ئۈچ قاتىل
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۈچ كىشىنى بىر قاماقخانىغا يىغىپتۇ.
--ئۆلۈم ئالدىدا قانداق تەلىپىڭلار بار؟--دەپ سوراپتۇ ئىجراچى.
مېنىڭ--دەپتۇ بىرىنچى قاتىل -بىر چىنە گۈلە سالغان ئۇماچ ئىچكۈم بار .
ماڭا -دەپتۇ ئىككىنچى قاتىل-قەغەز-قەلەم بەرگەن بولسىڭىز ،ۋەسيەتنامە يېزىپ قويسام.
مېنىڭ -دەپتۇ ئەڭ ئاخىرقى قاتىل-مېنى يىغلىتىدىغان بىر مۇزىكا ئاڭلىغۇم بار.
بۇنى ئاڭلىغان ئىجرا قىلغۇچى ئىككىنىچى قاتىلدىن باشقىلارنىڭ تەلىپىگە ھەيران قاپتۇ.
-نېمانداق قالايمىقان تەلەپ بۇ ؟ئۆمرۈمدە 30يىل مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلدىم .لېكىن بۇنداق بىمەنە تەلەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.
ئۈچ جىنايەتچى بىر - بىرىگە ئېغىر ئۇھسىنىش ئىچىدە قارىۋەتكەندىن كېيىن، بىرىنچى قاتىل مۇنداق دەپتۇ:
مەن دېھقان ئىدىم . ئىككى خوشنام ئۇرۇشۇپ قالغان ئىدى ،مەن ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئارىغا كىردىم .ئېھىتىياتسىزلىقتىن بىرسنى تارتىۋىدىم ،ئۇ يىقىلىپ كەتتى. يەنە بىرى كېلىپ ئۇنى ئۇرىۋالدى،شۇنىڭ بىلەن تاياق يىگىنى ماڭا :
-خەپ توختا! مەن ئۆچۈمنى ئالىمەن !-دېدى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇلار ئۈچ ئاكا-ئۇكا بىرلىشىپ ئۆيۈمگە كېلىپ ، ئايالىم ۋە بالامغا تەھدىت سېلىپ كېتىپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۆيگە كىرىپ چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم.لېكىن ئۇلار ماڭا يول بەرمەي، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلا بولىدىكەن ، بۇ يۇرتتا ماڭا ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە ياخشى كۈن يوقلىقىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدىم .
نېمانداق ساددا ئادەمسەن؟-دەپتۇ ئىجرا قىلغۇچى-مۇشۇ نەچچە ئېغىز گەپكە ئادەم ئۆلتۈرگەن بارمۇ؟
مەن ۋە ئايالىم يىتىم ئىدۇق.مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر دەككە-دۈككىدە ئۆتۈشنى خالمايمەن .سىزنىڭ مال-مۈلكىڭىز تەھدىدكە ئۇچرىسا ،مال -مۈلكىڭىزنى كۆيدۈرىۋېتەمسىز ياكى تەھدىد سالغۇچنى تۇتامسىز؟
ئىجرا قىلىغۇچى دەمالىققا بىر نەرسە دېيىشنى بىلەلمەپتۇ. ئىككىنىچى قاتىلغا قاراپتۇ..
مەن-دەپتۇ ئىككىنچى قاتىل-بىرخىمىيە ئالىمى ئىدىم .مەن بەش خىزمەتدىشىم بىلەن بىرخىل سۇيۇقلۇقنى ياساپ چىقتۇق. بۇئارقىلىق بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى بىر ئايدىلا ھوسۇل ئېلىش ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولاتتى. لېكىن ئەڭ ئاخىرى مەن بىر نەرسىنى بايقىدىم .يەنى، بۇ سۇيۇقلۇققا يەنە بىر خىل جىسىمنى ئارىلاشتۇرسا ، ھازىرقى ئاتومدىن ھالقىغان پارتلاش كۈچىگە ئىگە بومبىغا ئايلىنىدىكەن. بۇنى خىزمەتداشلىرىم بىلىپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىش قارارىغا كەلدىم .ئۇنى شۇكېچىسلا پارتلىتىۋەتتىم. لېكىن مەن ھايات قېلىپ ، شۇ ئەتراپتىكى بىر نەچچە كىلومېتىر دائىرىدىكى ھەممە كىشى ئۆلدى.
سەنمۇ نىمانچە دۆت !-دەپتۇ ئىجىرا قىلغۇچى -شۇ نەچچە كىشىنىلا ئۆلتۈرسەڭلا بولمىدىمۇ؟
مەنمۇ شىۇنداق ئويلىغان .لېكىن بىر خىزمەتدىشىم شۇكۈنى ئۆيىگە كېتىپ قاپتىكەن .لېكىن يەنىلا ئۆلۈمغۇ؟پەرقى بارمۇ؟
ئىجرا قىلغۇچى ئاچچىق كۈلۈپ، ئاخىرقى قاتىلغا قاراپتۇ.
مەن دەپتۇ-ئۈچىنچىسى-مۇزىكانت ئىدىم .ئالدىنىقى ھاكىمىيەت ئۈچۈن دۆلەت ناخشىسىنى ئىجاد قىلىپ بەردىم .شۇنىڭ بىلەن ئۇتۇق قازاندىم .لېكىن ھاكىمىيەت ئالماشقاندىن كېيىن ئۇلارمۇ مېنى يەنە شۇ ئىشنى قىلىشقا بۇيرىدى .لېكىن قانچە قىلىساممۇ ئالدىنىقىسىدەك ياخشى قىلالمىدىم.چۈنكى مەن بۇرۇن ئۆز خەلقىمنىڭ ناخشىلىرىنى ئۆزگەرتىپلا يازاتتىم .لېكىن ،كېيىن مەن باشقىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئۆزگەرتىپ يازسام بۇلارغا ياقمىدى .ئۆز خەلقىمنىڭ ناخشىلىرى تۈگىگەن ئىدى .شۇنىڭ بىلەن مەن دۆلەت خائىنى ئاتالدىم .بۇرۇن مەن تار يولغا قىسىتىغان كىشلەر ماڭا تۈمەنمىڭ جىنايەتلەرنى ئارتتى. بۇرۇن مەن كۈچلۈك ئىدىم ..لېكىن ھازىر... قاتىل يىغلاپ تاشلىدى ...
ئىجرا قىلغۇچى ئېغىر ئۇھ تارتىپ چىقىپ كەتتى ...