ئۇيغۇرلاردا قەدىمىي كەپتەر مۇسابىقە ئويۇنلىرى
بۇ ھىكايىنى دادامدىن ئاڭلىغان، زامانىۋىي پوچتا كەپتىرى مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىشتىن ئۇزاق يىللار ئىلگىرىسىدە بىزدىمۇ كەپتەر مۇسابىقىسى بولغانىكەن، لېكىن ئاممىۋىيلاشمىغان بولۇپ شەخسلەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. «چىقىشى، چىقمالمىشى» ئويۇنى
كەپتەرنىڭ 3 چوڭ قانات پېيى تۈكۈرۈكلىنىپ يۆلىتىلىپ تام تۈۋىدىن 1 مېتىردىن 3 مېتىرغىچە ئارىلىقتىن قويۇپ بېرىلىدىكەن، ئۇچۇپ ئۆگزىگە چىقالىسا كەپتەر ئىگىسى يەڭگەن بولىدىكەن، بىر كەپتەر ئۇتىۋالغان بولىدىكەن. چىقالمىسا ئۇتتۇرغان بولۇپ كەپتەر قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرغان مال قاتارىدا بېرىلىدىكەن.
2. «كىرىدۇ، كىرمەيدۇ» ئويۇنى
كەپتەر قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىلىپ كاتىكىنىڭ ئېشىكى ئېچىپ قويۇلىدۇ، ئۆي ئىگىسى 3 ماڭدام ئورۇندىن قارشى تەرەپنىڭ كەپتىرىنى كۈچەپ كەپتەرخانا ئېشىكىگە ئاتىدۇ، كىرىپ كەتسە كەپتەر ئۇتتۇرغان مال ھېسابىدا شۇ ئۆي ئىگىسىگە قالىدۇ، كىرمەي ئۇچۇپ چىقىپ كەتسە بىر كەپتەر ئۈچۈن يەنە بىر كەپتەرنى ئۇتتۇرغان مال قاتارىدا قوشۇپ بېرىدۇ.
3. كېچىسى قويۇپ بېرىش
ئىككى كەپتەرۋاز مەلۇم ساندىكى كەپتەرلىرىنى تۈن كېچىدە قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ بېرىدىكەن، قايتىپ كېلەلىسە بىر كەپتەر ئۈچۈن بىر كەپتەر ئۇتىدىكەن، ناۋادا كەپتەر قايتىپ كېتەلمەي ئۆگزىگە چۈشسە ئۇتتۇرغان ھېسابلىنىدىكەن، ئۆيىگە قايتالمىسا نەتىجە ھېسابلانمايدىكەن، يوقىغىنى ئۆزىگە بولىدىكەن. بۇ خىل مۇسابىقە ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك پوچتا كەپتىرى ھەم ياۋا كەپتەرلەر(ئۆي ياۋىسى) يوقكەنمىش، ئارا تۇمشۇق پۆپەكلىك پايپاقلىق كەپتەرلەر ئومۇملاشقانكەنتۇق، كېيىن كۆك ياۋا دېگەنلەر پەيدا بوپتۇ، پوچتا كەپتىرى دېگەنلەر 80-يىللاردىن كېيىن ئاندىن يۇرتىمىزدا پەيدا بولۇشقا باشلاپتىكەنمىش.
قېنى كەڭ كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلار سىلەرمۇ مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭلار، ئاڭلىشىمچە قەشقەر، خوتەن، كۇچار قاتارلىق قەدىمىي يۇرتلاردىمۇ ئۆزگىچە كەپتەر مۇسابىقە ئويۇنلىرى بارمىش، يەنى گىرمانىيە ئورۇش كەپتەرلىرىدەك «ھارۋا ئۈستىدىكى قەپەسكە سولاش»، «يېڭى ئۆگزىگە چۈشۈرۈش»... دىگەندەك....
مەنبە :
http://www.izgu.net