كۆرۈش: 14501|ئىنكاس: 11

قىز - يىگىتنىڭ پاراڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
422
تۆھپە
216
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 22:26:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىز - يىگىتنىڭ پاراڭلىرى
                                 
(1) 80 - يىللار


    - شېرىن، ئەجەب يالغۇز سىرتلارغا چىقمايسىز دېسە، بۇ كوچىدا ئەگىپ يۈرگىنىمگە بىر ئاي بوپتۇ، ئاران پۇرسەت چىقتى، بىر گېپىم بار...
    - چاپسان ئېيتىڭ، كىرىپ كەتمىسەم بولمايدۇ.
    - چىمەن دوپپىڭىزنىڭ گۈلى بولاي دەيمەن.
    - تاھىر، بولدى، دەرھال كېتىڭ، باغقا ئىشلىگىلى كەتكەنلەرنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى، ئۇيات  بولىدۇ.
    - مەنمۇ بايىلا باغدىن كەلدىم، ئۇلارنىڭ كېلىشىگە تېخى بالدۇر، مەندىن ئۆزىڭىزنى ئەپ قېچىۋاتىسىز، ئۆيىڭىزگە ھامان ئەلچى كىرگۈزىمەن، ماڭا رازىلىق بېرەرسىزمۇ؟
    - شېرىن، گەپ قىلمايسىزغۇ؟ بوپتۇ سىزنى خىجىل قىلماي، شۇنداق، كېتىشىم كېرەك، ئۇيات بولىدۇ، نامەھرەم بولىدۇ. سىزنى ھالالىم قىلغۇچە باغىمدا تەنھا سايرىمىقىم ئەۋزەل، ئامان بولۇڭ، ئاللاھقا  تاپشۇردۇم، ئامان بولۇڭ.


(2) 90 - يىللار


    - شېرىن، نەگە ماڭدىڭ؟
    - بازارغا، سىزچۇ؟
    - مەھەللىدىكى بالىلار توشقان تۇتقىلى چىقىمىز  دەيدۇ، بىللە چىقىپ كىرەي.
    - ۋاي كىچىك بالا، چوڭ بولمايسىزغۇ زادى؟
    - چوڭ بولاي دېسەم بىزنىڭ شېرىن چوڭ بولماپتۇ ئەمەسمۇ؟
    - شېرىننىڭ چوڭ بولۇشىغا ئالتە قاپاق پىششىقى بار.
    - ھويلىدىكى قاپاقلارنى ساناپ تۇراي ئەمىسە.
    - ۋاي ما گەپنى، ئوبدان ساناڭ، خاتا بوپ قالمىسۇن يەنە.
    - قاپاق پىشقاندا، سېنى ئىزلەيمۇ؟ ياكى ئەلچى بارسۇنمۇ؟
    - ... بولدى، مەن كەتتىم، خوش!

(3) 2000 - يىللار


    - پەرھات، توپ ئوينامسىز؟
    - شۇنداق ئوينىغۇم بار ئىدى، ئەمما چۈشتىن كېيىن گىتار ئۆگەنگىلى چىقىمەن.
    - راۋاپ ئۆگەنسىڭىزچۇ گىتار ئۆگەنگىچە، مەن شۇنداق ئامراق.
    - ئوغۇل بالىغا 72 ھۈنەر ئاز، ئۇنىمۇ قىلىپ كۆرەرمەن، قېنى سىز ئۈچۈن شېرىن، بۇ خەتنى...
    - نېمە بۇ؟
    - ئاچسىڭىز بىلىسىز، مەكتۇپ جاۋابىغا مېنى بەك ساقلاتماڭ شېرىن، بولامدۇ؟
    - ئوقۇپ بولۇپ بىر نېمە دەي...


(4) 2010 - يىللار


    - شېرىن، توردا بارمۇ؟
    - ھەئە، ئۇخلىماپسىەنغۇ؟
    - سىېنى سېغىنىپ.
    - ئوخشىدى، ئويۇن ئويناپ تايىنلىق.
    - ھا ھا، چاقچاق. ئەتە چۈشتىن كېيىن كىنوغا بارامسەن؟
    - ياق، خالىمايمەن.
    - ئۆيگە بەك كەچ قالساق مەن  ئاپىرىپ قويىمەن.
    - بولدى، رەھمەت، بارغۇم يوق، ئۆيدىكىلەرمۇ قوشۇلمايدۇ چوقۇم.
    - ئەمىسە مېنىڭ ھېلىقى تەكلىپىمچۇ؟
    - يۈرۈش ئىسلامدا يوق.
    - ئۇغۇ شۇ، لېكىن ھازىر قايسى دەۋىر...؟
    - قايسى دەۋىر بولسا ئوخشاش.
    - مېنى چۈشەنمەيۋاتىسەن...
    - ... كىم كىمنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-27 10:10  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
113
تۆھپە
75
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:24:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا قىزىقكەن ،كۈلۈپ كىتىپتىمەن ،بەكلا ياخشى شەرھىلەپسىز ،ئەمىلىيەتتە بار گەپلەغۇ بۇ .

Rank: 4

تىللا
327
تۆھپە
151
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:44:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا  قىزىق  پاراڭلاركەن.90- يىللاردىكى  قىز -يىگىتلەر  پارىڭى  تۇنجى مۇھابەتلىك  كۈنلەرنى ئەسلىتىپ   قويدى

Rank: 1

تىللا
15
تۆھپە
1
UID
28909
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 15:06:30يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئوبدان چىقىپتۇ ما رومان.....80-يىللاردىكىدەك ياشاپ باققۇم بار ئىدىﻂئەپسۇس چوڭ بولسام 2000بولۇپ كېتىپتۇ يىلغا

Rank: 4

تىللا
285
تۆھپە
77
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 15:55:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راست   ھەجەپ   قىزىق    چىقىپتۇ  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
966
تۆھپە
616
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 16:21:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىليەت ئۆز ئەينى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1494
تۆھپە
340
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 16:26:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمسىمۇ ھازىر مۇھابەتلەشمەك بەك ئاسان بۇلۇپ كىتىپتۇ،2000-يىللاردا بىر كۇن ئاۋارە بۇلۇپ خەت يازساق  ئۇنى بىرىپ بۇلالماي  قىينىلاتتۇق.

Rank: 4

تىللا
235
تۆھپە
96
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:12:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.

Rank: 1

ئىسىمى
نەسىردىن
تىللا
10
تۆھپە
4
UID
29162
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 13:30:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىكەن  !!!رەھمەت!!!

Rank: 2

تىللا
149
تۆھپە
28
UID
17415
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 20:08:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا......ئوخشىدى ھە.....راس ياخشى چىقىپتۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 04:58, Processed in 0.079189 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991