كۆرۈش: 27608|ئىنكاس: 21

ئۈندىدار كەلتۈرۈپ چىقارغان قانلىق پاجىئە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
162
تۆھپە
27
UID
5457
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 19:04:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈندىدار كەلتۈرۈپ چىقارغان قانلىق پاجىئە



    سۈيجۇلىق ئايال شاۋ لىڭ يېڭى ئېقىمغا ئەگىشىپ ئۈندىدار (微信) ئويناپ بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە ئەرنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ قارىغان. بىراق بۇ ئەڭ يېقىن دوست شاۋ لىڭغا ئاشىق بولۇپ قىلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بۇزماقچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن بىر پاجىئە كېلىپ چىققان يەنى شاۋ لىڭ بىلەن يولدىشى ۋىن خۇا بىرلىشىپ بۇ ئائىلىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان بۇ ئەرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. تۈنۈگۈن سۈيجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زىڭدۇ تارماق ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئون كۈندىن ئارتۇق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئەر-ئايال جىنايەت  گۇماندارىنى قولغا ئالغان.
     31 ياشلىق شاۋ لىڭ سۈيجۇ شەھىرى سۈيشيەن شىنجى بازىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ، سۈيجۇ شەھەر رايونىدىكى مەلۇم پۇت يۇيۇش ئورنىنىڭ مۇلازىمەتچىسى ئىكەن. يولدىشى ۋىن خۇا سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن. بۇ يىل 4-ئايدا خىزمىتى ئانچە ئالدىراش بولمىغان شاۋ لىڭ باشقىلاردىن ئۈندىدار ئويناشنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق لى گۇچىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار ناھايىتى چىقىشىپ قالىدۇ ھەم يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ. لى گۇچىڭ شوپۇر بولغاچقا داۋاملىق شاۋ لىڭنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەرەققىي قىلىپ لى گۇچىڭ شاۋ لىڭغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ لى گۇچىڭ شاۋ لىڭغا چاپلىشىۋېلىپ ئۇنى يولدىشىدىن ئاجرىشىپ ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا قىستايدۇ. شاۋ لىڭ ئىزچىل لى گۇچىڭنى رەت قىلىدۇ.
    8-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا شاۋ لىڭنىڭ يولدىشى ۋىن خۇا ئايالى بىلەن لى گۇچىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى بايقاپ قىلىپ شاۋ لىڭدىن ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى سۈيجۇغا قايتىپ كېلىدۇ. 8-ئاينىڭ 23-كۈنى لى گۇچىڭ شاۋ لىڭ بىلەن بىللە سۈيجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا ياتاق ئاچىدۇ. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شاۋ لىڭ مېھمانخانىدىن ئايرىلغاندا لى گۇچىڭ شاۋ لىڭنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. شاۋ لىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە لى گۇچىڭنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى بىلىپ قىلىپ لى گۇچىڭ بىلەن ئۇرۇشىدۇ. ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان ۋىن خۇا سىرتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كېتىپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە لى گۇچىڭ بىلەن مۇشتلىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئايالى شاۋ لىڭ بىلەن بىرلىشىپ لى گۇچىڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
     8-ئاينىڭ 25-كۈنى تاڭ سەھەردە ۋىن خۇا بىلەن شاۋ لىڭ لى گۇچىڭنىڭ ماشىنىسىغا جەسەتنى سېلىپ سۈيشيەن چاڭگاڭ بازىرىدىكى مەلۇم سەيلىككە تاشلاپ قويىدۇ. ئاندىن لى گۇ چىڭنىڭ ماشىنىسىنى سۈيجۇ شەھىرى جەنۇبىي شەھەر رايونىدىكى مەلۇم زاۋۇتنىڭ ئولتۇراق رايونىغا توختىتىپ قويىدۇ. شاۋ لىڭ بىلەن ۋىن خۇا ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن گۇاڭجۇغا قېچىپ كېتىپ يوشۇرۇۋالىدۇ.
    8-ئاينىڭ 24-كۈنى لى گۇچىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر لى گۇچىڭنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي سۈيجۇ شەھىرى زىڭدۇ رايونى دۇچىڭ ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلىدۇ. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق شاۋلىڭ بىلەن  ۋىن خۇانىڭ ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ.


                                مەنبەسى:---جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
59
تۆھپە
13
UID
23696
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 21:08:27يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىلىرمىزقالتىس..


Rank: 1

تىللا
59
تۆھپە
13
UID
23696
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 21:08:46يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىلىرمىزقالتىس..


Rank: 6Rank: 6

تىللا
545
تۆھپە
256
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 23:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىكارچىلار ئوينايدىغان ئۈندىدار بىلەن مېنىڭ ئانچە خوشام يوق.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
206
تۆھپە
78
UID
444
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 00:50:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مېنىڭچە، ئالاقىدە دىدار ئەمەس، ئۈنلا بولسىمۇ كۇپايە، ئارتۇقى-ھامان ئارتۇق!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
965
تۆھپە
615
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 11:54:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇ ئۈندىدار دىگەن بارغانچە دىدار غەنىمەت بولۇپ قالامدۇ نىمە


Rank: 6Rank: 6

تىللا
420
تۆھپە
214
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:53:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكارچىلار ئوينايدىغان ئۈندىدار بىلەن مېنىڭ ئانچە خوشام يوق.بۇ دۇرۇس گەپ بولۇپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
983
تۆھپە
273
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 23:50:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلار ھىچكىم ئۈلۈك ئىتنى تەپمەيدۇ . ياخشىراق ئويلاپ باقايلى !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1014
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 21:33:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچىلىرىمىزدىن بەكىرەك ھەممە يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساقچى مۇشۇك(تېلكامىرا)قالتىسمىكىن دەيمەن. چۈنىكى گۇڭجۇ سەپىرىدە مۇقەرەر كىملىكى ۋە سۈرتى نەچچە يەردە ئاپپاراتنىڭ يوقلىمىسىدىن ئۆتۇپ بولىدۇ.


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
رۇقىيە
تىللا
162
تۆھپە
76
UID
27169
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 15:08:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پايدىلىنىشنى بىلگەنلەر ئۈچۇن ئۈندىدارنىڭمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار مەن كۆپ چاغلاردا ئۈندىداردىن پايدىلىنىمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:28, Processed in 0.082634 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991