كۆرۈش: 2652|ئىنكاس: 4

ئەدەبىياتنىڭ ئاسىيلىرى قانداق ئادەملەر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
28372
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 16:38:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەدەبىياتنىڭ ئاسىيلىرى قانداق ئادەملەر

ئۆمەر ئەمەت بەربەرى


    ئەدەبىيات دۇنياۋى ئورتاق ئۇقۇم. ئىنسانىيەت ھېچقانداق بىر تارىخىي دەۋردە ئەدەبىياتتىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس. ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىق دەۋرى ئىپتىدائىي ناخشا - قوشاقلاردىن باشلانغان بولسا ھازىر تەرەققىي قىلىپ سىستېمىلاشقان، ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان نەزەرىيەۋى ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولدى. ئەمما تارىخنىڭ بوران - چاپقۇنلىرى شۇ ئەدەبىياتنى ئەدەبىيات قىلىپ تۇرغان يازغۇچى - شائىرنى «يازغۇچى - شائىر دېگەن مۇنداق بولۇشى كېرەك» دەيدىغان بىرەر سىستېمىغا سالالمىدى. نەتىجىدە ھەركىم ئۆزى خالىغانچە يازغۇچى - شائىر بولۇپ، ئەدەبىيات كوچىسىدا خالىغانچە چېپىپ يۈردى ۋە پائالىيەت قىلدى. ئاخىرىدا نەتىجە شۇ بولدىكى، ئەدەبىياتنى تونۇغان خەلق يازغۇچى - شائىرنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈۋالدى. بۇنى «ئۈزۈمىنى يە،ساپىقىنى سورىما» دېگەن تەمسىلگە يىغىنچاقلاپ، «ئەسىرىنى ئوقۇسا بولىدىغان، ئەمما ئۆزىنى كۆرۈش مۇھىم بولمىغان» ھالەت شەكىللەندى. گەرچە ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان يازغۇچى - شائىرلىرىمىز ئەسىرىنىمۇ، ئۆزىنىمۇ كۆرۈش مۇھىم بولغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى شۇ خىل بېكىنمىچىلىك تەسىرىدە ئۇلارمۇ ئەدەبىيات كوچىسىدىكى بىر قىسىم  مەرەزلەرنىڭ كاساپىتىگە كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئەدىبنىڭ پەزىلىتى، ئادىمىيلىكى، بىلىمى ۋە كەسىپ چۈشەنچىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئاسىيلىرى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
    ئەدەبىياتنىڭ ئاسىيلىرى دېگەندە مۇنۇ بىر نەچچە نۇقتىدا تۇرۇپ پىكرىمىزنى يەكۈنلەپ باقىمىز.
    1. ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئەدەبىياتنى سېتىۋەتكەنلەر.
    بۇ بىزنىڭ نۇقتىمىزنىڭ بىرىنچىسى بولالىشىدىكى سەۋەب ئارىمىزدا بىرقىسىم يازغۇچى - شائىرلار ئىلگىرى كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا نادىر شېئىر - ھېكايە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر ۋە تەتقىقاتچى - ئوبزورچىلارنىڭ دىققەت - نەزىرىنى تارتىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە ئەدەبىياتنىڭ بىر مەزگىللىك يىتۈك دەۋرىنى ياراتقان. خاس ئۇسلۇبى بىلەن ھەممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ھەۋەسكارلار ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە تەقلىد يازغان ۋە سۆيۈپ ئوقۇغان. ھەممە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان ۋە تەشنالىق بىلەن كۈتكەن. لېكىن ئۇلار شۇنچە داغدۇغا ئىچىدە تۇرۇپمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزى دۇنيادا بار، ئەمما نامى مەتبۇئاتتا يوق ئادەمگە ئايلىنىپ، مەتبۇئاتتىن جىممىدە غايىپ بولغان.
    بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا «بارلىقىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئاتىغان»، «يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان» دەك كۆرۈنىدىغان بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئاخىرقى ھېسابتا ئانچىكى بىر ھۇزۇر - ھالاۋەتنى، ئەمەل - مەنسەپنى دەپ، ئۆزى چاڭ چىقىرىۋەتكەن بۇ كوچىنى شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن سېتىۋەتتى. مۇقىم بىرەر خىزمەت قىلىۋاتقانلىرى يۇقىرىغا ئازراق ئۆسۈش بىلەنلا ئۆزىنى ماددىي مەنپەئەتكە ئاتاپ «شېئىر - ھېكايە دېگەننىمۇ يېزىپ يۈرۈپتىكەنمەن بىر چاغدا» دەيدىغان تۇزكورلۇقنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېگىشلىك ئورۇنغا، نىسىۋە - مەنپەئەتكە، شۇنىڭغا لايىق قەلەم ھەققىگە ئېرىشەلمىگەن بىر قىسىم قەلەمكەشلەر بارلىقىنى پۇل تېپىشقا ئاتاپ، قەلىمىنىڭ نەدە قالغانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويۇشتى. توغرا، ئەدەبىيات دېگەن بىز ئۈچۈن مەڭگۈ قوشۇمچە كەسىپ. ياشاش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىقتىسادىي كاپالەت بولۇشى كېرەك. يازغىنىغا چۇشلۇق بىر نەرسە بېرىلمەيۋاتقان بىز قەلەمكەشلەرگە جان بېقىشمۇ ھەل قىلىش تەس بولغان مۇھىم بىر مەسىلە. ئەمما بۇنى قانداقتۇر بىرىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىردىنبىر تاللاشمۇ؟ ئاز - ئازدىن يازسىمۇ زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر ئىشنى قىلغىلى بولاتتىغۇ؟ نۇرغۇن دېھقان قەلەمكەشلىرىمىز ئالدىراش ئېتىز ئىشىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يەنە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتمامدۇ؟ مېنىڭچە ئۆزىنى ماددىي مەنپەئەتكە ئاتاپ، ھەممىدىن كېچىش چېكىدىن ئاشقان پەسكەشلىك. بۇنداق كىشىلەر پايدا چىقسا ئاتا - ئانىسىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدۇ.
    2. ئۆزىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق يازغۇچى - شائىرلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋاتقانلار.
    بۇنىڭدا مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىنى بايان قىلىمىز:
    1) ھەممە يەردە مەن پالانى دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغانلار.
    بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزى مۇنداقلا يېزىپ قويغان بىرەر پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىنسا ئۆزىچە مەغرۇرلىنىپ، ھەممە يەردە ئوقۇپ يۈرىدىغان، كىشىلەرگە نامىنى پەش قىلىپ ۋەز ئېيتىدىغان، چىققان ئەسىرىنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ قويۇپ، مەن پالانى شائىر، پالانى يازغۇچى دەپ ھەممە يەردە جار سېلىپ، ئاقىۋەتتە ئۆز نامىنى بۇلغايدىغان، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدىغان ئادەملەردۇر. بۇنداق كىشىلەر ھەر باپ بىلەن گېزىت - ژۇرنالدا چىقماي قالغان نامىنى ئۆزى چېپىپ يۈرۈپ ھەممە يەرگە پۇر كەتكۈزىدۇ.
    2) ئۆزىنى قەلەمكەش دەپ ئاتىۋېلىپ، ئايال قەلەمكەشلەرگە ئەدەبسىزلىك قىلىدىغانلار.
    بۇنى ھازىرقى نۇقتىمىزنى چىقىش قىلساق، تور ئەدەبىياتى شەكىللەنگەن ئون يىل ئىچىدە بىر قىسىم قەلەمكەشلەر تور ئەدەبىياتى ئارقىلىق تەربىيەلىنىپ، ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ۋە مۇناسىۋەت توپلاپ، ئۆزىگە تالايلىغان ياخشى شارائىتنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، لېكىن توردا مۇھەببەتلىشىش مودا بولۇۋاتقان بۇ كۈندە قەلەمكەشلەر ئارىسىدىمۇ خوتۇن - بالىلىرىنى ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تور ئارقىلىق ئايال قەلەمكەشلەرگە قاش ئېتىش مودا بولدى. بەزىلەر مۇنبەردە ئوچۇق - ئاشكارا بىراۋغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتى، ئىنكاس ياكى تېما شەكلى ئارقىلىق يۈرىكىنى يېرىپ، ھەممىنى تور ئەھلىگە ئاشكارا قىلىدۇ. ئويلاپ باقايلى، خوتۇن - بالىسى بار بىر ئەر شۇنچە ئادەم ئالدىدا بىر ئايالغا ساقال تاشلىسا نە ئات، نە نومۇس؟ ھەتتا بەزىلەر ئامال قىلىپ شۇ ئايالنىڭ قېشىغا بارماقچى بولۇشتى ياكى باردى. لېكىن شۇنى بىراۋلار ئاڭلىسا ھەممىدىن  بۇرۇن «يازغۇچى - شائىر دېگەن شۇنداق سۇيۇق بىر نېمىلەر» دېمەي قالارمۇ؟
    3) ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرىدىغانلار.
    ئالدىنقى بىر مەزگىلدە بىر قىسىم يازغۇچى - شائىرلار ھاراق دېگەننى بېشىدەك ئىچىپ، كوچىلاردا ئېگىز - پەس سۆزلەپ، ئۆزىچە باشقا بىر يازغۇچى - شائىرنى تىللاپ - قارغاپ دېگەندەك بىر ئىشلار بىلەن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى چۈشۈرۈۋالدى. بۇنىڭدا ئەڭ دەسلەپتە بېسىمغا ئۇچرىغىنىمۇ يەنىلا باشقا بىگۇناھ يازغۇچى - شائىرلار بولدى. چۈنكى كىشىلەر ئاشۇ بىر قىسىم ئەخلاقسىز كىشىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈۋېلىپ، باشقا ئادىمىيلىك مەقامىغا يەتكەن قەلەمكەشلەرنىمۇ بىر تاياقتا ھەيدىدى. دېمەك بىرىنىڭ پوقى مىڭغا بولدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن قەلەمكەشلەر ئۇلاردىن پەرقلىق ھالدا، ئەخلاق - دىيانەتلىك، ئىمان - ئېتىقادلىق، ھەقىقىي كىشىلەردىن بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ بەزى جايلاردا ئۆزىنى بەك ئەركىن ھېسابلاپ، كىشىلەرگە ياخشى تەسىر بەرمىدى. ھە دېسىلا بىر كىملەرگە سالام بېرىش باھانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارغا كانىدەك يېپىشىۋالدى. يېقىن ئىككى قەلەمكەشنى زىددىيەتلەشتۈرۈپ، يالغان سۆزلەپ، ئوتتۇرىدا ھاڭ پەيدا قىلدى. بىراۋلار ئۈستىدىن ئېگىز - پەس سۆزلەپ شەنىگە داغ يەتكۈزدى. بۇ ئىسلامىيەتتە كەچۈرۈلمەيدىغان بىر گۇناھ بولۇپ، بىراۋلارغا، بولۇپمۇ ئاياللارغا قارا چاپلاپ، كەينىدىن گەپ تېپىشنىڭ ھامان شۇ كىشىنى دوزاخقا سۆرەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى ھەممە يەردە شۇئىشلىرىنى سادىر قىلدى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولماي، ئۆز ئىززەت - ئابرۇيىنى ئۆزى يەرگە ئۇردى. بۇ ئاقىۋەتتە قەلەمكەش ئۈچۈن بىر پاجىئە، خالاس. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ پاجىئەدىن يىراق قىلغاي.
    3. ئەدەبىياتنىڭ نامىنى سېتىپ ئۆزىنى بېقىۋاتقانلار
    بۇنداق دېيىشىمىزدە بىر قىسىم قەلەمكەشلەر ئالدىراپلا ئۆزىگە يازغۇچى ياكى شائىر دېگەن ئاتالغۇنى زورلاپ تېڭىپ، ھە دېسىلا «يازغۇچى دېگەن ئۇنداق بولىدۇ، مۇنداق بولىدۇ»، «مەن دېگەن شائىر، مېنى بوش چاغلىماڭ» دەپ ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن ئەدەبىياتنى بىر ئويۇنچۇق ياكى پىشكا قىلىۋېلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى سەمىرىتىۋاتىدۇ. بۇ بىر بالىنىڭ دادىسىنىڭ نامىنى سېتىپ قەرز ئېلىپ، ئۆزى بۇزۇپ - چاچقىنىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق پەسكەشلىك، چۈپرەندىلىك قەلەمكەشلەر قوشۇنىدا قانچە كۆپەيسە، بىزنىڭ قىيامىتىمىز شۇنچە يېقىنلاشقان بولىدۇ.
    *********
    يۇقىرىقىلار مېنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان، ئەدەبىياتنىڭ ھۆسنىگە داغ چۈشۈرۈپ، يىلتىزىنى قىيىۋاتقان بىر قىسىم ماڭقۇرتلار ئۈستىدىن چىقارغان قىسقىغىنە خۇلاسەم خالاس. لېكىن شۇنىڭغا ھېزى بولۇش لازىمكى، بۇ ئاسىيلار مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل يازغۇچى - شائىرلارنىڭ بېشىغا چىقىپ، ئەدەبىيات ساھىسىدە يوقاتقىلى بولمايدىغان ئاپەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 11:50  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
81
تۆھپە
21
UID
22471
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 18:19:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىلىڭىز ناھايىتى توغرا بوپتۇ، بىراق قانداق قىلىپ بۇ يۇقۇملۇق  كسېللەردىن يىراقلىشىش ۋە  داۋالاشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

ئۇلارغا مۇنبەردىن ئورۇن بەرمەسلىك-تەك ئايرىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانساق ئۈنۈمى بولامۇ؟؟


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 18:27:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lawa0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 18:19
تەھلىلىڭىز ناھايىتى توغرا بوپتۇ، بىراق قانداق قىلىپ ب ...

بىلمەي تۇرۇپ خاتالىق سادىر قىلغانلارغا قارىغاندا ، بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق سادىر قىلغانلارنى ئۆزگەرتمەك بەسى مۈشكۈل .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1401
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 13:32:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ئىچىدىن ئېسىلراق بىرسىنىڭ چىقىپ باققىنىنى كۆرمىدىم ، بەزەنلىرى ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرسە ، بەزەنلىرى ئادەمنى ھۆ قىلدۇرىدۇ .


Rank: 4

تىللا
533
تۆھپە
151
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 15:08:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئەدەبىيات مۇرىتلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە  چۇڭقۇرراق چۆكۈپ ۋە ئۇنى ھەقىقىي سۆيۈپ،ئەدەبىيات ئۈچۈنلا ئەدەبىياتچى بولماستىن خەلقنىڭ دەرت-ھەسرىتى،ئىستېتىك ئىنتىلىشلىرى،روھىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى چىنلىققا ئەمەل قىلىپ دادىل ئىپادىلەپ تارىخقا «مەڭگۈ تاش»لاردەك چېكىپ قالدۇرالايدىغان بولسا دەيمەن. ئەدەبىياتنىڭ ئاسىيلىرىنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىش  ئەدەبىياتقا قانداق قىلغاندا سادىق بولغىلى  بولىدىغانلىقىنى بىلىش مەسلىسى،دەپ قارايمەن.

كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئەدەبىياتقا ھېچكىم ئاسىي ئەمەس، ئاسىيلىقمۇ ئەدەبىياتنىڭ بىر تەرىپى. ئەدەبىياتتا ئەجىبا ئاسىيلىق،رەزىللىك ئەكىس ئەتتۈرۈلمەمدۇ؟
سەنئەت مەۋقەسى ۋە ئەندىزىلىرىدىن كۆرە ئىقتىساد ۋە باشقا ئەندىزىلەرنى ئۆزىگە لايىق كۆرگەن، روھىيەتنى زىلزىلىگە سالىدىغان گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ،نۇقۇل ئەقلىيەتچىلىك ۋە  جىددىيچىلىكنى ئۆزىگە ئېنىرگىيە قىلغان ئەدەبىيات بىچارە ئەدەبىياتتۇر.
ئەدەبىيات خەلقنىڭ، ئۇ تارىخى جەرياننىڭ مەھسۇلى.بۇ جەريان مەلۇم نەزەرىيۋى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ ئەدەبىياتنى ئىككىلەمچى جەريانغا پاكىزە،سۈزۈك، «ئورامى»بىلەن ۋە ئەدەبىيات چىرايى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئاسىيلىرى باشقا يەردىن ئەمەس،ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن چىقىدۇ. خەلققە يۈزكەلگەنلەرنى خەلق ئاسىي دېمىسىلا،ئەدەبىياتمۇ ئاسىي دېمەيدۇ.

يۇقىرىقىلار خۇسۇسىي كۆزقاراش. يېتەرسىزلىك،ئۇستا ئالدىدا بىھۆرمەتلىك قىلغان تەرەپلەردىن ئۆزرىلىكمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 15:11  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-19 16:27, Processed in 0.076376 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991