كۆرۈش: 7089|ئىنكاس: 5

«كۈتۈلمىگەن قوش توي» درامىسى توغرىسىدا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
250
تۆھپە
154
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 14:00:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«كۈتۈلمىگەن قوش توي» درامىسى توغرىسىدا




cap00.jpg



cap01.jpg



cap02.jpg



cap03.jpg



cap05.jpg



cap06.jpg



cap07.jpg



cap09.jpg



cap10.jpg



cap11.jpg



    (بۇ درامىنى شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى 1980 - يىللىرى ئورۇنلىغان.)
    ئاپتورى: تۇرسۇن يۈنۈس.
    رېژىسسور: نىجات ئەكبەر.
    ئاساسلىق روللاردا:
    ھايسىخان: رەيھان كېرىم.
    سادىرئاخۇن: نۇرۇم سابىرھاجى.
    ھەمراخان: سەربىي نۇراجى.
    سايىم ئاخۇن: مەمىتىمىن نورۇز.
    ئادىلجان: سەيدۇللا توختى.
    تاجىگۈل: ھەنىپە ئىسمايىل.
    پازىلجان: ئەركىن نىياز.
    ھاجىگۈل: رەيھانگۈل روزى.
    ئابدۇرىشىت ھاكىم: ۋارىس ئىسلام.
    ياسىن داموللاھاجىم: زەينۇللا بورھان قاتارلىقلار
    قىسقىچە مەزمۇنى:
    بۇ درامىدا سادىر ئاخۇن بىلەن ھايسىخان ئاكا - سىڭىل ئىككىيلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوغلى ئادىلجان بىلەن تاجىگۈلنىڭ تويىنى قىلىپ، ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئادىلجاننىڭ ئانىسى - ھەمراخان بىلەن تاجىگۈلنىڭ دادىسى - سايىم ئاخۇن بۇ توي ئىشىغا قوشۇلمايدۇ ھەمدە ئادىلجان بىلەن تاجىگۈلمۇ بۇ تويغا قوشۇلمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى ياشنىڭ مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ كەلگەن لايىقى بولۇپ، ئۇلار: «نەۋرىنى نەۋرىگە چېتىش قىلمىشى ئىلىم - پەندىمۇ، دىندىمۇ توغرا ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ لايىقى بىلەن توي قىلساق.» دېيىشىدۇ. سادىر ئاخۇن بىلەن ھايسىخان بالىلىرىنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، «بۇ توينى قىلغىنىمىز قىلغان» دەپ مەھكەم تۇرۇۋالىدۇ. ھەتتا بالىلىرىغا ئۇقتۇرماي، توي باغىقى تارقىتىدۇ. ئارىلىقتا بىرقاتار كۆڭۈلسىزلىك ۋە زىددىيەتلەر پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە ئابدۇرىشىت ھاكىم، مەريەم خانىم ۋە ياسىن داموللا ھاجىم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىشى ئارقىسىدا سادىر ئاخۇن بىلەن ھايسىخانلارنىڭ ئىدىيەسى ھەل بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ئۆز لايىقى بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئادىلجان بىلەن ھاجىگۈلنىڭ، پازىلجان بىلەن تاجىگۈلنىڭ تويى بىر كۈندە بولۇپ، ئەل - جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇۋېتىدۇ. بۇ درامىدا ئاتاغلىق چولپانلاردىن مەرھۇم سەيدۇللا توختى، مەرھۇم مەمىتىمىن نورۇز، ۋارىس ئىسلام، رەيھان كېرىم، سەربىي نۇراجى قاتارلىقلار رول ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەھنىدىكى ماھارىتى تاماشىبىنلارنى كۈلكە دېڭىزىغا باشلاپ بارىدۇ.
    يازغۇچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
    2012 - يىلى 23 - سېنتەبىر يېزىلدى. قەشقەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 11:22  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
250
تۆھپە
154
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 14:03:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كومىدىيىلىك درامما سەھنىدە ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئوينالغان بولۇپ، تاماشىبىنلارغا مەنىۋىي زوق ئاتا قىلالايدۇ.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1812
تۆھپە
1287
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:58:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى ئىشلەنگەن دىرامما ئىدى.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1269
تۆھپە
698
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 19:00:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقىمدىكى دىراممىلار ئىدى، بەزى كۆرۈنۈشلىرىگە تازا كۈلگەن تېخى...


Rank: 6Rank: 6

تىللا
403
تۆھپە
219
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 21:16:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ گۈزەل چاغلار ئىدى...............


Rank: 4

تىللا
285
تۆھپە
77
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:31:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   ئەسلى تېلىۋېزىيە  تىياتىرى   ئىدىغۇ ؟    دىرامما  مەن   كۆرۇپ  باقماپتىمەن .   بولسا  ماڭا   تېلىۋىزىيە  تىياتىرىنىڭ  ئادرىسىنى   يوللاپ   بەرگەن  بولسىڭىز   ؟    مېنىڭ    قايتا    كۆرگۇم  كېلىۋاتىدۇ ؟  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:13, Processed in 0.080734 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991