شېئىر ھەققىدە
(بىر نادان بىلەن سۆھبەت)
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
سورىدىغۇ بىر نادان شېئىر يازامسىز،
زىھنىڭىزنى خورۇتۇپ يەرگە ئۇرامسز،
ئەخمەقمۇ يا نەپ چىقماس ئىشقا ئېسىلىپ،
شېئىر يېزىپ بىر ئۆمۈر نامرات ياشامسىز.
جاۋاپ بەردىم شېئىر ئۇ ئەجداد مىراسى،
ئۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ قەلىپ ياراسى،
چۈشەنگەنلەر بىلىدۇ ئوقۇپ ئۇنى ھەم،
شېئىر دىگەن قەلىبنىڭ نازۇك ساداسى
شېئىر يازسا قانچە پۇل ھەققى بېرىدۇ،
ياكى سىزگە قانچىلىك نەپى كېلىدۇ،
شېئىر يېزىپ ھېچ كىشى باي بولغان ئەمەس،
بۇ زاماندا بارچە ھەم پۇلنى بىلىدۇ.
شېئىر ئۆزى بايلىقتۇر، بايلىق جەۋھىرى،
دەرتمەنلەرنىڭ شىپاسى گويا كەۋسىرى،
تېتىپ كۆرگەن بىلىدۇ ئۇنىڭدىن پەقەت،
بىلسىڭىز ئۇ تەڭداشسىز دورا سەرخىلى.
شېئىر يېزىپ ھېچ كىشى روناق تاپالماس،
دېدى ئۇ ھەم،سېتىشقا بازار تاپالماس،
ناخشىچىنى بىلگەندەك تونۇماس ھېچكىم،
بۇ زاماندا شائىرنىڭ نامى ئاتالماس.
شېئىر گويا بىر ئوقتۇر قەلىب ۋولقىنى،
ياكى بۇلاق ئۇ يەنە دېڭىز دولقۇنى،
ھېكمىتىنى چۈشىنەر ساغلام ئەقىل ھەم،
ئۇ بىر پارچە ئۇچقۇندۇر يانار يالقۇنى.
بۇ زاماندا ھېچ كىشى شېئىر كۆرمەيدۇ،
ھەممە شۇنداق ئالدىراش ئوقۇپ يۇرمەيدۇ،
بۇ دەۋرنىڭ قارارى پۇلدۇر ھەم پەقەت،
مەلھەم ئەمەس ئۇ ياكى كۆزگە سۈرمەيدۇ.
ئىشقىم باردۇر شېئىرغا شۇڭا مەن ئامراق،
ئۇ بولغاچقا ناخشىچى سايرايدۇ ياڭراق،
شېئىر بىلەن كەڭ جاھان ئىللىق بىر گۈزەل،
شېئىر بىلەن بارچە ئەل چىقىرار بايراق.
ئاپتور:قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن