كۆرۈش: 5984|ئىنكاس: 3

كىشىلىك ھاياتتىكى 10 سىر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
511
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:10:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىشىلىك ھاياتتىكى 10 سىر


   
      1. باشقىلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى ئەستە تۇتۇڭ، ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپ ماڭا ئېتىبار قىلمايدىكەن دەپ قالىدۇ.
      2. يۈرۈش - تۇرۇشتا سالاپەتلىك بولۇڭ، بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپ غەلىتىلىك ھېس قىلمايدۇ. ئۆزىڭىزمۇ بىمالال تۇرالايسىز.
      3. يەڭگىل، شوخ مىجەزنى يېتىلدۈرۈڭ، قارشى تەرەپ سىز بىلەن بىرگە بولغاندا ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلالايدۇ.
      4. مېنىڭلا توغرا دەپ، ئۆزىڭىزنى ھەممىدە بىلەرمەن قىلىپ كۆرسىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ، بۇ خىل قىياپەت سىزنىڭ ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
      5. قىزىقچى ھەم يۇمۇرلۇق خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈڭ، يۇمۇر ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، شاللاقلىق بىلەنمۇ قىزىقچىلىق قىلماسلىقىڭىز كېرەك.
      6. ئۆز يېتەرسىزلىكىڭىزنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆز كەمچىللىكىڭىزنى ئېتراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىڭ، شۇنداق ئادەملەرلا ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ.
      7. كەلسە - كەلمەس كوتولداۋەرمەي، ئېغىر - بېسىق بولسىڭىز، باشقىلارنىمۇ ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىسىز.
      8. باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك كۆرۈڭ، پىكىر بىردەك بولمىغانلار بىلەنمۇ دوستانە ئۆتۈڭ.
      9. دائىم خوشامەت سۆزى قىلماي، نەتىجىسى بار كىشىنى تەبرىكلەش، كۆڭلى سۇنۇقلارغا تەسەللىي بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز لازىم.
      10. مەڭگۈ كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق بولۇپ، روھسىز، چۈشكۈن بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ.
      مەنبە: تەرمىلىرىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 11:44  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
27447
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 20:58:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر سەن باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساڭ، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىل...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1299
تۆھپە
877
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 14:51:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېغىشلىغىنىڭ قانچە، ئېرىشىدىغىنىڭ شۇنچە!

چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم،
بۇ سىرلارنى تولۇق ساقلىۋالدىم.


Rank: 4

تىللا
483
تۆھپە
117
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 19:05:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەنمۇ  ئېسىمدە  چىڭ  ساقلايمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 18:57, Processed in 0.071984 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991