كۆرۈش: 15079|ئىنكاس: 8

جۇڭگودىكى ئەيدىز ئەھۋالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:42:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگودىكى ئەيدىز ئەھۋالى




      دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 780 مىڭغا يەتكەن. ياشانغان ئەرلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشقان.


1.jpg




      خەلق تورىنىڭ 23 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 60 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «ئەجنەبىي كېلىن - كۈيۈئوغۇل» لاردىن كېلىپ چىققان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئېشىپ، ئاللىقاچان دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپىيىشىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ قالغان. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «2011 - يىللىق جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالىدىن مۆلچەر» دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھايات بىمار 780 مىڭ نەپەر بولۇپ، شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى 48 مىڭ نەپەر، ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن قازا قىلغانلار 28 مىڭ نەپەر ئىكەن.

2.jpg



      دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 780 مىڭ نەپەر ھايات بىمار ئىچىدە ئاياللار %28.6 بولۇپ، ئەيدىز بىمارى 154 مىڭ نەپەر، يۇقۇملانغان بارلىق ئادەملەر ئىچىدىكى نىسبىتى %0.58 ئىكەن. 2011 - يىلى شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 48 مىڭگە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.
      تارقىلىش يوللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 780 مىڭ نەپەر بىمار ئىچىدە يات جىنىسلار ئارا تارقالغانلارنىڭ نىسبىتى %46.5، ئوخشاش جىنىسلار ئارا تارقالغانلار %17.4، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئوكۇل قىلىشتىن يۇققانلار %28.4، قان بېرىش، قان سېلىش ۋە باشقا قان ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇققانلار %6.6، ئانىدىن بالىغا يۇققانلار %1.1 ئىكەن.
      مەنبە: يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى http://yarp.cn/forum.php
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 10:19  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
401
تۆھپە
201
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:40:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاقتىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز چىقىپلا تۇرىدۇ مانا، ياشانغانلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، يەنە قانداقتۇر ئوخشاش جىنىسلىقلار... بولسا موشۇ ئوخشاش جىنىسلىقلارنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۇرۇش كېرەك. جۇڭگودىكى تۇنجى ئەيدىزمۇ ئاشۇ چەتئەللىك ئوخشاش جىنىسلىقتىن بايقالغان... شىنجاڭدىكى تۇنجى بايقالغان بىمارمۇ ئوخشاشلا...
ئائىلىمىزنى قەدىرلەيلى ياشلار،  نىجىس ئاقتىن يىراق تۇرايلى، ئەيدىز بىمارلىرىنى جەمئىيەتتىن ۋە ئارىمىزدىن يەكلىمەيلىك ، بىز قانچىلىك يەكلىسەك ئۇلار جەمئىيەتكە شۇنچە ئۆچلىشىدۇ ۋە بۇ نىجىس كېسەلنىڭ ئەۋىج ئېلىشى ئېشىپ بارىدۇ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
463
تۆھپە
238
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 19:01:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
哈密瓜525 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 11:40
ئەخلاقتىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز چىقىپلا تۇرىدۇ مانا ...

دىگىنىڭىز ئىنتايىن توغرا...ئەخلاقتىن يىراقلاشقىنىمىز ئېنىقلا


Rank: 6Rank: 6

تىللا
511
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 20:29:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىنساننى مۇشۇ نىجىس كېسەلدىن ساخلىغاي.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1316
تۆھپە
918
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 21:03:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاسى يوق كىسەلدىن قىرىنداشلىرمىزنى يىراق قىلسۇن .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 1

تىللا
44
تۆھپە
12
UID
26548
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 21:07:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئىنسانى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىپ،دىنىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى قەدىرلەپ،ئەيدىستىن يىراق تۇرايلى.....


Rank: 6Rank: 6

تىللا
541
تۆھپە
291
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 18:37:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ .؟ تۇۋا دىمىسەك بولمايدۇ..


پوتپول ، روھ  ۋە  ئېتىقادنى  يېتىلدۈرىدىغان جەڭ مەيدانى .قايسى
مىللەتتە  پوتپول روھى ئاجىز  بولىدىكەن ئۇنىڭ مىللى ئېڭى ،ئېتىقادىمۇ  شۇنچە زەئىپ بولىدۇ دەيدىكەن.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:41:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز ئادەم بەدىنىگە يۇشۇرۇنۇپ خۇددى ئىنتېرنىتتەك تورلۇشۇپ زەنجىرسىمان ھالەتتە ئادەملەرنىڭ خاتالىقلىرىغا ھوجۇم قىلىپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ جازالاش بىلەن زىيانكەشلىكنى تەڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
711
تۆھپە
282
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 12:45:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1995 -يىلى ئاپتونوم رايۇنىمىزدا تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن

بۇيان 2011 -يلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى 94 ناھىيە، شەھەر، رايۇن ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزغا بىۋاستە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇنلاردا تىزىملانغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ھەم ئەيدىز كېسىلى بولغانلار 36159 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىرلاشقانلار 7770 نەپەر، ئۆلگەنلەر 5073 نەپەر.  

    نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ھەم ئەيدىز كېسىلى بولغانلار سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %7.7 ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-29 15:10, Processed in 0.082188 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991