كۆرۈش: 31994|ئىنكاس: 24

يامانلىغان خوتۇنغا ئامال بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
485
تۆھپە
254
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 13:24:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يامانلىغان خوتۇنغا ئامال بار


   
    خوتۇن  ئاناڭلارنىڭ ئۆيىدە ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر ؟
    ئىككىمىز سوقۇشۇپ، سەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنگە ھازىر توپتوغرا 38 سائەت37 مىنۇت بولدى. بۇ ۋاقىت سەن ئۆتكەندە يامانلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا ياراتقان رېكورتتىن يەنە  4 سائەت 17 مىنۇت ئاز.
    سېنىڭ ئەپۇ سوراپ ئالدىڭغا بىرىشىمنى كۈتىۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن، مەنمۇ شۇ يولغا چىقاي دەپ تەييارلىنىۋاتىمەن، بىراق مەن سېنىڭ يەنە ئازراق چىداپ يىڭى رېكورت يارىتىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    مەن ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن، ئارتۇق ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ . گەرچە سەن ئامانەت كىنىشكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئېلىپ كەتكەن بولساڭمۇ، تېخى ئاچ قالمىدىم. تىقىپ قويغان ئىناۋەتلىك كارتا بار ئەمەسمۇ، خۇدا غا مىڭ شۈكرى، بۇ چوڭ ئاقتۇرۇپ تەكشۇرۇشتىن ئامان قالغىنى. شۇ كارتىغا بەش كۆينەك، ئۈچ قۇر ئىچ كىيىم، يەتتە جۈپ پايپاق ئالدىم، سەن كەلگىچە يېتىدۇ. شۇڭا كىيىملىرىمنىڭ كىر بولۇشىدىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ. داڭلىق ماركا دىگەننىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن، باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ!
    تامىقىمدىنمۇ ئەنسىرىمىگىن. مەن سەن كېتىپ ھازىرغىچە يېڭى ئېچىلغان يەتتە رېستۇرانغا بېرىپ تاماق يەپ بولدۇم. ئۇلارنىڭ مۇامىلىسى بەكلا ياخشىكەن، تېخى مېنىڭ يالغۇز تاماق يەۋاتقانلىقىمنى كۆرۇپ مېنى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالمىسۇن دەپ كېلىپ بىللە ھەمراھ بولۇپ تاماق يىيىشىپ بىرىشكە بىردىن ئىككى نەپەر ئىغىزى تاتلىق كۈتكۈچى قىزنى ھەمراھ قىلىپ قويدى. بۇ رىستۇران خوجايىنلىرى ماڭا بەكلا كۆيىنىدۇ. خاتىرجەم ئاناڭنىڭ ئۆيدە تۇرۋەر، ئورۇقلاپ قالسىە بولمىسا.
    لېكىن  بۇ كاساپەت  كۈتكۈچى قىزلارنىڭ ئىشتىھاسى بەك يامانكەن، رېستۇران خوجاينى قارىغاندا بۇلارنى ئاچ قويۇپ باقىدىغان  ئوخشايدۇ.  ھەر قېتىم بارسام بىر- بىرىدىن قىممەت نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ ئولتۇرىۋالىدۇ -دېسە. مەنمۇ سېخىي قولۇمنى كەڭ داستىخاندىن ئايىمايمەن. سەن بىلەن شۇنچە ۋاقىت ئۆي تۇتۇپ بىرەر ئېغىز ماختاشقا ئېرىشەلمىگەنتىم، لېكىن بۇ قىزلار مېنىڭ سېخىي، مەرت يىگىتلىكىمنى بىلىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ.
    ھەممىدىن بېشىمنى ئاغرىتىۋاتقىنى، ئۇدۇلىمىزغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ياش ئايال. ئۇ ھەر كۈنى ئۇنى- بۇنى سورىغان بولۇپ ماڭا گەپ قىلىدۇ. لېكىن سەن خاتىرجەم بولغىن. مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن. بۇ تەرەپتە مەندىن گۇمانلانساڭ بولمايدۇ.
    ئۆيدىكى گۈل- گىياھلارغا كەلسەك، ھازىرقىدەك سۇ قىس شارائىتتا گۈللەرنى سۇسىز قۇملۇق مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەن كەلگۈچە گۈللەرگە سۇ قۇيماسلىقنى قارار قىلدىم. بۇنىڭ گۈللەرگە پايدىسى بار.  ھەراست! ئۆيدىكى مۈشۈك ساڭا ئەگىشىپ بىللە كەتتىما؟ ئۇنى كۆرمىگىلى ئىككى كۈن بولۇپ قالدى.
    مەن چوقۇم سەندىن كەچۈرۈم سوراپ سېنى ئېلىپ كەتكىلى بارىمەن. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن كەلگىلى ئالدىرىماي ئۇزاقراق تۇر. چوڭلارمۇ سېنى سېغىنىپ قالغاندۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رېكورت مەسىلىسى بار ئەمەسمۇ.
قوشۇمچە: ئەگەر ئەتىگىچە كېلەلمەي قالساڭ، سەن ئۆچ كۆرىدىغان ھېلىقى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن خەلق رېستۇرانىغا  تاماق يىگىلى بېرىشىم مۇمكىن،نېمىلا دېگەن بىلەن، خەقنى رەت قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ دە!
خەير- خوش!
سېنى سېغىنىپ: ئېرىڭ

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
109
تۆھپە
63
UID
21452
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 11:31:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىغا «كۈلۈپ تۇرۇپ جېنىنى ئېلىش»دەپ ماۋزۇ قويسا مۇۋاپىق بولىدىكەن.


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
7
UID
28551
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 14:41:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىڭىز خىتىنى ئىلىش رىكۆتنى ياراتسىچۇ ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
643
تۆھپە
225
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:41:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتون    خاتون       خاتون      يەنىلا    شۇ    خاتون  !


Rank: 4

تىللا
263
تۆھپە
139
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:43:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەن بولسام ئىكلەنمەي ئاجىرشاتتىم ،     چاقچاق ھە  .  بەك قىزىق ئىكەن .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2590
تۆھپە
1347
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 19:24:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىغا «كۈلۈپ تۇرۇپ جېنىنى ئېلىش»دەپ ماۋزۇ قويسا مۇۋاپىق بولىدىكەن.


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
424
تۆھپە
234
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 21:21:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ سېپىللىرى خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر بىلەن قۇپۇرۇلغان....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
988
تۆھپە
632
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:28:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن،ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم


Rank: 4

تىللا
391
تۆھپە
190
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:48:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ !  بۇ خەتنى ئوقۇغان ئايال شۇ ھامان ئۆيگە قاراپ ئۇچا


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1450
تۆھپە
920
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 20:11:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ يېقىندىلا بىر يەردە ئوقۇۋىدىم، ئەپسۇس ئەسلىيەلمىدىم.
خېلى يۇمۇرىستىك يېزىلپتۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-24 11:49, Processed in 0.083265 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991