كۆرۈش: 15674|ئىنكاس: 15

ھاياتلىقتىكى مۇنۇ 40 مەسلىھەتنى بىلىپ قويۇڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
556
تۆھپە
292
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 10:29:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاياتلىقتىكى مۇنۇ 40 مەسلىھەتنى بىلىپ قويۇڭ!



    1. باشقىلارغا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ بېرىڭ ھەم بۇ ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭ.
    2. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن شىئېرنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ.
    3. باشقىلارغا مەن سىزنى سۆيىمەن، دېگەن چېغىڭىزدا چوقۇم سەمىمىي بولۇڭ.
    4. «ئەپۇ قىلىڭ» دېمەكچى بولسىڭىز، بۇ سۆزنى قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ دەڭ.
    5. بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىشقا ئىشىنىڭ.
    6. باشقىلارنىڭ خىيالىي ئارزۇسىنى ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
    7. پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن سۆيسىڭىز كۆڭلىڭىز ئازار يېيىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ مۇكەممەل ھاياتنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى.
    8. پىكىر سولغا بۇرۇلۇپ كەتسە، كۆز ئالايتمايدىغان ھەم ئېتىنى ئاتاپ جىدەللەشمەيدىغان بولۇڭ.
    9. گەپنى ئالدىرىماي سۆزلەڭ، ئەمما تەپەككۇر قىلىشىڭىز تېز بولسۇن.
    10. بەزىلەر سىزدىن جاۋاب بېرىشنى خالىمايدىغان سوئالنى سورىغاندا، سىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن «سىز نېمىشقا بۇنى بىلمەكچى بولۇپ قالدىڭىز» دەپ سوراڭ.
    11. ھەقىقىي سۆيگۈ ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتە قاراملىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ.
    12. ئاتا - ئانىڭىزغا تېلېفون قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
    13. باشقىلار چۈشكۈرسە «ئاللا سىزنى پاناھىدا ساقلىغاي» دەپ قويۇڭ.
    14. يېڭىلگەن بولسىڭىز بۇ ساۋاقنى ئۇنۇتماڭ.
    15. ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆز قىلمىشىغا مەسئۇل بولىدىغان بولۇڭ.
    16. ئۇششاق - چۈششەك تالاش - تارتىشلارنى قىلىپ، ئۇلۇغ دوستلۇققا تەسىر يەتكۈزمەڭ.
    17. خاتالاشقىنىڭىزنى بىلگەن ئىكەنسىز چوقۇم تۈزىتىڭ.
    18. تېلېفون ئالغاندا كۈلۈمسىرەپ ئېلىڭ، بۇنى قارشى تەرەپ ئاۋازىڭىزدىن بىلەلىسۇن.
    19. سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭ.
    20. خىلۋەت جايدا تۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.
    21. ئۆزگىرىشنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىدىغان، ئەمما ئۆز پىرىنسىپىڭىزغا خىلاپلىق قىلمايدىغان بولۇڭ.
    22. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بەزىدە سۈكۈتنىڭ ئۆزى ئالتۇن.
    23. كىتابنى كۆپرەك ئوقۇڭ، تېلېۋىزورنى ئاز كۆرۈڭ.
    24. تىرىشىپ ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرۈڭ. غېرىب كەچۈرمىشلىرىڭىزنى ئەسلىگىنىڭىزدە ئۇنىڭدىن يەنە ھۇزۇرلىنالايسىز.
    25. «ياراتقۇچى ئاللاھ، ئەمما يارالغۇچى ئۆزىڭىز» ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ.
    26. ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆيۈنۈش ھەممىدىن مۇھىم، سىزنىڭ بارلىق قىلغان - ئەتكەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئىناق ھەم بەختلىك ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈندۇر.
    27. جورىڭىز بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا، شۇ ئىش ئۈستىدىكىلا گەپنى قىلىڭ، كونا خاماننى سورىماڭ.
    28. كىتابنى چۈشىنىپ ئوقۇڭ.
    29. ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان يەر شارىغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىڭ.
    30. ئىبادەت قىلىشنىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىز بولىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ.
    31. باشقىلار سىزنى ماختىسا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەيدىغان بولۇڭ.
    32. سالغان مەبلىغىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ.
    33. سۆيگەن ۋاقتىڭىزدا كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان ئادەمگە ئىشەنمەڭ.
    34. يىلدا بىر قېتىم ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ.
    35. پۇل تاپقىنڭىزدا، توققۇزىڭىز تەل ۋاقىتتا باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم قىلىۋېلىڭ.
    36. بەزىدە ئېرىشەلمەسلىكنىڭمۇ بىرخىل ئامەت ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.
    37. قائىدىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن لوقما سېلىڭ.
    38. ھەقىقىي ھېسسىياتنىڭ ئۆزئارا ئېھتىياجدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ياخشى كۆرۈپ تارتىشىشتىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
    39. ئادەمنىڭ مىجەز - خاراكتېرى ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.
    40. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز ئۇنىڭغا ئېرىشىش جەريانىدا قانچىلىك نەرسىدىن مەھرۇم بولغانلىقىڭىزغا باغلىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 10:59  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2095
تۆھپە
739
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:14:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر -بىرىدىن چۈشىنىشلىككەن،رەھمەت ئەجرىڭىزىگە .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1650
تۆھپە
551
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:15:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
33. سۆيگەن ۋاقتىڭىزدا كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان ئادەمگە ئىشەنمەڭ.

بۇ گەپ خاتامۇ قانداق؟


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2208
تۆھپە
1050
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:00:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAPITA يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 11:15
33. سۆيگەن ۋاقتىڭىزدا كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان ئادەمگە ئىش ...

   بۇ يەردىكى  ‹ كۆزىنى يۇمۇۋېلىش  › نى كۆچمە مەنىدە چۈشىنىڭ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2208
تۆھپە
1050
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:03:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
34. يىلدا بىر قېتىم ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ.
ئەگەر شارائىت يار بەرسە يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك  قىلسا قانداق ياخشى !
مەنمۇ ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان يەرلەرگە بېرىشنى ، بۇرۇن مېڭىپ باقمىغان يوللاردا مېڭىپ بېقىشنى ياخشى كۆرەتتىم .


Rank: 4

تىللا
287
تۆھپە
96
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 14:37:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر ئەپەندى تىمىلىرىڭىز بىر -بىردىن سەرخىلكەن ، بۇ مەسلىھەتمۇ  ناھايتى  ئىسىلكەن ،رەخمەت سىزگە.ياخشى تىمىلىرىڭىز تىخىمۇ بەركاتلىك بولغاي


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پاتىگۇل
تىللا
122
تۆھپە
80
UID
23086
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 15:51:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقاللىلىرىڭىز بەكلا ياخشىكەن ،مەن ھەممىنى ساقلىۋالدىم ،ئەمىلى تۇرمۇشۇمغا تەدبىقلىسامكەن دەيمەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
716
تۆھپە
231
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:15:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
36.ئېرىشەلمىسىمۇ ئامەت ھېساپلىنامدۇ؟!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2208
تۆھپە
1050
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:32:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koraxqan يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 16:15
36.ئېرىشەلمىسىمۇ ئامەت ھېساپلىنامدۇ؟!


    ئەلۋەتتە ، چۈنكى سىز بىر قېتىملىق تەجرىبە - ساۋاققا ئىگە بولدىڭىز ، بەلكىم ئۇ ئىش سىزگە يېڭى - يېڭى ئىلھاملارنى ئاتا قىلدى .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2596
تۆھپە
1347
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 19:20:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر -بىرىدىن چۈشىنىشلىككەن،رەھمەت ئەجرىڭىزىگە .


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-11-2 10:59, Processed in 0.081775 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991