كۆرۈش: 4624|ئىنكاس: 2

چالا قالغان ئىسلاھات[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 11:32:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چالا قالغان ئىسلاھات



       ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى تۆت كوچىنىڭ يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدا قىستاڭچىلىققا قارىماي، نۇرغۇن ياشلارنى ماڭغۇزماي تۇرغۇزىۋالىدىغان «ئۇچۇر-مۇلازىمەت» تېمى بار. بۇ تامغا چاپلانغان ئۇچۇرلار ئاشپەز، كاۋاپچى، ناۋاي، مۇلازىم-كۈتكۈچى، كىيىم تىكىش ئۇستام-شاگىرتلىرى، يۈك بېسىش ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى توغرىسىدىكى «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش»ھەم ئۆي ئىجارە بېرىش ئېلانلىرى ئىدى. بۇ ئۇچۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئاشخانا-تاماقخانىلارنىڭ ھۈنەرۋەن-مۇلازىم قوبۇل قىلىدىغان ئېلانلىرى بولۇپ، ئاشخانا-تاماقخانىلارنىڭ كۆپلىكىنى ھەم ئاشخانا-تاماقخانىلىرىنىڭ مۇقىم خىزمەتچى ئىشلىتەلمەيدىغان ئەھۋالىنىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقىنى ئويلاپ يېتىشكە بولاتتى. دېمىسىمۇ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاشخانا-تاماقخانىلىرى ئاز ئەمەس.ئەمما، توختىماي كۈندە يېڭىدىن ئاشخانا-تاماقخانا ئېچىلىدىغان ئەھۋالمۇ يوق.بۇنىڭدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان قايسى خىلدىكى ئورۇنلارنىڭ كۆپلىكىنى ھەم قايسى خىلدىكى ئورۇنلارنىڭ يوقلىغىنى كۆرۈۋالغىلى، بىلىۋالغىلى، چۈشۈنىۋالغىلى بولاتتى. يەنى، ئىش ئورۇنلىرى يېمەك-ئىچمەك ھەم «قارا ئىش»دەپ ئاتىلىدىغان جىسمانىي ئەمگەك ساھەسىگە مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭدىن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ خۇددى ئاشخانا-تاماقخانا ئېچىشتىن، قورساق تويغۇزۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغاندەك، ئويلىمايدىغاندەك، زاۋۇت-كارخانىلار قۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغاندەك ئەھۋالى بىلىنىپ تۇراتتى.دېمىسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق پەرقى ئاشخانا-تاماقخانىلىرىنىڭ بازىرىنى قوغداپ كېلىۋاتاتتى.بولمىسا نۆۋەتتىكى مىللەتلەر ئارىلاشمىسى شەكىللەنگەن ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ئىستىمال بۇيۇملىرى مىللەت ئايرىمايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى.
     دىققەت قىلساق، ئۇيغۇرچە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىكى ئارىلاپ كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغان ئۇيغۇر كارخانا-شىركەتلىرىنىڭ ساناقلىقلا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى بىلەن خەنزۇچە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىكى («سەھەر گېزىتى»بىلەن «شەھەر گېزىتى»دىكىلەرنى تىلغا ئالمايلا تۇرايلى)بەت-بەتلەپ توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان كارخانا-شىركەتلەرنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئېلانلىرىدىنمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ خىزمەتكە ئېھتىياجلىق ئورۇنلىرىدىكى پەرقنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورۇنلىرىنى خەنزۇ كارخانىچىلارنىڭ شىركەتلىرى تارتىۋالدى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق شىركەت-كارخانىلىرى بەك ئاز دېگەنلىك. چۈنكى، ئاز بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تىل، مىجەز-خاراكتېرى، قىممەت ئېڭى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قارشى، ۋاقىت ۋە كەسىپكە تۇتقان پوزىتسىيەسى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، ئەخلاق-ئېتىقاد قارشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن خەنزۇ كارخانىچىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماسلىقى ئېنىق.ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كارخانا دېگەن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىنمۇ پۇل تېپىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ.
    دېمەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت  يۇرتىمىزدا تېخنىكىلىق ياساش-ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىدىكى ئۇيغۇر شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ قايناق بازارغا نەزەر سالغاندا ئانچە كۆپ ئەمەسلىكى، كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى ھەم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىققا سەۋەب بولۇپ قالغان ئەمىلىيەت بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغا مەدەنىيەت خاسلىقىنى يوقاتمايدىغان  بازار بىلەن ئىستىمالنى ئىگىلەش پۇرسىتىنى ياراتقان.  
     يىراقنى كۆرەلەيدىغان ھەم ئەۋلاتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىنى ئويلىماي تۇرالمايدىغان كىشىلەر يۇرتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەي قالمايدۇ. ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن شۇغۇللانغاندا ئىش ئورنى بارلىققا كېلىدۇ.ھەرقانداق يۇرتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى باشقىلار بارلىققا كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ.بەلكى، شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ بەدەل تۆلىشى، ئەجىر سىڭدۈرىشى، قىيىنچىلىقنى يىڭىشى،يىراقنى كۆرۈپ بۈگۈننى ئۆزگەرتىش ئىرادىسى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.يەنى دېھقانچىلىققا تايىنىپ بىر يۇرتنى تەرەققى قىلدۇرغىلى، بىر مىللەتنى گۈللەندۈرگىلى بولمايدۇ.مۇنداق بىر گەپ بۇلىدىغان:يېزائىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندا قوساق باققىلى بولىدۇ، سودا بىلەن شۇغۇللانغاندا پۇل تاپقىلى بولىدۇ، سانائەت بىلەن شۇغۇللانغاندا باي بولغىلى بولىدۇ.
    جۇڭگونىڭ شەرقتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى شۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئېڭى، باي بولۇش ئىرادىسى، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ماھارىتى، ئىجاتچانلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىناق ھالەتتىكى ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىنمۇ ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.يۇرتىمىز نۆۋەتتە تەرەققىياتى جۇڭگودىن ئاساسەن ئارقىدا تۇرىدىغان سەككىز دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە قۇرۇقلۇق چىگرىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربنى ئېچىشى ئارقىلىق يۇرتىمىز تارىختىكى يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زامان يولىنى بارلىققا كەلتۈردى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا، يىپەك يولىنىڭ بىغەم پۇخرالىرى ھالىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەپ-تەرەپلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەنلا يۈرىۋەرمەي، ئەۋزەل مۇھىتنىڭ پۇل تېپىشقا، باي بولۇشقا، ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىگىنى چۈشۈنۈپ يېتىشكە يۈزلىنىش كېرەك.  
     تارىخنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئەمما بۈگۈننى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.بۈگۈندىن ياخشى پايدىلانغاندا ياخشى تارىخقا يول ئېچىلىدۇ.شۇڭا، سودا-تىجارەت قىلىپ پۇل تاپقان ئۇيغۇر بايلىرى(مىليونېرلىرى) تاپقان پۇللىرى بىلەن ئاشخانا ئېچىشقا، ئۆي-زېمىن سېتىۋېلىشقا كىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەبلەغ سېلىشى كېرەك.سانائەت يۇرتنىڭ ئىقتىسادىنى باشلاپ ماڭالايدۇ.سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئالدى بىلەن نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئارقىدىن يۆتكەش، سېتىش ھالقىلىرىغىمۇ نۇرغۇن ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى كېلىپ چىقىدۇ.ئەگەر يۇرتنىڭ مىللى سانائىتى تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ، ئەگەر سودىسى ئاۋاتلاشقان بازارلار، ئۆگەنگەن ئىستىمالچىلار بارلىققا كەلگەن بولسا، پۇل تېپىشنىڭ ئەكسىچە پۇل خەجلەش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئىشسىزلىقنىڭ ئۈستىگە نامراتلىقمۇ پۇتلىشىپ يۈرۈيدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كارخانا-سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ئارقىلىق يۇقۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ.
   زەھەر چېكىدىغانلار ھەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ شىنجاڭدا جۇڭگونىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىدەك ھەم شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن يۇقىرى ئىكەنلىكىدەك رىئاللىق بىزنىڭ بۇنىڭ سەۋەبى توغرىلىق ئويلىنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.بىر دۆلەت ئىچىدىكى رايونلار ئارا ئىقتىسادىي ئىگىز-پەسلىك ئىقتىسادتا ئارقىدا قالغان رايوندىكىلەردە ئىشسىزلىق، نامراتلىق، چۈشكۈنلۈك قاتارلىق پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ.ئەڭ مۇھىمى ئىقتىسادتا ئارقىدا قالغان رايون مەدەنىيەت مۇئەسسەلىرىنى، مائارىپنى، ئىدىيە-تەپەككۈرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ ئارقىدا قالىدۇ.دۆلەتنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئالدىدا ئارقىدا قالغان رايوننىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتى قانداق يېتەكلىنىشىنى بىلمەي تەمتىرەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.نەتىجىدە مەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق-تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىدىمۇ، مەكتەپ تەربىيىسىدىمۇ، جەمئىيەت تەربىيىسىدىمۇ مەنىۋىيەتنى مۇھىم بىلىشتە مەسىلە كۆرۈلۈپ، پۇرسەتپەرەسلىك ئېقىمى ئەۋىج ئېلىشقا باشلايدۇ، پۇرسەتپەرەسلىك راھەتپەرەسلىككە دۈم چۈشۈدۇ. قىسقىسى، مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ماددى مەدەنىيەتنىڭ ئارقىدا قېلىشى يەنىلا چالا قالغان ئىسلاھاتقا ئوخشايدۇ.
  (بۇ 2009-يىلى يېزىلغان يۈرۈشلۈك ماقالىنىڭ باش قىسمى بولۇپ، ئازراق تولۇقلاندى.)

مەنبە: يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى http://yarp.cn/forum.php
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1208
تۆھپە
806
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 03:38:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى دەۋىردە بۇ يېنىلا چۇڭقۇر ئويلاشمىسا بولمايدىغان مەسىلە،ياىشى تېما ئىكەن.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 16:07:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان تۈرنى يولغا قويسا بولىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 03:19, Processed in 0.073774 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991