« مۇسۇلمانلار نادان » نىڭ رىژىسسورى ئەسلىدە سېرىق فىلىم ئىشلەش رېژىسسورى ئىكەن
خەلق تورى : يېقىندا ئامېرىكىدا ئىشلىنىپ قويۇلغان ، ئىسلام دىنىنى ھاقاراتلەيدىغان " مۇسۇلمانلار نادان " دېگەن كىنو پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ "ئامېرىكىغا قارشى " يۇقىرى دولقۇننى كەلتۈرۈپ چىقاردى . يېقىندا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، بۇ كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن بىر سېرىق فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغدىنمۇ ئاز مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپ چىققان .
ئامېرىكا " نيويۇرك كۈندىلىك گېزىتى " نىڭ 15- سىنتەبىر خەۋىرىدە ، مەخسۇس داڭلىق شەخىس ۋە داڭلىق كارخانىچىلار توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىدىغان " Gawker " تورىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ كىنونىڭ ئەسلى ئىسمى " قۇملۇق باتۇرى " بولۇپ ، رېژىسسور 65 ياشلىق ، كالفورنىيە ئىشتاتىدىن
Alan . Roberts بولۇپ ، ئۇ بۇرۇن " شاتخۇرام پاھىشەنىڭ ۋوللىۋودتىكى كۈنلىرى " ، " جىنسىي مۇناسىۋەت مۇتەخەسسى " قاتارلىق كۆپلىگەن سېرىق فىلىملەرگە رېژىسسورلۇق قىلغان . شۇڭا ئۇنى سېسىق نامى پۇر كەتكەن سېرىق كىنو رېژىسسورى دەپ لەقىمى بار ئىكەن .
" Gawker " تورى بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى Alan . Roberts نىڭ دوستىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا ، Alan . Roberts نىڭ " مۇسۇلمانلار نادان " دېگەن كىنونىڭ رېژىسسورى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان . دايۋى ئىسىملىك كىنو فىلىم سودىگىرى " مەن كاپالەتلىك قىلالايمەن ، Alan . Roberts ئۆزىنىڭ بىر قانچە پىلانىنى ماڭا دېگەن، بۇ كىنو ئۇنىڭ پىلانىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر قىسمى ئىدى "
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، Alan . Roberts فىلىم ئىشلەش سودىگىرى Sam bartsch lai نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ بۇ كىنونى ئىشلەشكە رېژىسسورلۇق قىلغان . بۇ كىنو پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى . ھازىر Alan . Roberts زىيارەتنى قوبۇل قىلىشتىن قاچقان . " لوس ئانژىلىس ۋاقىت گېزىتى " نىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، Alan . Roberts بۇ كىنونى ئىشلىگەندە چوقۇم ئىسىم ئۆزگەرتكەن ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى Alan Roberts brownell دېگەن .
مەنبە:ئۇلىنىش تورى