ھېجرانلىق سۆيگۈ
ھېكايە
ئاخسا شۇم
مۇقەددىمە ئورنىدا
ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان ھەم بىلىشنى خالىمايدىغان بىر سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتىم ، بىراق شۇ سوئالنىڭ ئۆزىنىمۇ بىلمەيتتىم . بىر خىل قايمۇقۇش ، گاڭگىراش ، ياتسىراش ھېسلىرى مېنى قاپلىماقتا . ئىككى كىشلىك ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز ياتاتتىم ، ئۆي ئىچىنى قىزغۇچ يۇرتۇپ تۇرغان چىراق ، ئۇدۇلغا قويۇلغان 24 دىيۇملۇق رەڭلىك تىلىۋىزور ، يان تەرەپكە قويۇلغان كۈلدان ، كىچىككىنە ئىككى دانە ئىستاكان ، ئىككى تەخسە ، كارۋاتنىڭ يان تەرپىگە قويۇلغان نوقۇت رەڭلىك ئىككى سافا ، سافانىڭ يېنىغا قويۇلغان ئىككى كىشلىك ئۈستەل ، ئۈستەل ئۈستىدىكى گۈلدانغا سېلىپ قويۇلغان بىر تال غۇنچە ۋە يەنە بىر تال پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىرگۈل .ياتاق ئىچى شۇنچە ئاددىي ياسالغان بولسىمۇ ئازادە ۋە ئىللىق تۇيغۇ بېرەتتى ، بىراق مەن شۇ ئىللىق ۋە ئازادە مۇھىت ئىچدە ھەم قىسىلماقتا ھەم توڭلىماقتا ئىدىم .
ھەممە نەرسە كۆزۈمگە مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ، مېنى يەكلەۋەتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم ، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ مېنى يەكلىمەيدىغان ئاشۇ ئەسلىمىلەر قوينىغا شۇڭغۇماقچى ھەم ئەركىلمەكچى بولاتتىم ، ئۇنىڭ قوينى نەقەدەر ئىللىق نەقەدەر خۇشاللىق ، نەقەدەر ئازادە ھە ! ئەگەر شۇ ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشيالىغان بولسا قانچىلىك ياخشى بولغان بولاتتى ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ھەر قانداق بىر ئادەم ھەم مەۋجۇدات ئاجىزلىق قىلسا كېرەك .
شۇنداق يەڭگىل ۋە ئازادىلىك ئىچدە ئەسلىمىلەر قوينىدا ئەللەيلەنمەكتە ئىدىم .....
1
ئانامنىڭ ، دادامنىڭ تاماق ئۈستۈلىدە ماڭا بۇ گەپتىن ئېغىز ئېچىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئۇلارغا ھەم ھەيرانلىق ، ھەم قىزىقش ، ھەم خىجىللىق ئىلكىدە قارايتتىم ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە بولسا مەن مەنىسىنى ئۇقمايدىغان بىر خىل كۈچلۈك نۇر چاقنايتتى .
- ئانا ، بۇ تۇيۇقسىزلا بۇ گەپنى دەپ قالدىڭلارغۇ ؟
- بىزنىڭمۇ نەۋرە كۆرگىمىز بار – ئانام ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇشىغا دادام گەپ باشلىدى
- قاچانغىچە بويتاق دىگەن لەقەمنى بوينۇڭغا ئارتىپ يۈرۈيسەن ، ئاڭلىسام بىر قىز بىلەن بىر يەردە تۇرغىنىڭنى كۆرگەنلەرمۇ يوقمىش ، سەندە چاتاق يوقتۇ ھە ، يېققىندا ژورناللاردا مۇشۇ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىششى كۆپىيىپ قاپتىمىش .....
- توۋا دەڭلا دادىسى ، نەدە گەپنى دەيتىكەنسىلە .
- ھوي نەدە دىگەن گەپ ئەمەس ، ژورنالدا دىگەن گەپ ئۇ ...
- دىمىسىمىغۇ تىلىۋىزورلاردىمۇ ساپلا شۇ گەپ – ئاناممۇ ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويدى .
- ئانا ، دادا – ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ماڭا قارىدى ، گەپنى زادى قانداق دىيىشنى بىلمەيتتىم ، راستتە دوسلۇرۇمنىڭ ئالدى توي قىلىپ بىردىن باللىرىنى يۆتلەپ يۈرسە ، ئاتا – ئانامنىڭمۇ مەندىن ئەنسىرىشى ئېنىق دە !
ھەي ، ھازىرغا قەدەر مەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدىغان شۇ سېستىرا قىز بالىلارغىمۇ قىزارماي تۇرۇپ بىر-ئىككى ئېغىز چاخچاقنى قىلالمايدىغان بىر ئوغۇل بالىنى سىرىتلاردا قىزلار بىلەن يالغۇز تۇرۇپتۇ دىسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ دە !
- قانداق ، كۆڭلۈڭدە بېرەر قىز بارمۇ ؟
بېشىمنى قاشلىدىم ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزلىرىمنى ئەپ قېچىشقا مەجبۇر ئىدىم ، بۇ سۇئال خۇددى بىرى مەندىن جان تەلەپ قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى .
- ياق ....- قىزاردىم ، خۇددى ئاتا ئانامنىڭ ئالدىدا ئۇياتلىق بىر ئىشنى قىلىپ قويغاندەك خىجىل بولاتتىم ، ئۇلار مەندىن كۈتكەن جاۋابنى ئالغاندەك بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراشتى . ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن يەنە قانداق مەنانىڭ چىقىدىغنى ماڭا سىر ئىدى .
دادام ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ئاندىن ئانامغا قاراپ
- بولدى ئانىسى مۇشۇ شەنبىگە ھېلقى قىز بىلەن كۆرشۈشكە ماقۇل بولدى دىگەن جاۋابنى بېرىڭلار ، ئوغلۇمىزدىن خاتىرجەم بولسۇن – ئۇ گەپ ئارلىقىدا ماڭا قاراپ – ئەمسە ئوغلۇم توي ئىششىڭنى بىز بېكتىمىز ، بىز ساڭا لايىق تېپىپ قويغان ئالدىمىزدىكى شەنبە ۋاقتىڭ باردۇ ؟
- دادا...- بۇلارنىڭ مەندىن بۈگۈن نىمىشقا جاۋاپ ئالغۇسى كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم – مەن دوختۇر ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، قانداق ۋاقىتتا ئوپراتسىيە بولدىغىننى بىلمەيمەن – ئانام ماڭا خاپا بولغاندەك قاراپ قويدى – بىراق ۋاقتىم چىقسىلا چوقۇم بارىمەن – ئاخىرقى گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاناممۇ داداممۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇشتى .
ياستۇقنى قۇچاقلاپ ياتتىم ، ئۆز-ئۆزۈمگە كۈلگۈم كېلەتتى ، نىمىشقىكىن خىيال دېڭىزى مېنى تارتاتتى . تولۇق ئوتتۇردىكى مۇھەببەتنى كىچىكلىك ، شوخلۇق دەپ شۇنداقلا ئارلاشقان ، ئايرىلغان بولسام ، ئالىي مەكتەپتە ياتاق ، سىنىپ ئاشخانا ئارسىدىكى ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقىرالمىغاندەك شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم ، مانا خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلمۇ بوپتۇ ، دوختۇرخانىدىكى بەزى قىزلارنى كىچىك دىسەم بەزىلىرىنى مۆڭ دەپ خىزمەتداشلىرىم بىلەن چاخچاقلىشىپ دىگەندەك ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم .
بۈگۈنكى قىلغان ئىششىم بىر تۇتۇپ كاللامدىن ئۆتسە يەنە بىر تۇتۇرپ كاللامدىن ئۆتمەيتتى ، قىز بالا بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى كۆرشۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ ، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىشقا چاخچاق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدىم . ئەمدىكى مەسلە ھاياتىمدىكى شۇ چوڭ قىماردا ئۇتتۇرۇش ياكى ئۇتۇش مەسلىسى بوپ قالدى . مېنىڭ بۇ قېتىمقى قىماردا ئۇتۇشۇمدىن ئۇتتۇرۇشۇم كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەللىسىمۇ ئويناشنى قارا قىلدىم ، ئەگەر شەنبە كۈندىكى ئۇچۇرشۇشقا بارالاپلا قالسام بۇ قېتىمقى توينى چوقۇم قىلىمەن . مانا بۇ مېنىڭ دوغا تىككەن ھاياتىم .
تەقدىرنىڭ بەلكىم بىر كۆزىنى ماڭا چىڭ يۇمغان چېغى ، ئۇچۇرۇشۇشقا بارالمىدىم . ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتتىم .
پۈتۈن زېھنىم ئوپراتسىيە ئۈستىدىكى كىشىنىڭ ھاياتنى قۇتقۇزۇشلا ئەمەس ، ئۇنى ئەڭ مۇككەممەل ھالەتتە ساقلاپ قېلىشقىلا مەركەزلەشكەن ، قولدىن-قولغا ئۆتۈۋاتقان ئوپراتسىيە پىچاقلىرى ، ئوپراتسىيە قايچىللىرى ، قېپقىزىل قانغا بويالغان پاختىلار ، كېسىلگەن تىرىلەر .
- نىمە ئىش بۇ ...- ماڭا قايچا سۇنغان ياردەمچى قىزغا ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىدىم ، ئۇ جىددىيلەشكىنىدىن بولسا كېرەك ماڭا قايچىنى تەتۈر سۇنغان ئىدى . كۆزلىرىدە بىر خىل قورقۇمسىراش ، جىددىيلىك ، خىجىللىق چىقىپ تۇراتتى .
ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوپراتسىيە قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم ، چېكىللىرىمدىن تەر قۇيۇلماقتا ... قوللۇرۇمدا يەنىلا پىچاق بىلەن قايچا توختىماستىن ئايلانماقتا .
ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى ، ئوپراتسىيەدىن كىيىن يىغىن بارلىقىنى ئۇختۇرۇپ قايتقان بۆلۈم باشلىقى مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ئەكىردى .
- ئوپراتسىيە ۋاقتىدا چېچىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلمەمسىز ؟ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۈگۈنۈڭ .
- بىراق .....
- نىمە بىراق – ئۇ كۆزەينىكىنى سەل ئۈستىگە قىلىپ – بىزمۇ ياش ۋاقىتلىرىمىزدا شۇنداق ئىدۇق ، سېستىرا ، ياردەمچى دوختۇر دىگەنلەرنى كۆزگە ئىلمايتتۇق ، ئۇلار بېرەر ئىشنى خاتا قىلسا چېچىلاتتۇق .
- ئۇ قىز ماڭا قايچىنى تەتۈر بەردى
بۆلۈم باشلىقى كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى ھېلقى قىزنى زاڭلىق قىلۋاتقانلىقنى بىلمەيتتىم . ئۇ كۈلكىسىدىن مىڭ بىر جاپادا توختاپ ماڭا قاراپ
- بولدى ، ئىشخانىڭىزغا قايتىڭ ، ھېلقى قىزدىن بولسا كەچۈرۈم سوراپ قويۇڭ .
بۆلۈم باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ ئىشخانامغا ماڭدىم ، ئىشخانامغا كىرىپ بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ دېرىزە سىرتىغا قارىدىم .
ياپيېشىل دوختۇخانا ھويلىسى ، جىمجىت يوللار ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى ، خىيال دېڭىزىغا تارتاتتى ، بىراق بىز دوختۇرلارنىڭ خىيال قىلغۇدەك ، خىيالدىن ئېرىشكۈدەك يەنە نىمىمىز بار ، ئويلايدىغىنىمىز كىينكى ئوپراتسىيە قانداق ئوپراتسىيىدۇ ؟ بايقى ئوپراتسىيەدە قەيەرنى قانداق قىلىپ قالدىم دىگەندەك يەنە شۇ خىزمىتىمىزگە ئائىت خىياللار .
ئىشىكنىڭ يەڭگىل چېكىلىشىدىن قولۇمدىكى تاماكىنى ئۆچۈرۈپ كۈلدانغا باستىم ۋە ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ قولۇمغا بىر كېسەللىك خاتىرىسىنى ئالدىم ۋە
- كىرىڭ – دەپ ئىشىك سىرتىدىكى ئادەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلدىم
ئىشكىتىن ياش جەھەتتە 23-24 لەردە بار بىر سېستىرا كىرىپ كەلدى .
- نىمە ئىش ئىدى ؟
ئۇ ماڭا قىزارغىنىچە قاراپ تىرنىقىنى تاتلىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن بىر ئىشنى دىيىشتىن خىجىل بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ، بىراق بۇ قىزنى مەن كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام نىمدىن خىجىل بولدىغاندۇ ؟
- بايا ئوپراتسىيەدىكى ئىشتا مەن خاتا قىپتىمەن ، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىمەن .
- بايا ... ئوپراتسىيە ؟ .... – بېشىمنى يەنە قاشلىدىم ، ئۇنىڭ يەڭگىل كۈلكىسى ئاڭلانغاندىلا ئاندىن كىچىك بالىدەك ، دادام بىلەن ئانام ئالدىدا كۆنۈپ قالغان يەنە شۇ بېشىمنى قاشلايدىغان قىلىقنى قىلىپ قالغانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىپ قولۇمنى بېشىمدىن چۈشۈردۈم ، شۇندىلا بايقى ئوپراتسىيەدىكى قايچا خاتالىقى يادىمغا كەلدى – ھە شۇ ئىشمىدى ، ھېچقىسى يوق ، ھەممەيلەن خاتالىشىپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ ؟ مەنمۇ ئوپراتسىيە ئۈستىدە سىزگە چېچىلىپ قالدىم ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە !
- يېڭى ئوپراتسىيەگە كىرىشىم ئىدى ، شۇڭلاشقا سەل جىددىيلىشىپ قالغاچقىمىكىن شۇنداق بولۇپ قالدى ، بۇندىن كىيىن كۆپرەك ئاتدارچلىق قىلارسىز !
- ھە بولىدۇ ، بۇندىن كىيىن يولۇققان مەسىلىلەر بولسا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ .
ئۇ ماقۇل دىگەن مەندە بېشىنى لىڭىشتىپ كۈلۈپ قويدى ، كۈلگندە پەيدە بولغان زىناقلىرى ئۇنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ، ئۇرۇق يۈزىگە تولىمۇ ماسلاشقان ئىدى ، شۇ ۋاقىتتىلا مەن ئۇنىڭغا قايتا بىر سەپسېلىپ قاراپ چىقتىم .
كۆزلىرى چوڭ بولمىسىمۇ بىراق ئادەمگە بىر خىل ئىللىقلىق بېغىشلايتتى ، قاشلىرى تېرۋالغۇدەك بولمىسىمۇ ئالدىغا تاشلىنىپ تۇرغان چاچلىرى ئارسىدىن بىلىنەر بىلىنمەي كۆرنۈپ تۇراتتى ، بۇۇرنى ئاشۇ يۈزىگە قايسى بىر سەنئەتكار ئويۇپ قويغاندەك شۇنداق ماس كەلگەن ئىدى ...
- ئەمسە باشقا ئىش بولمىسا مەن چىقاي .
ئۇ شۇنداق دىگەندىلا ئاندىن ئېسىمگە كەلدىم ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل خىجىللىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى . مەنمۇ چاندۇمايلا
- بولىدۇ ئىششىڭىزغا بېرىۋېرىڭ بايقى ئىشنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ھە .
- ماقۇل – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى .
قولۇمدىكى دەپتەرنى ئۈستەل يۈزىگە پاققىدە تاشلىدىم دە يانجۇقۇمدىن يەنە بىر تال تاماكىنى ئېلىپ تۇتاشتۇردۇم . دېرىزە سىرتىغا قاراپ يەنە ئاللىقانداق خىياللارنى سۈردۈم . شۇندىلا بۈگۈنكى ئۇچىرىشىش يادىمغا كېلىپ ئۆيگە تىلفۇن قىلدىم .
- ئانا ، ئوپراتسىيە بولۇپ قالغاچقا بارالمىدىم ،
- چۈشۈنىمەن ئوغلۇم ، ئوپراتسىيە قانداق بولدى .
- ئوڭۇشلۇق بولدى ئانا ،
- ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىلا ياخشى ، باشقا ئىشلارغا زېھنىڭنى بەك چاچما . كەچتە كەلگەندە كۆرشەيلى .
- كەچتە كۆرشەيلى .
تىلفۇننى قويدۇم ، ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ قىماردا ئۇتتۇممۇ ياكى ئۇتتاردىممۇ بىلمەيمەن ، بىراق ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭەىل ھېس قىلدىم ، ئاناممۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىمۇ شۇ گەپنى قىلاتتى ، ‹‹باشقا ئىشلارغا زېھنىڭنى چاچما ››شۇ گېپىنى ئاڭلىساملا خۇددى بىر ئىشنى قىلالمىغاندەك ياكى قىلالمايۋاتقاندەك ھېسياتتا بوپ قالاتتىم .
2
كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقىممۇ كەلمىدى ، قايتسام يەنە شۇ ئاچچىقى يامان دادامنىڭ سېسىق گېپىنى ئاڭلىشىم ئېنىقلا ئىدى . بازار ئايلانغاچ شەھەرنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىدىم ، كەيپىياتىمنى تەڭشىيەلمىگەن ياكى ئوپراتسىيە تازا كۆڭلۈمدىكىدەك چىقمىغان ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق سىرىتلارنى ئايلىنىشنى ، دوسلۇرۇم ياكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن سۇغا چۈشكىلى بېرىشنى ياخشى كۆرەتتىم ، بىراق بۈگۈن نىمىشقىكىن يەنىلا بازار ئايلانغۇم كېلىپلا تۇراتتى .
- زۇليار دوختۇر !
كەينىمدىن بىر قىزنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، قارىسام بايقى سېستىرا قىزكەن ، مەن ئىسمىنى بىلمىگەچكە تۇرۇپلا قالدىم .
- ھە ... بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتسىز ؟
- ئۆيگە كىرسەممۇ بىكارچىلىق ، قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يوق ، ئاتا-ئانامنىڭ قاش قاپقىغا قاراپ ئولتۇرغۇچە ئوپراتسىيە باركەن دەپ كەچرەك قايتمامدىم .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىم بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشۇشۇپ كېتەتتى ، شۇڭلاشقىمىكىن بۇ قىزغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم .
- سىزچۇ ؟ ئايالىڭىز ئۆيدە ساقلاپ قالغاندۇ ھەقىچان – ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا قىزىرىپ كەتتىم . خۇددى بۇ سۇئالىمۇ مەندىن جان تەلەپ قىلىۋاتقاندەك جاۋاپ بېرىش شۇنداق قىيىن سۇئالدەك تۇيۇلماقتا ئىدى .
- مەن .... مەنمۇ تېخى بويتاق – خۇددى باشلانغۇچتا پىئونىرلار بوينىغا ئاسقان گالاستۇكتەك قىزاردىم .
- ھە – ئۇمۇ ئارتۇقچە سۇئالنى سوراپ قالغاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
بىر نەچچە مىنۇت بىللە ماڭغان بولساقمۇ بىر ئېغىز سۆز قىلىشمىدۇق ، پەقەت بىر-بىرمىزگە كۆزىمىزنىڭ ئۇچىدا بېقىشىشلار .
- ئىسمىڭىز نىمۇ ؟ مەن تېخى بۇنىمۇ بىلمەيمەن
- زۇلفىرە – ئۇ ئىسمىنى شۇنداق چىرايلىق دېدىمۇ ياكى بۇ ئىسىم ماڭا شۇنداق چىرايلىق ئاڭلاندىمۇ بىلمەيمەن ، بىراق ئۇنىڭ ئىسمى ماڭا شۇنداق چىرايلىق بىلىندى .
- چىرايلىق ئىسىمكەن .
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ، ئۇياق – بۇياقتىن بىردەم پاراڭ سېلىشقاندىن كىيىن ئىككىلىمىز ئايرىلدۇق .
‹‹ ھەي دۆتلىكىمنى ، ئاپرىپ قويساممۇ بوپتىكەن ، بوپتىلا يەنە مۇشۇنداق پۇرسەت چىقىپ قالا ›› ئىچىمدە شۇلارنى دىگەچ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم . ئاي بولسا ماڭا ھەۋەسلىنىپ قاراۋاتقاندەك ، يۇلتۇزلار ماڭا نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى بولغاندەك چاقنايتتى ، ئاسماندىكى ئاشۇ ھەر بىر مۆجىزىدىن ئۆزۈمگە خۇشاللىق ئىزدەپ ئۆيۈمگىمۇ كېلىپ قالغان ئىدىم .
- قەيەرلەرگە باردىڭ مۇشۇ كەچكىچە ؟ - ئۆيگە كىرىشىمگە قاپاقلىرى توڭ كاۋىدەك ساڭگىلاپ كەتكەن دادام شۇلارنى دەپ ئۈلگۈردى .
- ئوپراتسىيە ....
- ساڭا شۇ ئوپراتسىيەلا بولسا بولدى شۇنداقمۇ ؟ ئېسىت سېنى دوختۇرلۇقتا ئوقۇتقۇنۇم ، ئوقۇتمىغان بولسام بۇ چاغقا تەڭ تۇشلۇرۇڭ بىلەن سودا ئىشلىرىغا كىرىشىپمۇ ، خوتۇن ئېلىپ بىر نەچچە بالىلىقىمۇ بولۇپ قالاتتىڭ !
- دادىسى – ئانام ھە دەپ دادامنى جىملەيتى ، بىراق دادام ھېچبىر جىم بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
- دوختۇرلۇقتا مەن ئوقۇيمەن دىگەنمۇ ؟ - ئاغزىمغا كەلگەن گەپلەرنى شۇنداق يۇتۇۋېتىشنى ئويلايتىميۇ بىراق ھېچ توختىيالمايتتىم – ئەينى ۋاقىتتا تەنتەربىيەدىن ئىمتاھان بېرىمەن دىسەم ‹‹ ئۇنداق ئىسمىنى ئاتىماي ، نۇمۇرنى توۋلايدىغان ، بىر – بىرنىڭ ئىسمىنى بىلمەي ، لەقىمىنى توۋلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئادەم بولمايسەن ›› دەپ ماڭا زورمۇزور دوختۇرلۇقنى يازدۇرغان كىمۇ ؟ دوختۇرلۇق مېنىڭ ئارزۇيۇممىدى ؟ مەن دوختۇر بولۇشقا ، ئاشۇ ئادەم قۇشخانىسدا ياشاشقا خۇشتارمۇ ؟ - كۆزلىرمدە لىق ياش لىغىرلايتتى ، دادام بولسا كۆزلىرىنى ئاشۇ ياشقا تولغان كۆزلىرىمدىن ئەپ قاچاتتى .
شۇلارنى دەپ بولۇپ دادامغا سەل قاتتىق تەگكىنىمنى ھېس قىلدىم ، بىراق بىر نەچچە يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق دىيىلمىگەن گەپلەر يەنە بىر قېتىم ئۆيدە دىيىلگەندە دادامنىڭ قانداق ھېسىياتتا بولدىغىننى ئېنىق بىلسەممۇ ، بىراق يەنىلا شۇ گەپنى دىگىنىمگە ئازىراق پۇشايمانمۇ قىلدىم .
ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ، كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ ياتتىم ، بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئانام كىرىپ كەلدى . بىراق ماڭا دەيدىغان گېپىنى دىيەلمەيۋاتقاندەك ، بىر خىل تەڭقىسلىق ئىچىدە قالغانلىقى مانا-مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى .
- ئانا نىمە كىچك بالىدەك تىرناق تاتلاپ ئولتۇرسەن ، نىمە گەپ بولسا ئۇدۇللا دىمەمسەن ؟
ئانام گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا قاراپ يەنە پەسكە قارىۋالدى ، نىمىشقىكىن ئېغىر بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشىدەك مەنمۇ جىمجىت بولۇپ ئېغىر بىرنى تنىپ قويدۇم .
- بالام – ئانامنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك تۆۋەن ئىدى – داداڭمۇ نىمە ئىش قىلسا ساڭا ياخشى بولسۇن ، كىيىنلىكى ياخشى بولسۇن دەپ قىلدى ، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى سەن ئۈچۈن ، سېنىڭ كەلگۈسۈڭ ئۈچۈنغۇ ، مانا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپلا خىزمەتكە چىقىپ ، بىزنى يەنە بىر قېتىم خۇشال قىلدىڭ ، ئاشۇ داداڭ ئىسمىنى يادلايدىغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىڭدا ، داداڭ خۇددى كىچىك بالىدەك خۇشاللىقىدىن بىر نەچچە كېچە كىرپىك قاقماي چىققان ئىدى ، شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇنىڭ ئاشۇ خۇشالىقىنى دۇنيادىكى جىمى بايلىق بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ بالام . ئەمدى قوپۇپ داداڭغا بۈگۈنكىدەك ئازار بەرسەڭ ئۇ قانداقمۇ يەنە شۇنداق مەغرۇرلۇنۇپ يۈرەلەيدۇ ، سەندىن شۇنداق پەخرىلىنىدۇ بالام .
ئانامنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىننى چۈشەنمىدىم ، چۈشەنمىدىملا ئەمەس ، چۈشەنمەك قىيىن بولغان ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىۋاتاتتى .
- ئۇ ئەزەلدىن مېنى ئويلاپ باققانمۇ ، كىچىكىمدىن مەكتەپتىكى مۇسابىقىلىرىمدىن پەخىرلىنىپ باققانمۇ ، مېنىڭ مەيداندىكى ھالىتىمنى باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرىدەك كۆرۈپ باققانمۇ ، بېرەر بوتۇلكا سۇ ئېلىپ بېرىپ باققانمۇ ، تەرىمنى سۈرتۈپ قويۇپ باققانمۇ ، باشقا بالىلارنىڭ دادىلىرىدەك يېنىدا مۇسابىقە كۆرۋاتقانلارغا ئاۋۇ مېنىڭ ئوغلۇم دەپ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ باققانمۇ ؟ شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ دادامنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ مەدەت بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، مۇسابىقە مەيداننىڭ ئەتراپىدىن ئۇنىڭ مەندىن پەخىرلىنىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، بىراق بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇنىڭ مەن مۇسابىقە مەيدانىدا تۇرۇپ باققىننى بىلمەيمەن ، بېرەر قېتىم ئۇنىڭ مېنىڭ مۇسابىقدە دەرىجە ئېلىپ قايتىپ كەلسەم كۈلۈپ باققىننى بىلمەيمەن . ئۇنىڭ دائىم كۈلكە كەتمەيدىغان ئاشۇ چىرايىدىن بىر خىل مەنسىتمەسلىكنى چىقىرىپ قويۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىدىكى دەرىجىنى كۆرسىلا ‹‹ نىمە چىقار مۇشۇ يۇملاقتىن ؟ ›› دەيتتى . مەندىن پەخىرلىنىش ھېسياتى بولماي كۆزگە ئېلماسلىق ھېسياتىلا بولاتتى . نىمىشقا ئانا ؟ - ئانام ماڭا قاراپ تۇۇرۇپلا قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىقلا ئەمەس ، بەلكى مېنى تۇنجى قېتىم كۆرۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر خىل ھېسياتتا قاراپ تۇراتتى . – ئۇ يەنە دائىم ئۈگۈنۈش نەتىجەمنى كۆرسە ‹‹ سىنىپ بويۇنچە بىرىنجى بولالماپسەنغۇ ؟ مەن دىگەن بىرىنجى بولاتتىم ، ئىككىنجى بولۇپ قالسام بىر كېچە يىغلايتتىم ، قارا قىز بالىنىڭ كەينىدە قاپسەن ، نۇمۇس قىل ... ئىككىنجىلىكمۇ دەرىجە بولامدۇ ؟ ›› بىراق نىمىشقا دادام مەندىن بېرەر قېتىم ‹‹ نىمىشقا ئىككىنجى بولۇپ قالدىڭ ؟›› دەپ سوراپ قويمايدۇ ؟ نىمىشقا ئۇنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى دىيىشىمگە رۇخسەت قىلمايدۇ ؟ مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەي ‹‹ باھانە تاپما ›› دەپلا تۈگۈتىدۇ ! بىر قېتىم بولسىمۇ مەن بىلەن نىمىشقا ياخشى بىر پاراڭلىشىپ باقمايدۇ ؟ توپ ئوينىشىمغا نىمىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ ؟ ئانا ئەگەردە يەنە بىر قېتىم ئىمتاھان بېرىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا مەن چوقۇم تەنتەربىيەدىن بېرەتتىم . مەن دوختۇرلۇقنى تاللاپ نىمىگە ئېرىشتىم ، پەقەت تىرشىش ، بىرسى بوينۇمدىن باسقاندەك دەرس ئۈگۈنەتتىم ، دادامنىڭ نەتىجىللىرىمنى كۆرۈپ مەندىن پەخىرلەنسۇن دەيتتىم ، بىراق ئۇنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ مەندىن پەخىرلىنىپ باقمىدى ، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ شۇ مەندىن پەخىرلىنىش ھېسياتىدا بولۇپ باقمىدى ، ئانا نىمىشقا ؟
ئانام مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا قايتا بىر نەزەردە قارىدى ، ماڭا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كىرىپ بىر مۇنچە دەرت ئاڭلاپ چىقىپ كېتىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەنمۇ بولغىيدى ، يا چىقىپ كېتىشىنى يا ئولتۇرشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ، بىراق كۆزلىرىدىن چىققان مېھرىبانلىق ماڭا يەنە بۇرۇنقىدەكلا پەخىرلىنىش ھېسياتىدا باقاتتى ، ئاستالا ئۇنىڭ قېشىغا باردىم ، قوينىغا بۇرۇنقىدەك كىرگۈم بار ئىدى ، بىراق بۇ قويۇنغا ئىككىنجى قېتىم بۇرۇنقىدەك پېتىشىم ناتايىن . ئۇنىڭ يوتىسىغا بېشىمنى قويۇپ ياتتىم .
چېكە چاچلىرى ئاقارغان ، بۇرۇنقى نۇرلۇق ئاپپاق يۈزلىرىدىن ئەت قاچقان ، كۆزلىرى ئەتراپىغا چۈشكەن قورۇقلار چىرايىغا مېھرىبانلىق ئىزنالىرىنى قالدۇرغان ، يىلنىڭ ئەمەس بەلكى مېنىڭ جاپايىمنى شۇ ئورۇنغا چەككەن ئىدى . ئۇنىڭ قوللىرىمۇ بۇرۇنقىدەك يۇمرانلىقىنى يوقاتقان ، يوتىسىدىكى گۆشلەرمۇ يۈتكەن بولۇپ بېشىم بىر خىل قاتتىق ياتتىم . ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئاستا يۈزۈمگە ياقتىم ، ئاناممۇ يۈزۈمنى ، چاچلىرىمنى ، كۆزۈمنى سىيپايتتى ، شۇ مىنۇتتا مېنى يىغا تۇتتى .
3
كۈز ئايلىرى بولسا كېرەك ، مېنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ناھايتى كەپسىز ۋاقىتلىرىم ئىدى . شۇ ۋاقىتلاردىمۇ توپقا ناھايتى ئامراق ئىدىم ، مەكتەپ كوماندىسىنىڭ مەشقىدىن چۈشۈپ ئۆيگە ماڭدىم ، بىراق توپ مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ باشقا بالىلارنىڭ ناھايتى قىزىقىپ مۇسابىقە ئويناۋاتقىننى كۆرۈپ قالدىم ، بېرىش ئىستىكى بولسىمۇ بىراق بۇ كىيىملىرىم توپا بولۇپ بارسام دادامدىن تىلىشتىدىغىنىم ئىنىق ئىدى . شۇڭا مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدىم .
- زۇليار !! - كەينىمگە قارسام مەكتەپ كوماندىسدىكى بالىلار ئىكەن – كېلە بىللە توپ ئوينايمىز
- بولدى ، ئەتە چۈشتە ئوينايلى – شۇنداق بارغۇم بولسىمۇ بىراق يەنىلا رەت قىلدىم .
- كېلە ئاداش ، سېنى چەك دېدىقمۇ يا ئىچ دېدىقمۇ ؟ يامان ئىش ئەمەسقۇ بۇ توپ ئوينايمىز !
- شۇنداق ، بىر ئادەم يوق ، بىزمۇ قانداق قىلامىز دەپ تۇرغان ، كېلە !
بالىلارنىڭ زورى بىلەن سومكامنى يۈدۈگۈنۈمچە توپ مەيدانىغا قاراپ ماڭدىم . شۇنداق قىلىپ ئىككىگە تەڭشىلىپ بۆلۈنۈپ تەڭشىلىپ مۇسابىقىنى باشلاپ كەتتۇق .
شۇنداق قىزىپ ئويناۋاتاتتىم ، پۈتۈن ئەس يادىم توپتا ، ئەتراپتىكى ھەممىنى ئۇنۇتقان . بەلكىم مەنمۇ ئۇنتۇلغان بولغىيتتىم .
بىر ۋاقىتتا شۇنداق قاتتىق يىقىلدىم ، بالىلارمۇ ھەيران قالدى ، بىرى ئىتتىرگەندەكلا شۇنداق قاتتىق يىقلدىم ، بىر قولۇم ئاستىدىلا بېسلىپ قالغان ھېچ كۈچ بەرمەيتتى ، بالىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم . كىيىملىرىمنى ھەممىسى قېقىشتۇردى .
- زۇليار ، قولۇڭنى مىىدرلىتىپ باقە !
ئوڭ قولۇمنى مىدىرلىتالمايتتم ، بىر خىل ئۇيۇشقاندەك ئاغرىۋىتاتتى . قولۇمنى باشقىلار ئەمەس ئۆزۈممۇ ناھايتى ئاۋايلايتتىم ، باشقىلارغا ھېچ تۇتقۇزمايتتىم . ياكى مىدىرلىتالمايتتىم .
- چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ئاداش
كىمدۇر بىرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمىگە لىققىدە ياش تولدى ، ناشقىلارغە بىلدۈرمىگىنىم بىلەن بۇ ئىشنى دادام ، ئانام ئۇقىدىغان بولسا يەنە بىر قولۇمنىمۇ ...
ئەنە شۇ خىياللار بىلەن تېرنىرنى ئىزدەپ ئۆيگە باردۇق ، تېرنىر دادام بىلەن تەڭ ياشتىكى ئادەم ئىدى ، مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ شۇنداق ئەنسىرىدى .
- دېدىمغۇ ، مەن يوق ۋاقىتتا مۇسبىقە ئوينىماڭلار دەپ – ئۇ سەل چېچىلغاندەك قىلاتتى - مانا گەپ ئاڭلىمىساڭلار مۇشۇنداق ئىش چىقىدىغان گەپ .
ئۇ بىردەم بىزگە ۋارقىراپ ئاچچىقىنى چىقارغاندىن كىيىن ماڭا قاراپ
- چىقىپ كېتىپتۇ – بالىلارنىڭ دىگىنىمۇ توغىردەك قىلاتتى - تېڭىقچىنىڭ ئۆيىگە ئاپرامدىم ياكى ئۆزۈم سالامدىم .
- سىلى ئۆزلىرى سەپ قويماملا – تېرنىر قولۇمنى بىردەم سىلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۇنى بۇنى سورىدى ، مەنمۇ ھېچ توختىماي جاۋاپ بېرەتتىم .
- سەن قايسى ناخشىچىغا ئامراق ؟
- ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا
- قايسى ناخشىسىنى بەكرەك تىڭشايسەن
- ئۇزاق يول
- مەنمۇ شۇ ناخشىغا ئامرق
- شۇنداقمۇ ئاااااااااااااااااااااااااا- شۇنداق قاتتىق ۋارقىرىۋەتتم ، تېخى ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا شۇنداق جاۋاپ بېرۋاتاتتىم ، قولۇمنى كۈچەپ بىر تارتىشىغا چىققان ئاۋزدىن يېنىمدىكى بالىلارمۇ بىر-بىرگە قاراپلا قېلىشتى . قولۇم جايىغا چۈشكەندەك قىلىۋاتاتتى . تېرنىر قولۇمنى تۇخۇم بىلەن سىلاپ بولغاندىن كىين كۆزۈمدىكى ياشقا قاراپ كۈلۈپ كېتىپ
- ئەركەك يىغلاپسەنغۇ ؟
- سىلىنىڭ قوللىرىنى مەن شۇنداق تارتىپ باقاي قېنى كۈلەملىكىن ؟
ئۇ كۈلۈپ كەتتى ، مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە ئەتراپتىكى بالىلارمۇ كۈلۈپ كېتىشتى ، مەنمۇ بىر قولۇم بىلەن كۆزۈمدىكى ياشنى سۈرتكىنىمچە كۈلۈپ كەتتىم . شۇ ۋاقىتلاردىكى ئشۇ شىرىن كۈلكىلەرنى ، سەبىي خىجىل بولمايدىغان ئاشۇ بالىلىقىمنى ، قورقماس خۇشال چاغلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلەلىسەم قانداق ياخشى بولاتتى ھە !
ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتتا تېرنىر ماڭا قارپ كۈلۈپ قويۇپ
- ھېلقى ئۇزاق يولنىڭ ناخشا دېيىنى ئالغاچ كەلسەڭ ، مەنمۇ ئاڭلاپ باقاي ، ئامراق بولسام ئەجەپ ئەمەس .
ئەتراپتىن بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈلدى ، تېرنىرمۇ ماڭا قاراپ شۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈۋاتاتتى .
ئۆيگە مىڭ بىر جاپادا كىردىم ، دادام ئىشكىتىن كىرىشىمگىلا قولدىكى تاماكىنى تۇتۇپلا قالدى ، ئانامنىڭ قولىدىمۇ تازا جاپا تارتىۋاتقان سۈپۈرگە توختاپ قالغان ئىدى . دادام ماڭا قاراپ ھەيرانلىق چىراي ئىپادىسىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ
- ھە ئەركەك ، كىم بىلەن تۇتۇشۇپ ئا قولنى ئارىيەتكە بەردۇق ؟
خىجىللىقتىن ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيتتى ، بىراق بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمىسەم ئېنىقلا تۈگەشكىنىم شۇ ئىدى .نىمە دەپ جاۋپ بېرىشنى بىلمەي دۇدۇقلايتتىم .
- شۇ .. شۇ .. مەشىق قىلىپ ...توپ ئوينىغىچە . ...
- توپ ؟ ! – گېپىمنىڭ ئايىغى تۈگمەيلا ، ئانام ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى – مانا مۇشۇ توپ ئوينىغان قوللۇرۇڭنى !!
ئانام شۇنداق دىگىنىچە ئالدىمغا سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ، مەن ھويلىدا قاچاتتىم ، ئانام قوغلايتتى ، مەن قاچاتتىم ، خۇددى مۈشۈك بىلەن چاشقانغا ئوخشاش ، كەينىمگە ئانامنى توختىغان ئوخشايدۇ دەپ قارىدىم ، بىراق يەنە قوغلاۋاتاتتى .
كۆزۈمگە يۇلتۇز كۆرنۈپ كەتتى ، ئانامدىن قېچىپ ئارقامغا قاراپ ئالدىمغا شۇنداقلا قاراپ ھويلىدىكى چوڭ تۈۋرۈككە ئۈسسىۋالغان ھەم ئوڭدامغىلا چۈشكەن ئىدىم . ئانام بىلەن دادام بېشىمدا قاراپ تۇراتتى ، قولۇمنىڭ ئاغرىقىغا بۇ ئاغرىق قېتىلىپ مېنى ئىككى تەرەپتىن قىينايتتى ....
خىياللاردىن ئۆزۈمنى تارتىپ چىقاردىم
- ئانا – ئۇنىڭ قوللىرىنى ئاستا لېۋىمگە ياقتىم – كىچىكىمدە كەپسىزمىتىم ؟
- شۇنداق – ئانام بېشىمنى يەڭگىل نوقۇپ – ئاشۇ كەپسىزلىكىڭدىن قاچان قارىسا سېنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتىم ، مانا قارا ! ھازىر مېنى كۆتۈرگۈدەك بولۇپ قالدىڭ . ھويلىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويسام سىرىتتىن قەيەردىندۇر داڭگال تېرىپ كىرىپ شۇنى چايناپ خاپا سالاتتىڭ . ئۆيدىكى پۈتۈن شاملارنى يەپ تۈگۈتتەڭ ، سېنىڭ بۇ كەپسىزلىكىڭدىن بىر مىنۇت خاتىرجەم بولالمايتتىم – ئانام شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتتى .
- نىمىگە كۈلىسەن ئانا ؟ - قىزىق بىر گەپنىڭ چىقىدىغىنى ئېنىق ئىدى . شۇڭلاشقا بېشىمنى ئۇنىڭ قۇچقىدىن ئېلىپ يېنىدا ياتتىم .
- سەن مەكتەپكە بىر كەتسەڭ قوللۇرۇم ھېچقانداقا ئىشقا بارمايتتى ، قاچان قارىسا ئىششىككلىلا قارايتتىم ، سېنى قاچان كېلەر دەپ كۆزۈم تۆت ئىدى .
- ئەنسىرەيدىكەنسەن دە ؟
ئانام يەنە كۈلۈپ كەتتى . ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ
- شۇنداق ، دېنى يەنە قايسى پۇتى ياكى قايسى قولۇنى تاڭدۇرۇپ كېلەتتىكىن دەپ ئىشككە قاريتتىم .
ھەر ئىككەيلەن كۈلۈپ كەتتۇق . شۇنداق ھوزۇرلۇنۇپ ، شۇنداق ھوزۇرلۇنۇپ كۈلدۇق ، بۇنداق ساپ كۈلكىلەر بىزنىڭ ئۆيدە شۇنداق نۇرغۇن ئىدى ، بىراق بايقىدەك كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك بۇ كۈلكىلەردىن دادامنى مەھرۇم قىلاتتى .
- ئانا ، بولدى دادامنىڭ قېشىغا چىققىن .
- ماقۇل ، ئۇ قېرىنىمۇ بىر كۈلدۈرۈپ 64 چىشىنى ساناپ بەرمىسەم
ئانام شۇنداق دىگىنىچە ئىشككە باردى ۋە ئارقىسىغا قاراپ
- زۇليار ، شەنبە كۈنى چۈشتە يەنە بىر ئۇچىرىشىش بار بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقى قېتىمقى قىز ئەمەس ، ئۇنتۇپ قالما ھە ، بۇ داداڭنىڭ ئەڭ يېققىن دوستىنىڭ قىزى ، ئۇنتۇپ قېلىشقا باشقا ئىش چىقىپ قېلىشقا بولمايدۇ جۇمۇ !
ئانامغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم ، بىراق بۇ ئىككى قېرىنىڭ مېنى تىزىراق ئۆيلەپ قويۇپ زادى قانداق بىر خاسىيەتلىك نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولغىننى بىلمەيتتىم . بەلكىم ئۇلار زىمىسدىكى يەنە بىر يۈكنى تىزىراق ئادا قىلشقا ئالدىراۋاتقاندۇ !
ئالدىنقى قېتىم ئۆز – ئۆزۈمگە دىگىنىمگە ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ يەنىلا ئۆزۈمگە ۋەدە بەرمەكتە ئىدىم ‹‹ پەقەت قىز بىلەن كۆرشەلسەملا ، قىز قوشۇلسىلا چوقۇم تويۇمنى قىلىمەن ! ›› ئۆز – ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ پىچىرلىدىم . بەلكىم ھەر قېتىم كۆرۈشەلمەي كۆنۈپ قالغاچقا بۇ قېتىممۇ ئۆز بەختمىنى يەنە بىر قېتىم دوغا تىكىپ بولماقچى بولاتتىم . شۇنداق خىياللار ئىلكىدە ئۇيقا قوينىغا غەرىق بولغان ئىدىم .
4
ئىشخانىدىكى بىكارچىلار يىغىلىپ مېنىڭ ئىشخانامدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق ، ئۇلارنىڭ بەزى پاراڭلىرى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلار بولسا بەزىللىرى دۇنيانىڭ چوڭلىرى باش قاتۇرۋاتقان دۆلەت ، سىياسىي مەسىلىلەر ئىدى ، پات – پات يەنە دوختۇرخانىدىكى قىزىقارلىق ، ئادەمنى ھەيران قالىدىغان ئىشلار سۆزلىنىپمۇ قالاتتى .
- راست زۇليار ، قايسى كۈنى ئوپراتسىيەدە قايچا خاتالىقى يۈز بەرگەننىڭ گېپى بارغۇ ؟
- ھە .. – نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم – يېڭى كەلگەچكە جىددىيلىشىپ شۇنداق بولۇپ قاپتۇ .
- بەك چىرايلىق قىزمىشقۇ ؟
بۇلارنىڭ ئەمدى زۇلفىرەنىڭ ئۈستىدىن گەپ قىلىشى چىقىپلا تۇراتتى .
- زۇليار راست چىرايلىقمىكەن ؟
- مەن نىمە بىلەي – يۈزۈم بىلىنەر – بىلىنمەس قىزىشماقتا ئىدى – ئوپراتسىيەدە يۈزىگە ماسكا تارتىغلىق تۇرسا !
- ئىشخاناڭدىن چىقىپ كەتكىننى باشقىلار كۆرۈپتىغۇ ؟
نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي تۇراتتىم ، تۇيۇقسىزلا جىددى سىگنال چېلىندى ، بوينۇمغا يۈرەك تىڭشىغۇچىنى ئېسىپلا ئىشخانىدىن ھەممەيلەن جىددى تارقىلىپ چىقىشقا باشلىدۇق . ئىشخانىدىن چىقىپلا بىرىگە سوقۇلۇپ كەتتىم .
- كەچۈرۈڭ
- ھېچقىسى يوق – شۇنداق يېقىملىق بىر ئاۋاز
- نەچچىنجى ياتاق ؟
- 16-ياتاق 2-كارۋات
- بىلدىم – شۇنداق دېدىم دە ئۇنىڭ ئالدىدىراق مېڭىپ كەتتىم ، زۇلفىرە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى ، نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ قېشىدا كۆپرەك تۇرغۇم بولسىمۇ بىراق باشقىلارنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم ، مانا 27 ياشتىن ئاشقان بىر يىگىتنىڭ ‹‹ ئەنىرىشنىڭ ›› نىمىدىن دېرەك بېردىغانلىقىنى بارلىق ئوغۇللار چۈشەنسە كېرەك .
ياتاققا كىېىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق ، يۈرەك تومۇرلۇرى توسۇلغاچقا تومۇرغا ‹‹ كۆۋرۈك ›› سالغان بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ كەتكەن ئىدى . قىززىق مۇشۇ يۈرەك دىگەن ئاجايىپ نەرسىكەن دىسە ، بىر بولسا تىز سوقۇپ كېتىپ قورقۇتقان بىر بولسا توختاپ قېلىپ . سىرىتتىكى بىمارنىڭ تۇققانلىرىنىڭ قانچىلىك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قانچىلىك ئەنسىرەۋاتقانلىقنى بىر شۇلار ئۆزى بىلمىسە باشقىلار بىلىپ بولمايتتى . بىر مەھەل تىركىشىشتىن كىيىن بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئەسلىگە كەلدى .
بىمار كۆزىنى ئېچىپ ماڭا بىر ھازا تىكىلدى ، ئۇنىڭ ماڭا تىكىلىشىنىڭ قايسى مەنىدە ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيتتىم ، ئۇ چىرايىغا بىر خىل مەنسىتمەسلىك كۈلكىسىنى بېرىپ
- مېنى ئۆلگىلى قويۇشساڭ ھەر قايسىڭدىن نىمە كېتىدۇ ؟
پۇت قولۇمنىلا ئەمەس پۈتۈن بەدىنىمنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى ، شۇنداق ئاچچىق بىر تىتىرەك مېنى قىينايتتى ، ھەممە ئادەمنى ھاياتقا تويمايدۇ ، ھايات ياشاشنىلا ئويلايدۇ دەپ خىيال قىلىدىغان مەندەك بىر ئەخمەق بۇنداق گەپنى ئاڭلىسا قانداقمۇ تىتىرىمەي تۇرالىسۇن ؟
- سىزگە بېرەر نەرسە كېرەكمۇ ؟ - زۇلفىرە ئۇنىڭدىن شۇنداق سەپ سورىدى .
- ئەزرائىلنى چاقىرىپ بېرەلەمسىز ؟
بۇ سۇئالغا ھەر ئىككەيلەندە دەماللىققا ئىنكاس پەيدا بولمىدى ، بىر-بىرمىزگىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە باقمىدۇق ، پەقەت گاڭگىراش ھېسلىرىلا بىزنىڭ كاللىمىزنى قاپلىغان ئىدى .
- سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ – زۇلفىرە شۇنداق دەپ ياتاق سىرتىغا ماڭدى ، مەن چۈشەنمىدىممۇ ياكى زۇلفىرەمۇ؟ ئۇ راستىنلا ...
سىرىتتىن 38 ياشلار چامىسىدا بىر ئايال كىرىپ كەلدى ، يۇيۇلمىغانلىقتىن پاخپايغان ھەم چۇۋۇق چاچلىرى ، ئۇخلىمىغانلىقتىن ھەمدە كۆپ يىغلىغانلىقتىن قىزارغان كۆزلىرىدىن بۇ ئايالنىڭ بىمارنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى .
- كېرىم !
- سارەم !
خۇددى بىر ئاشىق مەشۇقنىڭ ھېكايىسىدىكى تەسىرلىك بىر كۆرنۈشنى كۆرۋاتقاندەك كۆزلىرىمگە ياش تىقىلدى ، ئۇلار بىر تەن بولماقچى بولغاندەك بىر-بىرىنى چىڭ قۇچاقلايتتى ، بىر-بىرىگە تويماي باقاتتى ، بىمارنىڭ قوللىرى ئايالىنىڭ چاچلىرىنى تارىماقچى بولغاندەك يۈزلىرى ئەتراپىدا ئايلىناتتى .
- مېنى چاقىرىپتىكەنسىز ؟
- ھە .... سىزنى كۆرگۈم كېلىپ .... – كېرەم شۇندىلا بىزگە رازىمەنلىك بىلەن باقتى .
- بالىلار بۈگۈن ماڭدى ، ئۇلار يەنە شۇ ئوقۇشنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولمىسا بولمايدۇ ، بىزمۇ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس دە !
- شۇنداق خوتۇن .
ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس بولمىسا كېرەك ، ئەگەر مەن شۇ بىمارنىڭ ئورنىدا ھازىر يېتىپ قالىدىغان بولسام (خۇدا ئۇنداق كۈنلەردىن نېرى قىلسۇن ) ، ئاتا ئانامدىن باشقا بېرەرسىنىڭ كېسەل كارۋىتىم يېنىدا تۇرشى تەس !
بىمارنىڭ ئەھۋالىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغاندىن كىين ياتاقتىن چىقىپ كەتتۇق ، ئۇنۇڭغا قارايدىغان سېستىراغا بەزى ئىشلارنى تاپشۇرغاندىن كىين سائەتكە قارىدىم ، سائەت ئاللىقاچان 2:00 بولغان ئىدى . ئالدىراش كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ماشىنا ساقلاش ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم .
ئەتىگەن دادام ئاللاھقا ئامانەتنىڭ ئورنىغا ماڭا تاپىلاپ ‹‹ سائەت ئۈچ بىلەن بېرىپ بول ، قىز ساقلاپ قالمىسۇن يەنە ›› دىگەچكىمىكىن سائەت ئىككىدىلا ئۇچراشماقچى بولغان جايغا قاراپ ئاتلاندىم . ئەمدىلا دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئالدىغا ماشىننى ئايلاندۇرۇپ چىقىرىشىمغا زۇلفىرەنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم .
- قاياققا ماڭدىڭىز ؟ - ماشىنا ئەينىكىدىن بېشىمنى چىقىرىپ سورۇدۇم . ئۇ ماڭا قاراپ تەمتىرىدى بولغاي
- ھېچ ... شۇ .... بازارغا .
- ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ – ئۇنىڭ تەمتىرەشلىرىگە پەرۋاسىزلا شۇنداق دېدىم ، ئۇمۇ ئىككى ئەتراپىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ ماشىنىغا ئامال يوق چىقتى .
- سىزچۇ ؟ قاياققا ماڭدىڭىز ؟
- ئۇچىرىششىقا – پەرۋازىلا جاۋاپ بەردىم .
- ئۇچىرشىش ؟ - ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى .
- شۇنداق ، چوپ-چوڭلا بىر يىگىت بولۇپ قالدىم ، ئۆزۈم ياشلىقىمدا ئۈگۈنۈش ، ئۈگۈنۈش دەپلا ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئەمدى شۇ دادام بىلەن ئانامنىڭ ماڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قىز بالا بىلەن ئۇچىرشىشقا .
- قىز بالىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز ؟
- ياق ، ئاق مايكا ، پادىچىلار ئىشتىنى ، قىزىل چاپان ھە راست شاپتۇل چېچىكى رەڭدە سومكا !
- مۇشۇنداقمۇ ؟ - ئۇ كەينىمدىنلا ئۆزىنىڭ سومىكىسىنى تەڭلىدى ، ماشىنىغا جىددى تورمۇز بەردىم . ئۇنىڭ كىينىشىگە قايتا بىر قارىدىم ، مانا ئاق مايكىنىڭ ئۈستىگە قىزىل چاپان ، پادىچىلار ئىشتىنى ، قولىدا بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭدە سومكا .
- سىز .... بۇ ... !
- شۇنداق مەن ، نىسسان ماركىلىق مېغىز رەڭ ماشىنا ، پادىچىلار شىمى ، جىگەر رەڭلىك مايكا – ئۇ ئۈستى -بېشىمنى كۆرسىتپ تۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى . مەنمۇ بېشىمنى قاشلاپلا تۇرۇپ قالدىم .
- قەيەرگە بېرىپ تاماق يەيمىز ؟ - ئارىمىزدىكى جىمجىتلىق ۋە ھەيرانلىقنى بۇزغۇدەك بۇنىڭدىنمۇ ياخشى گەپ بولمىسا كېرەك .
- توختاڭ ، سىز راست شۇمۇ ئەمەسمۇ مەن جەزىملەشتۈرۈشۈم كېرەك .
- توۋا ، ئەمدى مېنىڭمۇ جارىم بارمىكەن ؟
ھەر ئىككەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ مۇشۇ كۈلكىسىنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بولسا كېرەك . ماشىننى يەڭگىل ھەيدەپ شەھەر كوچىلىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق . بىزنىڭ مۇشۇ پاراڭلىرىمىزنىڭ ئۆزى ھاياتىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ ھېساپلانسا كېرەك !
5
ماشىنىدا قانداق تۇيۇقسىز ئۇچراشقان بولساق ، تويۇمىزمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز بولدى ، كەسىپداشلىرىم بولسا ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ
- ھە كاساپەت ، دىجورنىلىقنى بىراقلا تۈگۈتەي دەپسەن دە ؟ - دەپ جىلە قىلپمۇ قويدى .
توينى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق خۇشال ئۆتەتتۇق ، بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ ئارلىشىپ توي قىلىشمىغان بولساقمۇ بىر-بىرمىزگە شۇنداق ئامراق ئىدىق ، بىر-بىرمىزنى شۇنداق قەدىرلەيتتۇق ، بىر-بىرمىزنى قوللايتۇق ، مەيلى كىچىك ياكى چوڭ ئوپراتسىيلەر بولسۇن ئامال بار بىللە قىلاتتۇق . شۇڭلاشقىمىكىن كەسىپداشلىرىمىز ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرمىز بىزنى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر دەپ ئاتايدىغان بولدى .
توي قىلىپ يېرىم يىلدىن ئاشقان بىر كۈنى زۇلفىرە قېشىمغا كەلدى .
- زۇليار ، سىزگە بىر گەپنى دەيمۇ ؟
ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مېنىڭ ئالدىمدا بىر نىمىدىن قىسىلغاندەك ھالەتتە تۇرشى ئىدى .
- نىمە ئىش ئىدى ؟ دەۋېرىڭ ! نىمانداق مېنىمۇ خىجىل قىلىسىز دەيمەن !
- شۇ ... شۇ ...
ئۇ پەقەت تىلىنى چىشلەيتتى ، قولۇمدىكى گۈل سۇغۇرغۇچنى ئاستالا يەرگە قويدۇم ۋە ئۇنىڭغا قاراپ
- سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟
- ياق .. ماڭا ئەمەس ... دادام ئۇ .. دادام ئۇ ...
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيتتىم ، دادام ئەتگەن تېخى ساپساقلا چىقىپ كەتكەن ئىدىغۇ ؟ نىمىشقا ؟
- ئېيتىڭە دادامغا نىمە بولدى ؟
- ئۇ چوڭ دادا بولىدىغان بولدى .
شۇنداق تىز سوققان يۈرەكلىرىم جايىدىلا توختىدى ، كۆزلىرىمگە ياماشقان ياش يۈزلىرىمنى بوياش ئۈچۈن يۈزلىرىمگە سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى ، قوينۇمنى كەڭ ئاچقىنىمچە ئۇنى باغرىمغا بېسىش ئۈچۈن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ، ئۇمۇ قوينىمغا سىڭىپ كىرمەكچى بولغاندەك بېشىنى قوينۇمغا تىقتى .
- مېنى ئەمدى بۇنچە قورقۇتماڭ بولامدۇ ؟
- قورقۇتمۇدۇمغۇ ؟ شۇ دادىڭىز چوڭ دادا بولسا سىز دادا بولسىز دىگەن گەپ .
- بىراق مېنى شۇنداقمۇ قورقۇتامسىز ؟
ئۇ ئەركىلىگىنچە يۈزۈمنى يەڭگىل سىيلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئاشۇ مېھىرلىك قوللىرى ماڭا ھەممە – ھەممىنى ئاتا قىلاتتى .
ئەتىسى دوختۇرخانىغا چىقىپ ئىچكىردىكى دوختۇرخانىغا 6 ئايلىق تەربىيلىنىشكە چىقىدىغىنىمنى ئاڭلاپ گاڭگىراپلا قالدىم .
- نىمىشقا مەن بارىمەن ؟
- بىزدە تېخنىكا ئۈگۈنۈپ كەلگۈدەك سەندىن ياخشىراق دوختۇر يوق ، ئۇلار ئىشلەتكەن ھەر بىر دوختۇرلۇق سايمىنى بىزدە بار بىراق تېخنىكا يوق ، شۇڭلاشقا سەن بېرىپ شۇ تېخنىكىنى ئۈگۈنۈپ كېلىسەن
- مەندىن ياخشى دوختۇرلارمۇ بارغۇ ، ئادىلكام ، ئاتىكەم ھەدەم ، ئارىم شۇلار بارسىمۇ بولىدىغۇ ؟
- ماڭا قارا – دوختۇرخانا باشلىقى ماڭا قاراپ – بىلىمەن ، سەن زۇلفىرەگە ۋە ئاتا-ئاناڭغا تۇغۇلماقچى بولغان بالاڭغا قىيمايسەن ، سەن بايا دىگەنلەر بارسىمۇ بولىدۇ بىراق ئۇلار ياشىنىپ قالدى ، ئۈگەنمىكى تەس ، ئۈگەتمىكى تېخى تەس . شۇنداق ئىكەن سەن ياش ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭمۇ ياخشى . شۇڭلاشقا دوختۇرخانىدىكلەر مۇزاكرلىشىش ئارقىلىق سېنى ئەۋەتتۇق . ئاسپارانىتلىقتا ئوقۇغاندىن كىيىن ساڭا بۇ نەرسىلەر تەس كەلمەيدىغۇ دەيمەن . سەن بىز ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۆزۈڭ ھەم مىللىتىڭ ئۈچۈن بارىسەن !
بۆلۈم باشلىقى بىلەن تەگىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىغاندەك قىلاتتى ، ئىككى كۈنلىك ئارام ئېلىشتىن كىيىنلا كۆڭلۈم خالىمايدىغان يۇرۇتقا قاراپ ئاتلىناتتىم . شۇڭلاشقىمىكىن روھىسز ھالدا ئۆيگە قايتتىم .
- ئاڭلىسام ئىچكىرىگە تەربىيلىنىشكە بارغۇدەكسىز ؟
- شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ !
- بوپتۇ ئەمسە مەن يۈك تاقلىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇپ قوياي – ئۇ شۇنداق دەپ ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدى . ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى راستىنى ئېيتقاندا مۇشۇ ئالتە ئاي ۋاقىتنى قانداق قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيتتىم .
بىزنىڭ تۇنجى ئايرىلىشىمىز مۇشۇ ئىدى ، بۇندىن بۇرۇن بىرسىمىز جىرگەنلىكتە تۇرۇپ قالساق يەنە بىرمىز بىرگە تۇرۇپ ، بىرمىزنىڭ يېندىن بىر مىنۇت ئايرىلىپ باقمىغان ئىدۇق ، بىراق بۇ قېتىم راستىنلا جاپا بولغان ئىدى . جاپالا ئەەمس تەس كەلگەن ئىدى .
يېرىم كېچە ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇھسىنىشلىرىدىن ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم ، مەنمۇ تاماكىنى ئۈزمەي چېكىپ ئۆينىڭ ئىچىنى لىق ئىسقا توشقۇزغان ئىدىم . نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇنىڭغا دىگۈم بار بىراق گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيتتىم .
- زۇلفىرە
ئۇ مەن تەرەپكە ئۆرۈلدى ۋە قوللۇرۇنى يۈزۈمگە ئېلىپ تۇرۇپ
- نىمە ؟ - دەپ سورىدى ، ئۇنىڭ ئۈنى تىتىرەپ چىقاتتى .
مەنمۇ ئۇنىڭ قوللۇرۇنى چىڭ تۇتتۇم ، قوللۇرۇغا سۆيۈپ تۇرۇپ
- بۇ ئالتە ئاي بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئارلىقتا ھېيت بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسا كېلىپ تۇرىمەن .
- بىلىمەن .
ئارىمىزنى يەنە سۈكۈت قاپلىدى ، ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى نىمە دەپ تەسەللىي بېرىشمىنى بىلمەيتتىم .
- بالىغا نىمە دەپ ئىسىم قويۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ ؟ - ئۇنىڭ قولىنى مەيدىمگە قويۇپ تۇرۇپ شۇنداق سورۇدۇم .
- ھەئە قىز تۇغۇلسا تۈركەنئاي ، ئوغۇل تۇغۇلسا فىردەۋىس قويىمەن .
- ھەي مانى ، ماڭا دىمەيلا شۇنداق قويىمەن دەيسىزغۇ ؟
- بولماپتىمۇ ؟
ئۇنىڭ قوللىرىنى ئاغزىمغا يېققىن ئەكىلىپ تۇرۇپ
- يەۋەتكىلى بولغان بولسا ئىدى – شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىنى ئاغىزمغا سالدىم ، ئۇ قولىنى چاققان تارتىپ كۈلۈپ كەتتى . – ئىسىملارنى مەنىسىنىچۇ ؟ ماڭا ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟
- تۈركەنئاي دىگىنى تۈرۈك ئېلىنىڭ ئېيى ، يەنى تۈرۈكلەرنىڭ ئاسمىنىدا چاقنىغان ئاي دىگەن مەنىدە ئىكەن . فىردەۋىس دىگىنى سەككىز جەننەتنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئىكەن ، مەن مۇشۇ ئىككى ئىسىمنى ياختۇردۇم ، سىزچۇ سىزمۇ ئويلاشقانسىز ؟
- ياق
- ياق ؟
- ئويلاشمىدىم .
- ھۇ ئەسكى – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كەيننى قىلىپ يېتىۋالدى .
- گېپىمنى ئاڭلىمامسىز ئاۋال – شۇنداق دىگەچ ئۇنى كەينى تەرپىدىن قۇچاقلىدىم .ئۇ يەڭەىل بىر ئىتتەردى ، مەن يەنە بىر قېتىم قۇچاقلىدىم ۋە قۇلقىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ – سىزگە مەن تۇغۇشۇپ بېرەلمسەم ، با قىيلىنىشنى سىز قىيلىنىپ تۇغسىڭىز ، مەن يەنە يۈز قېلىنلىق قىلىپ بالىغا سىز قويغان ئىسىملارنى ياقتۇرمايمۇ قالارمەنمۇ ؟
ئۇ شۇندىلا ئاستا ماڭا قارىدى ۋە يۈزۈمگە يەڭگىل بىرنى سۆيۈپ قويدى . مانا شۇ سۆيۈشلا مېنى خۇشال قىلاتتى . شۇ سۆيگۈلا ماڭا ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ تۇراتتى .
ئات ئۈستىدە چېپىۋاتىمەن ،ئاتنىڭ تۇيۇقى ئاستىدىن چىققان ئاۋاز خۇددى بولقا بىلەن تۆمۈر سوققاندەك شۇنچىلىك قاتتىق شۇنچىلىك چىڭ چىقاتتىكى قۇلاقلىرىم ھېلى پاڭ بوپ قالىدىغاندەك ئىدى . ئاتنى گاھ قارا گاھ ئاق رەڭدە كۆرەتتىم . ئات ئۈستىدە گھ ياياق ، گاھ ئىگەرلىك ئولتۇراتتىم ، ئالدىمدىكى چوڭقۇر بىر ھاڭ تۇمانلار ئارسىدىن ماڭا كۆرۈنگەندە ئاتنى توختۇتۇشقا ئۇرۇندۇم ، شۇنچە كۈچۈدۈم ، بىراق ئات بىلەنلا ھاڭغا چۈشۈپ كەتتىم .
- زۇليار ، زۇليار – بىرنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ تۈرتىشىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم . شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ، چىلىق-چىلىق سۇ ئىچىدە زۇلفىرەنىڭ قۇچقىدا ياتاتتىم .
- قارا بېسىپ قاپتۇ ، بولدى ھېچقىسى يوق ئۇخلايلى – ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىمدە بېشىمنى ياستۇققا قويدۇم ، بىر ۋاقىتقىچە ئۇخلىيالماي ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدىم . زۇلفىرە كەينىمدىن شۇنداق يەڭگىل قۇچاقلىدى ، مەنمۇ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنى مەيدەمگە باستىم .
- سىزگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مەيدەمنى كىچىك ، ئىسسىق قوللىرى بىلەن سىيلىدى .مەن ئۇنى باغرىمغا تېخىمۇ چىڭ باسقىنىمچە خىيالغا پاتتىم .
مەنمۇ ئۇنۇڭغا شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن ئىدىمكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باققان ۋاقتىم بىر سائەتكىمۇ يەتمەيتتى . بىراق بۇ ئالتە ئاينى قانداق ئۆتكۈزۈش مەن ئۈچۈن بىر قىيىن مەسلە ئىدى . ئاستالا ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيدۈم ... پاكىزە نۇرىنى ياتاق دېرىزىسىدىن غۇۋا تۆۈپ تۇرغان ، ئۆزىنى خىجىللىق ھېسياتلىرى بىلەن بۇلۇتنىڭ كەينىگە دالدىغا ئالدى .
ئەتىسى سەھەردە ئايرۇپلان بىلەن ئانا يۇرۇت تۇپرىقىدىن ئايرىلدىم ، بۇ ئايرىلىشنىڭ ماڭا نىمە ئېلىپ كېلدىغىننى قانداق قىسمەتلەرنى مېنىڭ يولۇمغا تاشلايدىغانلىقىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىنسان بىلىپ بولمايتتى . ئۇنىڭ بىر ئېغىز سۆزۈم قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى . ‹‹ ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ !!›› .
6
دوختۇرنىڭ ماڭا ئۇزاتقان قان تەكشۈرۈش قەغىزىنى قولۇمغا ئالغاندا ، قوللۇرۇم بىلىنەر – بىلىنمەس تىتىرىدى ، كۆزلىرىم قەغەز ئۈستىدىكى ئېلىش قوشۇش بەلگىلىرىدە قانچە يۈگۈرگەن بىلەنمۇ بۇ قەغەزدە كۆرگەنلىرىگە ئىشەنمەيتتى .
- ئەيدىز ؟ - دوختۇرغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدىم ، ئۇمۇ بېشىنى بىلىنەر بىلىنمەس مىدىرلاتتى . قوللۇمدىكى قەغەزگە قەيتە بىر قارىدىم . – قايتا تەكشۈرۈڭ ھازىرلا بولامدۇ ؟
- بولىدۇ – دوختۇر شۇنداق دىگىنىچە يېڭى بىر ئىشپىرىس بىلەن بېلىكىمدىن قاننى تارتتى ، مەن خىزمەت كېنىشكەمنى كۆرسىتىپ دوختۇر بىلەن بىللە قان تەكشۈرۈش بۆلمىگە كىرىپ كەتتىم ، كاللام بۇندىن بىر ئاي بۇرۇنقى مېنى ئىچكىرىدىن ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سورۇندا پىرقىرايتتى .
مۇڭلۇق مۇزىكا ، ئېسىل شاراپلار بىلەن ئىچكىردىكى ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەتە شىنجاڭغا قايتماقچى بولغان سەككىز ئەركەك ، ئازادە ئايرىمخانىدا ھەر خىل سەيلەر ۋە ئېسىل شاراپلار بىلەن بىر-بىرمىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ ئولتۇرشاتتۇق . مېنىڭ ئاز ئىچەي دىگىنىمگە ئۇنىماي ئىچۈرگەن شۇ ئازغىنە ھارقىغا مەس بولۇپ ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ دىگەندەك خوشلاشماقتا ئىدىم .
سەھەر ئاپپاق بىر ياتاقتىن ئورنۇمدىن تۇردۇم ، يېنىمدا ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقان خەنزۇ ئايال ياتاتتى ، كۆزلىرىمنى قايتا بىر ئۇۋلۇدۇم . كېچىچە نىمە ئىش قىلغىنىمنى بىلمەيتتىم . ھەممىنى قىلغىنى ئاخشام ئىچكەن ئېسىل شاراپلار ئىدى ، ياتاقتىق چىقىپ كەتتىم ۋە شۇ كۈنىلا شىنجاڭغا قاراپ ئۇچتۇم .
دوختۇر بىلەن قايتا تەكشۈرگەن قان تەكشۈرتۈش قەغىزىنى كۆرۈپ شۇ ئىپلاس ۋە نىجىس كېسەلنىڭ مېنىڭ بەدىنىمدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم . كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغان شۇ مىنۇتتا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر پەس ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم . ھەممىنى قىلغىنى شەيتان ئەمەس بەلكى مەن ئۆزۈم ئىدىم . ھەممىنى قىلغىنى ھاراق ئەمەس شۇ ھاراقنى ئىچكەن مەن ئىدىم . ھېچكىمدىن ئاغرىنىش ، خاپا بولۇش ھەققىم يوق ئىدى . پەقەت ئۆزۈمنىلا كەچۈرمەيتتىم .
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەڭگىشكە ئازلا قالغان ئايالىمغا قاراپ كۆڭلۈم ئازىراق ئورنىغا چۈشتى .
- نىمە بوپسىز ؟
- شۇ ... پەسىللىك زوكام دەيدۇ ، ھەجەپ زېرىكتىم ، ھەر پەسىل ئالمىشىدىغاندا بىر نەچچە كۈن مۇشۇنداق بوپ قالىمەن – شۇنداق دېدىمدە ياتاق ئۆيگە ماڭغاچ – بېشىم ئاغرىپ تۇرۇدۇ ، بىردەم ئارام ئېلىۋالاي – دېدىم .
يىغىن زالىدا چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك ھالدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . دوختۇرخانا باشلىقى ھەممەيلەنگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن يىغىننىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى توغرىسىدا ئازىراقلا بىر نىمىلەرنى سۆزلىدى .
- زۇليار بۇ قېتىمقى ئۈگۈنۈشتە ئۈگۈنۈپ كەلگەنلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە يېڭى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ . ۋاقتى جىددى سەۋەپلەر بولماي قالسا ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالىدۇ ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يول تەييارلىقىنى قىلىپ بولىشى كېرەك .
مەن بېشىمنى پەس قىلىپلا تۇراتتىم ، زۇلفىرە بولسا يېنىمدىلا ئۈن-تۈنسىز ، خۇددى بىر قىيىن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى مىت قىلىپ يۇمماي ماڭا قاراپلا تۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي بېشىمنى تېخىمۇ پەس قىلىشقا ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىماسلىققا تىرىشاتتىم .
- رەھمەت بۆلۈم باشلىقى – ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم – سىزگە كۆپ رەھمەت ، مېنىڭ ئورنۇمغا ئەۋەتىلدىغان نامزاتنىڭ ئورنىغا مېنىڭ ئىسمىمنى ئوقۇشقا ئۇنى راستىنلا قايىل قىلىپسىز ، سىزگە قانداق رەھمىتىمنى بىلدۈرشۈمنى بىلەلمىدىم – ئۇنىڭغا ئالدىنقى كۈنى ھەممىنى دىگەن ۋە دوختۇرخانا باشلىقىغا مۇشۇ توغرىسىدا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنگەن ئىدىم .
- بۇنداق دىمەڭ ، سىزنىڭ ھازىرقى ھېسياتىڭىزنى چۈشۈنىمەن ، بىر دوختۇر بولۇش مەسئۇليتىم بىلەن بىمارغا ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىپ تۇرۇشۇم كېرەك – ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمنى چىڭ سىقتى . ئۇنى قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىلغلىغۇم بار ئىدى . بىراق ئۇنداق قىلمىدىم ، توغرىسى ئۆزۈمنى كىچىك كۆرسەتكۈم كەلمىگەن ئىدى ، ئۇنىڭغا ئىستىپانامىنى تۇتقۇزدۇم دە ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتىم .
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئايالىمنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنىچە يول تەييارلىقىمغا چۈشكىننى كۆردۈم ، ئۇنىڭ قېشىغا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئانام چاقىرىپ
- بالام كەلگىلى بىر ئايمۇ بولمىدىغۇ ، قارا ئايالىڭ ئېغىر ئاياق تۇرسا يەنە بىر يەرلەرگە ئۈگۈنۈشكە بارىمەن دەيسەنغۇ !
- ئانا ، مەندە نىمە ئامال ! دوختۇرلۇقىنى تاشلاپلا ئۆيگە كېلىپ بالا باقايمۇ يا ! – ئانامغا ئەزەلدىن بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدىم . ئاياللىممۇ داداممۇ ماڭا ھەيرنلىق ئىچىدە تىكىلىپلا قالغان ئىدى ، ئانام بولسا نىمە قىلىشنى بىلمەي يېنىمدا بىر ھازا تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئاستالا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
شۇنچىلىك ئېغىر ۋە ئاچچىق ئازاپ ئىچىدە ياتاق ئۆيگە كىردىم ، ھاردۇق مېنى قىينايتتى ، نىمىشقا بۇنچىلىك ھاردىغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىراق ياشىماق بۇرۇن تەس كەلگەن بولسا ھازىر ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېسياتتا ئىدىم . بۇنداق ھېسياتنى بىرسىگە ئىپادىلەپ بېرىشمۇ نەقەدەر قىين ھە !
ئايالىم كىرگەن بولسىمۇ بىراق بۇرۇنقىدەك ماڭا ئەركىلىمىدى ، بۇرۇنقىدەك ئارقامدىن كېلىپ قۇچاقلىمىدى ، قىچىقلىمىدى ، پەقەتلا ئېغىر بىر تىنىپ قويۇپ ئۈن تۈنسىزلا ياتتى .
- مەندىن زېرىكتىڭىزمۇ ؟ - ئۇنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلسەممۇ بىراق مەندىن بۇنداق سورايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئاستالا كەينىمگە ئۆرۈلدۈم ، ئۇمۇ ماڭا كەينىنى قىلىپ ياتقان ئىكەن ، كەينىدىن ئاۋايلاپ قۇچاقلىدىم ، ئۇنىڭ تومپايغان قوسقدا ئۇخلاپ ياتقىنى مېنىڭ كەلگۈسۈم ئىدى .
- ياق ، ئۇنداق ئەمەس
- نىمىشقا كېلىپلا يەنە ... – ئۇ گەپ قىلالماي قالدى
مەنمۇ نىمە دىيىشىمنى قانداق چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمەيتتىم . ئۇنىڭ قايسى ئويدا مەندىن بۇ سۇئاللارنى سورغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتىم . پەقەت بىلىدىغىنىم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ساداقەت ۋاپا ياشلىرىنىڭ قولۇمغا ئېقىپ چۈشكىنى ئىدى . ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرۈتتۈم . بىر نىمە دىگۈم كېلەتتى يۇ دىيەلمەيتتىم .
- ئەتە ماڭىدىكەنمەن ! – شۇنداق دېدىمدە ئۇنى قۇچاقلىغان قولۇمنى تارتماقچى بولدۇم بىراق قولۇم ئازىراق بىر تەۋرەنگەن سېزىمنى سەزدى – تەپتى !
- شۇنداق – ئۇمۇ كۆزلىرىدىكى يااشنى سۈرتۈپ پەرۋاسىزلا – تەپتى ، ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق تېپىدۇ ، ئانام قوسقىمغا قاراپ ئوغۇلكەن دەيدۇ . مەن تۇغقاندا سىز كېلىپ يېنىمدا تۇرامسىز ؟
- بۇ ... – مەن دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمىدىم ، بىراق ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ – ئامال قىلالىسام چوقۇم كېلىمەن .
ئايرىدۇرۇمدىكى يىغىن زالىدا ئايالىم ، ئاتا-ئانام ، بۆلۈم باشلىقى ۋە بىر نەچچە كەسىپدىشىم مېنى ئۇزاتتى . شۇنچىلىك غېرىپلىق ئىلكىدە ئۇلار بىلەن ئايرىم ئايرىم ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم .بۆلۈم باشلىقىغا
- ئاتا-ئانام ، ئايالىمنى سىزگە تاپشۇردۇم ، سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن – دىيەلىدىم ، ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلىۋەتتىم . دادام
- ھەي ئەركەكتەك ئىش قىلمامسەن ؟ قېنى كېلە بىزمۇ قۇچاقلىشىپ خوشلىشايلى ، ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا قانداق خوشلاشقان ؟ - ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مېنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ قويدى ، ۋە بوينۇمغا سۆيۈپ قويۇپ – ئۆزۈڭنى ئاسرا ، بېرىپلا بىزگە خەۋەر قىلىۋەت – دېدى
ئانام بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق خوشلاشتىم ، ئۇنى قۇچاقلىغان شۇ مىنۇتتا ئۇنىڭ قوينىغا سىڭىپ كىرگۈم كەلدى ، بىراق بۇ ئىشلار بەكمۇ قىيىن ، بەكمۇ قىيىن ئىدى .
- خوتۇن – ئۇنى تۇنجى قېتىم شۇنداق ئاتىدىم ، ئۇ كۆززلىرىدىكى ياشلىرىنى يۈشۈرالمايلا كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنى ئاستالا باغرىمغا باستىم ، بۇ مىنۇتتا كاللامغا ھېچنىمە كەلمەيتى ، نە ھايا دىن ، نە ئىزادىن ئەسنا قالمىغاندەك ئىدى – ئۆزۈڭلانى ئاسراڭلار ، بالىغا قانداق ئىسىم قويۇشنى بۇرۇن دىيىشىپ بولغانغۇ شۇ بويۇنچە بولىۋەرسۇن ، مەنمۇ ئامال بولسىلا كېلىمەن – ئۇ گەپلىرىمىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ، ئۆي تۇتقىلى بىر يىلدىن ئېشىشىغىلا سىلى دەپ ھۆرمەتلەپ گەپ قىلسام كۈلمەي قالامتى .
ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيتتىم ، يۈرۈگۈمگە ، ئاشۇ زەئىپلىك قاپلىغان يۈرۈگۈمگە ئۇنىڭ رەسسىمنى تارتماقچى ئىدىم . ئايرۇپلان ئەمدىلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشىگە ئايرۇپلان دېرىزىسىدىن ئاشۇ مەنزىرىنى قايتا بىر كۆرۈۋالماقچى بولغاندەك سىرىتقا قارىدىم . بۇ ۋاقىتتا سىرىت ئاللىقاچان ئالەم قاراڭغۇلۇقىنى كىيىپ بولغان ئىدى ...
خاتىمە ئورنىدا
ئىشىكنىڭ يەڭگىل چېكىلىشىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم ، ئۈستىمگە ئۇخلاش كىيىمىنى ئارتتىم دە ئىشىكنى ئېچىشقا ماڭدىم . ئىشىك ئالدىدا بىر قىز مۇلازىم تۇراتتى
- ئەپەندىم ، سىزنىڭ جۇڭگۇغا ماڭىدىغان ئايرۇپلانىڭىز ئۇچۇشقا يەنە ئىككى سائەت قالدى .
- رەھمەت سىزگە !
شۇنداق دېدىم دە ئىشىكنى ياپتىم ، تازا بىر كېرلىۋەتكەندىن كىيىن مۇنچىغا چۈشۈپ ، كىيىملىرىمنى يەڭگۈشلۈدۈم ۋە ئايرۇدۇرۇمغا قاراپ ماڭدىم .
كۈتۈش زالىدا ئارام خۇدا ئولتۇردۇم ، مانا بىردەمدە جۇڭگۇ زىمىنىدىن ئايرىلغىلى 4 يىل بوپتۇ ، بۇ جەرياندا ئۆيدىكىلەر بىلەن ئايالىم بىلەن ئالاقىلىشالمىغان بولساممۇ بۆلۈم باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم ، ئۇمۇ ئىككى ئۈچ ئايدا بىر توردا ۋە خەت ئارقىلىق ئايالىمنىڭ ، ئانامنىڭ ، دادامنىڭ ئوماق قىزىمنىڭ رەسسىمنى ئەۋەتىپ تۇردى . ئۇلارنىڭ ھەر بىر پارچە رەسسىمنى كۆرگىنىمدە ئۇچۇپ بارغۇم ، ئۇلارغا قېتىلىپ بىر پارچە خاتىرە رەسسىمگە چۈشكۈم ، ئاشۇ خاتىرە رەسىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ‹‹ مېنىڭمۇ ئائىلەم بار ›› دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى ....
بېيجىڭغا چۈشۈپلا ئۈرۈمچىگە ماڭدىغان چۈشتىن كىيىننىڭ ئايرۇپلان بېلتىدىن بىرنى ئالدىم . خۇددى بىرى كەينىمدىن قوغلاۋاتقاندەك ھېسياتتا ئايرۇپلان كۈتۈش زالىغا كىرىپ ئولتۇردۇم ، شۇ مىنۇتتا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر بىچارە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلۋاتاتتىم . مېنى قوغلاۋاتقىنى قانداقتۇر بىر ئىت ئەمەس بەلكى ئەزرائىل ئىدى .
ئۈرۈمچنىڭ ئايرۇپلانىدا ئولتۇرۇپ كاللامغا نۇرغۇن سۇئاللار كېلىپ كەتتى ، شۇ سۇئاللاارنى سۈرگەن مۇشۇ كاللامغا ئۆچلىككىممۇ كېلىۋاتاتتى .
‹‹ ئۇلار مىنى قارشى ئالارمۇ ؟ ئايالىمنىڭ يۈزىگە ئاتا – ئانامنىڭ يۈزىگە قانداق قارامەن ؟ دوسلۇرۇمچۇ ؟ ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارامەن ؟ مېنىڭ ئاشۇ نىجىس كېسىلىم بىلەن زىمىن مېنى ئۆز قوينىغا ئالارمۇ ؟ ....›› سۇئاللارنى ئويلىغانسىرى ئۆزۈم قورقىۋاتاتتىم .
‹‹ ئايرۇپلان ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشۈاتىدۇ ، ھەر قايسى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ››
بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپلا يەنە ئايرۇپلان دېرىزىسىدىن سىرىقا قارىدىم ، كۆزلىرىم غۇۋالاشتى ، ئىچىمنى بىر ئاچچىق قاپسايتتى ، يىمىرىلگەن جىسمىم ، تۈگەشكەن روھىم مېنى سوراقلايتتى ، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياش يىرىك ئاق ئارلاشقان ساقاللىرىم ئۈستىدە بىردىن – بىردىن ئېسىلماقتا ئىدى .
‹‹ ئەنە ئاشۇ ئايرۇدۇرۇمدا مېھرىبان ئانام ، جاسارەتلىك دادام ، قەدىردان ئايالىم ، ئوماق قىزىم مېنى ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ›، ئۆز – ئۆزۈمگە شۇنداق پىچىرلىغان ۋاقىتتا بالا ئوتىدا پۇچۇلۇنۇپ ، دادامنى يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپ قالغان ئانامنىڭ مېنى ئايرۇدۇرۇمدا كۈتەلمەيدىغانلقىنى خىيالمىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم .