا قايتىپ كېلىدىغان ئىش بولسا ،ئۇنىڭ بالىلىرى تۈرمىگە كىرسىمۇ ،ھېلىقى مەلئۇن ئېرى ئۆلتۈرۈلسىمۇ مەيلى ..........
-ئۇكىللىرىم سىلەر بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كىرىپ قالغانتىڭلار -مېھرىبان سەمەت تاتۇقنىڭ ئۇۋىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئونغا يېقىن بالىنى يىغىپ،ئۇلارنىڭ ھېكايىللىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ،ئۇلارغا رىغبەت بېرىدىغان ئۇسۇلنى تپىشقا تىرىشتى،بۇ ،ئۇ ئۇۋىغا كىرىدىغان چاغدا ھەسەنجاننىڭ ئۇنىڭغا ئۈگەتكەن چارىسى ئېدى .
-مەن بىر يېتىم قىز ئېدىم،كىچىكىمدە ئاتا-ئانام ئاجىرىشىپ كەتكەن ،كېيىن دادام ئۆيلىنىپ ئۆگەي ئانام بېلەن بىرگە تۇردۇم،ئۇ ئاۋال ماڭا خېلى ياىشى قارىدى،لېكىن كېيىن بىرنى تۇغۇۋېلىپلا، مېنى ئۇنىڭ بېلەن سېلىشتۇرۇپ،ھەدېسىلا دادام بېلەن سوقۇشىدىغان بولۇۋالدى، مېنىمۇ دائىم ئۇرۇپ تىللايتتى ،دادام يوق يەردە كۆڭلۈمگە ئازار بېرەتتى ،بىر كۈنى سىرىتقا چىققاندا بىر چىرايلىق ئاپاش ماڭا، ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىمەن -دەپ ،جىق نەرسىلەرنى بېرىپ ئالدىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كەينىدىن ماڭدىم، كېيىن، مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدى -گۈلنۇر ئىسىملىك قىز شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى.
-مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر يېتىم بالا ،مېنىمۇ ئۆگەي ئانام ئۆيگە پاتقۇزماي ،كىچىكىمدىنلا سەرگەردان تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان ئېدىم،كېيىنچە ئۆزۈمدىن چوڭ بىر نەچچە بالا بېلەن ئىچكىرىگە كىرىپ، پۇل تېپىپ چىقىمىز دەپ كىرىپ، مۇشۇ لوبەننىڭ قولىغا تۇتۇلۇپ قالدىم-ئەسئەت ئىسىملىك بالا شۇنداق دەپ،ئېغىر-كىچىك تىنىپ قويدى -ئۇف....
-بالىلار، سىلەرنىڭ بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ،باشقا بالىلاردەك ،خاتىرقەم تۇرمۇش كەچۈرگۈڭلار بارمۇ ؟-مېھرىبان بالىلارنىڭ ھېكايىللىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،تاكتىكىسىنى ئىشقا سالدى .
-قېچىپ كەتكۈمىز بار-بالىلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا جاۋاب بەردى -لېكىن قېچىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ھازىر قېچىپ كەتكەن بېلەن ،ھامان بىر كۈنى تۇتۇۋېلىپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ،ئاۋۇ ئايگۈل بېلەن ،نېجات قېچىپ شىنجاڭغا بېرىۋاپتىكەن، ئۇلارنى شىنجاڭدىن قايتۇرۇپ كەلدى ،سەمەت تاتۇقنىڭ قولى نەگە سوزسا شۇيەرگە يېتىدۇ ،قاچقۇمىز بولسىمۇ ،ئامال يوق.
-بۇنداق دېمەڭلار ئۇكىللىرىم، بىلەمسىلەر قانچىلىغان ئادەملەر سىلەر ساتقان زەھەر بېلەن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ،ئاتا-ئانىىنى قاخشىتىپ تۇغۇلغىنىغا تويغۇزىۋاتىدۇ ،قانچىلىغان ئادەملەر، سىلەر ئوغۇرلىۋالغان پۇللىرىنى تاپالماي، قاخشاپ،زارلاۋاتىدۇ، بېلەمسىلەر ،ئۇلارنى قانچىلىكى شۇ پۇللار بېلەن كېسىلىنى داۋالىتىشنى، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشنى نېيەت قىلغان بولغىيدى،سىلەر ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى سەمەت تاتۇقنى زەھەرلىرى ياكى ئوغۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈرۈپ بېرىۋاتىسىلەر، مۇشۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كەلگۈسىدە ياخشى كۈن كۆرەرسىلەرمۇ ؟
-بالىلار بېشىنى چايقاشتى ،مېھرىبان سۆزىنى داۋام قىلدى -بىلەمسىلەر ئۇكىللىرىم، ھەممەيلەن بىرلىشىدىغانلا بولسام ۋۇجۇتقا چىقمايدىغان ئىش يوق،ماڭا ئىشىنىڭلار.
-بىراق ،ئاچا، بۇ يەردىكى چوڭ بالىلار سىزنىڭ ەېپىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ،ئۇلار سەمەت تاتۇقتىن زەھەر ئېلىپ چېكىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ ،تېخى ئۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ سەمەت تاتۇققا بېرىدىغان نۇرغۇن قەرزى بار -ئەسئەت ئىسىملىك بالا شۇنداق دەپ ئۇھسىنىپ قويدى.
-ئۇلارنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار بالىلىرىم-ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ،مېھرىباننىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن ،ئايتولۇن،كېلىپ بالىلارنىڭ بېشىنى سىلىدى-ئۇلارغا مانا مەن تاقابىل تۇرىمەن، سىلەرنى بۈگۈن ئكز قولۇم بېلەن قاچۇرىۋېتىمەن، سىلەر بولساڭلارمۇ ئادەمدەك ياشاڭلار، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بەختىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار،كۆپ دەرت تارتتىڭلار مېنى ئەپۇ قىلىڭلار، سىلەرنى قوغدىيالمىدىم.
-ئانا، سەن كىمنى قاچۇرىۋەتمەكچى -يارمۇھەممەتنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولىشى ،ھەممەيلەننى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى .
*                                           *                                           *                                                        *
-ۋۇ بۇزۇق ،ئېرىمنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ،مۇشۇ يەرگىچە كەلدىڭما؟-مۇيەسسەر يۈگىرەپ كېلىپ،رەيھاننىڭ گېلىدىن چىڭ سىقتى -ئېيتە، قورسىقىڭدىكى ھاراملىق راس فەرۇقنىڭمۇ؟
-قولۇڭنى تارت،-رەيھان مۇيەسسەرنى زەردە بېلەن ئىتتەردى-نېمىلەرنى جۆيلۈۋاتىسەن -مېنىڭ ئېرىم ئېمىران، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ،ئېرىڭ ساراڭ بولغان ئوخشايدۇ،سەنمۇ ،ئۇنىڭ خوتۇنى بولغاندىكىن قۇلىقىڭدىن كېتىپ قاپسەن .
-تېنىۋالىمەن دېمە، مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم، ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرالايمەن دەپ ئويلىما، مەن ھەممىنى ئاكامغا دەيمەن، ئۇ چوقۇم سېنىڭ خېتىڭنى بېرىدۇ،قايسىڭلار بار، چاققان چىقىڭلار، ماۋۇ بۇزۇقلارنى كۆرۈڭلار-مۇيەسسەر ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراشقا باشلىدى .
-فەرۇق ماۋۇ بىر نېمەڭنى تۇتۇپ تۇرمامسەن-ئىشنى چاتاقلىقىنى سەزگىەن رەيھان فەرۇققا قاراپ چەكچەيدى .
-جېنىم خوتۇن بۇنداق قىلما -فەرۇق  مۇيەسسەرنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى .
-ئېسىڭدە بولسۇن فەرۇق،بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش بولغىنى يوق، مۇيەسسەر بىزگە تۆھمەت چاپلىدى-رەيھان شۇنداق دەپ قويۇپ،چوڭ يولغا تۇتىشىدىغان يولغا قاراپ تېز-تېز قەدەملەر بېلەن يۈرۈپ كەتتى .
قانداق قىلىش  كېرەك ؟رەيھان ئېمىراندىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ،ئۇ ئېمىرانسىز بىر كۈنمۇ ياشىيالمايدۇ ،رەيھان نېمىشقىكىن ئەمدى فەرۇق ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئېمىران ئۈچۈن غەم يەۋاتاتتى ،ئۇنىڭ قەلبىدە ئېمىرانغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت ،ھەم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ پەيدا بولغان بىر ئەندىشە  ھۆكۈمىران ئېدى ،ياق ،بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتسەم بولمايدۇ،دەرھال ئېمىراننىڭ يېنىغا باراي،ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ بۈگۈن ئۆيدە ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلاي  ،رەيھان شۇ خېياللار بېلەن ناھىيە بازرىغا قاراپ يولغا چىقتى ،ئۇ ئېمىراننىڭ ئىش ئورنىغا بالدۇرراق بېرىش ئۈچۈن ،كوچا ئاپتۇبىسىغا چىقماي كىچىك ماشنا بېلەن ماڭدى .
-رەيھان سەن بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭ، تېخى بايام ئۆيدە قالغانتىڭغۇ؟-ئېمىران رەيھاننى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران بولدى .
-نېمە مەن يېنىڭىزغا كەلسەم بولمامدىكەن -رەيھان شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن،بۇرۇن فەرۇق ئۆزىگە ياساپ بەرگەن قوش يۈرەكنى چىقىرىپ،ئېمىرانغا ئۇزاتتى -قاراڭ ئېمىران ،بۇ يۈرەكنى ساق بىر ھەپتىدە ياسىدىم،ئەتىگەن سىزگە بەرمەكچى ئېدىم،بىراق ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، شۇڭا ،ئاتايىن ئىش ئورنىڭىزغا كەلدىم .
-پاھ-ئېمىراننىڭ كۆزىگە ياش كەلدى ،ئۇ قوش يۈرەكنى يۈرىكىگە چىڭ بىر يېقىۋەتكەندىن كېيىن،يانچۇقىغا سالدى -بۈگۈن ئىشلىمەي، رۇخسەت سوراپ،،سىزنى تازا بىر ئوينۇتاي.
-ۋاھ نېمانداق ياخشى -رەيھان خۇشلۇقىدا چاۋاك چېلىپ كەتتى ،ئاندىن كۆزىنى قوستۇرۇپ،ئىچىدە بوشقىنە-ئەي فەرۇق،سەن بەرگەن، مەن قەدىرلەپ ساقلاۋاتقان بۇ سوۋغاتنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغىنىنى كىممۇ ئويلىغان ،بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى ،ئەمدى سېنىڭ سوۋغىتىڭنى ساقلىشىمنىڭ ئورنى يوققۇ ؟
-نېمە دەۋاتىسىز قەدىرلىكىم-ئېمىران كېيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ،رئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان رەيھاننىڭ غودۇراپ تۇرغىنىغا قاراپ،كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
-مېنىڭ ئېرىم بەك بەلەن قۇمۇ،دەۋاتىمەن -رەيھان ئەركىلىگىنىچە ئېمىرانغا ئېسىلدى،ئۇلار قولتۇقلۇشۇپ،ناھىيە باغچىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئېمىران بېلەن رەيھان كەچ كىرگىچە ،ئوينىغاندىن كېيىن،ئۆيگە قايتىپ مېڭىشتى ،رەيھان نېمىشقىدۇر، بايىقى كۆڭۈل ئەندىشىلىرى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەندەك،ئېمىراننىڭ يېنىدا ئكزىنى ئېنتايىن خاتىرجەم ھېس قىلماقتا ئېدى .
-تېلىفوننى ئېچىۋېتەيمۇ جېنىم-ئېمىران شۇنداق دەپ ،ئەتىگەن ئېتىۋېتىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان يانفونىنى قولىغا ئالدى .
رەيھان شۇندىلا ئەتىگەن بولۇپ ئكتكەن ئىشلارنى ئېسىگە ئېلىپ،يۈرىكى قالايمىقان سوقۇشقا باشلىدى.
نېمىلا بولمىسۇن.كۆڭلۈڭنى تۇق تۇت رەيھان ،ئېمىرانلا ساڭا ئىشىنىدىكەن، باشقىسىدىن چاتاق چىقمايدۇ،ئۇنى ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرۈپ بولدۇڭ،ئەمدى باشقىلاردىن ئەنسىرىشىڭ بىھاجەت -رەيھان شۇنداق دەپ ،ئىچىدە ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرىۋەتكەندىن كېيىن،ئېمىرانغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .
-ئاللا،بۈگۈن ئكيدىكىلەر نېمانچە كۆپ تېلىاون قىلغاندۇ،ئۆيدە بىرەر ئىش  چىقمىغان بولغىيتى،ئېمىران رەيھانغا سوئال نەزىرىدە تىكىلدى .
-مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، مەن ئەتىەەن سىزنىڭ كەينىڭىزدىنلا يولغا چىققان ،ئۆيگە كىرىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەنتىم تېخى.-رەيھان چاندۇرماستىن شۇنداق دېدى .
-ھە بولدىلا ،نېمە ئىش بولغان بولسا ،ئۆيگە بارغاندىلا بىلىمىزغۇ؟-ئېمىران شۇنداق دەپ قويۇپ،يانفونىنى يانچۇقىغا سېلىۋەتتى .
-ھە ئاكا، بۇ بۇزۇق ئەسلىدە سېنىڭ يېنىڭغا قېچىپ بېرىۋاپتىكەندە، مەن تېخى ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن-رەيھان بېلەن ئېمىران ھويلىغا كىرىشىگىلا ،مۇيەسسەر يۈگىرەپ چىقىپ،ئېمىرانغا قارىغىنىچە جاۋۇلداپ كەتتى .
-نېمە دەۋاتىسەن ،كىمنى بۇزۇق دەۋاتىسەن -ئېمىران مۇيەسسەرگە قاراپ گۈلەيدى .
-سەن خوتۇنۇڭغا يان باسما ئېمىران ،ھەممە سوئالغا راس جاۋاب بەرگىن ،مۇيەسسەر ئەتىگەن ،ىوتۇنىڭ بېلەن فەرۇقنىڭ بىر-بىرىگە ئىرمىشىپ-چىرمىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ،ھەم ئۇلارنىڭ ،رەيھاننىڭ قورسىقىدىكى بالا فەرۇقنىڭ دېگىنىنىمۇ ئاڭلاپتۇ، بۇ رەيھان دېگىنى يەنە ئاكاڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونا ئاشقىقى بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئىككىڭلار چوڭ گۇناھ قىلغان بولىسىلەر -ئېمىران بېلەن فەرۇقنىڭ چوڭ دادىسى ،جىدەل ماجىرا بولىۋاتقان جايغا كېلىپ شۇنداق دېدى -فەرۇقنى چاقىرىڭلار،ئۇلار يۈزلەشسۇن.
-فەرۇق ئېيتە، ئۇ سېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھېلىقى لايىقىڭ شۇمۇ ئەمەسمۇ؟ئاللانى ئوتتۇردا قويۇپ،راست گەپ قىل،ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا راست سېنىڭمۇ،مۇيەسسەرنىڭ ئاڭلىغانلىرى راسمۇ؟-فەرۇق كەلگەندىن كېيىن،چوڭ دادىسى ئۇنىڭغا سۈرلۈك تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
فەرۇق رەيھانغا قارىدى ،رەيھان ،كۆزلىرىنى چەكەيتىپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى .
-ياق،ئۇ ئەمەس-فەرۇق يالغان سۆزلىدى .
-يالغان سۆزلىمە،مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ،ھەم ئاڭلىغان تۇرسام،-مۇيەسسەر فەرۇقنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى،ئاندىن چوڭ دادىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى -،باي دادا ،ئۇ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ،مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راس، ئىشەنمىسىڭىز ،مەن سىزگە قۇرئان تۇتۇپ بېرەلەيمەن .
-نېرى تۇر -بوۋاي مۇيەسسەرنى ئىتتىرىۋەتتى -ئەر كىشىنىڭ ئاللانى ئوتتۇردا قويۇپ ئېيىتقان سۆزى كۇپايە ،سەن مۇقەددەس كىتابنى تۇتۇپ،ئۇرۇقىمىزنى داغدا قويماقچىمۇ؟ ئېمىران ئەمدى ساڭا كەلدى -بوۋاي شۇنداق دەپ،ئېمىرانغا تىكىلدى -سەن ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيسەن،ئېيتە،خوتۇنۇڭ سەن بېلەن بىرگە بازارغا بارغانمۇ ياكى،سېنىڭ كەينىڭدىن كەلدىمۇ؟
-بوۋا، مۇيەەسسەر يالغان سۆزلەۋاتىدۇ،رەيھانغا مانا مەن گۇۋاھ بولالايمەن ،ئۇ پاك، سەن ئۇقمايسەن، ئۇ ئاخشاممۇ بىزنىڭ ھوجىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىىپ،جىدەل قىلغان، ئۇ رەيھانغا ھەسەت قىلىدۇ،مەقسىتىگە يېتەلمىگەچكە مۇشۇ يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقارغان گەپ.
-بالام، مەن سەندىن خوتۇنىڭنى ئاقلاپ بېرىشىڭنى تەلەپ قىلمىدىم،بەلكى ئۇ سېنىڭ كەينىڭدىن باردىمۇ ياكى،بىرگە باردىمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن،بۇۋاي ئېمىراننىڭ سۆزىنى بۆلدى- خوتۇن كىشى دېگەننىڭ چىرايىغا ،قىلغان سۆزىگە قاراپ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ ،خوتۇن كىشى خۇددى شاش ئاتقا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ يۈگىنىنى شۇنداقلا قويۇۋېتىدىكەنسەن ،ئۇ سېنىڭ يېنىڭدىن يىراقلاپ كېتىدۇ ،شۇڭا سەن خوتۇنىڭغا يان باسماي تۇرۇپ،راس سۆزلىگىن،ئەگەر ئۇ سېنىڭ كەينىڭدىن بارغان بولسا، خوتۇنىڭ بېلەن فەرۇق يالغان سۆزلىىدى،ئەگەر ئۇ سەن بېلەن بىرگە بارغان بولسا، مۇيەسسەر يالغان سۆزلىدى .ماڭا ئىشەنگىن ،مېنىڭ كۆزۈمدىن ھېچنەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ .
-بۇ،بۇ،-ئېمىران نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ،چۈنكى ئۇ ئۆمرىدە بوۋىسىغا بىر قېتىممۇ يالغان سۆزلەپ باقمىغان ئېدى .ئۇ زادى نېمە دەپ جاۋاب بېرىشى كېرەك ........
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ........................

0

تېما

0

دوست

63

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
26
مۇنبەر پۇلى
37
ئىشەنىچ
26
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 10:22:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈنىدار ئارقىلىق سىكاننىرلاپ ئەزا بولۇڭ ،ۋاقىت ئاز قالدى موكاپات ئېلىشقا ئالدىراڭ ،كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە تىرشىپ بېقىڭ
webwxgetmsgimg.jpg

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 12:28:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





12. باب:غەلبىگە گىرەلەشكەن مەغلۇبىيەت

-بالام،ئاۋال گېپىمنى ئاڭلىغىن،مەن سېنىڭ ئاناڭ،بەرگەن سۈتۈمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ،بۇ قېتىم مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلا-ئايتولۇن يارمۇھەمممەتنى يېنىغا تارتىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
-قايسى ئىشتا، نېمە سەۋەبتىن زادى نېمىشقا سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلايمەن، تىلىڭنى چاينىماي،تېز-تېز گەپ قىلە -يار مۇھەممەت ئانىسىنى سىلكىدى.
-بالام،ئايگۈل تولىمۇ بىچارە قىزكەن، سەنمۇ ئويلاپ باققىن،ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ،ماۋۇ سەبىي بالىلاردا زادى نېمە گۇناھ، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئاتا-ئانىللىرىدىن ئايرىپ،خارۇ-زار قىلىمىز، ئۇلارنى يىغلىتىدىغانغا بىزنىڭ نېمە ھوقۇقۇمىز بار،ئوغلۇم ،مۇشۇ بىر قېتىم مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلا، مۇشۇ بىر قېتىم ،داداڭنىڭ دورىماي،ھەق ئۈچۈن ،ئادالەت ئۈچۈن توغرا بىر ئىش قىلىپ باق، سەندىن ئۇ دۇنيا،بۇ دۇنيا رازى بولاي، بەرگەن ئاق سۈتۈمنىڭ ھەققىگە ،سەندىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولاي -ئايتولۇن سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي يىغلاپ تاشلىدى .
-نېمە دەۋاتىسەن ئانا، سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ؟كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ-يارمۇھەممەت ئايتولۇننىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ قويغاندىن كېيىن،سۆزىنى داۋام قىلدى-بىز ماۋۇ چۈپرەندىلەرنى قويۇۋېتىمىز، ئاندىن ئۇلار ساقچىخانىغا بېرىپ،ھەممە ئىشلارنى دەيدۇ، ساقچىلار كېلىپ،بىزنى تۇتىدۇ،دادام ،مەن ھەم ئۇكىللىرىم،ھەتتا سەنمۇ تۈرمىگە قامىلىسەن ،سەن مېنى مۇشۇ ئىشىڭغا شېرىك بول،ئۆز قولۇ بېلەن داداڭ تىكلىگەن 20 نەچچە يىللىق ئېگىلىكنى ھەم يۈز-ئابروينى  ۋەيران قىل دېمەكچىمۇ ؟
-ھەئە،مەن شۇنداق قىل دېمەكچى، بىر قېتىم بولسىمۇ،مىللەتكە ۋېجدانىڭغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىش قىل دېمەكچى ،ئەجەبا دېگەنلىرىم خاتا بوپتىما، تۈرمىدە ياتساق نېمە بوپتۇ، نەچچە ئون يىلدىن بېرى قىلىۋاتقان ئەسكىلىكلىرىمىز ئۈچۈن ،بىزنىڭ مىڭ قېتىم دارغا ئاسسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ ،ماۋۇ نارسىدىلەرنى ئويلاپ قوي بالام، ئۇلارمۇ ساڭا ،ماڭا ئوخشاش ئادەمغۇ، سىلەر سېتىۋاتقان زەھەر بېلەن  ھاياتى ۋەيران بولىۋاتقان ياشلارنى ئويلاپ قوي، ئۇلارنى ۋەيران قىلغانلىق، مىللەت قەۋمىمىزنى ۋەيران قىغانلىق ئەمەسمۇ؟ئۇغلۇم كۆزۈڭنى ئاچ-ئايتولۇن يارمۇھەممەتنىڭ زەردە بېلەن ئېيىتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ،جانلىق سۆزلەشكە باشلىدى .
-سەن ساراڭ بوپسەن ئانا ،راسلا ساراڭ بوپسەن، چىقە سەن بۇلارنىڭ يېنىدا تۇرما ،ئۇلارنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلاي، سېنىڭ كاللاڭنى قايدۇرغانلىقى ئۈچۈن ،كاللىسىنى تازا بىر پىرقىرىتىۋېتەي ،سەن ھوجۇراڭغا چىقىپ كېتىپ،شۇ يەردە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تۇر-يارمۇھەممەت شۇنداق دەپ ئانىسىنى ئىتتەردى .
-ياق مەن چىقىپ كەتمەيمەن ،سەن ئۆزۈڭ چىقىپ كەت، مېنىڭ ئوغلۇم بولساڭ ،بۇ يەردە كۆرگەنلىرىڭنى كۆرمەسكە سال ،سەن ياردەم قىلمىساڭ، مانا مەن ئۆزۈپ ئۇلارنى قاچۇرىۋېتىمەن -ئايتولۇن ياارمۇھەممەتنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتى ،بۇ ئۇنىڭ ئوغلىغا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق قوپاللىق قىلىشى ئېدى ،ئۇ بۇرۇن ئوغۇللىرىدىنمۇ خۇددى ئېرىدىن قورققاندەكلا قورقاتتى،شۇڭا ئۇلارغا ئوشۇق-تۆشۈك سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايتتى .
-نېمە قىلىۋاتىسەن، سەن راسلا ساراڭ بوپسەن، دادام بىلىپ قالىدىغان بولسا، سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىۋېتىدۇ ئانا، ماڭ،مەن بېلەن ماڭ-يارمۇھەممەت ئانىسىنى سۆرەپ دېگۈدەك ئىككىنچى قەۋەتتىكى ھۇجىرىسىغا ئېلىپ چىقىپ سولاپ قويغاندىن ،كېيىن پەسكە چۈشۈپ، بىر قانچە قول-چوماقچىسىنى چاقىرىپ،مېھرىبان ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلارنى بىر ئۆيگە يىغىپ سولاپ قويغاندىن كېيىن،كەچتە جازالىماقچى بولۇشتى .
-ۋۇ ھايۋانلار،مەندىن نېرى تۇرۇش، مېنىڭ ئورۇندايدىغان ۋەزىپەم بار -مېھرىبان ئۆزىنى سولاپ قويۇۋاتقان يارمۇھەممەتكە قاراپ غەزەپ بېلەن ۋارقىرىدى.
-زۇۋانىڭنى يىغ ۋۇ قانجۇق-يار مۇھەممەت ئۇنى بىرنى تېپىپ،ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشكە تەمشەلدى  .
-ئايگۈلنىڭ مويىغا چىقىلغۇچى بولما ۋۇ ئەبلەخ،ئەگەر ئۇنىڭغا چىقىلىدىغان بولساڭ، ئۆز قولۇم بېلەن سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن -مېھرىبان شۇنداق دەپ،بولغاندىن كېيىن ,ھۆڭۈرەپ يىغلاپ كەتتى ،يارمۇھەممەت قاقاھلاپ كۈلگەندىن كېيىن،ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
-سىزگە دېگەنتىقققۇ،قېچىش مۇمكىن ئەمەس دەپ .
-ئەمدى بىزنى تازا قىينايدىغان بولدى .
-ئىسىت نېمىشقىمۇ سىز بىلەن بىللە ئولتۇرغان بولغىيتۇق.
بالىلار بەس-بەس بېلەن ،مېھرىبانغا تەنە قىلىشقا باشلىدى.
-قورقماڭلار بالىلار، مەغلۇبىيەت بولماي تۇرۇپ غەلبىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، بۇنداق ئاسانلا بەل قويۇۋەتسەڭلار، بۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، ئېرادىلىك بولۇڭلار، جاپا-مۇشەققەتنىڭ كەينىدە بىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى راھەت پاراغەت، بىز چوقۇم قېچىپ كېتەلەيمىز ماڭا ئىشىنىڭلار، مەن چوقۇم سىلەرنى بۇ يەردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن .-مېھرىباننىڭ سۆزلىرى بالىلارغا ئىشەنچ بېغىشلىدى .
-ھەدە ،سىز ئاللا بىزنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن پەرىشتىمۇ-زىبا ئىسىملىك قىز مېھرىباننىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ يېتىپ،ئۇنىڭ كۆزىگە مېھرى بېلەن تىكىلدى .
-ياق ،مەن پەرىشتە ئەمەس، لېكىن ،ئاللا سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن ئاچاڭلار -مېھرىباننىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى ،ئۇ ئەتراپقا تىكىلدى،
زىندانغا ئوخشايدىغان بۇ قاراڭغۇ ئۆيدە ھەرقانچە ۋارقىرىسىمۇ ،ھويلىغا ئاڭلانمايتتى، بۇ ئۆي سەمەت تاتۇقنىڭ ئۇۋىسىدىكى تۈرمە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قەدەر ،قاراڭغۇ ،ھەم زەي پۇراپ تۇراتتى .مېھرىبان ،تۇيۇقسىز ھەسەنجاننىڭ
-ئاۋال ھەرىكەت قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ،سەمەت تاتۇقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى توپلاڭ،بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاستا-ئاستا مايىل قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئېرادىسىنى كۈچەيتىڭ،ۋاقتى كەلگەندە قانۇنىي يول ئارقىلىق سەمەت تاتۇقنى  جازلاپ،بالىلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمىز -دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ،ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى ،بىراق ئۇ ئالدىراقسانلىق قىلمىسا، بىچارە قىز ئايگۈل، يارمۇھەممەتنىڭ خوتۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ،ئۇ زادى قانداق قىلىشى كېرەك ؟مېھرىباننىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ،تېشىمۇ قېتىپ كېتىۋاتاتتى .ئەمدى ئۇ بۇ قاراڭغۇ ئۆيدە تۇرۇپ زادى نېمىش قىلالىسۇن ؟
-مېھرىبان سىڭلىم -ئارىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،ئىشىكنىڭ سىرتىدىن بوشقىنە شىۋىرلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى
.-كىم؟-مېھرىبان ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىپ،ئۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپپۇزدا سورىدى .
-مەن ئايتولۇن -ئايتولۇن شۇنداق دەپ ،ئىشىكنى ئاچتى-سىلەرنى مۇشۇ يەرگە سولاپ قويغانمىكىن دېگەنتىم .
-سىز قانداق چىقالىدىڭىز ھەدە-مېھرىبان ئايتولۇننىڭمۇ سولاپ قويۇلغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭدىن ھەيرانلىق بېلەن سورىدى .
-سىلەرنى سولاپ قويۇپ بىردەمدىن كېيىن،سەمەت تاتۇق كىرىپ،ئىشىكنى ئېچىۋەتتى، يارمۇھەممەت ،ئۇنىڭ مېنى جازالىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ھېچنىمىنى دېمەيدۇ ،شۇڭا ،ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ،ئايگۈل دېگەن قىزنى قاچۇرىۋەتتىم ،ئۇنى ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ چىقىشىمغىلا، مەن ھەسەنجان ،مېھرىباننىڭ ئاكىسى بولىمەن-دەپ بىرەيلەن ئېلىپ كەتتى ،ئەمدى سىلەرنى قاچۇرىۋېتەي دەپ كىردىم -ئايتولۇن شۇنداق دەپ،مېھرىبان بېلەن بالىلارنى سىرىتقا چىقىشقا تەشكىللىدى .
-ھەر نېمە بولسا، ئايگۈل بېخەتەر بوپتۇ ،ئۇ راس مېنىڭ ئاكام،ھەدە سىزگە بىرەر خەتەر يېتىپ قالماس، سىزمۇ بىز بېلەن بىرگە كېتىڭ بولمىسا -مېھرىبان ئايتولۇندىن ئەنسىرەپ،ئۇنىمۇ بىرگە قېچىپ كېتىشكە ئۈندىدى.
-ياق سىڭلىم ماڭا ھېچئىش بولمايدۇ ،بۇ يەردە مېنىڭ بالىلىرىم بار، بالا دېگەن ئەسكى بولسىمۇ ،يەنىلا بالا، ئۇلار مېنى قوغدايدۇ ،سىلەر تېز قېچىڭلار .
-نەگە قاچماقچى نەگە ،سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى بۇرۇنلا بىلگەن مەن -ئايتولۇن مېھرىبانلارنى باشلاپ ھويلىغا چىقىپ تۇرىشىغىلا ،تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يارمۇھەممەت ھەم ئۇنىڭ چوماقچىللىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى .
*                               *                                                             *                                                                            *
-رەيھاننى ئەتىگەن مەن ئۆزۈم باشلاپ كەتكەن ،ئىشەنمىسەڭ،،ئىش ئورنۇمغا بېرىپ سوراپ باق،مەن ئۇنى ئەتىگەن بىللە باشلاپ بېرى رۇخسەت سورىغان .
-نېمە،نېمە،نېمە دەۋاتىسەن ئاكا-ئېمىراننىڭ تۇيۇقسىز بەرگەن جاۋابى،ئەمدىغۇ سۆزۈمنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەنسىلەر دېگەندەك قىياپەتتە غادىيىپ تۇرغان مۇيەسسەرنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى .
-بولدى قىل مۇيەسسەر، دەرھال يەڭگەڭدىن كەچۈرۈم سورا، سەن مېنىڭ نەۋرە قىزىم، لېكىن ،نەۋرە قىزىم بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا، يەڭگەڭنى بوزەك قىلساڭ بولمايدۇ،ئۇ دېگەن بىزنىڭ يۇرتقا مۇساپىر ھېسابىدا،بۇنىڭدىن كېيىن،ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگۈچى بولما-بوۋاي شۇنداق دەپ قويۇپ ،ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى .
-ۋۇ ئالۋاستى ،ئاكامغا قايسى ھۈنەرلىرىڭنى سېلىپ،سۆزلىرىڭگە ئىشەندۈردۈڭ،بۇ قېتىم قېچىپ قۇتۇلالىغىنىڭ بېلەن ،ھامان بىر كۈنى تۇتۇلىسەن ،مېنى بۇنداقلا بوش قويۇۋېتىدۇ دەپ قالما، مەن مەكتىپىڭگە بېرىپ ،ئېنىقلايمەن ،ئۇنىمۇ قىلالمىسام ،بالاڭ تۇغۇلغاندا،قان تەكشۈرتۈپ ئېنىقلايمەن ،ھازىرقى زاماندا يالغانچىلىقنى يوشۇرۇپ قالغىنى بولىدۇ دەپ ىام ىېيال قىلما -مۇيەسسەر رەيھاننىڭ يېنىغا كېلىپ ،شۇنداق دەپ پىچىرلىغاندىن كېيىن، ھۇجىرىسىغا كىرىپ كەتتى .
-نېمە بولدى رەيھان ،چىرايىڭىز بەكلا تاتىرىپ كەتتىغۇ، ئۇ سىزگە يەنە نېمە دېدى
-ئېمىران رەيھەننىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ،ئەندىشە ئارىلاش سورىدى .
-ھېچنىمە دېمىدى -رەيھان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرىتتى -ئېمىران بايا نېمىشقا يالغان سۆزلەيسىز.
-مەن سىزنىڭ پاكلىقىڭىزغا ئىشىنمەن ،سىزنىڭ ئاقلىنىش ياكى قارىلىنىشىڭىز شۇ بىر ئېغىز سۆزگە قاراشلىق بولۇپ قالغان تۇرسا، مەن سىزنىڭ پاكلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ ،راس گەپ قىلىمەن دەپ، سىزنى قارىلاپ قويسام قانداق بولىدۇ .
-جېنىم ئېمىران ،بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قانداقلا ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ بۇ دۇنيادا پەقەت سىزنىلا ياىشى كۆرىدىغانلىقىمغا ئىشىنىڭ بولامدۇ ؟
-رەيھان ئېمىراننىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلى تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى
-بولىدۇ .
-ماڭا، ۋەدە بېرەلەمسىز؟
-ۋەدە بېرەي .
-رەيھان بېلەن ئېمىران ھوجۇرىسىغا كرىىپ كەتتى، رەيھان خۇددى يەلكىسىدىن ئېغىر بىر تاغنى يۇلۇپ ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللەپ ،پۈتۈن كۈن ئېغىر ئەمگەك قىلغان ئادەمدەك  تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى .
-يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا ئۇ تەرەتكە چىقتى ،
-سېنىڭ چىقىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم -ئۇنىڭ ھۇجىرىسىنىڭ ئالدىدا فەرۇق ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئېدى .
-نېمە دەيسەن ،يوقال ،مېنىڭ بەىتىمنى خاراب قىلما، مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن -رەيھان فەرۇقنى ئىتتەردى، فەرۇق ،ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ماڭدى .-قويۇۋەت، قويۇۋەت-رەيھاننىڭ يالۋۇرۇشلىرى ئۇنىڭغا كار قىلمايتتى .
-مەن سېنى ياىشى كۆرىمەن جېنىم رەيھان ،بۇ ئويۇننى ئۆزۈڭ باشلىدىڭ، ئەمدى ھەرگىز توختۇتالمايسەن، ،مېنى بۇنداق قىينىما رەيھانىم ،بىز بىللە قېچىپ كېتەيلى، بالىمىزنىمۇ ئۆزىمىز باقايلى -فەرۇق يەنە رەيھانغا ئېسىلىپ،ئۇنى ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى .
-مېنى قويۇۋەت ،فەرۇق، مەن ساڭا بالا تۇغۇپ بەرمەيمەن، بۇرۇن سېنى ياىشى كۆرگىنىم  راس، لېكىن ھازىر مەن ئېمىراننى ياخشى كۆرىمەن، پاكلىقىمنى دەپسەندە قىلغانمۇ سەن ،مېنى تاشلىۋەتكەنمۇ سەن، .ئەمدى بولسىمۇ مېنى بەخىتلىك بولغىنى قوي ،سەندىن خۇش بولاي-رەيھان فەرۇقنى ئىتتىرىپ ئۇنىڭغا يالۋۇردى .
-ياق سېنى قويۇۋەتمەيمەن، مەن سېنى راسلا ياىشى كۆرىمەن، فەرۇق يەنە ئۇنىڭغا ئېسىلدى .
-ۋۇ بۇزۇقلار ،،گۇمان قىلغان ئېدىم ،راسلا شۇنداقكەنسەنغۇ؟
-ئېمىراننىڭ غەزەب بېلەن ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، فەرۇق بېلەن رەيھان، ئاجىراپ، ئۆزىگە غەزەب بېلەن تىكىلىپ تۇرغان مۇيەسسەر باشلاپ چىققان ئېمىراننى كۆرۈپ، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى .
-جېنىم ئېمىران بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ،مەن سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن، ماڭا ئىشىنىڭ،-رەيھان ئېمىرانغا ئېسىلىپ يالۋۇردى .
-نېمە يالغان زادى نېمە يالغان ،ئىسىت ،نېمىشقىمۇ ساڭا ئىشەنگەن بولغىيتىم ،ئەمدى سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق -ئېمىران غەزەپ بېلەن رەيھاننى ئىتتەردى -يوقال كۆزۈمدىن، سەن تالاق، يۈزمىڭ تالاق .
-مېنى تالاق قىلماڭ ئېمىران، مېنى تالاق قىلسىڭىز بولمايدۇ-رەيھان توختىماي يىغلاپ، ئېمىرانغا ئېسىلدى .
-نېمە بولدىڭىز رەيھان ،زادى نېمە بولدىڭىز، مەن نېمىشقا سىزنى تالاق قىلغۇدەكمەن،بىچارە خوتۇن، بەكلا قورقۇپ كېتىپسىزدە -
ئېمىراننىڭ رەيھانننىڭ بېشىنى سىلكىپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرى ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرگەنىن كېيىن، رەيھان ئكزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلىپ، كۆڭلى جايىغا چۈشكەندەك بولدى .
-بەك قورقۇپ كەتكەن ئوخشايمەن ئېمىران، چۈشۈمدە سىز مۇيەسسەرنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، مەن بېلەن ئاجىراشماقچى بولۇپسىز-رەيھان ھۆڭۈرۈپ يىغلىدى .
-خاتىرجەم بولۇڭ رەيھان ،مەيلى قانداقلا ئى بولمىسۇن ،مەن سىزگە ئىشىنىمەن، پەقەت سىزگىلا، كېلىڭ، مېنىڭ قولۇمدا يېتىپ ئۇخلاڭ سىزنى قارا باسمايدۇ -
ئېمىران قولىنى رەيھانغا ياستۇق قىلىپ، ئۇزۇتۇپ بەردى .خۇددى ئېمىران ئېيىتقاندەكلا ،رەيھان تاتلىق ھەم خاترجەم ئۇيقۇ بېلەن تاڭ ئاتقۇزدى .
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ..............................

28

تېما

9

دوست

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
تاھىرجان
تۆھپە
341
مۇنبەر پۇلى
1936
ئىشەنىچ
341
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-18 13:26:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
13.باب كۆرەش باشلاندى

--ئوغلۇم،سەن بۇ ئىشقا ئارىلاشما ،-ئايتولۇن يارمۇھەممەتنىڭ قولىغا ئېسىلدى -سەندىن ئۆتۈنەي بۇ بىچارىلەرنى كەتكىلى قويغىن.
-سەن ساراڭ بوپسەن ئانا، دادام بىلسە چوقۇم سېنى ئكلتۈرىۋېتىدۇ،ماڭا سەن ھوجۇراڭغا چىقىپ كەت، دادامنىڭ قايتىپ كىرىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى -يارمۇھەممەت ئايتولۇنغا قاراپ سەت گۆلىيىپ پوپوزا قىلدى.لېكىن ئايتولۇن ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالىدىغاندەك قىلمايتتى.
-ياق مەن چىقىپ كەتمەيمەن ،چىقىپ كېتىدىغىنى سەن ئوغلۇم،بەرگەن سۈتۈمگە رازى بولمايمەن بۇنداق قىلما.
-نېمە دەيدۇ ماۋۇ ساراڭ خوتۇن-يارمۇھەممەت ئانىسىنىڭ ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ،ھوجۇرىسىغا سولاپ قويدى-مۇشۇ يەردە مىدىرلىماي جىم يات ،ئەگەر ئانام بولمىغان بولساڭ.....
-بالىلار ،ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرى ،ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، شۇڭا ئۇلار بېلەن كۆرەش قىلايلى، بەرىبىر تۇتۇلۇپ قالساقمۇ ،قىينىلىمىز،ئۇنىڭدىن كۆرە، قارشىلىق كۆرسىتىپ قېچىپ،كېتەيلى بىرىمىز قېچىپ كەتسەكمۇ ھېساب -مېھرىباننىڭ ئەتراپىدىكى يەتتە -سەككىز بالىغا ئېيىتقان جاراڭلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان يارمۇھەممەت ،سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېمەيلا پەسكە يېنىپ چۈشتى .
-تۇتۇڭلار ماۋۇ پاسكىنىنى تۇتۇپ،ئاغزىنى ئېتىڭلار-يارمۇھەممەتنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ،ئۇنىڭ ئىككى چوماقچىسى كېلىپ، مېھرىبانغا ئېسىلدى.
-نېرى تۇرۇش ئەبلەخلەر، -مېھرىبان ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ قولىنى چىڭ چىشلىدى ،يەنە بىرىنىڭ چاتىرىقىغا كۈچەپ تەپتى -بالىلار ،قاراپ تۇرماڭلار، كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە، ھەممىمىز بىرگە كەلسەك، ئۇلار بىزگە تەڭ  كېلەلمەيدۇ .
.-ۋايجان،ۋېيەي-مېھرىباننىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا ،ئىككى چوماقچى ،بالىلارنىڭ ئارىسىدا قېلىپ،ۋايجانلىغاچ،ئۇلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى-نېرى تۇرۇش، ۋۇ شۇمتەكلەر ،نېرى ئۆتۈش.
-مانا سەنلەرگە ،ئۆلىشە شۇملار-بىر چەتتە جىدەلنى كۆزىتىپ قاراپ تۇرغان يارمۇھەممەت،غەزەپ بېلەن ئېتىلىپ كېلىپ،يانچۇقىدىن ئايرىمايدىغان پىچىقىنى چىقىرىپ،بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى ياسىن ئىسىملىك ،بالىغا كۈچەپ تىقىپ، يېنىدىكى ئىككى چوماقچىسىنى ئىتتىرىۋەتتى -نېرۇ تۇرۇش، قولۇڭدىن شۇنچىلىك ئىشمۇ كەلمەيدۇ ۋۇ توخۇ يۈرەكلەر.-
ئېتىلىپ چىققان قىپقىزىل قان مېھرىبان قاتارلىقلارنىڭ يۈزلىرىگە چاچرىدى
.-ياسىن،ياسىن-بالىلار چۇرقۇراشقىنىچە ئاستا-ئاستا تىنىقتىن قېلىپ،كۆزلىرى ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتقان ياسىننىڭ ئەتراپىغا ئولاشقىنىچە لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى.ئۇلارنى بەزىللىرى قورققىنىدىن-ئاپا،دەپ،تۈگۈلگىنىچە ئولتۇرىۋېلىشسا، بەزىللىرى-ھەممىنى قىلغان، سىز ،ياسىننى تۆلەپ بېرىڭ-دېيىشىپ،مېھرىبانغا ئېسىلدى .
-ھەممىڭ،ئامبار ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇش، بولمىسا ھەممىڭنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن -يارمۇھەممەت، بالىلارغا پىچاقنى شىلتىپ،غەزەپ بېلەن ۋارقىرىدى،ئۇ ئالدىدا جان بېرىۋاتقان ياسىننىڭ ئۆلۈمىدىن ھېچ قورقۇش ھېس قىلغاندەك قىلمايۋاتاتتى .-ۋۇ ئەبلەخ،ساڭا جېنىمنى تىكىپ قويدۇم-نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، داڭ قېتىپ تۇرغان مېھرىبان تۇيۇقسىز كېلىپ،يارمۇھەممەتكە ئېسىلدى .
-نېرى تۇر ،ۋۇ پاسكىنا بولمىسا سېنىمۇ جايلايمەن -يارمۇھەممەت ،پىچاقنى مېھرىباننىڭ گېلىغا تېرىدى ،مېھرىبان زۇۋان سۈرمىدى ،ئۇ ئۆلۈمدىن قورقمايتتى ،لېكىن، بۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىشنى پەقەت خالىمايتتى، ھېچ بولمىسا، بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن ،ياسىنغا يۈز كېلەلىگۈدەك بىر ئىش قىلىشى كېرەك ئېدى .ئۇ ئاستا قەدەملەر بېلەن بالىلارغا ئەگىشىپ ئامبار ئۆيگە كىردى.
-ئاۋال،ماۋۇ پاسكىنىنى باغلاپ،تىرناقلىرىنى بىردىن،بىردىن يۇلۇۋېلىڭلار -يار مۇھەممەت، شۇنداق ەپ قويۇپ،ياسىننىڭ جەسىتىنى يۇغۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھويلىغا قايتىپ چىقتى .
-نېمىش ،بولدى، زادى نېمە ئىش تېرىدىڭلار-سەمەت تاتۇق ،يارمۇھەممەت تېخى قانلارنى پاكىز تازىلاپ بولالماستىنلا ھويلىغا كىرىپ،قان داغلىرىنى كۆرۈپ، بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ،يارمۇھەممەتكە قاراپ چەكچەيدى .
-ماۋۇ شۇملار قاچماقچى بولغانتى، ئېلىشىش جەريانىدا مېتە قۇرۇتتىن بىرسى ئۆلۈپ قالدى .
-بالام، تازا ياخشى قىلماپسەن، ھازىر ۋەزىيەت چاتاق تۇرسا، بۇنداق قىلساڭ، بولمايتتى -سەمەت تاتۇقنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى .
-سەن بىلمەيسەن دادا،مەن بۇ شۇمنى ئۆلتۈرمىگەن بولسام، بۇلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كېتەتتى، كىم بىلىدۇ تېخى،سەن بېلەن مەن، تۈرمىدە ياتامتۇق بۇ چاغقۇچە.
-شۇنداق ئىشمۇ بولدىمۇ تېخى-سەمەت تاتۇق دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ، يارمۇھەممەتنىڭ بېشىنى سىلىدى -يارايسەن ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم دە سەن .ئاۋۇ ئۆيدە چىرقىراۋاتقان كىمۇ؟
-ئۇما، ئۇ ھېلىقى سەن بۈگۈن ئەكەپ قويغان پاسكىنا شۇ، بالىلارنى قېچىپ كېتىشكە ئاشۇ كۈشكۈرتۈپتۇ، تېىى بىز ئۇلارنى تۇتۇۋالساق،ئۇ بالىلارنى بىزگە قارشى چىقىشقا تەشۋىق قىلدى .
-ھە ياخشى ،تازا قىيناڭلار ئۇنى ئادەم بولسا ياشايدۇ، بولمىسا ئۇمۇ ئۆلسە ئارتۇقچە ئەمەس،سەن بۇ يەرنى يىغۇشتۇرۇپلا ھوجۇراڭغا چىقىپ كەت، ،بۈگۈن خوتۇن ئالدىڭ ئەمەسمۇ-سەمەت تاتۇق سەت ھېجايدى .
-ھە،ھە-يارمۇھەممەتمۇ دادىسىغا ماسلاشتى .
-ۋۇ ئەبلەخلەر، نەرىڭ ئەركەك سەنلەرنىڭ،سەنلەر ئادەمدىن تۆرەلمەي ھايۋاندىن تۆرەلگەنمۇ؟-مېھرىبان ھەر بىر تىرنىقى يۇلۇنغان چاغدا ،قاتتىق چىرقىرايتتى، ئاندىن ئۆزىنى قىيناۋاتقان ،چوماقچىلارنى ،غەزەب بېلەن تىللايتتى-ئەرلىرى ۋىجدانسىز قەۋىمنىڭ ،ئاياللىرى ،ھاياسىز بولۇر، ئەرلەر سەندەك بولسا ئاياللارنىڭ ھالى نېمە بولۇر، ئاياللارنى قىينىغان،ئاياللارنى قوغدىماقتا يوق، دەپسەندە قىلغان سەندەك، ئەرلەرنى ئەركەك دېگىنى بولسۇنمۇ،ئېسىت مىللىتىم ،ئېسىت ،سەندەكلەرنىڭ دەستىدىن ئالتۇندەك ئەرلىرىمىز ،ۋېجدانسىز ئاتىلىۋاتىدۇ، سەندەكلەرنىڭ قولىدا ،قىزلىرىمىز ئىپپىتىنى يوقۇتىۋاتىدۇ، ئېسىت سەنلەرگە، ئاھ،ئاھ، ئاھ..
-دادا،دادا،چاتاق بولدى، چاتاق بولدى -جەسەتنى پاكىز يىغۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،ھوجۇرىسىغا كىرىپ،ئايگۈلنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان يارمۇھەممەت ،قورۇنىڭ ھەممە يېرىنى پاكىز ئاختۇرۇپ،ئايگۈلنى تاپالمىغاندىن كېيىن،دادىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرەپ كىرىپ،ھودۇققىنىچە سۆزللەشكە باشلىدى -خوتۇنۇم ئۇ،خوتۇنم ئۇ ..... .
-ھودۇقماي سۆزلىمەمسەن، بۇنچە ھودۇققۇدەك نېمىش بولدى،خوتۇنۇڭغا نېمە بولدى-سەمەت تاتۇقمۇ يارمۇھەممەتنىڭ چىرايىدىن بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ،ئورنىدىن چاچىراپ تۇردى
-خۇتۇڭغا نېمە بوپتۇ .-خوتۇنۇم يوق تۇرىدۇ .-نېمە ئۇ نەگە كېتەلەيتتى ،ئۇنى ئىزدىمەمسەن قاراپ تۇرماي -سەمەت تاتۇق جىددىيلەشكىنىچە ئورنىدىن تۇرىۋالدى .
-ھا.ھا.ھا........-ئايتولۇن قاقاھلاپ كۈلدى .
-نېمىگە كۈلىسەن ۋۇ ساراڭ خوتۇن -سەمەت تاتۇق،ئايتولۇننى قاتتىق بىر تېپىۋەتتى .
-ئانا،ئېيتە، ئۇنى سەن قاچۇرىۋەتتىڭمۇ-يارمۇھەممەت، ئايتولۇننىڭ كۈلكىسىدىن بىر ئىشنى سەزگەندەك بولۇپ،ئۇنىڭغا قاراپ قاتتىق ۋارقىرىدى-ئېيتە ئۇنى سەن قاچۇرىۋەتتىڭ شۇنداقمۇ؟
-نېمە،نېمە چۈشەنمىدىمغۇ،ئاناڭ نېمىشقا ،سېنىڭ خوتۇنىڭنى قاچۇرىۋېتىدۇ..
-سەن بىلمەيسەن،دادا ،دەپ كەلسەم گەپ بەك جىق، بايا قاچقانلارنىمۇ ئانام باشلاپ چىقىپتىكەن .
-نېمە، سەن ،-سەمەت تاتۇق ئايتولۇننىڭ گېلىدىن سىقتى -سەن خوتۇن ئالجىپ قالغان ئوخشىمامسەن، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇيا .
-دادا،بولدى قىلە، ھازىر قانداق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىۋالايلى،ئاۋۇ پاسكىنا سەل چاتاقتەك تۇرىدۇ ،ئۇنىڭدا چوقۇم بىر گەپ بار،-يارمۇھەممەت دادىسىنىڭ قولىنى تارتىپ،ئايتولۇننىڭ گېلىنى بوشاتتى -خوتۇنۇم بېرىپ،ساقچىغا ئېيتىپ قويسا ،سەنمۇ مەنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز .
-تۇتسۇن،ھەممىڭنى تۇتسۇن -ئايتولۇن قېقىلىپ،يۆتۈلۈپ تۇرۇپ،سۆزلەشكە باشلىدى -سەنلەرمۇ ئادەم بولۇشتۇڭمۇ، ئۆھۈ، ئۆھۈ،ئۆھۈ...
-دەرھال تەييارلىق قىل،پېلان بويىنچە ئىش كۆرەيلى -سەمەت تاتۇق ،يارمۇھەممەتكە بۇيرۇق بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنى تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدى .
-بولدى ،قىيناشنى قويۇپ،دەرھال تەييارلىقنى باشلاڭلار ،قاچىمىز-يارمۇھەممەت، بالىلارنى قىيناۋاتقان ئۆيگە كىرىپ،چوماقچىللىرىغا بۇيرۇق بەردى
.-ھا، ھا،،،،-قولىدىن قىپقىزىل قانلار ئېتىلىپ، چىقىپ ھوشىنى يوقاتقان مېھرىبان يارمۇھەممەتنىڭ قاچىمىز دېگەن سۆزىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك بولۇپ، قاقاھلاپ كۈلدى-قاچە، قاچىدىغان چاقتىڭ كەلدى ،نەگە قاچىسەنكىن قېنى، تىنىقىملا بولىدىكەن ،سىېنى ئۆز قولۇم بېلەن تۇتۇپ بېرىمەن .
-ماۋۇ پاسكىنىنىڭ ئاغزىنى چاپلاپ قويۇڭلار-يارمۇھەممەت، غەزەپ بېلەن مېھرىبانغا قاراپ ۋارقىرىدى -ئەجەپ جېنى چىڭ پاسكىنىكىنا بۇ ،ياق ئۇنىڭ كىچىك تىلىنى كېسىۋېتىڭلار، ئۇ مەڭگۈ گەپ قىلالماي يۈرسۇن .....
.*                                     *                                                     *                                                                         *
-ئاختۇرۇڭلار، ھېچقانداق يەرنى بوش قويماي ئاختۇرۇڭلار -يېرىم كېچىدىن ئاشقان چاغ ،ھەسەنجان بېلەن ئايگۈلنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى بېلەن كەلگەن ساقچىلار،بۇ شەھەردىكى نۇرغۇنلىغان ئەسكىلىكلەرگە گۇۋاھ بولغان بۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىنىڭ ئېگىز تاملىرىغا شوتىلارنى قويۇپ،سەكرەپ كىرىشكىنىچە ھەممە ھوجۇرىلارنى بىردىن ئاختۇرۇشقا باشلىدى.
-يولداش سىلەر، يالغان دېلو مەلۇم قىلدىڭلارمۇ ياكى  بۇ ئۆينى خاتا پەرىق قىلىپ قويدۇڭلارمۇ-ساقچىلار، ئۆينى بىر قۇر تىنىتىۋەتكەندىن كېيىن،قايتىپ چىقىپ،ھەسەنجانغا ،بىزنى ئاۋارە قىلدىڭىزغۇ دېگەندەك قىياپەتتە ،تىكىلدى .
-ياق مەن ،خاتا مەلۇم قىلمىدىم،مەن بۇ قىزنى تېخى باياتىن مۇشۇ ئۆيدىن قۇتقۇزۇپ چىققان تۇرسام،سىلەر خاتالىشىپ قالدىڭلارمۇ يا ؟-ھەسەنجان ھەيرانلىق بېلەن مەسئۇل ساقچىغا قاراپ ،چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى
.-ياق بىز خاتالاشمىدۇق، بۇ ئۆيلەرنىڭ بىرىمۇ بىكا ئەمەسكەن ،سەي-كۆكتات،قوغۇن تاۋۇز،ئاشلىق ئامبارلىرى ئىكەن ،بۇ ئۆيدە سىز دېگەندەك ،سەمەت،تاتۇق دەيدىغان بىر ئەمەس، بىر ياشانغان ئەر خوتۇن تېجارەتچى ئولتۇرىدىكەن ،ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىز كىرىپ قاراپ بېقىڭ .
-سىز زادى نېمە قىلماقچى ،يالغان دېلو مەلۇم قىلىپ،يېرىم كېچىدە بىزنى ئۇيقۇسىز قويغانلىقىىز ئۈچۈن ،چوقۇم ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلىمەن ،مېنىڭ بۇ ئۆيدە ياشاۋاتقىنىمغا ساق 60 يىل بولدى، ئاتا-بوۋامدىن مىراس قالغان قەدىمجاي بۇ ،ساراڭ بولۇپ قالغان ئوىشىمامسىز-ساقچىلارنىڭ سۆزلىرىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي تۇرغان ،ھەسەنجان ،ھويلىغا كىرىشىگىلا ،ياشانغان ئەر خوتۇن ئۇنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ، ئەيىبلەشكە باشلىدى ،ئۇ ياشانغان ئەر -خوتۇنلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ، ئامبار ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر قۇردىن قاراپ چىقتى ،ئەھۋال چاقچىلارنىڭ ئېيىتقىنى بېلەن بىردەك تۇراتتى .
-ئاھ خۇدا بۇ زادى نېمە قىسمەت، مېھرىبان سىز قەيەردە، مەن سىزنى قانداق ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويدۇم...
*                                          *                                               *                                                                           *
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتۈشكە باشلىدى ،رەيھاننىڭ كۆڭلى بارغانسىرى ئېمىران بېلەن چىڭ باغلىنىپ،ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى ،فەرۇق بولسا ،ھەر كۈنى رەيھاننى بىر قېتىم كۆرسە بىر قېتىم ئۆلگەندەك قىينىلىشقا باشلىدى ،كونا ئىشقى ئوتى ،تۇنجى مۇھەببەت ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپ ،قىلغانلىرىغا پۇشايمان قاتتىق پۇشايمان قىلدۇرىۋاتاتتى
.رەيھان فەرۇقتىن ئۆچ ئېلىشتىن ۋاز كەچتى ،ئۇنىڭ ھازىر بىردىنبىر قىلىشنى ئويلايدىغىنى ،ئېمىران بېلەن بولغان مۇھەببىتىنى ھەم ئىللىق ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىش ئېدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ فەرۇقنىڭ  يېنىدىن يىراق تۇرىشى كېرەك ئېدى ،شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مىڭ تەسلىكتە ئېمىراننى ،ئۆيدىكىلەردىن ئايرىلىپ،ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېتىشكە قايىل قىلدى ،ئۇنىڭچە بولغاندا، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى مەسلىنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى چارە بولۇپ ھېسابلىناتتى ،چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئۇ فەرۇقتىن قۇتۇتلالايتتى، فەرۇققىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇلدۇرالايتتى.
-رەيھان ،سەندىن ئۆتۈنەي ،كېتىش ئالدىدا بولسىمۇ،ئاخىرقى قېتىپ، يۈرەك سۆزۈمنى ساڭا بىر ئېيتىۋالاي-مېڭىش ھارپىسىدا ،فەرۇق ،پۇرسەت تېپىپ، رەيھاننى يەنە ئارقىغا تارتتى .
-ياق،سېنىڭ ھېچقانداق سۆزۈڭنى ئاڭلىمايمەن، مېنى قويۇۋەت، مېنى ئاۋارە قىلما -رەيھاننىڭ ئۇنى رەت قىلىدىغانلىقى ئېنىڭ ئېدى .-رەيھان بۇ مېنىڭ سەندىن ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم بولسۇن، پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا، ،مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا يول قويغۇنۇڭ بولۇپ قالسۇن .
-بولىدۇ مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسۇن، بۇ قېتىم سۆزۈڭدە تۇرغىن ،بىر قېتىم بولسىمۇ ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلىپ باققىن-رەيھان ،فەرۇققا ئىچى ئاغرىپ ،ئۇنىڭ بېلەن بىرگە خالىي جايغا چىقتى
.بۇ قېتىم، فەرۇق رەيھانغا ئېسىلمىدى، ئۇنىڭ قولىنىمۇ تۇتمىدى .-
رەيھان، راس گەپنى ئېيىتقىن ،سەن مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭمۇ؟سەن تۇنجى كەلگەن كۈنۈڭدە، ماڭا، مەن ئېمىراننى ياخشى كۆرمەيمەن، سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن دەپ ئېيىتقان ئېدىڭغۇ،ئەگەر مۇشۇ گەپلىرىڭ راس بولسا، ئەمدى بولدى قىلغىن ،ھەممىسى يەتتى ،مەن سەنسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ،سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتتىم..ئەمدى مېنى قىينىمىغىن،سەنمۇ ئېمىران بېلەن بولغان مەنىسىز تۇرمۇشۇڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بېلەن ئاجىرىشىپ كەت، مەنمۇ مۇيەسسەر بېلەن ئاجىرىشاي، خەق نېمە دېسە دېسۇن، بىز بۇ يەردىن كېتىپ،ئىكككىمىزنىڭ دۇنياسىدا بەخىتلىك ياشايلى ،مەندىن ئۆچ ئالىمەن دەپ، مېنىمۇ،ئۆزۈڭنىمۇ ،ئېمىراننىمۇ، مۇيەسسەرنىمۇ بەخىتسىز قىلىپ قويمىغىن، ساڭا يالۋۇراي جېنىم رەيھان .
-ھىم-رەيھان تاڭسىتىپ قويدى -بۇلارنى بۇرۇنراق ئويلۇشۇڭ كېرەك ئېدى فەرۇق، مېنىڭ ئىپپىتىمنى دەپسەندە قىلغان چېغىڭدا، ،ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ ئازغىنە بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ،سىڭلىڭ بېلەن توي قىلغان ۋاقتىڭدا شۇلارنى ئويلۇشۇڭ كېرەك ئېدى، ھازىر كېچىكتىڭ، بەكلا كېچىكىپ قالدىڭ ،توغرا، شۇ ۋاقىتلاردا ،مەن ئېمىراندىن راستىنلا پايدىلانغان ئېدىم ،ھەتتا مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن ،ئۇنى مەس قىلىپمۇ قويغان ئۇ چاغلاردا، پەقەت سەندىن ئۆچ ئېلىشنى ،سېنى ئازابلاشنىلا ئويلايتتىم،بىراق مەقسىتىمگە يەتكەن چېغىمدا ،ئۆزۈمنىڭ خاتالاشقانلىقىمنى بىلدىم، سېنى ئازابلىغانلىقىمدىن، سەندىن ئۆچ ئالغانلىقىمدىن ئازىراقمۇ خۇشال بولالمىدىم، ئەكسىنچە ،سەن قىلالمىغاننى قىلىپ، مېنى جۈرئىتى بېلەن نېكاھىغا ئالغان ئېمىراندەك بىر .ئەركەك ئۈچۈن قىلغانلىرىمغا قاتتتىق پۇشايمان قىلدىم،ئۇنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ،ئەرلىكى ھەم ئەركەكلىكى ئالدىدا ،ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم،بارا-بارا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا باشلىدىم ،ئۇنى سۆيگەندىن كېيىن بىلدىمكى، ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقى مۇھەممەت ئەمەسكەن، بىزنى ياخشى كۆرۈشتى دېسەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلىدىكەن، بىزنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىمىز پەقەت، بىر بىرىمىزگە قىلىنغان ئېنتايىن رەزىل بىر ھەزىلكەشلىككەن خالاس، مەن ھازىر ئېمىراننى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىمەن، ئۆزۈمنىڭ ،ئېمىراندەك بىر ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئايالى بوالالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مېنىڭ گېپىم تۈگىدى ،ئەمدى سەنمۇ ئۆز بەختىڭنى ئىزدەپ تاپ، ئەڭ ياخشىسى مۇيەسسەرنىڭ مۇھەببىتىدىن بەخىتنى ھېس قىلىپ ياشا، ئۇنداق قىلالمىساڭ، ئۆزۈڭنىڭ بەختىنى ئىزدەپ تاپ.
-ياق رەيھان ،سەن يالغان سۆزلەۋاتىسان ،ئۇنداقتا قورسىقىڭدىكى بالىمىزچۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر باشقا بىر يات ئەرنى دادا دەپ ياشامدۇ ،سېنىڭ خالايدىغىنىڭ مۇشۇمۇ، ماڭا بۇنداق قىلما رەيھان ،بۇنداق قىلساڭ مەن راسلا ئۆلۈپ قالىمەن -فەرۇق ھۆڭۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى .
-سەن خاتالاشتىڭ ،مەن ساڭا يالغان سۆزلىمىدىم ،مەن راستىنلا ئېمىراننى ياخشى كۆرىمەن ،ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئارتۇق كۆرىمەن ،بالامغا كەلسەك، ،ئۇنىڭغا كىمنىڭ دادا بولۇشى ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ دادا بولۇشى ھەممىدىن بەكىرەك مۇھىم، ،مېنىڭچە ئۇنىڭغا سەندەك بىر مەسئۇلىيەتسىز ئەرنىڭ دادا بولغىنىدىن كۆرە ،ئېمىراندەك بىر مەسئۇلىيەتچان ئەركەكنىڭ دادا بولغىنى ئەۋزەل، شۇڭا ئەمدى بۇلاردىن ئەنسىرىمە، ئەگەر سەن راستىنلا مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭ ،ئەمدى مېنى قويۇۋەت، ھەر ئىككىلىمىز ئۆز يولۇمىزغا ماڭايلى، مېنى بىر قېتىم بەخىتسىز قىلغىنىڭ يېتەر، ئەمدى يەنە بىر قېتىم مېنىڭ بەختىمنى تارتىۋالما ،بەلكىم بۇ سەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭنىڭ قازاسى ،مەن ئۈچۈن ئازابلىرىمنىڭ مۇكاپاتى بولۇپ قالار، خەيىر فەرۇق بەخىتلىك بولغىن-رەيھان ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى .
-بولىدۇ رەيھان ،ساڭا بەخىت تىلەيمەن ،بەخىتلىك بولغىن،خاتىرجەم بول سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن ،مەن ھەممە ئادەمدىن ھەممە ئىشلارنى سىر ساقلايمەن ،چۈنكى ھېلىھەم ،مەن سىنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۆرىمەن -فەرۇق رەيھاننىڭ قولىغا ئېسىلدى -مېنى ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلاپ قويغىن بولامدۇ .
-بولىدۇ، لېكىن غەيرى نېيەتتە ئەمەس، پەقەت دوستلۇق مۇھەببىتى بېلەن قۇچاقلاپ قوياي -رەيھان فەرۇقنى يېنىك بىر قۇچاقلاپ قويغاندىن كېيىن ،ئارقىغا ئۆرۈلدى -ئېمىران ،مۇيەسسەر، بۇ بۇ سىلەر بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىلەر ......
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 11:12, Processed in 0.150409 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش