كۆرۈش: 43741|ئىنكاس: 63

مەن قانداق قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
سىرلىق
تىللا
63
تۆھپە
20
UID
23461
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 14:55:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن قانداق قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم؟ كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ


تورداشلار، ياخشىمۇسىلەر:
    مەن بۇلتۇر بەشىنچى ئايدا توي قىلغان، ھازىر سەككىز ئايلىق بىر قىزىم بار، ئايالىممۇ مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ، يېقىندا تۇرمۇشۇمدا بەك چوڭ بىر ئىش يۈز بەردى، ئۆزۈمنىڭ خاتالىقىمۇ ھېچ بىلمىدىم، ئىدارىگە بىر خىزمەتچى كېلىپ، باشتا خىزمەتداشتەك ئۆتتۇق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزدا ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. قارشى تەرەپمۇ مېنىڭ ئائىلەم، پەرزەنتىم بارلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما غەرەزسىز ھالدا مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ بىلىپ - بىلمەي ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۇيغۇمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تارتساممۇ كۆڭلۈم ئۇ قىزنى ياخشى كۆرىسەن، دەيدۇ، ئادەم ھېسسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ، بۇنى بىلىمەن، لېكىن دېمەككە ئوخشاش ئاسان بولسا ھە، بىردەمدىلا ئۇنتۇپ كەتسە. مەندەك شارائىتتىكى ئادەمگە نىسبەتەن بىرسىنى ياخشى كۆرىمەن دېسە بۇ بىر تېتىقسىزلىق، ئۇنىڭدەك توي قىلمىغان قىزغا نىسبەتەن مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش بۇ بىر ئەخمىقانىلىك، لېكىن بۇ بىر ھەقىقەت. بۇ ئوتنىمۇ بەلكىم دىلىمىزغا ئىگىسى سالغاندۇ. بىزنىڭ ياخشى كۆرۈشلىرىمىز گەرچە بىر ئاخىرى يوق سەپەر بولسىمۇ، ئىككىلىمىز كۆپ ئازاب تارتىۋالدۇق.
    قانداق قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلىمەن! سىلەرچە مەن نېمە بولدۇم؟؟؟


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
209
تۆھپە
108
UID
17521
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:10:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىڭ، كۆڭىلىنىڭ كەينىگە كىرمەڭ!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
485
تۆھپە
254
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:28:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسىڭىز كۆڭۈلسىز ئىشلار كۆپ بولىدۇ،دوستۇم دىققەت قىلىڭ،بىردەملىك ھېسىياتقا بەخىتلىك ئاھىلىڭىزنى تىگىشمەڭ.


Rank: 1

ئىسىمى
ئەرك-ئاي
تىللا
65
تۆھپە
10
UID
8724
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:33:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلىم  سەل ھەيران ،  ئايالىڭىز نى ياخشى كۆرمەيلا توي قىپتىكەنسىزمۇ دەيمەن ، بۇلتۇر توي بولسا ھازىر تېخى شىرىن ئاي مەزگىلى دىسىمۇ بولىدۇ  تېخىى قىزىڭىزنىڭمۇ تازا كۆيدۈردىغان ۋاقتى ئىكەن ،شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ............  بولدىلا ......
ئىشقىلىپ قاملاشماپتۇ بۇ ئىش ،ئائىلە مۇھىم .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2161
تۆھپە
1042
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 12:43:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سىز ئاچا يولغا كەپقاپسىز ، بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ،  چۈكى ھەممىمىز ھىسسسىياتلىق ئادەم ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدا سىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىش ھەممىدىن مۇھىم ! مېنىڭچە ،  سىز ئايالىڭىزنىمۇ شۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ، ئۇنى نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئىچىدىن تاللىۋالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك بىر جۈپلەردىن بولماق ئۈچۈن توي قىلغان ، شۇنداقمۇ ؟ چوقۇم شۇنداق !
مانا ئەمدى ئوماق قىزىڭىز باركەن  ، ئەتە - ئۆگۈن چۈچۈك تىللىرى بىلەن سىزنى ‹ دادا › دەپ چاقىرغاندا قانچىلىق بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ كېتەرسىز - ھە ! قىزىڭىزمۇ  سىزنىڭ ۋە ئايالىڭىزنىڭ مېھرىبانلىقى ئاستىدا ساغلام چوڭ بولسا ، ئايالىڭىز ئىككىڭلار ئاتا قىلغان بەختتىن بەھرلەنسە  ھەمدە سىزدەك كۆيۈمچان ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك دادىسىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنسە  قانداق ياخشى !
سىزگە دەيدىغىم ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزنى قەدىرلەڭ ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىڭىزنى ئايالىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈڭ ، ‹ ئۇ قىز › بىلەن زىيادە يېقىن بولۇپ كەتمەڭ ، ئۇ قىزدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ ، بولمىسا مۇناسىۋىتىڭلار  كونتۇرول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتسە ، ئۇ قىزغىمۇ ، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزگىمۇ كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بېرىسىز .
ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىش ئادەمنى پەزىلەتتىن ، ئۆزى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بەختتىن مەھرۇم قىلىدۇ .
يۇنانلىق پەيلاسوپ شۇنداق دەيدۇ : بىردەملىك ھاياجاننى ئەمەس ، ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان خۇشاللىقنى قوغلىشىڭ .
بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم ، مېنىڭچە ، سىز چوقۇم توغرا يولدا ماڭالايسىز ! سۆيۈملۈك ئايالىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ! قىزىڭىزغا ساغلاملىق ۋە گۈزەل ئىستىقبال تىلەيمەن !


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
217
تۆھپە
83
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 13:16:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق، قىزىڭىز بارئىكەن ،قىزىڭىىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاڭ ،ئۇمۇيىقىن ئارىدا بىرىگە ھالال جۈپ ، بىرنارىسىدىگە ئانا بۇلىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BIRTAMQASU تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 13:17  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
1543
تۆھپە
355
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 14:32:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە سىز مۇھابەت قاينىمىغا كىرىپ بوپسىز.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
816
تۆھپە
239
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 15:39:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوتنىمۇ بەلكىم دىلىمىزغا ئىگىسى سالغاندۇ دەپ ئۆزىڭىزنى ئاقلاۋېتىپسىز! بىلىپ قېلىڭ، سىزگە شۇنى يېقىملىق، گۈزەل قىلىپ كۆرسىتىۋاتقىنى شەيتان!
قالغان ئىش ئىرادىڭىزگە، ئىتىقادىڭىزغا باغلىق!


راستتىلا زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن دەرس ئۆتۈدىغان بولدۇق!

Rank: 4

تىللا
263
تۆھپە
139
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:21:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  ، ئەرلەرنىىڭ كۆزى قارغىمۇ ؟ ئايالى بىلەن باللىرى كۆزىگە نىمە كۆرىندىغاندۇ ھە  ؟  ئەڭ ياخشىسى ئائىلىڭىزنى  ئويلاڭ .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
643
تۆھپە
225
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:24:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتون   خاتون    يەنىلا      شۇ     خاتون    !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 11:47, Processed in 0.082339 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991