تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 5062|ئىنكاس: 1

كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بېلىق ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

69

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
5
مۇنبەر پۇلى
53
ئىشەنىچ
5
يوللىغان ۋاقتى 2015-11-16 00:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونلۇقلار ھەمىشە بېلىقنى يېڭى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن . بىراق ياپونىيەگە يېقىن دېڭىز ساھىلىدا بېلىقلار ئاز ئىكەن، شۇڭلاشقا ياپون خەلقىنى بېقىش ئۈچۈن بېلىقچىلار يىراق دېڭىز ساھىللىرىغا بېرىپ بېلىق تۇتىدىكەن. ئۇلار قانچە يىراققا بارغانسېرى بېلىقنى تۇتۇپ قايتىپ كېلىشكە كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاپ كېتىدىكەن-دە، قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت ئۇزاپ كېتىپ بېلىق يېڭى پىتى كېلەلمەيدىكەن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېلىقچىلىق شىركەتلىرى كېمىلەرگە توڭلاتقۇ ئورنىتىپتۇ. شۇندىلا ئۇلار بېلىقنى تۇتقان ھامان ئۇلارنى دىڭىزدىلا مۇزلىتىپ ، كېمىلەرنىڭ تېخىمۇ يىراقلارغا بېرىشىغا ۋە بېلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا شارائىت ھازىرلاپتۇ.بېلىقلار قىرغاققا ئىلىپ كېلىنگەندىن كىيىن ھالبۇكى، ياپونىيەلىكلەر يېڭى بېلىق بىلەن مۇزلىتىلغان بېلىقنىڭ تەمىنى ئاسانلا پەرقلەندۈرۋاپتۇ ھەمدە ئۇزاق مۇددەت مۇزلىتىلغان بېلىقنى يېيىشنى ياقتۇرماپتۇ.
بۇ سەۋەب تۈپەيلى مۇزلىتىلغان بېلىقلارنى بېلىقچىلىق شىركەتلىرى ئەرزان باھادا سېتىشقا باشلاپتۇ.قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق بېلىقچىلىق شىركەتلىرى بېلىقلارنى مۇزلىتىشنىڭ ئورنىغا كېمىلەرگە چوڭ بېلىقدان ئورنىتىپتۇ ھەم تۇتۇلغان بېلىقلارنى بېلىقدانغا تاشلاپتۇ.ئارىلىق يىراق ھەم ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بېلىقداندىكى بېلىقلار چارچاش ۋە زېرىكىش ھېس قىپتۇ ھەمدە بېلىقلارنىڭ تەمىمۇ يېڭى بېلىقلارنىڭ تەمىدەك ياخشى بولماپتۇ. بېلىقچىلىق سانائىتى يەنە بىر قېتىملىق كىرىزىسقا دۇچ كەپتۇ.
ئەمما بۈگۈن ئۇلار ياپونىيەگە يېڭى تەملىك بېلىقلارنى تەقدىم ئېتەلىدى؟ ئۇلار قانداق قىلىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى؟
بېلىقنى يېڭى، ئۆز تەمى بويىچە ساقلاش ئۈچۈن بىلىقچىلار بېلىقنى بېلىقدانغا سىلىپ كىچىك لەھەڭ بىلەن بىللە ساقلاپتۇ. لەھەڭ سەۋەبلىك بېلىقلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن توختىماستىن ئۆزىنى لەھەڭدىن قاچۇرۇپتۇ. بېلىقلار يولۇققان خىرىس ئۇلارغا ھاياتلىق ۋە يېڭىلىق ئاتا قىپتۇ. بىز ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بىر خىل تۇرمۇش رىتىمى ئاستىدا ياشىغانلىقتىن تۇرمۇشتىن زېرىكىش ۋە مەنىسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلارنى بايقىدىڭىزمۇ؟
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا «لەھەڭ» بىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغان يېڭى خىرىسلاردۇر. ئەگەر سىز تەرتىپلىك ھالدا يېڭى خىرىسلارنى بويسۇندۇرۇپ تۇرسىڭىز سىز ھەرۋاقىت خۇشال بولالايسىز. سىز يولۇققان خىرىسلار سىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. ئۆزىڭىزگە بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتنى دەسمايە قىلىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا مەست بولۇپ يۈرمەڭ. سىزدە ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالايدىغان شارائىت، ماھارەت ۋە ئىقتىدارلار بار. كېلەر يىلى بېلىقدان بىر «لەھەڭ»نى سەپ قويۇڭ ھەمدە قانچىلىك يىراقلارغا بارالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ بىقىڭ.


ئەپچىلەم سۇپا سەھنىسىدىن ئېلىندى. تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز توربىتىمىزنى زىيارەت قىلىڭ. توربەت ئادرىسى: www.epchilem.cn
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:26, Processed in 0.119904 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش