خالتىلىق سۈتنى بىۋاستە ئىچمەڭ
نۇرغۇن كىشى قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن خالتىلىق سۈتنى بىۋاستە ئىچىدۇ ، لېكىن بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق . چۈنكى خالتىلىق سۈتنى بىۋاستە ئىچكەندە خالتا سىرتىدىكى بىر قىسىم باسمىغا ئىشلىتىدىغان مايلار چىش ئەتراپى ۋە ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرۇپ قېلىپ ، قىسمەن ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان ماي ئاساسلىقى بوياق ماتېرىيالى بولۇپ ، تەركىبىدە مېتال ھەم فېنلامىن تۈرىدىكى ماددىلارمۇ بار ، بۇ ماددىلار ئادەمنىڭ نېرۋا ، قان ھاسىل قىلىش ھەمدە كۆپىيىش سېستىمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ . شۇڭا خالتىلىق سۈتنى ئامال بار بىۋاستە ئىچمەسلىك كېرەك . ئەگەر بىۋاستە ئىچىشكە توغرا كەلسە ، نەيچە بىلەن ئىچىش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، خالتىلىق يېمەكلىك تاللىغاندا سىرتقى ئورالمىسى ۋە پۇرىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك ، چۈنكى سۈپەتلىك باسما ماي ئىشلىتىلگەن بولسا پۇراقسىز ، ئاسان رەڭگى ئۆچمەيدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى