ئىگىسى: سىرلىق

مەن قانداق قىلىشىمنى زادى بىلمىدىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
235
تۆھپە
96
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:29:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تولا شەيتاننىڭ چالغان دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماي ، ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىڭ. ئۇ قىز بەرگەن خوشاللىقلارنىمۇ ، ئايالىڭىز سىزگە بىرەلەيدۇ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
496
تۆھپە
156
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:39:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ،
كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ،
سەمەرقەنىت ئالمىسىدەك،
ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ.

دەپتىكەن، كونىلار.  پايدىسى يوق ئىشلار بۇ.  ئەڭ ياخشىسى نىكاھلاپ، ھەقلەپ ئالغان ئايالىڭىزغا بەكرەك كۆڭلىڭىزنى بېرىڭ.


Rank: 2

تىللا
166
تۆھپە
35
UID
4981
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 20:00:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا ‹‹ھېسىياتنى ئەقىل بىلەن تىزگىنلە›› دەيدىغان گەپ بار. ھازىر سىز نەق شۇ جۈملىنى ئىشلىتىدىغان يەرگە كەپسىز. ئېغىر  -بېسىق بولۇڭ، ئادەم دېگەندە ھېسىياتتىن باشقا يەنە ئەقىل، مەسئۇلىيەت، دادىلىق مەجبۇرىيەت...دېگەندەك تۈرلۈك ئاتالغۇلارمۇ بار. كۆڭلۈم دەپ كېتىۋەرسىڭىز ئىككى مەزلۇمەنى ئازابقا قويىسىز. ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئۇ قىز بىلەن ئاستا-ئاستا ئارىلىقىڭىزنى يىراقلىتىڭ. نۇرغۇن ئادەم قىيىالغاندىن كۆرە سىز بىر ئادەم قىينالغان ياخشىراققۇ دەيمەن. سىز چوقۇم قىلالايسىز. بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىكەنسىلەر، ئەڭ ياخشىسى يېپىق قازان يېپىق قالغىنى تۈزۈك. قىزىڭىز ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا قالمىسۇن، قىز بالا ئەمەسمۇ(خۇدا ساقلىسۇن)


Rank: 1

تىللا
40
تۆھپە
11
UID
28596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 21:06:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىڭىزنى ئويلاڭ ،ئىش ئانچە ئاددى ئەمەستەك قىلىدۇ ،ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىگىدەك قىز بولسا ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ .بۇ ئىشنى دەرھال يىغۇشتۇرمىسىڭىز بىر ئومۈر پۇشايماندا قالىسىز .ئالەمچە خۇشاللىق ئەشۇ ئائىلىڭىزدە .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
424
تۆھپە
234
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 21:11:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزنى چىڭ تۇتىۋېلىڭ بولامدۇ؟


Rank: 1

تىللا
40
تۆھپە
11
UID
28596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 21:29:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىر ئائىلە باشلىقى ،بىر ئەر ،بىر دادا تۇرۇپ  مۇشۇنىمۇ سوراپ بىر تەرەپ قىلماقچىما  ؟ قىلغان ئىشىڭىزنى شەرەپ بىلگەن ئوخشىمامسىز .ئادەمنىڭ باشقا جانلىقلاردىن پەرقى ئىككى پۇتلاپ مېڭىش ئەمەس بەلكى تەپەككۇر قىلالىشىدا .ئۇ قىز ياخشى كۆرۈشىڭىزگە لايىق بولسا ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ .بارچە خۇشاللىق ئائىلىڭىزدە .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
988
تۆھپە
632
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:53:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىردەملىك ھاياجاننى ئەمەس ، ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان خۇشاللىقنى قوغلىشىڭ .
بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم ، مېنىڭچە ، سىز چوقۇم توغرا يولدا ماڭالايسىز ! سۆيۈملۈك ئايالىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ! قىزىڭىزغا ساغلاملىق ۋە گۈزەل ئىستىقبال تىلەيمەن !

سەۋرى خانىم نىڭ بۇ پىكرى نىمە دىگەن ئورۇنلۇق


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1239
تۆھپە
525
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:36:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىسى سالغان ئوتمىش!!!(ئاغزىمغا ‹‹چىرايلىق›› گەپتىن بىرسى كەلگەنتى!) قارىسام مەندىن چوڭكەنسىز،  لىكىن شۇنداق بولسىمۇ  دەپ قوياي: بىر چىرايلىق ئائىلىڭىزنى بۇزماڭ،  قىزىڭىز قۇچىقىڭىزدا ئەللەيلەنسۇن، دادا مىھرىگە قىنىپ چوڭ بولسۇن، ئەگەر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىغانلا بولسىڭىز، ئايالىڭىز ۋە قىزىڭىز ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرگۈسىز گۇناھكارغا ئايلىنىسىز.
ھىلىمۇ جەمئىيتىمىز دە نۇرغۇن ئائىلىلەر بۇزۇلۇپ،كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلار تەربىيسىز قىلىپ، لۈكچەكلەر، بىكار تەلەپلەر، جىنايەتچىلەر توپىمىز بارغانسىرى زورايماقتا! كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىڭ...


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1450
تۆھپە
920
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 20:08:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ مۇۋاپىق ئەقىلدىن بىرنى كۆرسىتەي:
يۈرىكىڭىزگە قولىڭىزنى سېلىپ، دوپپىڭىزنى ئالدىڭىزغا ئېلىپ قويۇپ قاتتىق ئويلىنىڭ، ‹ئايالىڭىز›غا تۇرامسىز؟ ياكى ‹سۆيگىنىڭىز›گە تۇرامسىز؟  قارارنى ئۆزىڭىز چىقىرىڭ، ھەم ئەڭ ئاخىرىدا قارارىڭىزغا ئىگە بولۇڭ.
لېكىن قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئويلاشقان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسىگە ئايالىڭىز سىزگە ۋاپادار ھەم سادىقمۇ؟ سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى قويۇڭ ھەم يۈرەك پارىڭىزنىڭ ‹قىز› ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.


Rank: 2

تىللا
83
تۆھپە
18
UID
10992
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 23:29:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىم بار، دەيسىز ، كىلىشتۇرۇپ كاچات بىلەن بىر سالسام چۆچۈپ ئويغۇنارسىزمۇ ؟؟؟
بىر قىسىم ‘’يامان يول ‘’ غا كىرىپ قالغان قىزلارنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي : دادا مىھرىگە قانمىغان ياكى ئۆيىدە تۈۋرۈكى بولالىغۇدەك ئەركەك يوق ! ئۆيىڭىز تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلسىڭىز ، ئايالىڭىزنىمۇ ئويلىماڭ بوپتۇ قىزىڭىزدىن غەم قىلمامسىز ؟
ئا جىنمۇ بىر ئەقلى يوق نىمىكەن ، نىمە ئۆيى بار ئادەمنىڭ بىشىنى قايدۇرۇپ  يا بولمىسا ئۇ يىڭى كەلداخۇن خىنىمنىڭ مىجەزى سىزگە يىقىپ قالغان بولسا ئۆزىڭىز ئارتۇقچە ئويلىۋالمىغانسىز ھە ؟؟؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 11:49, Processed in 0.065374 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991