كۆرۈش: 3944|ئىنكاس: 5

تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى(ساتىرا)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
144
تۆھپە
79
UID
22680
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 19:23:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!»



(ساتىرا)



(بىر تورخۇمار تىلىدىن)



      (ئىزاھات: تور دۇنياسى مەۋھۇم دۇنيا. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،كۈندە دېگۈدەك تور دۇنياسىغا ئەسىر بولۇپ قېلىۋاتقانلار ئىچىدە، ئەخلاقنى،ئادەمىيلىكنى، ھەتتا ئىناق ئائىلە-پەرزەنتلىرىنى  بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، توپ-توپ ئەر-ئاياللارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى«ئاشىق-مەشۇقلار»دىن بولۇشۇپ، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ،نىكاھ-ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى...كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرىمىز.  بۇ ئىشلار ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى...ئاخىرى چولتا قەلەمنى ئازراق چاپتۇرۇپ باقتىم.... ئىشىنىمەنكى،بۇ ئاددىي ئەسىرىم  تور مەستانىسى بەزى ياشلىرىمىزغا ئازراق ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس....  



«مەۋھۇم دۇنيا تور دېگەن» دېسە،
سېلىپ شەيتان دىلغا ۋەسۋەسە،
كىرىپتىمەن،بولدى دەرد-ئېسە،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



ماھارەتتە يېزىپ ئەسەرلەر،
(خىيالىمدا بېزەپ قەسىرلەر)
مۇنبەر ئارا قوزغاپ تەسىرلەر،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



كۈنلەر ئۆتتى،ئاينى قوغلاپ يىل،
بىر گۈزەلگە باغلاندى بۇ دىل،
ھاياتىمدىن قىيىق كەتتى قىل،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



پاراڭلاشتۇق-«تېخى قىز»دېدى،
«جۆرە بولۇڭ ماڭا سىز»دېدى،
يېپىشتى چىڭ، داۋام ئىزدىدى،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



تونۇشلاردىن دوستقا ئايلاندۇق،
جانان بىر ئەت، پوستقا ئايلاندۇق،
مانا ئەمدى تۈگەل باغلاندۇق،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



كوت-كوت پاراڭ تۈگىمەي كۈندە،
ئۇيقۇ كەلمەي كېچىدە-تۈندە،
نالە قىلدىم بوغۇق بىر ئۈندە:
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



ئىكرانلارغا مىختەك قارىشىپ،
قەلبىمىزنى ئىزھار قىلىشىپ،
كېچە-كۈندۈز«سۆيۈپ-يالىشىپ»
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى.



خىيالىمدا شۇ گۈزەل جانان،
پاك سۆيگۈسى قەلبىمگە ئايان،
ئۇ يىراقتا- پىراقتا ھامان،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



سىملار ئارا ئۇچار خېتىمىز،
ئۈزۈلمەيدۇ شېرىن گېپىمىز،
گاھ «ئەر-خوتۇن» بولۇپ كېتىمىز،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



مۇشائىرە يېزىپ-ئۈنلىشىپ،
ياتلاردىنمۇ ھەتتا كۈنلىشىپ،
يۈز كۈرۈشمەي ئاشىق بولۇشۇپ،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



كورۈشمىسەك كۇندە ئون قېتىم،
بۇزۇلىدۇ تۇرمۇشتا رېتىم،
قۇتراپ تۇرار  داۋام شەيتىنىم
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



يىگەن سىڭمەس،تەنگە ئۇنىڭسىز،
ئەت قوشۇلماس ئەتكە ئۇنىڭسىز،
دېڭىزدىكى بېلىقمەن، سۇسىز،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



كىرىپ چىقماس ئۆي-ئايال ئەسكە،
بالىلارچۇ، ئوخشايدۇ خەسكە،
بۇنداق ياشاش توختىدى تەسكە،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



«بىر كۆڭۈلنى بۆلۈپ بولمايدۇ»
دېگەن گەپنى بىلىپ بولمايدۇ،
بۆلدۈم مانا،ئۆلۈپ بولمايدۇ،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



يوق بولسىمۇ ئۈمىد، ۋىسالدىن،
يىمىرىلمەس سۆيگۈ بۇ ھالدىن،
سەۋدالىقتا بولدۇم ئوسالدىن،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



ۋەدىلەشتۇق بىللە ئۆتۈشكە،
چىن ۋىسالدىن شەربەت ئىچىشكە،
تېخى ھەتتا جاندىن كېچىشكە،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



************************


بىلسەم جانان،ئۆيى بار ئىكەن،
بالىسى ھەم  ئېرى بار ئىكەن،
لېكىن شۇنداق خۇيى بار ئىكەن،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



بار مېنىڭمۇ ئۆيۈم-ئايالىم،
ھالال جۈپتۈم ھەم  ۋاپادارىم،
قايتتى بۈگۈن توردىنمۇ رايىم،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



«كۆيگەنمۇ يا كۆنگەن يامانمۇ»
كۆنۈپتىمەن،بىلدى جاھانمۇ،
ئاھ، ئايرىلىش ماڭا ئاسانمۇ؟
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



قىيناپ ئىككى«جانان»نىڭ دېغى،
تىنچ كۆڭۈلنى باستى غەم تېغى،
قىينىدىغۇ  ۋىجداننىڭ تىغى،
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى!



مەۋھۇم دۇنيا قىلمىسۇن ئەسىر،
رېئاللىقتا سەن سۆيگەن ئەتىر،
قىسمەتلىرىم قىلسۇنچۇ تەسىر،
ئاگاھلارغا يار بەخت ۋەسلى!



مەنبە: ئىجادىيىتىم.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 13:27:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
    تونۇشۇش بەزىدە  خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ  ، بەزىدە بولسا ئازاپ !


Rank: 2

ئىسىمى
سىرلىق
تىللا
53
تۆھپە
18
UID
23461
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 03:20:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
قۇرۇپ كەتسۇن تونۇشۇش نەسلى
تونۇشۇپ ھەم توزۇشۇپ كەتتۇق
باھار كەتسە باردەك قىش پەسلى


Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
4
UID
27578
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 22:45:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        يازمىڭىزغا رەخمەت ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن .


Rank: 4

تىللا
475
تۆھپە
115
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 22:11:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقەتەن   ئىبرەتلىك  بىر  تېما  يوللاپسىز  
  رەھمەت  سىزگە .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1014
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 21:51:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەق ئەمەلىيەتنى يۇرۇتقان پاساھەتلىك شئېركەن.ئاپىرىن!!!


بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 02:31, Processed in 0.075124 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991