- تىللا
- 250
- تۆھپە
- 154
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
- جۇغلانما
- 712
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-19
- تىزىملاتقان
- 2012-8-31
- UID
- 25911

- تىللا
- 250
- تۆھپە
- 154
- UID
- 25911
|  |  |  |  | «ئانا ۋە بالا»ئوپىراسى توغرىسىدا 
(بۇ ئوپىرانى شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى 1982-يىلى ئورۇنلىغان بولۇپ، خەنزۇچە تىياتىردىن ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن.) ئاساسلىق روللاردا: ئەكرەم-مەخمۇت ھامۇت.ھاۋاخان-پاتىخە مالىك. ئەكرەمنىڭ دادىسى-ھەيتەم ھۈسەن.رازىخان-زۇنۇنقىز ھىلاخۇن، مايسىخان-ئاپرىل سەمەت. غەيرەت-تۇرسۇنجان زۇنۇن. جۈرئەت-ئابدۇكىرىم باقى قاتارلىقلار ئوپىرانىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: ئەكرەمنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ چوڭ ئانىسى-رازىيخان بىلەن دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولىدۇ.كۈتمىگەندە ئەكرەم سىرتتىكى يامان بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىپ، يانچۇقچىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئارىلىقتا دادىسى ئۆزىنىڭ ئىدارىسىدىكى ئاقكۆڭۈل ئايال-ھاۋاخان بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. ھاۋاخان بۇ ئۆيگە قىزى- ئاسىيەنىمۇ ئېلىپ كىرىدۇ. ھاۋاخان بۇ ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگەندىن بۇيان ئۆي ۋە سىرتنىڭ ئىش-كۈشلىرىنى تىنىم تاپماي ئىشلەپ، رازىيخاننىڭ ياخشى كۆرىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئەكرەمنىڭ تۈرمىدىكى ۋاقتى توشۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. يولدا كەلگۈچە مەھەللىدىكى غەيۋەتچى خوتۇن-مايسىخانغا يولۇقۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ توي قىلىپ، ئەكرەمگە بىر ئۆگەي ئانا تېپىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەنە بىر قىزىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى رازىخاننى خارلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەكرەم بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئاچچىقلانغىنىدىن قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆيىگە كىرىپ، چوڭ ئانىسىنى كۆرۈپ، ئۆز ئانىسىنى ياد ئېتىپ كۆز يېشى قىلىدۇ. ئەمما ھاۋاخان بىلەن ئاسىيەنى كۆرۈپ ئۇلارغا قاتتىق سوغۇق مۇئامىلىدە بولىدۇ. ھاۋاخان ئەكرەمگە ئىزچىل كۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزىدۇ. ئەمما ئەكرەم ھاۋاخانغا گۇمانى نەزىرى بىلەن قارايدۇ. ئەسلىدە بۇرۇن ئەكرەم ھاۋاخاننىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، پۇلىنى ئوغۇرلاش جەريانىدا قولىنى يارىلاندۇرۋالغان بولۇپ، قولى ھازىرغىچە تارتۇق بولۇپ ساقىيىدۇ، ئەمما بۇ ئىشنى كىم قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەكرەم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل يامان بالىلار بىلەن ئارىلاشمىغان بولسىمۇ، كېيىن يەنە ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ. بىر قېتىملىق يانچۇقچىلىق قىلىش جەريانىدا ساقچى يېتىپ كەلگەندە غەيرەت ئوغۇرلىغان پۇلنى ئەكرەمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ھاۋاخان بۇ يەرگە كېلىدۇ. ساقچىلار ئەكرەمنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، پۇلنى تېپىۋىلىپ، ئەكرەمنى «يانچۇقچى» دەپ قاراپ قولغا ئالماقچى بولىدۇ. ھاۋاخان غەيرەت قاتارلىقلار بىلەن سىردىشىپ ئاخىرى پۇلنى غەيرەتنىڭ ئالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ئەكرەم ئاقلىنىپ، مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. ھاۋاخان ئەكرەمنى ئۆز ئوغلىدىنمۇ چارە كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزىدۇ. ئاخىرى بۇ ئائىلە ھاۋاخاننىڭ تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئىللىق ئائىلىگە ئايلىنىدۇ.ھاۋاخان ئۆزىنى يارىلاندۇرغان كىشىنىڭ ئەكرەم ئىكەنلىگىنى بىلىپ، ئۇنى كەچۈرىدۇ. بۇ ئوپىرا ئۇيغۇر 12مۇقامى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئوپېرا بولۇپ، ئاكتىيورلاردىن مەخمۇت ھامۇت، ھەيتەم ھۈسەن، پاتىخە مالىك قاتارلىق سەنئەتكارلار ئىجابىي پىرسوناژلار رولىنى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ئۆچمەس ئوبرازلارنى قالدۇرىدۇ. ئابدۇكېرىم باقى، تۇرسۇنجان زۇنۇن، ئاپرىل سەمەت قاتارلىق چولپانلىرىمىز سەلبىي رولنى ئۆزگىچە ماھارىتى بىلەن ئورۇنداپ، جەمئىيەت داشقاللىرىنىڭ ئوبرازىنى روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تاماشىبىنلارنىڭ بۇ ئوپېرانى بىر قىتىم كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 27-سىنتەبىريېزىلدى.قەشقەر








|  |  |  |  |
|
|