كۆرۈش: 5950|ئىنكاس: 4

«ئىككى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن» ئاتۇشتا ئېچىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
677
تۆھپە
155
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 03:21:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»ۋە «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى »ئاتۇشتا ئېچىلدى
            

   
     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم  رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، شىنجاڭ «تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتى ۋە ئاتۇش شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 19-سىنتەبىر مەرىپەت يۇرتى ئاتۇش شەھرىدە «ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » چاقىردى .
     شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن  ، «ئەدىب نەسرۇللا ئابلەت ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى . يىغىنغا شىنجاڭ «تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتىنىڭ باشلىقى ، باش مۇھەرىر ، ئالىي مۇھەرىر ، مەشھۇر شائىر ياسىن زىلال يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . يىغىنغا قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ، بىر قىسىم ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائىر ، ئوبزورچىلار ، «تارىم» ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ، «شىنجاڭ سەنئىتى» ، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ، «كىرورەن» ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ، «يېڭى قاشتىشى» قاتارلىق بىر قىسىم ژورناللارنىڭ مەسئۇللىرى ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىن كەلگەن خادىملار ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ، شىنجاڭ گېزىتى ، قىزىلسۇ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ، قىزىلسۇ گېزىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئاخپارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ھەرقايسى ناھىيە ، شەھەرلەردىن كەلگەن شائىر ، يازغۇچىلار بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
يىغىندا ، تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەبرىك خېتى ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەبرىك ىېتى ، جۇڭگو يازغۇچىلار مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەبرىك خېتى ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خېتى ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خانىمى ئايىم ئەزىزىنىڭ خېتى قاتارلىقلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى . ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى يالقۇن تۇردى ، شىنجاڭ «تارىم» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ياسىن زىلال سۆز قىلدى . خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ پىرافىسسورى ئابدۇللا سۇلايمان ، مۇھەممەت ئىمىن (شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى قاھار نىياز ۋاكالىتەن ئوقىدى) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى ، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار نەسرۇللا ئابلەتكە ئاتاپ يېزىلغان ماقالە-ئەسەر ، باھالارنى ئوقۇپ ئۆتتى .
    يىغىن ئاخىرىدا ، ياسىن زىلال ، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى قۇربانجان ھەسەن ، شەھەر باشلىقى يالقۇن تۇردىلار نەسرۇللا ئابلەتكە تون كەيدۇردى ، نەسرۇللا ئابلەتنىڭ خىزمەتداشلىرى ، يازغۇچى ، شائىر دوست –بۇرادەرلىرى ، ئۇرۇق-تۇغقان ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى گۈل ۋە كۆڭۈل سوۋغىسى تەقدىم ئەتتى .
     شۇ كۈنى چۈشتىن شىنجاڭ ۋاقتى 2:30 ئۆتكەندە . «يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » ئېچىلىشقا باشلىدى .  مۇھاكىمە يىغىنىدا خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ھوشۇر ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دوسسېنتى مەتتۇرسۇن ئېلى ، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى ، ئوبزورچى يالقۇن روزى ، تونۇلغان ئەدىپ ، شائىر نەسىرۇللا ئابلەت ، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى ، پىرافىسسور  ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى ۋە سۆز قىلدى .

قۇربانجان توختى ئازىق خەۋىرى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
225
تۆھپە
81
UID
444
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 15:37:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن كۈزدە مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلغان مەرىپەت بۆشۈكى ئاتۇشتىكى بۇ  مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەدەبىياتىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن  يېڭىچە يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
531
تۆھپە
280
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 01:06:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەقىقەتەن تەبرىكلەشكە تېگىشلىك قوش خوشخەۋەركەن!... ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتى مەڭگۈ گۈللەنگەي!...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تىللا
562
تۆھپە
86
UID
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 23:40:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دوسسېنتى مەتتۇرسۇن ئېلى  ،ئۇستازىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن سۆيۈندۈم


Rank: 6Rank: 6

تىللا
537
تۆھپە
268
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 03:31:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ بۇ چوڭ ئىشتا ھىشنىمە قىلمىغانلىقى ياكى قىلالمىغانلىقى ماڭا تولىمۇ غەلىتە تويۇلدى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 20:41, Processed in 0.072811 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991