ئۈزۈلمەيدۇ مۇھەببەت كۈيى
ئەمەتجان زۇنۇن
سۈپسۈزۈك تاڭلاردەك تىنىقىم لاۋا ،
قۇياشتەك كۆيىمەن پايانىم ھىجران .
كۈلىدۇ تەنىدە ئەجەپ بۇ دۇنيا ،
يېنىشلاپ سۆيىىدۇ بىر ئىزگۈ ئارمان .
زىمىننىڭ قوينىغا تاشلاپ ئۆزۈمنى ،
يىغلىغۇم كېلىدۇ ئۈنۈم پۈتكىچە .
قولۇڭنى چىڭ تۇتۇپ يومۇپ كۆزۈمنى ،
سۆيسەمكەن يارسېنى جېنىم پۈتكىچە .
قۇشلاردەك ئەيلىسەك يىراققا پەرۋاز ،
ھېچكىممۇ بىلمىسە پىچىرلاشلارنى .
ئېرىيدۇ يۈرىگىم جېنىم سەۋرىىناز ،
بىلىسەن كۈتۈشتە چاڭقاشلىرىمنى .
جەننەتتەك بىلىنەر ئىدى كەپىمۇ ،
ۋىسالدىن مەس بولساق تەنلەر قوشۇلۇپ .
مۇراتقا يېتەتتى شېرىن ۋەدىمۇ ،
بارچىكى ئازابلار مەڭگۈ يوقۇلۇپ .
بىر قىز بار مەن تېخى سۆيۈپ باقمىغان
بىر قىز بار مەن تېخى سۆيۈپ باقمىغان ،
شاماللار ئېپ كېلەر خۇشبۇي ھىدىنى .
ھېچكىمگە بۇنچىلىك كۆيۈپ باقمىغان ،
يۈرەككە تۇتاشتۇر ئىلاھىي رىشتى .
بىر قىز بار مەن تېخى سۆيۈپ باقمىغان ،
ھەر تاڭلار چېھرىدىن مېھرى ئاياندۇر .
كۈتۈشكە بۇنچىلىك كۆنۈپ باقمىغان ،
مىسالى پەرىشتە سىھرى ئاياندۇر .
بىر قىز بار مەن تېخى سۆيۈپ باقمىغان ،
تۈنلەردە يۇلتۇزدىن سالام يوللايدۇ .
بۇنچىلىك قۇت پەيزى سۈرۈپ باقمىغان ،
ئارمانلار ۋەسلىدە جېنىم يايرايدۇ .
مەنبە ؛قەلىمىم .