شىنجاڭ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسىنى يېڭىۋالدى (2:0)
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان 2012 - يىللىق جۇڭگو ب دەرىجىلىك كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن شەندوڭ ياشلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 0 گە قارىشى 2 نەتىجە بىلەن شەندوڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، 4كۈچلۈككە كىرىشكە يول ئاچتى. بۈگۈنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىكى 27 - نومۇر ئابدۇغېنى ئىككى توپ كىرگۈزدى، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى ئابدۇغېنىدىن پەخىرلىنىدۇ.
